مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 12

باھار كەلدى‹‹ تۆت پەسىلگە دىققەت قىلىڭ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 08:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                            باھار كەلدى
                     
       ھەممىلا يىرىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ، ئالدىدىن ئۆتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يۈرىكىنى سۈر باسىدىغان قەھرىتان قىش ئۆتۈپ كەتتى.

        ھاۋا ئىللىدى. پۈتۈن ئالەم كۈلمەكتە،ئەنە قۇياشمۇ قايتىدىن جانلىنىپ ئىللىق نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن بارچە جاھانغا چاچماقتا،يەر ئاستىدىكى ۋە زىمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان بارچەمەۋجۇدات قايتىدىن جانلىنىپ يېڭى ھاياتلىقنىڭ غېمىنى قىلماقتا.دەل_ دەرەخلەر خۇددى ئانا بالىسىنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلغىنىدەك ئاستا_ ئاستا بىخ سۈرۈپ چىقماقتا.ئەنە قەھرىتان قىشتا يۇپۇرماقلىرى ئۈششۈپ كەتكەن ئوت_چۆپلەر ھاياتتىن ۋازكەچمەسلىك،يېڭى ھاياتلىققا ئىنتىلىش روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ چوڭقۇر يىلتىزىدىن قايتا كۆكلەپ چىقماقتا.قىشتا ياغقان قېلىن قارلار ئېرىپ ئېرىق_ئۆستەڭلەردە،دەريا جىلغىلاردا،باغۇ_ بوستانلارداشىرىلداپ ئاقماقتا.قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغاقلىرىدا يۈرەكلىرى قات_قېتىدىن قېتىپ كەتكەن يەر_زىمىن مانا ئەمدى بۇدۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان بۇۋاقتەك ھەممە يېرى لىغىرلاپ بوشىماقتا.ئەنە قاراڭ...قۇشلار مۇڭلۇق سايراشماقتا،پاقىلار كوركىرىماقتا،چېكەرتكىلەر قىشتىن بۇيان ھۆكۈمران بولغان قار بوۋاينىڭ پۈتۈن زىمىنغا ياپقان ئاپئاق تونلىرى ئېرىپ تۈگىگەنلىكنى بىلىشىپ يەر يېرىقلىرىدىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرمەكتە،باغلاردىكى،ئېرىق_ئۆستەڭ بويلىرىدىكى ،ھويلا _ ئاراملاردىكى ھەرخىل مېۋە_چىۋىلەر رەڭگارەڭ چېچەكلىمەكتە. شوق قىزلارمۇ قىپقىزىل گۈل_چىچەكلەرنى ئايدەك چىرايىغا ماسلاشتۇرۇپ قۇلاقلىرىغا،ھەتتا چېچىنىڭ ئۇچلىرىغا قىستۇرۇشماقتا.سەبىي بالىلار مۆكۈ مۆكۈلەڭ،قارا قارا قۇشلارىم،ئەش تاش ئويۇنى،ئىشقىلىپ نىمىنى ئوينىغىسى كەلسە نىمىنى قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىپ تاتلىق كۈلمەكتە.ھەتتاكى قۇچاقتىكى بالىلارمۇ بوش كەلمەي سىرىتلارغا چىققۇسى، باشقا بالىلاردەك يۈگۈرگىسى كېلىۋاتقاندەك ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن قېچىپ چىققۇسى كىلىۋانقاندەك ھەرخىل قىلىقلارنى قىلىپ ئانىسىنى، ئورۇق تۇغقانلىرنى خۇشال قىلماقتا.ئاشىق_ مەشۇقلارمۇ چوڭ باغنىڭ كەينىدە يول ياقىسىدىكى جىگدىلەرگە قارىغاچ بىر بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ ماڭماقتا،ھەمدەئۆزلىرىنىڭمۇ بىر كۈنلەردە ئاشۇ جىگدىلەردەك چىچەكلەپ چىقىپ ئېسىل مىۋىلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلماقتا. ئاڭلاڭ.....
   يىراق يراقلاردىن ،ئېتىز_ئېرىقلاردىن مۇڭلۇق<دېھقان ناخشىسى>ئاڭلانماقتا.دېھقانلار يېڭى يىللىق تېرىلغۇغا ئالدىراپ ئېتىزغا بالدۇرلا چىقىۋالغان ھەمدەھەرخىل ئىشلارنى قىلىشىۋاتقان .
                                       
                                        سۈيۈملۈك باھار ھەممىلا يەر_جاھان ساڭا تەشنا،
                                        بىر مەزگىل كۈلدىرىسەن تېزلا يوقىلىسەن ئەمما،
                                          كۆزلىرىم تەلمۈرۈدۇ كەينىڭدىن ئۇزاق يەنا،
                                         تېزلا كىلىپ قالغاچقا ئېچىنىشلىق ياز ھەمراھ .
                                
     ھەي...نىمە ئامال..سەندىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق،ئەمما جاھاننىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق
                                  ئەنە يازمۇ سىنىڭ تىزرەك چىقىپ كىتىشىڭنى كۈتۈپ مارىماقتا.

             ھەي بىچارە ياز پەسلى ساڭا يۇلۇقساملا خىجىل بولىمەن.ئېچىنىشلىق ئەھۋالىڭغا ھەربىر يولۇققىنىمدا تەنلىرىم جىغىلداپ كىتىدۇ.ئۇ ئالامدىكى ئازاپ_ئوقۇبەتلەر كۆز ئالدىمدىلا نامايەن بۇلىدۇ.
     باھار پەسلى تېزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.ياز كىلىدۇ ھەرخىل مىۋۋىلەر بەس_بەس بىلەن پىشىدۇ.ھەممە شاتلىققا چۈمۈدۇ. جاھاننى ئىسراپچىلىق قاپلايدۇ.سۇلار سۈپسۈزۈك ئاقىدۇ. شوخ بالىلار سۇغا چۈمۈلۈشۈپ ئوينايدۇ.  يىگىت _قىزلار ئېرىق_ئۆستەڭلەرنى ۋە دەريا بويلىرنى سەيلەقىلىشىدۇ. كىشلەر ئىسسىق قۇياشنىڭ تەپتىدىن قېچىپ سالقىن جايلارغا قېچىشىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدىغان،ھارماي ئىبادەت قىلىدىغانلار ئازلايدۇ.يەر_ زىمىننىڭ نالىسىنى تىڭشايدىغان ئادەم چىقمايدۇ.كىشلەر خىيالىي قېلىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى بىلمەيدۇ.جاھان  غەززەپكە كىلىپ قەھرى غەززىپى بىلەن كۈزنى چىللايدۇ.ئاچچىق نالە بىلەن كۈز ياشلىرى يامغۇر بۇلۇپ ياغىدۇ.كىشىلەر بۇ يامغۇرنىڭ جاھان نالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ.ئاشىقلارنىڭ چىن سۆيگۈسى كىرزىتقا ئۇچىرايدۇ.بالىلارنىڭ مېھرى ئانىلىردىن يىراقلايدۇ.بەزى نۇمۇسسىز كىشلەر بۇزۇقچىلىقىنى قىلىۋېرىدۇ.ھايۋانمۇ قىلمايدىغان قىلىقلار،ھالال_ھارام تىجارەتلەر......ھەممە ئەۋجىگە چىقىدۇ.
                                     خەيىر...............  ئاللاھ ھەممىگە ۋاقىتلىق سەۋىر قىلىدۇ.
   شۇ بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ خاتىمىسى،ئاشىقلارنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى،سۆيگۈ تەھدىدى،جاپاكەش دېھقانلارنىڭ ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقتى،ئانىنىڭ بالىدىن ئايرىلىدىغان،دەل_دەرەخلەرنىڭ دەرت_پىراقلىرى مۇجەسسەملەنگەن يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ،قۇرۇت _قوڭغۇزلارمۇكۆزلىرىنى يۇمۇپ،(بۇ قىلمىشلارنى كۆرمەسكە سالغاندەك)ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ،قۇشلارمۇ مۇڭلۇق سايراشتىن ئاستا_ئاستا توختاپ،ئەنە شۇ ياخشى_يامان ئارىلىشىپ كەتكەن رەزىللىككە تولغان ئېچىنىشلىق قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پۈتۈن جاھاننى ساپسېرىق ئالتۇن رەڭگە بوياپ كۈز كىلىدۇ.  

    ھەممە جاھان ئاچچىق نالا قىلىپ ھەممە يەردىكى دەل_دەرەخلەر،گۈل_گىياھلار،قوغۇن_قاپاقلار،ئۈزۈپ_ساپاقلار،يۇمران يۇپۇرماقلار ئاشىق_مەشۇق،ئانا_بالا بۇلۇپ نۇرغۇن ئىسسىق_سوغاقلارنى،بوران_توزانلارنى،يامغۇر_توپانلارنى ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن خۇشال مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاشىق_مەشۇقىدىن،ئانا _بالىسىدىن،ئىت_يالىسىدىن ئايرىلىپ قاتتىق نالە قىلىپ بەزىلىرى ئەنسىز ھۇۋلىسايەنە بەزىلىرى قاقشال بۇلۇپ قۇرىغان،يەنە بەزىلىرى سوغۇق تۇپراقنىڭ ياكى شاخ_شۇمبىلارنىڭ ئاستىدا ۋاقىتلىق ئۇيقۇغا كەتسە،يەنە بەزىلىرى بۇ رەزىللىككە بەرداشلىق بىرىلمىگەندەك سارغايغان يۇپۇرماقلىرىنى ئاستا_ئاستا يەر يۈزىگە تۆككەن.پۇتۇن ئالەمنى ساپسېرىق بويىغان كۈز پەسلىنىڭ سوغوق شاماللىرى ئۆتۈپ كىتىپ،

   پۈتۇن زىمىننى رەھىمسىزلىك قاپلىغان،ئاشىق بىلەن مەشۇقنىڭ كارى بولمىغان، ئانا بىلەن بالىنىڭ كارى بولمىغان، ئىتمۇ ئەمدى يالىنى يالىمىغان،چىرايلىق ئوماق ئاتا ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئەمدىلا چىققان قىز_جۇۋانلار ئېرىق _ ئۆستەڭ بويلىرىدا چېچىنى تارىمىغان،پىراقىدا ئوت بۇلۇپ كۆيگەن يىگىتلەرمۇ ئەمدى ئېرىق بويلىرىدىكى قۇييۇق ئورمانلار ئارىسىدا مەشۇقىنىڭ زىلۋا،يۇمران بويلىرىنى مارىمىغان،ھەتتاكى پۈتۈن جاھاندىكى جانۇ_جانىۋارلارتاتلىق ئۇيقۇ پاتقىقىغا پاتقان،ئاتا _ئانىنىڭ بارلىقى بولغان مۇھەببەت،جەمىئەت،تۇرمۇش،ھەقىقەت،ئامانەت،ئىبادەت دىگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن سەبىي بالىلارمۇ ئويۇنلىرىنى تاشلاپ ئىسسىق يوتقانلىرىنىڭ ئىچىدەسوزۇلۇپ يېتىپ تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان،ئەنە ئەتتىگىنى تاڭ يورىماستىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىبادەت بىلەن شوغلىنىدىغان خېلى مانا مەن دىگەن ئۆلىما موللىلارنىڭ ئۆيىدىمۇ ئەزان چىقىپ بولغىلى خېلى بولسىمۇ تېخى توك يورىمىغان،يەر_زىمىننىڭ يۈرىكى قاتقان،ئۇزۇن ساقاللىق قولىنى نەگە سوزسا شۇ يەرگە يىتىدىغان پۈتۈن بەدىنىگە ئاپئاق لىباس ئارتقان،پۈتۈن زىمىندا بىر مەزگىل جاھان سورايدىغان قار بوۋاي غۇلاچلىرىنى كەڭ يېيىپ(ھاھ..ھاھ..ھاھ..مانا ئەمدى جاھان دىگەن مىنىڭ بۇ جاھاننى مەن سورايمەن)دەۋاتقان ھەمدە پۈتۈن زىمىنغا ئاپئاق تونىنى ياپقان،قەھرىتان قىشمۇ كېرىلىپ كۈلىۋاتقان.........  ھەي بۇ كۈنلەرمۇ شۇنداق تېز ئۈتۈپ كىتىۋاتقان. ...

      ئەنە يەنە بىر يېڭى باھارمۇ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ(كەل..كەل..تېزرەك كەل سېنى كۈتىۋاتىمەن.سېنى ئىللىق باغرىمغاباساي،يېڭى ئۆسكەن گۈزەل چىملىق يايلاقلارغا،ھەرخىل گۈل_گىياھلىرى پورەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان چىمەنزارلارغا،سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى ئېقىپ ئۈتىدىغان،رەڭگارەڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلىرىنڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىماغقا ئۇرۇلىدىغان باغۇ_ بوستانلارغا باشلاي) دەۋاتقانىدى.   
                       

         دوسلار ئوبدان ئويلاپ،سەپسېلىپ قاراپ،زەن سېلىپ باقساق تۆت پەسىل بىزنىڭ يىللىق كالىندارىمىزدىلا ئەمەس بەلكى بىز ياشاۋاتقان ھەربىر مۇھىت،ھەربىر ۋاقىت، ھەربىرئىش_ھەرىكەت،ھەربىر شەيئىدە مەۋجۇت.
            
                                                                 خاتىمە

               ئەرزىمەس بىر تامچە سۇنى ئانىنىڭ قورسىقىدا يېڭىچە بىر باھارنى كۈتىۋالدى.
   دەل _دەرەخ بىخ سۈرگىنىگە ئوخشاش ئۇ سۇمۇ بىخ سۈرۈپ كۆكلىدى.قىزىل قانغا ئايلاندى.
  دەرەخلەر چېچەكلەپ يېرىلغىنىغا ئوخشاش ئۇ قانمۇ يېرىلىپ پۇت_قول،ئەزالىرى شەكىللەندى.
  چېچەك مىۋىگە ئايلانغانغا ئوخشاش قانمۇ گۆشكە ئايلاندى.
  مىۋە كۈندىن كۈنگە چوڭايغىنىغا ئوخشاش گۆشمۇ كۈندىن كۈنگە چوڭىيىشقا باشلىدى.
  يۇمشاق مىۋىنىڭ قېتىغا ئورۇق شەكىللىنگەنگە ئوخشاش گۆشنىڭ قېتىغىمۇ ئۇستخان شەكىللەندى.
  مىۋە مەي باغلاپ پىشتى. گۆشمۇ توللۇق يىتىلىپ بولدى،مىۋە يەرگە چۈشتى.بوۋاقمۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى.         
     مانا بۇ جەريانلار تۈگگىچە يازمۇ كىرىپ قالدى.مىۋە بىلەن بوۋاق ئەمدى ياز پەسلىنى كۈتىۋالدى.
   مېۋىلەرنى ئادەملەر تىرىۋالغانغا ئوخشاش بوۋاقنقمۇ تۇغقانلىرى ھىمايىسىگە ئېلىشتى.
   بەزى مېۋىلەرنى ھايۋانلار بىر تەرەپ قىلىۋەتكىنىگە ئوخشاش بەزى بوۋاقلارنى ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىۋېتىلدى.
   يېغىۋېلىنغان مېۋىلەردىن بەزىلىرى ئەزىزلەنسە بەزىلىرى خارلاندى،سېسىدى.
   تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن بەزىلىرى ئەزىزلەنسە يەنە بەزىلىرى خارلاندى ئۆلدى.
   ئەزىزلەنگەن مېۋىلەر ئادەملەر تەرىپىدىن چاڭلاشتۇرۇلۇپ يېڭىچە سورت بارلىققا كەلدى.
