|
|
|
|
مۇنبەردىكىلەردىن مەسلھەت سورايمەن
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ئەزىز قېىرنىداشلار: پېقىر گۈلبېلىق سىلەرنىڭ ماڭا مەسلھەت بىرشڭلارغا بەكمۇ مۇھتاجمەن. بولدىلا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ گەپنىڭ نەق ئۆزنىلا دەي ... مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ،باشلانغۇچ ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېىزدا ئۇقۇغان .مانا ھازىر ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتمەن. لىكن ئۇزاقتىن بىر ئنگلىز تىلى ئۆگۈنۈشتە تۈرلۈك قىينچلقلارغا دۇچ كىلپ ،ئېنگلىز تىلى نەتجەم پەقەت يۇقۇرى كۈتۈرۈلمەي كىلۋاتدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ يېزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۈتۈلمەيتى .ئەمما منىڭ ھازىرقى ساۋاقداشلىرمنڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرى مەكتەپتە ياكى كۇرۇسلاردا ئىنگلىزتىلى ئۆگۈنگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارسدا مەن خۇددى قوينىڭ ئارسىدكى ئۆچكىدەك چېنپلا قېلۋاتمەن. ئېنگلىزتىلى ئۇقۇتقۇچىمىز خەنزۇ ئۇنىڭ ئۇستگە مەن ئىلگىرى ئازراقمۇ ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈپ باقمغاچقا تىل ئۈگۈنۈش جەھەتتە بەك قىينلىپ كىتۋاتمەن. ئارقدا قالغانسىرى پەقەت ئۆگەنگۈم كەلمەيۋاتدۇ. ئەمما ئۆگەنمەي تاشلاپ قۇيۇشقا پەقەت كۆڭلۈم ئۇنمايۋاتدۇ. قانداقلا قىلمسام چۇقۇم ياخشى ئۆگۈنۈپ، سىنىپتكى ئاشۇ بالىلارنىڭ ئالدغا ئۈتۈپ كىتەلمسەممۇ ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك بىر نەرسە ئۆگەنسەم دەپ ئويلاپ مۇنبەردىكىلەرگە ئۇشبۇ ئىلتىجانى يوللاپ ئولتۇرماقتمەن . مىسرانىمدا مېنىڭچە ھەر ئىنگلىزتىلى ئۇستلىرى بار. مۇمكن بولسا ماڭا قانداق قىلسام ئنگىلىزتىلنى تېىز ھەم ياخشى ئۆگۈنەلەيدىغىنىم توغرىسىدا مەسلھەت بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن تۇلمۇ منىەتدار بولغان بۇلاتتىم. كۇرۇستا ئۇقاي دېسەم بۇ يەردە ئۇنداق كۇرۇسلارنى تاپماق بەك تەسكەن. تاپقان تەغدىردىمۇ مەكتەپ بىلەن ئارلىق يىراق .قىز بالا بولغاندىكىن ئۇنىڭ ئۈستگە بۇ يەر ئىچكىرى بولغاچقا قورقۇدىكەنمەن.شۇڭا ماڭا مۇشۇ ھەقتە بىر ئاز يول كۆرسەتكەن بولساڭلار........................................................
قىمەتلىك مەسلھەتڭلارنى كۈتۈپ:گۈلبېلىق 2012يىل 4-ئاينىڭ8-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-9 02:08 PM
|
|
|
|
|
|