ياخشىمۇ سىلەر ، ئۇيغۇر پۇتبۇل مەستانلىرى!
« ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانىللىرى كۇلۇبى » :- شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەشش قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىگە باشلاپ ئىلىپ كىرىش ۋە تونۇتۇش يولىدا ئالدىنقى سەپتە تۇلپار چاپتۇرىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدىغان ئەزىمەتلەر يىغىلغان بىر پۇتبول مەستانىللىرى كۇلۇبى .
ئەزمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىمىز شىنجاڭدىكى كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ، چىچىلاڭغۇ ھالەتنى يوقىتىپ پۇتبۇل مەستانلىرى قۇشۇنىمىزنى تېخىمۇ مۇنتىزىم قىلىش ئۈچۈن ، كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىدىن ئەزىمەتلەر كۇلۇبىمىزغا رەسمىي ئەزا قۇبۇل قىلماقچى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ ، بىر يەڭدىن قول بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىز پۇتبۇلچىلىقىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش شەرتلىرى :
1. ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش شەرتى :
كۇلۇبىمىز غا ئەزابولغۇچىلار دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولۇش كىرەك.
جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى ، شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقنى قوللايدىغان ۋە سۆيىدىغان بولۇش كېرەك .
2. كۇلۇب ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى :
كۇلۇبىمىزنىڭ بارلىق قانۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرىشىغا قۇشۇلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان بولۇش كېرەك .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ياخشى تەرىپىنى تەشۋىق قىلىشى ، ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ يامان گېپىنى ياكى ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ماس كەلمىگەن قىلمىشلارنى قىلماسلىقى لازىم ، ھەر ۋاقىت ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەك .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا بىر تۇتاش كۇلۇب كىنىشكىسى تاقىشى ۋە كۇلۇب مەستانىلەر كىيمىنى كىيىش لازىم .
3. ئەزانىڭ ھۇقۇقلىرى :
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىنىڭ پىلانى ، مەزمۇنى ۋە نەتىجىسىنى بىلىش ھۇقۇقى بار .
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مۇسابىقە كۆرۈش پائالىيىتى ، كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ پۇتبۇل ئويناش پائالىيىتى ، باشقا ھەرخىل ئەزىمەتلەر كۇلۇبى قاتناشقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشى ھۇقۇقى بار .
ئەزىمەتلەر پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبىنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسغا ئېرىشىدۇ . ( بۇ كىنىشكە ئارقىلىق بەزى پائالىيەت سورۇنلىرىغا بىلەت ئالماي كىرەلەيسىز ).
ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ ئەگەر پۇتبۇل تىخنىكىسى ياخشى بولسا ئەزىمەتلەر پۇتبول كوماندىسىغا كىرىش ئىمتىيازى ئىرىشەلەيدۇ .
4. ئەزىمەتلەر كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش ئۇسۇلى ۋە تەرتىۋى
ئەزىمەتلەر كۇلۇب مۇنبىرىگە سۆز قالدۇرۇش ئارقىلىق تىزىملىتىش ياكى QQ ياكى ئىلخەت ئادرىسىقا خەت ئىۋەتىش ئارقىلىق تىزىملىتىش .
QQ: 64565657
EMAIL :
64565657@qq.com
بىرپارچە بىر سۇڭلۇڭ رەسىم تاپشۇرۇش
ئەزىمەتلەر كۇلۇبى ئەزالار جەدۋىلىنى تۇلدۇرۇش
جەدۋەلنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.putbol.cn/club/news/2012-04-04/3991.html
كۇلۇب تونۇشتۇرىلىشى :
http://www.putbol.cn/club/news/2012-04-04/3987.html
كۇلۇب ئەزالار ئارخىب بىتى :
http://www.putbol.cn/club
مەنبە:پۇتبول تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 08:28 PM