روسىيە ئاخباراتى «كېسەلچان جۇڭگو» تېمىسىدا خەۋەر بەردى
4-ئاينىڭ 7-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە ئاخبارات تورى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەلچان جۇڭگو تېمىسىدا خەۋەر ماقالە ئېلان قىلغان، جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مىنىستىرى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا جۇڭگودا ئېغىر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر تېزلىكتە يامرىغان. بۇ پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، كەلگۈسىدە جۇڭگودا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى ۋە يەرلىك ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئەمەلدارىنىڭ قارىشى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
نۆۋەتتە جۇڭگودا، يۇقۇملۇق بولمىغان كېسەل پۇقرالارنىڭ ئۆلىمىدىكى نىسبىتى %80 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچىدىن %20 يۇقىرى بولغان. جۇڭگو داۋالاش خام چوتىنىڭ %70 نى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقان ئىشلەتكەن، بۇ كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى 60 ياشتىن تۆۋەن ئەمگەك كۈچى بار كىشىلەر توپىدا يۈز بەرگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلغىچە بولغان 10 يىلدا، كېسەل ۋە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ جۇڭگوغا سالغان ئىقتىسادىي زىيىنى 560 مىلياد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. كەلگۈسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا كەلتۈرۈدىغان تەسىرىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى نۆۋەتتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 2020-يىلنىڭ ئالدىدا، 20-24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ سانى تەخمىنەن %45 ئازلاپ، جۇڭگو نۇپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىدا قېرىلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر 2030-يىلىنىڭ ئالدىدا جۇڭگودىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن 30 مىليون كۆپ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، بۇ ئېھتىمال مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەلۋەتتە، بىر قىسىم كىشىلەر پايدىلىق تەرىپىنىمۇ كۆرۈپ يەتكەن. ئەمگەك كۈچى بارلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى بولىشى يەرلىك ھۆكۈمەت دۇچ كەلگەن قېرىغاندا كۈتۈنۈش راسخوتى بېسىمىنى يېنىكلەتكەن، تۇغۇش نىسبىتىنى چەكلەش يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە يۈكىنى يېنىكلەتكەن. جۇڭگونىڭ زېمىنى پەقەت 1 مىليارد 800 مىليون ئادەمگە ھاياتلىق بوشلۇقى، سۇ ۋە يېمەكلىك تەمىنلىيەلەيدۇ. ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، جۇڭگونىڭ بۇ بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئۇدا ئاشقان. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 2011-يىلى يېمەكلىك ئىستىمالى ئېھتىياجى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
جۇڭگو ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە كەلگۈسى نوپۇس مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ياساشتا ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمىغان. جۇڭگولۇقلارنى تاماكا تاشلاتقۇزۇش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتتۈرۈش ناھايىتى تەس، تېخىمۇ قىيىن بولغىنى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە قېرىلىشىش مەسىلىسى. ئاممىنىڭ يامانلاشقان ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە نوپۇس قىيىنلىقى پەيدا قىلغان ئاقىۋەت بولسا ئەمگەك كۈچى بايلىقىنىڭ كەمچىل بولىشى ھەمدە تەننەرخنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى جۇڭگو ئىقتىسادى رىقابەت كۈچىنى جىددىي تۆۋەنلىتىپ. ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ئەھۋال كەلگۈسى 10 يىلدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
(نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى)