قوش قېيىقتىكى ئەر
-پەرى،ساڭابىر گەپنى دەي دىگەنتىم،لىكىن......گەپنى نەدىن باشلاشنى پەقەت بىلەلمەيۋاتمەن........
-نىمەگەپ بولسا دەۋىرىڭ،بىز يا تۈنۈگۈن بۈگۈن تونۇشقان ئادەم بولمىساق....
-ماڭا بىر نەرسىنى بىرىشنى خالامسەن؟
-جان اللانىڭ ئلكىدە ،بولمىسا سىزدىن جېنىمنىمۇ ئايىمىغان بولاتتىم...ھى ..ھى..ھى.....
-ياق جېنىم،ماڭا جېنىڭنى ئەمەس پەقەت قالغان ھاياتىڭنى بىللە ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى بەرسەڭلا بولدى.مەن سىنى چوقۇم بەخىتلىك قىلمەن....
-بۇ راسما؟بۇ ئوڭۇممۇ چۇشۇممۇ؟....
مانا بۇ مۇرات بىلەن ئايپەرىنڭ ئارلاشقانلىقىنىڭ 3 يىللىقى بولغان كۇنى دىيىشكەن سۆزلىرى ئىدى...ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بىر جۈپلەنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە تويى بولدى.توي كۈنى مۇراتنىڭ 1 دوستىنىڭ ئايىغى يۈتۈپ كەتكىنى،توي يۆتكىگىلى كەلگەندە گالۋاڭ شوپۇرنىڭ يولدىن ئېزىپ قاغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا توي شۇنچىلىك قىزىدى..
_ۋاي- ۋۇي،ئاتۇشلۇق دىگەن ئۇسۇل دىگەننى دەششەت ئويناپ قويىدۇ-دە!
-ئاداش،ئاۋۇ ئىككى بالىغا قايلىيە،ھەممە يەلىرى شۇنچىلىك ماسلىشىدىكەن ئۇسۇلغا.....
-قېنى قىزلىرىم،مىنىڭ ئالتۇندەك كىلىنىمنى ئەپكىتەي ئەمدى،پەلتۇسىنى كەيدۈرۈپ،يۈزىنى يېپىڭلار......
-جېنىم قىزىم اللا بەختىڭنى بەسۇن!...گۈلباھار خېنىم قىزىغا پەقەت شۇلانىلا دىيەلىدى،گەرچە قىزىنىڭ نەچچە كۇندە يانا ئۆزىنى كۆرگىلى كىلدىغىننى بىلىپ تۇرسىمۇ ئشقىلىپ كۆڭلى بىر خىل بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ھىسياتتا ،بىر نەسىسى كەم بوپ قالغاندەكلا كۆزىدىن ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى.......
-ماۋۇ ئاچامنىڭ قىززىقلىقىنى ئاتۇشتا قىزبالا قالمىغاندەك قەشقەدىن مۇشۇ مىكياننى ئەپچىققىننى دەيمە...مۇراتنىڭ تاغىسىنىڭ ئايالى پاتەم ھە-دەپ تۇمشۇقلىرنى پۈرۈشتۈرۈپ سۆزلەۋاتاتتى.
-قايدا قىلتىڭ؟بىر چىرايلىق قىزكەن،ئاتا-ئانسىمۇ ئوبدان،ئەڭ موھىمى مۇرات ياخشى كۆردۇ،ماڭىغۇ شۇندە ياقتى بۇ توي....
-ياقتى دەپ كەتكىننى،ياققان بىلەن قىزىمىز......(ۋاي،خۇدا،تاس قالدىم ما ئەدەمگە دەپ تاشلىغىنى...)
ئارىدىن 2 ئاي ئۆتتى،ئايپەرى خۇددى مۇشۇ ئۆينىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كەتتى،ئۇ ئۆزى شوخ بولغاچقا،ھىلى يۇمۇر ئېيتىپ بىرىپ،ھىلى ھىكايە ئوقۇپ بىرىپ،قىينى ئاتىسى دۇتتار چالسا ناخشا ئوقۇپ،ئۇسۇل ئويناپ ئۆيدىكلەنىڭ ھەممىسى بىلەن شۇندا چىقشىپ كەتتى.قېينى ئاپسى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئەيمىنىپ قېچىپ تۇرۋالماي،ئاپا دىسە ئاپا دەپ ئەكىلەشلىرگە ئامراق بوپ قالغان ئىدى،قېينى ئاكىللىرمۇ ئۇنىڭغا خۇددى كىچىك ئۇكىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك شۇندا ئامراق بوپ قالدى.
كەچرۈڭلار،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تولۇق يېزىپ بولالماي قالدىم،ئاخىرىنى چوقۇم تىزراق يوللاشقا تىرشىمەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pahriay904 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 04:24 PM