مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13513|ئىنكاس: 72

شەھۋانىي قاراش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1999 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھۋانىي قاراش
دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى
ئىسلام ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئارتۇقچە قارىشىدۇر. كۆز قەلبنىڭ ئاچقۇچىدۇر، قاراش پىتنىنىڭ ئەلچىسى ۋە زىنانىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇش بىلەن بارابەر پۈتۈن مۆمىن ئەر ـ ئاياللارنى تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرىغان:
<< مۆمىنلەرگە ئېيىتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىناتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن >> [نۇر سۈرىسى 30 -31 - ئايەت]
بۇ ئىككى ئايەتتە بىرقانچە ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر بار، بۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىككىسى ئەر ـ ئايال ھەممىسىگە ئورتاق قارىتىلغان، ئۇ بولسا، تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلاش، باشقا كۆرسەتمىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا قارىتىلغان.
بۇ ئىككى ئايەتكە نەزەر سالساق، قاراشنىڭ ھەممىنى ئەمەس، پەقەتلا بىر قىسمىنى چەكلىگەنلىكىنى، لېكىن ئەۋرەتنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەس، پۈتۈنلەي ھەممىنى چەكلىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز، چۈنكى ئەۋرەتنى پۈتۈنلەي ساقلاش كېرەك، ئەمما قاراش بولسا، ئاللاھ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق بولۇپ قالماسلىقى ۋە بەزى مەنپەئەتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن كەڭچىلىك قىلىپ قاراشنىڭ بىر قىسمىغا رۇخسەت قىلغان، بۇنى ئالدىمىزدا بايان قىلىمىز.
تىكىلىپ قارىماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى، قارىماي كۆزىنى يۇمۇۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس، ياكى باشنى ئېگىپ يەرگە قارىۋېلىش ئەمەس، بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ھەمدە مەقسەت قىلىنغانمۇ ئەمەس. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ:<< ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن >> دېگەن ئايىتىدىكى بۇيرۇقنىڭ مەنىسى سۆز قىلماي ئاغزىڭنى يۇمۇۋالغىن دېگەنلىك ئەمەس. دېمەك: تىكىلىپ قارىماسلىقنىڭ مەنىسى: كۆز سالماسلىق، قاراشتا ھايالىق بولۇش، ئۇتكەن ـ كەچكەن كىشىلەرگە خالىغانچە قاراپ تۇرىۋەرمەسلىك، بىرىگە قارىغان بولسا پۈتۈن ھۆسنىگە چوڭقۇرلاپ، ئۇزۇن قاراپ تۇرماسلىق دېگەنلىكتۇر.
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئەلى بىر قارىغاندىن كېيىن يەنە قاراۋەرمىگىن، دەسلەپكى قاراشقا رۇخسەت، ئىككىنچى قاراشقا رۇخسەت يوق»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەر ـ ئاياللارنىڭ بىر ـ بىرىگە ئاچكۆزلۈك ۋە تاماخورلۇق بىلەن قارىشىنى كۆزنىڭ زىناسى دەپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:
“ ئىككى كۆزمۇ زىنا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىناسى قاراشتۇر “
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق شەھۋەتلىك قاراشلارغا زىنا دەپ نام بېرىشى، بۇنىڭ قانۇنسىز يول بىلەن ھوزۇرلىنىش ۋە جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇشنىڭ بىر يولى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بۇ ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنجىلدا كەلگەن شۇ سۆزىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ: «ىلەردىن بۇرۇنقىلار زىنا قىلما دېيىشەتتى، مەن بولسام سىلەرگە دەيمەنكى: كىمكى كۆزى بىلەن قارىسا زىنا قىلغان بولىدۇ».
بۇنداق ئاچكۆزلەرچە ھوزۇرلۇنۇپ قاراش ئىپپەت ۋە ئەخلاق ئۈچۈنلا خەتەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ساغلاملىقىغا، كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىگىمۇ خەتەرلىكتۇر.


