مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 14

شۇنداق چۈشلەرمۇ بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6108
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6642
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 993 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:38:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇنداق چۈشلەرمۇ بولىدۇ

(ھېكايە)

شۇنداق چۈشلەرمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ چۈش ئەمەس رېئاللىق، بىر قولىدا تاغنى، بىر قولدا باغنى كۆتۈرۈپ، خۇجايىننىڭ تەلىۋى بويىچە نەچچە كۈن ئىچىدىلا ھەشەمەتلىك ئوردا – قەسىرلەرنى ياسىيالايدىغان كۈچ – قۇدرەتكە ئېگە، ئەمما كومزەكلەرگە بەند قىلنغان دېۋىلەر توغرىسىدىكى بايانلارنى كېچىكمدە «مىڭ بىر كېچە» چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغان ئېدىم. بۈگۈن ئالدىمدا تۇرغىنى بەتبەشرە دېۋە ئەمەس بەلكى پەن – تېخنىكنىڭ تۈرتكىسىدە ئېختىرا قىلىنغان ، (كەتمەن بىلەن 10 نەچچە ئادەم ئىككى - ئۈچ سائەتتە تولدۇرىدىغان) ماشنا كوزۇپىنى نەچچە ئون مىنۇت ئىچىدە تولدۇرۇپ بولىدىغان «توپا ئۇسسۇش ماشنىسى» ئېدى. ئۇ ئۈستىگە مېنىۋالغان خۇجايىنى قانداق بۇيرۇق بەرسە، يۇقۇرى تۆۋەن ھەركەتلنىپ ھىلى مۇئەللەقتە، ھىلى تومشۇقى بىلەن يەرنى بۇقۇرۇپ ماشىنا كوزۇپىغا توپا تاشلايتتى... ! ئالدىدا تۇرغان دۆڭلۈكنى يەرلىك كىشلەر «ئاقىلاڭ»دەپ ئاتشاتتى. نەچچە يىل ئېلگىرىكى بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپتىدە ئىگىزرەك، تىك كەلگەن دۆڭلەر گۈمۈرلۈپ چۈشكەن بولۇپ ھازىرمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى.

  يېزا – بازارلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنى تىزلتىش خىزمتىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ دۆڭلۈكنىڭ توپىسى ئىلگىرىكى بازار قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلتىشكە توشۇلىۋاتاتتى.

ھەرخىل يۈك تىرانسپۇرت ماشنلىرى ۋە يېزا ئىگلىك رايۇنلىرىدا ئىشلتىلدىغان چوڭ كىچىك تىراكتۇرلار توپا توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، توپا توشقۇزۇلغانلىرى بازار تەرەپكە سالماق قەدەم تاشلىشاتتى. بازاردىن توپا ئۇسسۇتۇشقا كەلگەنلىرى بولسا شاش ئاتلاردەك نۆۋەت تالىشىپ چېپىشاتتى... بازار بىلەن بۇ دۆڭلۈكنىڭ ئارىلىقى ئون نەچچە كىلومىتېر كېلدىغان بولۇپ ماشنىلارنىڭ تولىلىقدىن دۆڭ بىلەن بازار ئوتتۇرسىدىكى قۇمساڭ يولدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ -توزاندىن ئەتراپنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. ماشىنلارنىڭ گۈرۈلدىگەن، تىراكتۇرلارنىڭ پاتاقشىغان... بىر – بىرىگە بەلگە بېرىپ «تاتات!...»لىغان ئاۋازلىرى ئادەمنىڭ مېڭسىنى قوچۇپ ئەتراپقا تارقىلاتتى.