   ئەزىزلەنگەن بوۋاقمۇ  ئادەملەر تەرىپىدىن ھەرخىل قىلىپ تەربىيلەندى. يېڭىچە ئادەتلەرنى سىڭدۈردى.
   بۇ جەرياننى باسقۇچە كۈز كەلدى.
   ھەقىقىي ساپ مېۋىسىنى يوقاتقان دەرەخ بارچە دەردىنى يوپۇرماققا يىغىپ تۆكۈۋەتتى.
   ھەقىقىي پاك ۋىجدانلىق كۈيۈمچان پەرزەنتىنى تاپالمىغان ئانا كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى.
   چاڭلاشتۇرۇلغان مېۋىلەر ھەقىقىي تاتلىق تەمىنى يوقاتتى.
   يېڭىچە ئادەتكە يۈزلىنىپ كەتكەن بالا جەمىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
     مانا كۈز چىقىپ كىتىش ئالدىدا قەھرىتان قىش ماراۋاتىدۇ.
   سورتلۇق قىلىپ چاڭلاشتۇرۇلغان  ئالىي سۈپەتلەك مىۋە توڭلىتىش ئىسكالاتغا تاشلاندى.
   يېڭىچە ئادەتكە ماسلاشقان جەمىيەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان بالا ئەمدى يول ياقىسىغا تاشلىۋېتىلدى.
   دەرەخنىڭ غولى تۇمۇر تۇمۇرلىرى قەھرىتان قىشتا ئېرىمەسكە قاتقاندەك قىلاتتى.
   ئانىنىڭ يۈرىكىمۇ قاتتى. ۋاپاسىز بالىسىنى ئىزدەشكە.قوغداشقا ئەمدى مادارى يەتمەيتتى.
      ئانا ئۇۈمۇدىنى ئۈزدى.پۈتۈن جاھاننى قاپلىغان قەھرىتان قىزش بۇ ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى كۆمۈپ قويدى.

                                    مەنبە: ئويغان ئوغۇل(تەنھا)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 08:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabaat + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17488
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:19:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەقىقەتەن كىشىنى   ئويلاندۇرىدىغان  ياخشى تېمىكەن، قوللىرىڭىز ھارمىغاي.  رەھمەت  ئېيتىش يۈزىسىدىن مۇناسىۋەتسىز  بولسىمۇ بۇ شېئىرىمنى يوللاپ  قويغۇم  كېلىپ  قالدى.

سېغىنىش ئۇ گويا تۆت پەسىل

(ھېكمەت ئېلى-ئۇيغۇر)

باھار كةلسة گۈللةر چېچةكلةپ،
ئېچىلغاندا قات-قات بةرگىلةپ،
گۈلشةنلةردىن سېنى تاپالماي،
كۈندةشلىكتة قالدىم ئةنسىرةپ.

يازنىڭ رةڭدار بوستانلىرىدا،
سايرىغاندا بۇلبۇل ئةركىلةپ.
ئاھ سېغىندىم سېنى شۇنچىلىك،
يۈرۈگۈمگة چوڭقۇر كةشتىلةپ.

كةچكۈزلةردة تۇزۇپ چىمةنلةر،
كېپىنةكلةر كةتتى ئةستىلةپ،
ۋۇجۇدۇمدا  سةندىن كېچةلمةي،
ھىجرانىڭدا يۈردۈم تةمتىرةپ.

كةتتى مانا قىشمۇ نةچچة رةت،
تۇنجى قارلار ئۈنسىز لةپىلدةپ،
شۇنچة كۈتتۈم كةلمىدىڭ ئةمما،
كۈتتۈم يةنة بةختىڭنى تىلةپ.

كىرةك ئةمةس ئۆزگة باغلاردىن،
گۈل تىزىلسۇن قانچة دةستىلةپ.
مةن تىزىمةن ساڭا گۈل-دةستة،
بىركۈنلةردة سېنى كةلسة دةپ.

2005-يىل 5-ئاي ئۈرۈمچى

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

بارلىغىم پەقەت س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2598
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6483
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:20:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھارنىڭ كىلىشى كائىناتتىكى جان - جانۋارلارغا ، ئەڭ قىسقىسى دىھقانلىرىمىزغا خوشاللىق ئىلىپ كەلدى . بىزمۇ ئەمدى يىڭى باھارنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئىشلىرىمىزنى يىڭىدىن باشلىشىمىز ، ئۈمۈدۋار بولۇشىمىش كىرەك ..............................................

ھايات گويا ئەينەككە ئوخشايدۇ ، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ . ەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا قاراپ يىغلايدۇ !!! غىرىپسىنىپ قالسام بەزىدە ، كۆڭلۈم تارتىپ قالىدۇ سىنى . مەيلى قايغۇ مەيلى شاتلانغىن ، سەنمۇ چوقوم سىغىندىڭ مىنى....!!!

سەن ئۈچۈنلار ياش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62234
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 02:47:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئىللىق باھار ئادەمگە بىر خىل تۇيغۇنى ھسى قىلدۇرىدۇ دىسە،

پەقەتلا سەن ئۈچۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 888
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 03:22:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىمىستان قىشنى قوغلاپ   باھار كەلدى ،ھەممىمىزگە خوشاللىق ئىلىپ كەلدى ،چاڭقىغان تەشنا يۆرەككە  زەمزەم سۆيى قۇيۇپ  كەلدى .  باھار كەلدى تېمىڭىزغا   تەشەككۆر .

كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 03:31:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدىغۇ باھار كىلىپ ئەتراپنىڭ يىشىللىققا پۈتكەنگىننى كۆرگىلى بولمايدىكەن. نەگە قارىسا تاش، بۇ تاشلار يا باھاردە چىچىكلىمىگەنكىن

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 10:33:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھار كىلىپ پۇتۇن جاھان ئىللىقلىققا چومدى  بۇتەرەپلەرمۇ ئىسسىشقا باشلىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32432
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:03:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قىش يوق شەھەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 04:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھار كىلىپ ئەتىراپ يىشىللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەندە ئادەمنىڭ يىلىك قۇرۇلمىسى سۇيۇلۇش سەۋەبىدىن بەدەندە مەلۇم  ئۆزگىرىش بولىدىكەن.ئۇيقۇغا قانماسلىق،جىلە بولۇش قاتارلىقلار....
بوپمۇ جىگدە چىچەك مەزگىلى قىزلارنىڭ ئاجايىپ ھۈجەيرىلىرىنى ئۇيغىتىدۇ،ئەكىسچە ئوغۇللارنىڭ بولسا بەدەن كۈچى ئاجىزلايدۇ،تاكى ياز كىرگۈچە.

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17488
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 10:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 04:54 PM
باھار كىلىپ ئەتىراپ يىشىللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەندە ئا ...

بوپمۇ جىگدە چىچەك مەزگىلى قىزلارنىڭ ئاجايىپ ھۈجەيرىلىرىنى ئۇيغىتىدۇ،ئەكىسچە

     
  شۇنداقكەن،  بۈگۈن مەكتىۋىمىزدە  تەربىيلىنىۋاتقان ئىككى  قىزنىڭ  كۈپكۈندۈزدە   قىلىۋاتقان  قىلىقلىرىغا  قاراپ  بىر  نەچچىمىز      توۋا،  ھەممىمىزنىڭ  قىزلىرى  بارھە....تو  ۋا  دەيلى  دېيىشىپ  قالدۇق...

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش