خېمىردىن ئۈنگەن«گۈل»
تاھىرجان نىياز
ــ ۋاي ماۋۇ كەپتەر ئىكەن،ماۋۇ قۇچقاچ ئىكەن.
ــ ۋاياجان ئاپا!،ماۋۇ يىلاندىن قورقۇپ كەتتىم.
ـــ ھا،ھا،ھا....! قورقما بالام،بۇ دېگەن خېمىردىن ياسالغان يالغان يىلان. بۇ دېگەن ناۋاي ئاكاشلارنىڭ گۇمپىسى.
بۇ ، 8-ئاپرىل شايار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شايار داڭلىق نانلىرى»مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئامما ئارىسىدا بولۇنىۋاتقان گەپلەر ئىدى.مۇسابىقىنى كۆرۈشكە كەلگەن نەچچە يۈز ھەر مىللەت ئاممىسى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەر خىل تەم،ھەر خىل شەكىلدىكى قۇۋەت نانلىرى،سەنئەتلىك نانلارنى كۆرۈپ ھەم تېتىپ،ناۋاي ئۇستىلارنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولۇپ،ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيتىشىۋاتاتتى.كۆرۈرمەن داۋۇت ساۋۇت مۇنداق دېدى:ناۋايلىرىمىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن.ئۇلار چىۋەر قوللىرى ئارقىلىق خېمىردىن گۈل ئۈندۈرىۋېتىپتۇ.مەن بەك تەسىرلەندىم.ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ نانلىرىمىزنىڭ داڭقىنى دۇنياغا تونۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلكىككە ئىگە نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇش ئۈچۈن شايار ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ قېتىمقى«شايار داڭلىق نانلىرى» مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى . مۇسابىقىگە ناھىيە بازىرى ھەم ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى 30 نەپەر ئۇيغۇر ناۋاي قاتناشتى . ئۇلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل خۇرۇچتىكى ئوبرازلىق نان،چوڭ ئاق نان،زاغرا نان،توقاچ،گۆش نان،قاتلىما نان،كۆمەچ،سامسا قاتارلىق 200خىلغا يېقىن نانلىرى باھالىغۇچىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى .
مۇسابىقىدە باھالىغۇچىلار ھەم ئامما باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن كۆرۈش،تېتىپ بېقىش ئارقىلىق ،نانلارنىڭ رەڭگى، شەكلى، ئەھمىيىتى، سۈپەت بىخەتەرلىكى، تەمى، ئۇزۇقلۇق قىممىتى، تازلىق سۈپىتى،بازار ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن نەق مەيداندا نۇمۇر قۇيۇپ باھالىدى . مۇسابىقىدە تويبولدى بازىرى،شايار بازىرى ،شايار بازىرىنىڭ«خوتەن يولى»مەھەللىسى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.1-،2-،3-دەرىجىگە ئىرىشكەن ئالتە ناۋاي ئۇستىلار ئايرىم ھالدا 2000 يۇەن، 1500 يۇەن ۋە 1000 يۇەن پۇل ۋە تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلاندى .
شايار بازىرىنىڭ«جىڭپاڭ»مەھەللىسىدىكى30ياشلىق ناۋاي قۇربانجان يۈسۈپ تۆگە قېتىلغان ھارۋا،مۇنار،يىلان،قۇچجقاچ«گۈزەل شايار »دېگەن خەت يېزىلغان توقاچ نان قاتارلىق ئۆزگىچە ئوبرازلىق نان ۋە قۇۋەت نانلىرىدىن 38خىل ناننى قاتناشتۇرۇپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:مەن تۇنجى قېتىم نان مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ،1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى،ناھايىتى خۇشال بولدۇم.مەن ناۋايلىق تېخنىكامنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ،يېڭىلىق يارىتىپ،شىنجاڭنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.
بۇ قېتىمقى نان مۇسابىقىسى شاياردىكى ناۋايلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ،ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى كۈچەيتتى.شىنجاڭنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى.
مەنبە:ئۆزۈم.