كىچىككىنە كۆجۈم مەھەللە، يول، ئېتىز – ئېرىق بويلىرى ۋە بىنەملەردىكى جىگدىلەر چېچەكلگەن، ھەممە يەر يېشللىق. قاراڭغۇلاشقان تېرەك يوپۇرماقلىرى ئارسىدىن كاككۇكلارنىڭ سايرىشى، ھويلار – ئاراملاردىن خۇرازنىڭ چىللىشى، مېكىياننىڭ كاكاكلاشلىرى، باغ – ۋارانلاردىن پاختەكلەرنىڭ گۇگۇكلاشلىرى، قوشقاچلارنىڭ چورۇقلاشلىرى كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى سۆگەت تاللىرىدا قارلىغاچلارنىڭ ۋېچىرلاشلىرى... مەھەللىنى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن ئېدى. يەرلىك كىشلەر بۇ مەزگىلنى «جېگدە پۇراق» دەپ ئاتىشاتتى.

  ـــ بۇ مەزگىلدە تاغدىكى قار – مۇزلار ئېرىپ دەريا – ئېقىنلارنىڭ سۈر – ھەيۋىسىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا تولا سەلەپ كېلىدۇ...

بۇ مەھەللە پىشقەدەملىرىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ پەسىل توغىرىسىدىكى سورغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى.

بۇ يەردىكى يۇرت، مەھەللىلەردە دەريا، ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنى تېندۇرۇپ ئىچىدىغان كۆللەر بولۇپ، چوڭراق مەھەللەردە ئىككى – ئۈچ يەردە، كىچىكرەك مەھەللىلەردە بىر – ئىككى يەردە كۆل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇ – جايى كەڭ، باغ – ۋارانلاشقان چوڭ ئائىلىلەرنىڭ باغلىرىدا مەخسۇس كۆلچەكلىرى بولىدۇ.

تۆت ئەتراپى ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن ئۇرالغان كۆلچەكلەرنىڭ سۈيى شۇ قەدەر سوغۇق، تومۇز كۈنلىرى ئۇچۇملاپ ئىچسىڭىز جېنىڭىز ياراپ كېتىدۇ. ئۆرۈك ئالمىلارنىڭ كۆلچەكلەرگە «چولتۇڭ!» قىلىپ چۈشكەن ئاۋازلىرى ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ.

مەھەللنىڭ قەيىرىدىندۇر ناخشا ئاۋازى ئاڭلنىپ تۇرىدۇ.

باغقا كىرىدىم شوراڭدىن،

بىرنى ئالدىم غوراڭدىن.

ئىشكىڭ تاقاق بولسا،

يېنىڭغا كىرسەم موراڭدىن...!

        ــ كۆلدىكى سايىلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپلغۇ؟!.

تويۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈگەن قىز ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى. تال چېۋىقنى ئويناپ، قىزغا تىكلىپ، بىر – يېگىت كۆل بويىدا پەيدا بولغان ئېدى.

         ــ بېشڭنى يەيدىغان! ئادەمنى چۆچۈتۈپ، بۇ يەرگە نېمگە كەلدىڭ؟ قىز نازلانغان ھالدا يېنىدىكى چىلەككە قول ئۇزاتتى. يېگىت چاققانلىق بىلەن چىلەكنى يەردىن ئېلىپ كۆتۈرۋالدى.

ــ سۇنى مەن ئېلىپ بىرەي !

ــ بېرىپ ئاچاڭنىڭ چىلكىگە سۇ ئېلىپ بەر!

ــ  قىز يىگىنىڭ قولغا ئېسلدى، يېگىت چاققانلىق بىلەن چىلەكنى ھىلى ئۇ قولغا ھىلى بۇ قولغا ئېلىپ تۇتۇق بەرمەي قاچاتتى... قىز بىر پەس قوغلاپ يېگىتكە تۇتۇق يىتشەلمىگەندىن كېيىن ئۆيى تەرەپكە مېڭشقا تەمشەلدى ۋە يېگىتكە قاراپ :

     ــ چىلەك لازىم بولسا بۇنى ئاناڭغا ئاپىرىپ بەر!

دەپ قىزارغىنىچە يۈرۈپ كەتتى. يېگىت چاققانلىق بىلەن قىزنىڭ ئالدىنى توستى ۋە چىلەكنى قىزغا تەڭلەپ:

ماڭا چېلىكىڭ ئەمەس، سەن!...

يېگىت گېپىنى تۈگىتىپ بولغۇچە قىز يېگتنىڭ قولىدىن چىلەكنى يۇلۇپ ئالدى دە كۆل قىرغىقى بويىدىكى بىلەكتەك توملۇقتىكى سۆگەت كۆچتىنى بىر قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ چىلەكنى زەرب بىلەن سۇغا ئۇردى. سۇدا دولقۇن پەيدا بولۇپ، كۆلدىكى جامكا قاتارلىق سۇ ئوتلىرىنى سىلكتىپ قىرغاققا ئۇرۇلدى...

كۆلدە ئەتىياز، ياز پەسللىرىدە پاقىلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئەتىياز كېلىشى بىلەن ناماز شام مەزگىلىدىن تاكى تاڭ ئاتقۇچە پاقىلارنىڭ ئۆز جۈپتلىرىنى چاقىرىپ كۇركىراشلىرى مەھەللنىڭ جىمجتلىقىنى بۇزۇپ، كىشلەرگە «ئەتە ياز بولىدۇ» غانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ. بالىلار كۆل بويىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاۋازچىققان تەرەپكە كېلىشى بىلەن پاقىنىڭ كۇركىشى باشقا يەردىن ئاڭلنىدۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپ كۈلدە بىر – بىرىنى مەھكەم قۇچاقلىغان پاقىلار سۇدىن بېشنى چىقىرىشپ، يەڭگىل دولقۇنلارنى ھاسىل قىلىپ يۆگىمەچنىڭ غۇلى چوڭلۇقىدا كۈلرەڭ يېپچىلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ، كۆزدىن غايىپ بولشىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ يېپچىلاردا ئاۋۋال قارا چىكتلەر ئۇنىڭدىن كېيىن پۇرچاق چوڭلۇقىدا قۇمچاقلار پەيدا بولىدۇ، بىر ئايدەك ۋاقت ئۆتكەندىن كىيىن كۆلنىڭ قىرغاقلىرىغا نەچچە مىڭلىغان قۇمچاقلار توپ  - توپ پەيدا بولىدۇ.

كۆل بويىدىكى ئۈجمىلەرنىڭ مېۋىلىرى پېشىپ مەي بولغاندا كۆلگە تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. قۇمچاقلار بىر – بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئۈجمىلەرنى چۆرىدەپ شىرنىسىنى شوراپ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتشىكە تەييارلىق قىلىدۇ. قۇمچاقلار قوينىڭ مايىقى چوڭلۇقىغا يەتكەندە قۇيرۇقى تەرپىدىن ئىككى پۇتى ئۆسۈپ چىقىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن كۈلرەڭگە ئۆزگرىدۇ. بۇ مەزگىلىدە ئالدى پۇتى ئىككى بېقنىدىن ئاستا – ئاستا ئۆسۈپ چىقىش بىلەن بىرگە قۇيرۇقى تەدرىجى ھالدا چۈشۈپ كېتىپ كىچىك پاقىلار پەيدا بولىدۇ. مەھەللىدىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە سۇ تولۇپ ئاقىدىغان مەزگىللەردە كۆللەرگە سۇ تولۇقلاپ قويۇلىدۇ، بۇ مەزگىلدە نەچچە مىڭلىغان كېچىك پاقلار ئېرىقتىكى سۇ بىلەن باغ – ۋاران ئېتىز ئېرىقلارغا تارقىلىدۇ، قاغىلار پاقىلاركۆپيىدىغان ۋە ئېتىز – ئېرىقلارغا تارقلىدىغان مەزگىلدە قاقىلدىشىپ پاقىلارنى ئوۋلاپ يېراق – يىراقلارغا ئاپىرىپ ئۇزۇق قىلىدۇ. چوڭلار بۇ ئەھۋالنى مۇنداق شەرھىلەپ چۈشەندۈرىدۇ:

ـ پاقىنى پەقەت قاغىنىڭ ئوۋلايدىغانلىقىنى چوڭ دادام ماڭا سۆزلەپ بەرگەن پاقا بولسا ناھايىتى يوۋاش بىر جانىۋار. ئادەملەر دورا ياساش ئۈچۈن بەزىدە پاقىلارنى تۇتىدۇ.

يىڭىدىن سۇ تولدۇرۇلغان كۆل سۈيى مەيىن شامالدا تەۋرىنىپ قىرغاق سۆيۈپ ئەركىلەيتتى. يىڭىدىن پاقىغا ئايلانغان قۇمچاقلار ئاللىقاچان باغ – ۋاران، ئېتىز – ئېرىقلارغا تارقىلىپ بولغان. بولتۇر ئەتىيازدا مۇشۇ كۆلدە تۇغۇلغان بىر جۈپ پاقا كۆل سۈيىدە ئەركىن ئۈزۈپ ئويناشماقتا ئېدى. ئۇلار ئالدى پۇتلىرىنى بىقنىغا چىڭ تاقاپ ئارقا پۇتلىرى بىلەن سۇنى كۈچەپ تىپىپ سۇ ئاستىغا كىرىپ نەچچە مىتىر يىراقلقتىن سۇ يۈزىگە چىقىپ، ئالدى – ئارقا پۇتلىرىنى ئىككى ياققا كېرىپ سۇ يۈزىدە كىرىلىپ ھاردۇق چىقىرىشاتتى . ئۇلار بىر پەس ئارام ئالغاندىن كىيىن كۆلنىڭ قىرغىقىغا قاراپ بىر – بىرىنى قوغلاپ ئۈزۈشۈپ كەلدى. ئۇلار قىرغاققا كېلىپ باشلىرىنى سۇدىن چىقىرىشىپ ئاپئاق – قورساقلىرىنى لىپلىدىتىپ بىر پەس تۇرغاندىن كىيىن پوت قوللىرى بىلەن چوڭراق كەلگىنى ئاستا ئۆملەپ قىرغاق ئۈستىگە چىقىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى. جۇغى كىچىكرەكى بولسا پۇتلىرىنى كۆل قىرغىقىغا تېرەپ بېشىنى سۇ يۈزگە چىقىرىپ يەڭگىل دولقۇنلارنى ئەتراپقا تارقتىپ ئارام ئېلشقا باشلىدى. كۆل بويىدىكى سۆگەت تاللىرى ئارسىدىن چۈشكەن ماي قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى كۆل سۈيىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. يىراقلاردىن كاككۇك ئاۋزلىرى ئاڭلنىپ تۇرىدۇ. قەيەردىدۇر قالغاچلار ۋىچىرلايدۇ، بەزىدە بىر- بىرىنى قوغلىشىپ كەلگەن قارلىغاچلار سۇ يۈزىگە مەيدىلىرىنى يىقىپ يەنە غايىپ بولۇشىدۇ. كۆل بويىدىن نەچچە ماڭدام يېراقتىكى ئۈجمە دەرىخى ئاستىدا قۇشقاچلار چوقۇلاپ چۈشۈرگەن ئۈجمە مېۋىلىرى ئۈستىدە بىر نەچچە چېۋىن گىژىلدىشىپ ئۇ يەر – بۇ يەردىكى ئۈجمىلەر ئۈستىدە ئەگىپ يۈرۈشەتتى. ئىھتىمال چىېۋىنلەر دېققىتىنى تارتتى بولغاي كۆل قىرغىقى ئۈستىدىكى پاقا شۇ تەرەپكە قاراپ سەكرەك يۈرۈپ كەتتى. پاقا ئۈجمە دەرىخى ئاستىدا ئۆمىلەيتتى. يەرگە چۈشكەن ئۈجمىلەر پاقنىڭ قۇرساق – پۇتلىرى ئارسىدا دۇمىلايتتى. بىر دەمدىن كىيىن پاقا زوڭزىيىپ ئولتۇردى. چىۋىنلەر ئەمدى پاقىنىڭ بېشى ئۈستىدە ئايلنىپ گىژىلداشقا باشلىدى. پاقنىڭ كۆزلىرىمۇ چېۋىنلەرگە ئەگشىپ تىز – تىز ھەرىكەتلىنەتتى. ئايلنىش، كۆزتىش.... پاقا چاققانلىق بىلەن تىلنى چىقىرىپ ئايلنىپ يۈرگەن چېۋىندىن بىرىنى تۇتىۋالدى. پاقا ئالدى تەرەپكە بىر تاقلاپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى ۋە ئالدى پۇتلىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ باش ۋە كۆزلىرى ئۈستىدە ھەركەتلەندۈردى. پاقىنىڭ كۆزلىرىدە نۇر چاقنايتتى... تۇيۇقسىز ئۈجمە دەرىخى ئۈستىدە قاغىنىڭ قاقلدىشى ئاڭلاندى. پاقا چۆچۈپ كۆل تەرەپكە قاراپ تىز تىز سەكرەپ يۈرەپ كەتتى. ئۆجمە شاخلىرى سېلكىنىپ يەرگە ئۆژمىلەر تۆكۈلدى. بىر قاغا قاناتلىرىنى كىرىگىنچە تۆۋەنگە قاراپ شۇڭغۇدى، پاقا بار كۈچى بىلەن تاقلاپ سەكرەپ كۆلگە ئۆزىنى ئىتشقا ئۇرۇندى. قاغا پاقنىڭ ئالدىدىراق كۆل بويىغا چۈشتى ۋە قانات – قۇيرۇقلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئالچاڭلاپ مېڭىپ پاقنىڭ ئالدىغا كەلدى. پاقا دەرھال يەرگە چاپلىشىپ جىمجىت يىتۋالدى. قاغا «قاق! .... قاق!...» دەپ بىر نەچچىنى قاقلدىۋىتىپ يەرگە ئېڭشتى ۋە پاقىنى چوقۇلاشقا باشلىدى. قاغا ھەربىر چوقۇغاندا پاقا مىدىرلاپ يەرگە تېخمۇ قاتتىق چاپلىشىۋالاتتى. قاغا بىر نەچچە قېتىم چوقۇلاپ باقتى، ئاغزىغا ئالالمىغاندىن كىيىن بىر نەچچە قېتىم پۇتى بىلەن تاتىلاپ پاقىنى ئوڭدا قىلدى. پاقا دەماللىققا ئۆرۈلەلمەي پۇتلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ تىپچەكلەيتتى. قاغا چاققانلىق بىلەن پاقىنى يەردىن چوقۇلاپ ئېلۋالدى ۋە بىر نەچچە ماڭدام ئىرغاڭلاپ ماڭغاندىن كىيىن بىر قاقىلداپ ئۇچۇپ كەتتى...

كۆپكۈك ئاسمان، قاغا پاقىنى چىشلەپ مەھەللە، باغ – ۋاران، ئېتىز – ئېرىق، بىنەملەردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئۇدۇل «ئاقىلاڭ» تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەلمەكتە ئېدى. ئاسماندا يەنە بىر نەچچە قاغا پەيدا بولدى. ئۇلار پاقىنى ئېلىپ ماڭغان قارغىنى قوغلاپ كەلگەن قاغىلار ئېدى. قاغىلار قاقىلدىشىپ تەييار ئولجىنى ئېلىش ئۈچۈن ھىلقى قاغىنى ئۇرىۋىلشتى... قاناتلارنىڭ بىر – بىرىگە تېگىپ قارسلداشلىرى، چوقۇلاشلىرى نەتىجىسدە پاقا قاغنىڭ ئاغزىدىن ئاجراپ تۆۋەنگە چۈشتى، تۆت بەش مېتىر تۆۋەنگە چۈشۈشى بىلەن قاغىلاردىن بىرسى چاقماق تىزلىكىدە تۆۋەنگە سوڭغۇپ پاقىنى تۇتىۋالدى. قاغلار ئەمدى بۇ قاغىنى ئارىغا ئېلىپ تەرەپ – تەرەپتىن ھوجۇم باشلىدى. ..

«ئاقىلاڭ»دىكى دۆڭلەر ئارسىدا «توپا ئۇسسۇش ماشنىسى» بويۇنىنى ھىلى سوزۇپ، ھىلى يىغىپ يۇقۇرى – تۆۋەن ھەركەتلەندۈرۈپ، ماشىنا، تىراكتۇرلارغا توپا ئوسسۇماقتا ئېدى. ماشىنلارنىڭ چاقلىرى ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇمساڭ تۇپراقنىڭ ئەتراپتا بىر قەۋەپ ئاقۇش تۇمان پەيدا بولغان ئېدى.

قاغلار پاقىنى تالشىپ يۈرۈپ، «ئاقىلاڭ»دىكى توپا ئۇسسۇلۋاتقان دۆڭلەر ئۈستىگە كىلىپ قالغان ئېدى.

ماشنىلار گۈرۈلدەيتتى، تۇپراق دېرىلدەيتتى. ئاچچىق قۇمساڭ توپراق ھاۋاغا كۆتۈرۈلەتتى. قاغلارنىڭ ئولجا تالششى تېخى داۋاملىشىىۋاتاتتى. پاقا ئۇ قاغنىڭ ئاغزىدىن بۇ قاغىنىڭ ئاغزىغا يۆتكلىپ تۇراتتى.

ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئاقۇش تۇمانلار ئىچىدە قاغىلار غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. پاقا بىر قاغىنىڭ ئاغزىدىن ئاجراپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى. قاغلار چاقماق تىزلىكىدە تۆۋەنگە شۇڭغۇدى... تۆۋەنگە چۈشكەنسىرى تۇمان قويۇق، گۈرۈلدىگەن، تاتاتلىغان ئاۋازلار سەۋەبىدىن قاغلار پاقىنى تاشلاپ كېتشكە مەجبۇر بولدى...

شۇنداق چۈشلەرمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ چۈش ئەمەس رىېئاللىق.

     پاقا قاغىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاجراپ تۆۋەنگە چۈشكەندە يەرگە چۈشمەستىن بازارغا توپا ئېلىپ ماڭغان ماشنا كۇزۇپىدىكى ھىلى ئۇسسۇلغان قۇمساڭ ئەت توپا ئۈستىگە چۈشكەن بولۇپ قاغىلارنىڭ چوقۇلاشلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەندىكى زەربە تەسىرىدىن نەم توپا ئۈستىدە جىمجىت ياتاتتى. ماشىنا ئۈزۈلدۈرمەي سېگنال بېرىپ گۈرۈلدىگەن پېتى سالماق قەدەم بىلەن بازار تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

بازار مەركىزدىن 300-400 مېتىر يىراقلقتىكى ئېلگىرىكى يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قالايمىقان ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز پەس دۇككان- سارايلار رەتسىز بولغىنى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى دۇككانلار چىقىلىپ  ئىش باشلانغا ئېدى. ئىلگىرى بازارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان « ئەمەر ئۇستامنىڭ كۆلى» دەپ ئاتىلدىغان ئىككى مو كۆلەمدىكى كونا كۆلمۇ بۇ قېتىمقى پىلان ئىچىدە بولۇپ بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىندۇرۇلىۋاتاتتى. ماشنىلارنىڭ توپا تۆككەندىكى گۈلدۈرۈشلىرى، ئىش باشقۇرغۇچىلارنىڭ قوللىرىنى شىلتىپ شوپۇرلارغا يوليۇرۇق بىرىشلىرى ئاللىكىملەرنىڭ ۋارقىراپ قىلغان گەپ – سۆزلىرى ئىش مەيدانىنى بىر ئالغان ئېدى. پاقا چۈشكەن ھىلقى ماشىنا ئۈزۈلدۈرمە سېگىنال بىرىپ ئىش مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. شوپۇر ئىش باشقۇرغۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماشنىسىنى ئارقىچە ماڭدۇرۇپ «ئەمەر ئۇستامنىڭ كۆلى»گە توغرىلىدى ۋە «تاراڭ – تۇرۇڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كوزوپتىكى توپا گۈلدۈرلەپ «ئەمەر ئۇستامنىڭ كۆلى»گە تۆكۈلدى.

شوپۇر ماشنىدىن چۈشۈپ كوزۇپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ماشىنغا چىقىپ كوزۇپنى ئاستا – ئاستا چۈشۈردى ۋە سېگنالنى بولۇشقىچە قويۇۋىتىپ ئىش مەيداندىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.

«ئەمەر ئۇستامنىڭ كۆلى»نىڭ ئۈچتىن ئىككى قسمى تېندۇرۇلۇپ بولۇنغان ئېدى. كۆلگە تۆكۈلگەن توپىلار ئارسىدا ھىلقى پاقا داڭگاللارغا پوتلىشىپ ئۆمىلەپ يۈرەتتى ئۇنىڭ ھەركەتلىرى ناھايىتى جانسىز ئېدى. قاغىلارنىڭ تارتقۇشلاشلىرى ۋە قۇرۇق كۆل ئۈستىدىكى قوياشنىڭ كۆيدۈرۈشى ئۇنى ھالسىزلاندۇرۋەتكەن ئېدى. پاقا داڭگاللار ئارسىدا پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆمىلەيتتى، بەزىدە چوڭراق داڭگال ئۈستىدىن موللاق ئېتىپ ئوڭدىسغا يېتىپ تىپچەكلەيتى. بىر پەس كىيىن ئۆرۈلۈپ يەنە ئۆمىلەيتتى... پاقا قۇرۇق كۆل ئىچىدە ھالسىزلنىپ يېتىپ قالدى، ئۇ بۇ يەرنىڭمۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كۆلگە ئوخشاش ئىلگىرى نەچچە مىڭلىغان پاقىلارنى قوينىدا ئۆستۈرگەن كۆل ئېكەنلكىنى ئەسلا بىلمەيتتى.

سۈيى تېشىپ تۇرىدىغان، قىرغاقلىرىدا سۆگەت تاللىرى سايە تاشلاپ تۇرغان كۆل. پۇت – قوللىرى ئېنچكە جۇغى كىچكرەك بىر پاقا ھىلى قىرغاققا چىقىپ، ھىلى كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ جۈپتىنى چاقىراتتى... جۈپتى قۇمساڭ تۇپراق ئۈستىدە پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆمىلەيتى. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى بارا – بارا يىراقلاپ كېتىپ باراتتى. پاقا دەسسەپ تۇرغان قۇمساڭ تۇپراق شىغىل تۇپراققا كېيىن بېتونغا ئايلنىپ كەتتى. ئاستىدىن بىتۇن قىزدۇراتتى. ئۈستىدە كۈچلۈك قوياش نۇرى كۆيدۈرەتتى. پاقا ھالسىز قەدەملىرى بىلەن تەستە ئىلگىرلەيتتى...

   قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشك بوسۇغۇسىدا ھىلىقى پاقا پەيدا بولدى. ھويلىدا ئېچىملىك سۇ تۇرۇبىسى جۈمىكى ئاستىغا بىر سۇلياۋ چىلەك قويۇپ قويۇلغان بولۇپ جۈمەكتىن كۆز يېشىدەك سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. جۈمەكتىن تامچىلىغان سۇنىڭ «چوك – چوك» قىلىپ تامچىلىغان ئاۋازى پاقىنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن پاقا بوسۇغىدىن تەستە ئۆملەپ ھويلىغا كىردى. سۇنىڭ چېپلدىغان ئاۋازى ئۇنىڭ جىسمىغا كۈچ بەرگەن بولسا كېرەك، ئەمدى پاقا خىلى جانلىنىپ قالغان ئېدى، پاقا چىلەكنى بىر نەچچە قېتىم ئايلنىپ چىققاندىن كىيىن، ئالدى ئىككى پۇتنى چىلەككە قويۇپ يۇقىرىغا ياماشتى، كەينى پۇتلىرغا كۈچ بىلەن ھەركەتلەندۈرەتتى. ئارقا پۇتنى يەرگە تىرەپ ئالدى پۇتىنى يۇقىرىغا سوزۇپ بىردەمدىن كىيىن ئوڭدىسغغا يىقىلپ چۈشەتتى، بىر دەمدىن كېيىن يۇقۇرقىدەك ھەركەتلەرنى تەكرارلايتتى. جۈمەكتىن تامچىلاپ چۈشكەن سۇنىڭ چېپلدىشى توختاپ قالدى. پاقا بولسا يۇقىرىغا يامىشاتتى، يىقىلاتتى... يەنە يامىشاتتى. .  .

                        kasimjan.jpg

ئاپتۇر: يىڭشەھەر ناھىيە تاغارچى يېزا چاقىلىق كەنتىدىن قاسمىجان غۇپۇر (دېھىقان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 12:46 AM  


كىينكى پۇشمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17498
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2179 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 01:03:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      تېمىڭىز  ھەقىقەتەن ياخشى  ھەم ئەمىلى يېزىلىپتۇ.  مارشال  ئەپەندى  بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پىكىر  ۋە  قەلەم  ئىقتىدارى  ئوقۇپ  كەلگەن زىيالىلاردىمۇ  يوق.تېخىمۇ  تىرىشىڭ.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17498
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2179 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 01:13:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى  تەرەققىياتنىڭ  مەھسۇلى.

     تەرەققىيات ماشىنلارنىڭ تېخنىكىسىنى يۇقۇرى  كۆتۈرۈپ، ئادەم  تەن قۇۋۋىتىنى  ئاجىزلاشتۇرىۋاتتى.
    نەزىرىمىزنى  ئۆستۈرۈپ،كۆڭلۈمىزنى  پەسلەشتۈرىۋەتتى.
    بىنالىرىمىزنى ئېگىزلىتىپ، ساپايىمىزنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
    ئارلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ ، قەلبىمىزنى يىراقلاشتۇرىۋەتتى،
     يېشىللىقنى   كىچىكلىتىپ، سېرىقلىقنى  كېڭەيتىۋەتتى.

      بۇنداق  سۆزلىسەم  گەپ  جىق،   قىسقىسى  تەرەققىياتنىڭ  ئېلىپ كەلگىنى  ياسالما.  يۇقاتقىنى تەبىئەتتۇر.....










             قانداق   دېدىم؟

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41370
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 2694 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 02:19:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىكەن ھە ! مەنمۇ  بىر تىرشىپ باقاي ھىكايە دىگەن  بۇبىر دۇنياغا .

بوۋام دەيدىغان :  بالام  چوڭ بولىسەن ، دوست تۇتىسەن، دوست تۇتقاندا شۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلغىنكى : بىرى ئىمانسىز يەنە بىرى بىلىمسىز بىلەن ئەسلا دوست بولما ، ھەم بۇلارنى ئويلاپمۇ قالما چۇنكى بۇنداق دوستىن ساڭا يامانلىق كەلسە كىلىدۇكى ھەرگىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ . .. بۇ ئىككىسىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66472
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 06:13:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12392
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 9002 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 08:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنزىرە تەسۋىرى.مۇھىت تەسىۋىرى دېگەنلەر بەك جانلىق تەبئىي چىقىپتۇ..ياقتۇردۇم..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1804
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 08:57:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق چۈشلەردۇ بۇ ؟ چۈشنى ئۆرۈپ تۇرۇشمۇ ياخشى ئەمەسمىش

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 10:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن . ئەسەرنى ئۇقۇپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم . يۇرتۇمنى سېغىندىم.

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 10:37:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:13:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ پاقىغا بەكمۇ ئېچىندىم،ھالسىرىغان پاقا،ھالسىرىغان تەبىئەت ئەمەسمۇ؟

پاقا ئۆلۈپ قالمىسۇن،ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ھەممىمىز كۆزىمىزنى پاقىرتىپ قاراپ تۇرمايلى  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش