باگراتى چېركاۋى ۋە گېلاتى مۇناستىرى: گىرۇزىيەنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى شەھەر كۇتايسىغا جايلاشقان. 1001 – 1080 – يىللار سېلىنغان. 1994 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.
باخلا قورغانى: ئومماننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. 12 – 15 – ئەسىرلەردە بانۇنبۇخان قەبىلىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى غايەت زور باخلا قورغىنىنىڭ خارابىسى بار. 1987 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.
باگېرخات خارابىسى: بېنگالنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى گۇرنە رايونىغا جايلاشقان. 50 نەچچە ئورۇندا قەدىمكى يادىكارلىق ساقلىنىپ قالغان. 15 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ شەھەر بىنا قىلىنغان. بۇ ئورۇن 1985 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.
بالبېك ئىبادەتخانىسى: لىۋاننىڭ قەدىمكى رىم ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇشلار توپى. لىۋاننىڭ تاشقى لىۋان تېغى ئېتىكىگە، بېيرۇتنىڭ شەرقىي شىمالىغا بېكا جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000 – يىلى فىنكىلار بۇ يەردە قۇياشقا نەزىر قىلىدىغان قۇياش ئىلاھى ئىبادەتخانىسى بىنا قىلغان. بالبېك يەنە ‹‹قۇياش شەھىرى›› دۇر. 1984 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.
بالونسىيە يىپەك سودىسى بازىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بالونسىيە شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان. 1492 1533 – يىللىرى قۇرۇلغان. 1996 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.
شىراكاۋاگو ۋە گوكاياما تارىخىي قىشلىقى: ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ناگويانىڭ شەرقىي شىمالىي چېتىدىكى ئېگىز تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىكى ئۈچ يېزا جايلاشقان قىشلاق. بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئاساسەن ياغاچ قۇرۇلمىلىق. 1995 – يىلى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.