تاجىك سوۋىت ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسچىسى سەدىردىن ئەينىنىڭ قىزى لۇتفىيە ئەينىي ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفقا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئاتىسىنىڭ سەمەرقەنتتىكى ئۆي-مۇزېيى بۇزۇلماقچى بولغانلىقىدىن تەشۋىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. سەنئەتشۇناس لۇتفىيە ئەينىي ئاتىسى 1923 يىلىدا سىتىۋالغان سەمەرقەنتتىكى ئۆي پەقەت مۇزېيلا بولۇپ قالماي، بەلكى بىر-بىرىگە بۇرادەر ئۆزبېك ۋە تاجىك خەلقلىرى ئەدىبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كاتتا ھەسسە قوشقان ئىجاد ماكانى ئىكەنلىكى، بۇنداق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئېگە تارىخى مېمارچىلىق ئابىدىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بارماق بىلەن سانىۋالغىدەكلا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
سەمەرقەنددە ياشىغۇچى لۇتفىيە ئەينىي بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ، نەتىجىسى بولمىدى. ھالبۇكى سەدرىددىن ئەينىينىڭ دۈشەنبىدە ياشىغۇچى يەنە بىر پەرزەنتى - كەمال ئەينىي بىلەن سۇھبەتلىشىشكە مۇۋەففەق بولدۇق. ئۆزبېكلەر ۋە تاجىكلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياداكى يېگانە قوشما مەدەنىيەت مەركىزى سانىلىدىغان ئەينىي ئۆي-مۇزېيىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشىغا دائىر قارار بىزنى چۇڭقۇر قايغۇغا سالدى. ئەمما مەن بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنگىم كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئاۋۋال تاشكەنتتە ئەمىر تېمۇر خاتىرلىنىۋاتقاندا بۇنىڭغا پرېزىدېنتىمىز ئىمام ئەلى رەھماننى ھەم تەكلىف قىلغان ئېدى. ئاشۇ خاتىرە پائالىيىتىگە پرېزىدېنتىمىز مىنى ھەم بىرگە ئېلىپ باردى. خاتىرە كۈنىنىڭ ئەتىسى سەمەرقەنددە ئۇلۇغبېك مەدرەسەسىدە شۇ خاتىرلەش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا تەنتەنە بولۇپ ئۆتتى. خاتىرلەش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا ئىسلام كەرىموف مېنى باغرىغا باستى ۋە “قانداق قىيىنچىلىق بار؟” دەپ سورىدى. مەن سەدرىددىن ئەينىينىڭ ئۆي-مۇزىيى چېقىلماقچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتىم. كەرىموف شۇزامان سەمەرقەند شەھەر ھاكىمىنى چاقىرىب، بىنانى ئۇمۇمىي
تەمىردەن(بۇ سۆزنى تەرجىمى قىلالمىدىم، بەلكىم شۇ رايۇننىڭ قۇرۇلۇش لاھىيىسىنى كۆرسەتسە كىرەك) چىقىرىش ھەققىدە قەتئىي بۇيرۇق بەردى. كېيىنرەك: "بۇندىن كىيىن شۇ ئۆي-مۇزېي بىلەن باغلىق قانداق مەسىلە بولسا، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ" دېدى. مەنا بۈگۈن بىزنىڭ ئائىلىمىز مەتبۇئات ئارقىلىق ئىسلام كەرىموفقا مۇراجەئەت قىلماقتا. قىنى قاراپ باقايلى، پرېزىدېنت نىمە دەيدىكىن، دەيدۇ كامال ئەينىي. كامال ئەينىي، ئەگەر ئىسلام كەرىموف خالىسا، سەدرىددىن ئەينىي ئۆي-مۇزېيى تەقدىرىنى ئىجابىي ھەل قىلىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
- سەدرىددىن ئەينىي ئۆزبېك ۋە تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور ھەسسە قوشتى، ئىككى خەلق دوستلىقىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كېچەيۇ كۈندۈز خىزمەت قىلدى. ئەينىي بىرىنچى بولۇپ ئەلىشېر نەۋائىينىڭ “خەمسە”سىنى تۆت ئاي ئىچىدە لاتىن ئىلىپبەسىدە تەييارلىغان شەخستۇر. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۇنتۇلۇپ، بىر تەرەپلىمە سىياسەت يۈرگىزىلسە، بۇ گۇناھنى خۇدا ھەم كەچىرمەيدۇ، دەيدۇ كامال ئەينى. مۇستەقىل تەھلىلچىلەر ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سەدرىددىن ئەينىي ئۆي-مۇزېيىنى بۇزىشىغا دائىر قارارىنى ئۆزبېك ۋە تاجىك ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتنىڭ داۋامى سۈپۈتىدە بەھالاشماقتا. سەمەرقەندلىك زىيالىلاردىن بىرى ئەنۋەرجان ئاكا ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن دەسلەپكى يىللاردا رېگىستان مەيدانىدىن تاجىك كىلاسسىكلىرىنىڭ قاتار ھەيكەللەرى ئېلىپ تاشلانغىنىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددئا كۆپچىلىك ئۈچۈن قاراڭغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. رېگىستاندە ئەبۇ ئەبدۇللا رۇداكىينىڭ پۈتۈن بەدەن ھەيكەلى بار ئېدى. شۇ ھەيكەل قەيەرگە كەتتى ھىچكىم بىلمەيدۇ. رېگىستاندا ئەلىشېر نەۋائىي بىلەن ئەبدۇرەھمان جامىينىڭ ھەيكىلى بار ئېدى. رېگىستاندىن ئېلىپ، باشقا جايغا كۆچىرىشتى. ھازىر ئۇمۇ ھەم يوق بولۇپ كەتتى. تارىخىمىزنى، ئۆتمۈشىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى بىلمىسەك، كىممىز بىز، كىممىز ياكى چىڭىز ئەيتىماتوفنىڭ قەھرەمانى بولۇپ قالىمىزمۇ، دەيدۇ سەمەرقەندلىك زىيالى ئەنۋەرجان ئاكا.
ئەنۋەرجان ئاكا بۈگۈنكى كۈندە رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا ئاداۋىتى ئۆزبېك ۋە تاجىك خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتى، سەنئەتى، ئەدەبىياتىغا زىيان سېلىۋاتىدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلدى. تاجىكىستان مەدەنىيەت ۋەزىرى مىرزاشاھرۇھ ئەسرارىي بىز بىلەن سېنتەبىر باشلىرىدا قىلغان سۆھبىتىدە سەمەرقەندتە سەدرىددىن ئەينىي نامىدىكى ئۆي-مۇزېي بۇزىلىشىغا دائىر خەۋەرلەر تەستىقلانسا، بۇ مەسلە تاجىكىستان ھۆكۆمەت مەجلىسىدە كۆرۈپ چىقىلىدۇ دىگەن ئېدى. ئەمما ھازىرچە نە تاجىكىستان ۋە نە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدە ئەينىي ئۆي-مۇزېيى تەقدىرى ھەققىدە ئۆزئارا مۇزاكەرە ئېلىپ بىرىش تەرەددۇدى كۆرىنمىدى.
ئۆزبېك-تاجىك ئەدەبىياتىغا كاتتا ھەسسە قوشقان ئەدىب ئۆي-مۇزېيى بۇزۇپ تاشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ يېقىنلىرى، ئىككى مەملىكەت يازغۇچى ۋە زىيالىلىرى ھەمدە مەتبۇئات ۋەكىللىرى كۆرەش قىلماقتا خالاس.
مەنبە:
http://www.tajikam.cn/bbs/read.php?tid-2118.html