يازماھوقۇقى: بۇيۇك ئىسلام تورخاتىرىسى غا تەۋە،
مەن  بۇتىمىنى   پايدىلىنىش  قىممىتى  بار دەپ  بۇ مۇنبەرگە  يوللاپ  قويدۇم   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 12:03 PM  


ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6012
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەخمەت! كۈندە مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ كۆپرەك يوللىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن‹

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

پۇل يوق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ناھايتى ياخشى بىرلىپتۇ،ھازىر بەزىبىر كىشلەر ئادەمگە قارسا تاسلا قالىدۇ كۆزنى قارغۇ قىلۋەتكىلى.
شۇڭا زىنا بولۇپ قالمىسۇن دەپ مەن مۇنبەرگىمۇ  باشنىڭ سۈرىتىنى ئەمەس قولنىڭ سۈرىتىنى چىقارغان.

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ  ئابدۇقادىر خۇش

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقۋادار ئاياللار بىكا يۈزىنى يۆگىېۋالماپتىكەن. ۋاي ئاللا، بۇ جەمئىيەتتە بەكلا گۇناھكار بوپ قالامدۇق نىمە. نەگە قارىسا، قارىماي دىسىمۇ قارىلىپ كىتىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز كەلدى. قىزلارمۇ بوش ئەمەسكەن، يولدا ماڭسا تىكىلىپ قاراپ كىتىشلىرى تېخى ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ ،
مەنمۇ شۇڭا ماڭا قارىسا، گۇناھ بولمىسۇن دەپ، يۈزۈمنى توسىۋالدىم....

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4577
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىكەن ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8613
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2606 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jassurman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 03:29 PM
تەقۋادار ئاياللار بىكا يۈزىنى يۆگىېۋالماپتىكەن. ۋاي ئ ...

ھى ھى ھى ما ئىنكاسنى كۆرۈڭ ، ئەجەپ قىززىق ئىنكاس بوپتۇ ماۋۇ

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 03:44 PM
ھى ھى ھى ما ئىنكاسنى كۆرۈڭ ، ئەجەپ قىززىق ئىنكاس بوپتۇ ...

لىكىن سىزگە قارىماي قارىماي دىسەممۇ قارىغىم كىلىپ، تور شىلەپەمنىڭ تۆشۈكلىرىدىن قارىۋالدىم

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8613
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2606 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايتى بىز قىزلارغا نىسبەتەن تەربىيۋى ئەھمىيتى كۈچلۈك بىر تىما بوپتۇ ، ئەسلى شۇنداق بولىشى كىرەك ئىدى ، ھازىر زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ كىيىم كىچەك ئۆرپ ئادىتىمىز شىددەت بىلەن ئۆزگىرىپ كەتتى .
دىمىسىمۇ شۇنداق ، ياز كۈنلىرى قارايدىغان بولساق بەزى قىزلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى (ئى) مىللەتمۇ كىيمەيدۇ . مۇشۇنداق بىز قىزلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاشداق قىزلارنى كۆرسەم ئاچچىقتىن يىرىلىپ كەتكۈدەك بوپ قالىمەن بەزىدە ، ئۇلۇغ ئاللادىن ئىنساپ تىلەيمەن .

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

بىزكىم ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4968
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 3082 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيەت قانداق بولسا  ئەمىلىڭ شۇنداق بۇلىدۇ   ....... قاراشتىكى نىيەت ھەممىنى بەگىلەيدۇ
ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى خيىيالى ئاللاھ   تائاللاغا   سىر ئەمەس  .....
ئەھمىيەتلىك تېما  بوپتۇ ......

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8613
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2606 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jassurman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 03:48 PM
لىكىن سىزگە قارىماي قارىماي دىسەممۇ قارىغىم كىلىپ، ت ...

مانا مانا قايسى گىپىڭىز راس سىزنىڭ بىردەم قارىماسلىق ئۈچۈن ئى شەپكىنى چوڭقۇر كىيىۋالدىم دەيسىز ، بىردەم ئوغۇرلۇقچە قارىدىم دەيسىز ، سىز ئوغۇللارمۇ بوش ئەمەس ھى ھى ھى

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش