مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 13

يىلاننىڭ مۇھەببىتى ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:31:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىلاننىڭ مۇھەببىتى

( ھېكايە )


گۈلباھار تەۋەككۇلوۋا   ( ئۆبەكىستان )

  ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئىرپان

مەغرىپكە قارىغان غار ئاغزىغا،ئۇپۇققا چۆكۈۋاتقان قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى چۈشۈپ سىرلىق بىر يورۇقلۇق پەيدا قىلغان ،گويا يورۇقلۇق  قاراڭغۇلۇق  بىلەن بولغان جەڭدە قانغا بويالغاندەك  .خىرە يورۇقلۇقتا ياندىكى  چوڭ تاش  ئۇستىدە يېرىم تۇگۇلۇپ ياتقان، پىستە دەرىخنىڭ غارگە ساڭگىلاپ تۇرغان شېخىغا يۆگىلىشىپ تۇرغان يىلان بوينىنى ئۇزۇن سۆزۇپ ئاۋاز چىقىرىپ تۇرمىسا پەرق ئەتمەك تەس ئىدى .يىلانلار نۆۋەت بىلەن سۆزلەيتتى .

-          ياق ، ئۆلۈم  قۇتۇلۇش ئەمەس .قەلبىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئارام تاپمايدۇ .كۆڭلۇڭدىكى ھەممە گەپنى دەۋەتسەڭ ئاندىن خېلى يېنىكلەپ قالىسەن .

-          ئانامنى بىر ئادەم ئۆلتۇرۋەتكەن ئىدى . بىز ئاتام بىلەن قىساس ئېلىش مەقسىتىدە ئۇ ئۆينى ئىزلەپ تاپتۇق .ئۇ مىنگەن ئات ھۆيلىدا باغلاقلىق تۇراتتى . بىزنى كۆرۈپ پۇشقۇرۇپ تىپىرلاشقا باشلىدى . قاتىل سۇپىدا ئۇخلاپ ياتاتتى .ئاتام ئۇنى چېقىپ ئۆلتۇردى .ئايۋاندا ھېچ نەرسىدىن خەۋىرى يوق ئوغلى ئاللىقانداق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇراتتى .ئۇ بەكمۇ چىرايلىق ئىدى . ئىچىم نېمىدىندۇر تىترەپ ،قورقۇش ۋە ھاياجان بىلەن قوشۇلۇپ ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان بىر تۇيغۇ قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى .

بۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى ، باھار كەلدى . ئاشۇ چاغدا ئويغانغان قىزغىن  تۇيغۇ تاكى شۇ چاققىچە يۈرۈگۇمدىن كەتمىگەن ئىدى .ئۇنى ، يەنى ئاشۇ بالىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ئىستىكى يۈرۈكۈمنى كۆيدۇرۋاتقاندەك سېزىمدا ئىدىم .   بارا – بارا پۇتۇن ۋۇجۇدۇمنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى .مەن يەنە شۇ قىشلاققا يول ئالدىم . ئۇ ئايۋاندا ياغاچقا بىرنەرسىلەر ئويۇپ ئولتۇراتتى ،ئىشىغا پۇتۇن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ كەتكەچكە ،مېنىڭ گۈلزارلىقتىن چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىمنىمۇ سەزمەيتتى . قانداقتۇر خۇشاللىقتىن تىلىم تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى . ماڭا ھەممە نەرسە غەلىتە بىلىنمەكتە ئىدى . ئاخىرى بۇ ... قانداق قىلىپ ...بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .لېكىن ئەقلىمگە قارشى كۈچلۈك بىر ئىستەك مەندىن غالىپ كەلگەن ئىدى ، ئۆزەمدە كۈچلۈك بىر تۇيغۇ سېزىۋاتاتتىم .

كۆكتاش گۇرۇپىسىدىكى  كاي نېمىشقىدۇر ماڭا ئۆزىنى دۇشمەن بىلىپ يۇرەتتى . بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىساممۇ ، راستنى ئېيتسام ، ئۇنداق نەپرەتلىك قاراشقا ئاجىز ئىدىم .بىر كۈنى قىشلاقتىن چىقىپ ئاقغارغا كېتىۋېتىپ يولدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم .نېمىشقىدۇر ئۇ ماڭا غەلىتە ، كىچىك ھەم بىچارە كۆرۇندى . ھەتتا ئۇنىڭغا رەھمىم كېلىپ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۇپ كېتىپ باراتتىم ، ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا ئېتىلدى. ئۇنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قىلغان ھۇجۇمى ماڭا زەرەر يەتكۇزەلمەيتتى . ئەمىليەتتە مەن ئۆزەمنى بەھەيۋەت مەخلۇق دەپ بىلەتتىم .ۋەزمىن بىر ھەركەتتە ئۇنىڭ بوينىدىن چىشلىدىم –دە ،ئۇنى ئاستا سىلكىپ تاشلىۋەتتىم ، ئۇ ھاۋادا ئۇچۇپ ، ئايلىنىپ بېرىپ  نېرىدىكى ئارچا شېخىغا ئىلىنىپ قالدى . يولىمغا ئوقتەك يۇرۇپ كەتتىم ، بۇ غەلىتە ھالىتىمدىن غەيرەتلىنىپ  ھېچنەرسىنى كۆزگە ئىلمايتتىم .بار ئاۋازىم بىلەن ۋاقىرغۇم كېلەتتى .ئەڭ چوڭ ئوۋلارنىمۇ ئېلىشقا ئىشەنچىم ئاشماقتا ئىدى. ئولجامنى شۇنداق تېزلىك بىلەن تۇتاتتىم . بۇنىڭغا ئۆزەممۇ ھەيران قالاتتتم.بەزىدە تەلۋىلىكىم تۇتۇپ ئۆزەمنى سۇغا ئېتىپ   تاشتىن – تاشقا ئۇرۇلۇپ  يىراقلارغا ئۇزۇپ باراتتىم .

ھەر كۈنى شام ۋاقتى بىلەن قىشلاققا يول ئالاتتىم . چۈنكى دەل مۇشۇ چاغدا سۆيۈملۈك كىشىم ئۆز ئىشىغا بېرىلىپ كېتەتتى . بىر كۈنى ئاستا يېنىغا بېرىپ ، قىلىۋاتقان ئىشىغا زەڭ سالدىم .ئۇ ئاددى بىر ياغاچقىمۇ گۈللەرنى شۇنداق چىرايلىق ئوياتتىكى ، بەئەينى مۆجىزىنىڭ ئۆزى ئىدى .ئۇنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن زوقلىنىپ ئىچىمدىكى ئوت تېخىمۇ يېنىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئويۇپ چىقارغاندەك قاشلىرى ، سەل قىسىلغان چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ، ئىچىمدە ئاجايىپ بىر غەليان كۆتۈرلۈشكە باشلىدى .  

بىردەمدىن كېيىن ھۆشۈمغا كېلىپ تەگسىز بىر ئازاپتا قىينالدىم.تۈنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارلىقىمنىڭ قانچىلىق يىراق ئىكەنلىكىنى  ئەلەم بىلەن ئويلىدىم . ئارىمىزدىكى چەكسىز يارنى ئويلاپ تولغۇنۇپ يۈرەك – باغرىم پارە – پارە بولدى ، چىدىغۇسىز بۇ ئازاپ مېنى ئەقلىمدىن ئازدۇردى .

ئاقغارغا قاراپ ماڭغىنىمدا تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەن ئىدى . ئەمدى نىمىشقىدۇر ماڭا يېڭىلىق بىلىنمەيتتى ، روھسىزلىق ، پەرىشانلىق ئىچىدە ئالغا قاراپ كېتىۋاتىمەن .ئەمما يۈرۈگۈمدىكى ئوت بولسا مىڭ ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى . ئاتام ئەھۋالىمنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكىنىدىن ، ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشقا باشلىدى . ئۇزۇنغىچە ئۆيدىن چىقالمىدىم، قىزىتماممۇ ئاستا – ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى . ئۇنى قاتتىق سېغىنغان ئىدىم . ئۇنى بىر كۆرسەم ماڭا تەڭداشسىز كۈچ قوشۇلدىغاندەك ، شام ۋاقتى بىلەن قانداقتۇر بىر تەشۋىشنىڭ تۈرتكىسىدە قىشلاققا قاراپ يول ئالدىم .

بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ ھۆيلىسىدا ئادەم كۆپ ئىدى .ئاللقانداق شاۋقۇن – سۈرەن ئاۋازلار ئەمدىلا دەرتتىن يەڭگىللىگەنلىكىم ئۈچۈن مېنى چارچىتىۋەتتى . زەڭ قويۇپ ئىزدەپ ئۇنى بىر توپ ئادەملەر بىلەن ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا كۆردۇم . ئۆزەمنى بىردەم بېسىۋالغاندىن كېيىن ھۆيلىنىڭ تۆۋىنىدىكى ئۆرۈك دەرىخىنىڭ شېخىغا چىقىپ كىشىلەرنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم .

ئۇزۇن ئۆتمەي ھۆيلا قاينىغان سۇغا سوغاق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ قالدى .بىردەمدىن كېيىن دەرەختىن چۈشۈپ ئايۋانغا كەلدىم .ئايۋاندا ، ئۆيدە چىراقلار يېنىپ تۇراتتى ، لېكىن دەرىزىلەر ئېتىك ئىدى . مەن ھېچ نەسىنى چۈشۈنەلمەي ، ئۆي ئىچىگە كىرىشكە ئالدىردىم . ئاخىرى ئۇزۇن ياغاچقا يامىشىپ چىقىپ ، ياغاچلار ئارىسىدىن ئىچكىرگە كىرىدىغان يول تاپقىنىمدىن خۇشللىنىپ كەتتىم .

ئۆي بۇرۇنقىدىن باشقىچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، بېزەلگەن ئىدى . ئۇ ماڭا كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى ، يالغۇز ئەمەس ئىدى . ئۇ بىر قىزنى قۇچاقلاپ ، سۆيۈپ ئەركىلىتىپ ئولتۇراتتى .مەن ئازاپ ئىچىدە تولغاندىم .كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ، بېشىم قىيىۋاتاتتى .

ئۇلار بولسا ... ئۇلار بەختلىك ئىدى .

كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى سېنى ئەسلەپ قالدىم . سەن بىلەن كۆرۈشكۇم ، سۆھبەتلەشكۇم كەلدى ، لېكىن سەن تەرەپكە بارىدىغان يول ئېتىلگەن ئىدى. بىراق سەن بىلەن ئۇچرىشىش ۋە دەرت تۆكۈش ئىستىكى كۆڭلۇمگە ھېچ ئارام بەرمەس ئىدى .مەن ئاللقاچان يالغۇز قالغان ئىكەنمەن ، بۇنى مەن سېنى تاپقاندىن كېيىن ھېس قىلدىم .مەن يەنە يىگىتنىڭ ھۆيلىسىغا قاراپ ماڭدىم .

ئايال كىشى ھۆيلا سۇپۇۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ ، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن زەررىچە باشقا غەرەز يوقلىقىنى سەزدىم . لېكىن مەن ئۇنى سېغىنغان ئىدىم . ئۇ زادى قەيەردە ؟ بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋالسام  دەپ ئىستەيتتىم .ئاستا ئۆيگە كىردىم . بۇ قېتىم مەن ئۆزەمنى ئەركىن سەزمەيتتىم ،خۇددى ئوغرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم .ئۆيدە بولسا ... بۆشۈكتە كىچىك بىر بالا ياتاتتى . ئاھ ! كۆزلەرى ، يۈزلىرىدىكى نەفىسلىك ماڭا ئۇنى ئەسلەتتى .ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتىم . نېمىشقا يىغلايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم ..

ئاتامنى دېيىشىچە ئادەملەر بىزنى قارغۇ دەپ بىلجىرلايدىكەن .لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرى كۆرۇش ئىمكانىيىتىدە تەسەۋۋۇر قىلسا كېرەك .كۆرۈش ، ھېس قىلىش ۋە سېزىشنىڭ كۆپ قىرلىق مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىسا كېرەك .لېكىن بىزمۇ كۆرىمىز ،ھېس قىلىمىز ،يىغلايمىز ھەم خۇشاللىنىمىز ،بىزدە ھەم سۆيگۇ ھەم نەپرەت بار ، سېغىنىمىز ھەم ۋىجدان ئازاۋىدا قىينىلىمىز .

گۆدەك مۇقەددەس مەبۇد كەبى مەسۇم ئىدى . ئۇنى كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېققىن كۆردىكى ، بۇتبەرەسلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭغا چوقۇنغۇم كەلدى .بالىغا يېققىن كەلدىم ، بالا ماڭا قاراپ يۇمشاق قوللىرىنى ئۇزاتتى .بىردىنلا خۇشاللىقىم تۇتۇپ ، بۆشۈككە ئورۇلۇپ چىقتىم ۋە بالىغا ئۇدۇل قىلىپ دۇمبەمنى ئۇنىڭغا تۇتتۇم .بالا دۇمبەمنى قانچە تۇتۇشقا ئۇرۇنسىمۇ تۇتالمايتتى .

بىردىن ئايال كىشىنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۆزەمنى بىر يانغا ئاتتىم .ئايال ماڭا قىلچە قورقماستىن ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى . بۇ قانداق جۇرئەت ؟ دەپ ئويلىدىم مەن . بىردىن ئانام يادىمغا كەلدى .بالىلىق چاغلىرىم ئىدى ، قانداقتۇر بىر مەخلۇق ئۇۋۇمىزغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاكا – ئىنىلىرىمنى نابۇت قىلدى .يالغۇز مەن قالغىنىمدا تۇيۇقسىز قاياقتىندۇر ئانام پەيدا بولۇپ ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ مەخلۇق بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى يەڭدى .بۇ دەھشەتلىك مەنزىرە ھېچ يادىمدىن چىقمايتتى .

ئەمدى مانا بىر ئانا ئالدىدا ئۆزەم ئاجىز كەلگەن ئىدىم ،شۇ سەۋەپتىن تېزلا قېچىپ كەتتىم .بالىدىن يىراقلاشتىم ، ئەمما بۇ يەرگە يەنە كېلىدىغانلىقىم ماڭا ئايان ئىدى .

ئەتىرگۈل تىكىنىنىڭ زەھىرى يامان ئىكەنلىكىنى بىلسەمممۇ ،تېنىمنى تارام – تارام تىلىۋەتسىمۇ شۇ يەردىن ھۆيلىغا يېققىنلاشتىم .ئۇ ئايالى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ ئالدىمغا كېلىپ سۆزلىشىشكە باشلىدى . نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزلىرى ھارغىن ، يۈزلىرى بۇرۇنقىدەك پارقىرمايتتى ، ئۇ ئادەملەر قەۋمىگە خاس ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىكچىلىك دەردىدە شۇنداق بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .ئۇنىڭدىكى تەشۋىش ئەمدى ماڭا كۆچكەن ئىدى . شۇ چاغدا ئۆيدىن بالىنىڭ ئاغرىق ئازاۋىدىن يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .بىردىنلا بىزنىڭ مۇقەددەس غەزىنىمىز ئېسىمگە كەلدى . كاللامغا كەلگەن خىيالدىن قورقۇپ كەتتىم .لېكىن ئويلاشقا ياكى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئەمەس ئىدى .تېزلىك بىلەن يولغا چۇشتۇم .

غارنىڭ تار يولى تۇگەپ كەڭلىككە چىقىشىم بىلەن قورۇقچى يىلان ئۇچرىدى .ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى ئەركىن تۇتتۇم . ئۇ مېنى تونىغاندىن كېيىن ئورنىغا سوزۇلۇپ قايتا ياتتى – دە ، كۆزلىرىنى يۇمدى . تاشلار ئارىسىدا تاشلىنىپ ياتقان غەزىنە يالماۋۇزنىڭ سوغۇق كۆزلىرىدەك پاقىراپ تۇراتتى . بىردىن روھىم سەسكىنىپ كەتتى .يىلانلار قانداق قىلىپ مۇشۇ سوغاق نەرسىلەردىن قۇۋۋەت ئالىدىغاندۇ ؟ ئادەملەر نېمىشقا بۇ يالتىراق مېتالنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ؟

مەن مۇقەددەس غەزىنىدىن ئوغۇرلۇق قىلدىم . بۇ مېنىڭ يەنە بىر گۇناھىم ئىدى .

شۇ كۈنى مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە  يېتىپ باردىم .تاڭ ئېتىشىنى كۈتتۈم .سۇبھى يورۇشىغا باشلىغاندا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم .ئۇ ئايالىغا تەتۇر – ئىشىككە قاراپ ياتاتتى ، ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىدىنمۇ غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى .شۇ ھالەتتە ئۇزاق ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم .قاراپ تۇرۇۋېرىشكە بولمايتتى ، بىردەمدىن كېيىن تاڭ ئاتىدۇ .ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا باردىم –دە ،ئاغزىمدىكى ئۈزۈكنى ئۇنىڭ ياستۇقى ئۇستىگە قويۇپ ،كەينىمگە بۇرۇلدۇم .

يىگىت دىدارىنىڭ قەلبىم ۋە ۋۇجۇدۇمغا قايتا كۈچ بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، يەنە قىشلاققا باردىم .يوشۇرۇنچە ئۆيگە كىردىم .بۆشۈكتە ئۇخلاپ ياتقان پەرىشتىگە تويماي قارايتتىم .بىر چاغدا مۈشۈك مىىياڭلاپ نەدىندۇر پەيدا بولدى .مېنى كۆرمەي مەندىن سەل نېرىدىن يېنىدىن ئۆتۇپ كەتتى.ئۇنى كۈزۈتۈپ قاراپ تۇردۇم .ئۇ تامدىكى ئويۇققا يىغىپ قويۇلغان يوتقان – كۆرپە ئۇستىگە چىقىشقا تەمشىلۋاتاتتى .ئۇخلاۋاتقان بالا دەل ئويۇقنىڭ بېقىنىدا ئىدى . مۈشۈككە تاشلانسام بۇ پاراسەتسىز مەخلۇقنىڭ يەنە يوتقان – كۆرپە ئۇستىگە چىقىۋېلىشىنى ئويلاپ ،تېزلىك بىلەن ھۆيلىغا چىقىپ ئوچاق بېشىدا ھەپىلىشىۋاتقان ئايالنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ۋىزىلداشقا باشلىدىم . ئۇ چۆچۇپ كەينىگە داجىپ كەتتى .مەن بولسام ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆيگە قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم .ئايال كەينىمدىن يۇگۇردى .ئويلىغىنىمدەك ، مۈشۈك يوتقان – كۆرپىنى ئورۇشكە ئۇلگۇرگەن ، ئۆزى بولسا بىخارامان ئۇنىڭ ئۇستىدە پەنجىلىرىنى يالاپ ئولتۇراتتى .يوتقان ئاستىدىن بالىنىڭ بوغۇق ئىڭرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .ئايال مېنى ئۇنتۇپ بالىنىڭ ئۇستىگە چۈشكەن يوتقان – كۆرپىلەرنى بىر يانغا ئېتىشقا باشلىدى .بالىسىنى قولىغا ئېلىپ باغرىغا بېسىپ يىغلاشقا باشلىدى .مېنىڭ كۆڭلۇممۇ خاتىرجەم بولغاچقا ئاستا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم .

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كەلسەم ، ئايال كەچ بولىشىغا قارىماي قاياققۇدۇر ماڭغان ئىكەن . ئۇ سىرتقا چىقىپ ئايالىنى ئۇزۇتۇپ قويدى،  بالىسىنى سۆيۈپ ئەركىلىتەتتى ،ئاندىن قايتىپ كەلدى . ئۇ خېلى ئۆزگەرگەن دادىل ھەم خۇشال كۆرۈنەتتى .شۇندىلا ئەتراپتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈندۈم .لېكىن نېمىشقىدۇر قاراڭغۇ قويۇقلاشقانسېرى كۆڭلۈمنى ئەنسىزلىك قاپلىۋالدى .تۈن يېرىم بولغان بولسىمۇ ، بىئاراملىقىم تارقىمايۋاتاتتى ، خۇددى بىر چوڭ بەختسىزلىك يۈر بېرىدىغاندەك  تۇيۇلماقتا ئىدى . بىئاراملىقتىن پەسكە چۈشتۈم .ئۆيگە يېققىنلاشقانسېرى يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلاتتى .بۇلۇڭدىكى بۆشۈك خۇددى قورققان كىشىدەك دىر – دىر تىترەيتتى .ئەجەپلىنەرلىكى ، شىۋىر – شىۋىر ئاۋازلار ، ،ئىڭرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى .ئۇ .. ئۇ ئايال بىلەن ... ئۇ ناتونۇش ئايال ئىدى .ئاشۇ چاغدىكلى ھالىتىمنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن .يۈرۈگۈم مۇزدەك سوۋىدى .ئاۋۋالقى سۆيگۈمدە ئۇنى سۆيۈپ قىزغانمىدىم ،پەقەت چەكسىز نەپرەتتتىن كۆزلىرىم قانغا تولغان ئىدى .تىلىم ئورنىدا ئالەم ئايلىناتتى .تولغۇنۇپ – تولغۇنۇپ ئالغا ئېتىلدىم .تېخى بوينىغا چىشلىرىمنى چوڭقۇر پاتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەي ئايال چىقىراشقا باشلىدى ، ئەقلىدىن ئازغان كىشىدەك بىر سۆزنى تەكرار –تەكرار دېگۇنىچە كىيىندى ۋە يىقىلىپ قوپۇپ دېگەندەك قېچىپ چىقىپ كەتتى .

مەن يەنىلا قېتىپ قالغان ئىدىم . ئارىدىدن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن .ئۆي ئىچى يورۇشقا باشلىدى .كۆزۈمگە چىرايلىق چىراي ئەلەڭ – سەلەڭ كۆرۈندى .ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ خۇرسۇندۇم .مەن ئۇنى ئۇنچە بەك چاقمىغان ئىدىم نېمىشقا تېزلا جېنى چىقىپ كەتتى دەپ ئويلىدىم .

-          سەن نەچچە يىلدىن خېلى كۈچلەندىڭ ، سەن تارتقان ئازاپلارنىڭ زەھرى

بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىدى .

-          گۇناھىم شۇكى ، مەن ئىنساننى سۆيدۇم . ئۇنى مۇقەددەس ، مۇكەممەل دەپ ھېس قىلدىم .ئەمما بۇ گۈزەللىك ۋە ئۇلۇقلۇق مۇبۇدىسى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا پارچىلاندى ھەم غۇلاپ چۈشتى .

-          يىلانلار سۆھبەت قۇرۇۋاتقان ئادەم غارىدىن ئاجايىپ بىر نۇر دولقۇنى كائىنات كەڭلىكىگە قاراپ يېيىلماقتا ئىدى .. .  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 12:38 AM  


ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1648
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17585
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2191 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:56:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تېمىڭىزنى  بىرىنچى  بولۇپ  كۆرگىنىدىن  سۆيۈنگەن  بولسىڭىز،  ئۆزۈمنى  شۇقەدەر  خۇشال  ھىس  قىلغان بولاتتىم.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41370
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2582
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 2695 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 02:21:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان تىما ئىكەن !
تىرىشىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى سۇنارسىز .

بوۋام دەيدىغان :  بالام  چوڭ بولىسەن ، دوست تۇتىسەن، دوست تۇتقاندا شۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلغىنكى : بىرى ئىمانسىز يەنە بىرى بىلىمسىز بىلەن ئەسلا دوست بولما ، ھەم بۇلارنى ئويلاپمۇ قالما چۇنكى بۇنداق دوستىن ساڭا يامانلىق كەلسە كىلىدۇكى ھەرگىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ . .. بۇ ئىككىسىدە

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7318
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 4832 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 04:01:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىدە مەسىلە بارمۇ ياكى مەن خاتا چۇشىنىۋالدىممۇ ؟ يىلان باشتا بىر ئۇغۇل بالىنى ياخشى كۆرگەن ، كېيىن ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىيا ؟

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72989
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 08:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ ، شۇنداق يىلانلار جەمىيىتىمىزدىمۇ بار بولسىچۇ .........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1804
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 08:57:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ مەزمۇنلۇق ئەسەركەن

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:06:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىنەلمىدىمغۇ   يەنە بىر  ئۇقۇپ باقاي ھە.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2004
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:21:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىرپان قىرىندىشىم !
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ھەم مەزمۇنى چوڭقۇر مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ بىزلەرنى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچىراشتۇرغايسىز ! تەرجىمىسىمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، تىخىمۇ تىرشىڭ ئالغا !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   篮球美女 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 11:42 AM  


تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 12:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقىلىۋېلىڭ ئاندىن ئوقۇي ھە، يەنە باشلىقتىن دەشنام يىگۈم يوق

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 01:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ مەزمۇنلۇق ئەسەركەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش