مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1684|ئىنكاس: 29

ئۈرۈمچىدە يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

lalalm520          

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11119
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5561
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:25:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدە يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى



يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك س س م ب ئىدارىسى «قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، بازارنى 100 كۈن مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى»دە بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەك - ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى.
1. يۇندى ياغ ياساپ سېتىش دېلوسى
شياۋ دەيچۈەن يۇندى ياغ ئىشلەش خام ماتېرىيالىنى توپلاپ، ئۇنى سۈزۈپ، قىزىتىپ چەككىلەپ، ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەندىن ساتقان.
2. قانۇنغا خىلاپ ھالدا خىمىيەلىك ماددا قوشۇپ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىشلەپچىقىرىش دېلوسى
دۈەن جىپىڭ ھېچقانداق گۇۋاھنامە بولمىغان ئەھۋالدا، 2011-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان پۇرچاق ئۈندۈرمىسى پىششىقلاپ ئىشلىگەن.
3. گۈرۈچ خالتىسىنى ئالماشتۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېلوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى «قېرىنداشلار» گۈرۈچ پىششىقلاش زاۋۇتى ئاقسۇ شەھىرى «خۇيفېڭ» ئۇزۇنچاق گۈرۈچىدىن 83 خالتا سېتىۋېلىپ، «خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى فاڭجېڭ ناھىيەسى باۋشىڭ يېزىسى ئەلا سۈپەتلىك شال بازىسى» دېگەن خەت يېزىلغان خالتىغا قاچىلاپ ساتماقچى بولغان.
4. يېمەكلىك خۇرۇچىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئاپېلسىننى پارقىرىتىش دېلوسى
ۋاڭ شياۋلى 2011-يىلى 25-ئۆكتەبىردىن 2012-يىلى 30-يانۋارغىچە، تىجارەت كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ سايباغ رايونى سېمونت زاۋۇتى دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپېلسىننى پىششىقلاپ ساتقان، ئۇ ساتقان ئاپېلسىننىڭ پوستىغا »شيەنلياڭ« ماركىلىق مېۋە شامىنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەن.
5. رويخەتكە ئالدۇرۇلغان «ئىلى» ماركىسىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى
ليۇ چىڭشەن 2011-يىلى 5 - دېكابىردىن باشلاپ، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان «ئىلى» ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
6. گۇۋاھنامىسىز ھالدا ئاچچىق تەملىك چۇجۇق پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىش دېلوسى
لو گۇاڭلى 2011-يىلى 25-دېكابىردىن باشلاپ، «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى» يوق تۇرۇپ، ئاچچىق تەملىك چۇجۇق پىششىقلاپ ئىشلەپ ساتقان.
7. گۇۋاھنامە بولمىغان ئەھۋالدا دورا-دەرمەكلەنگەن كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش دېلوسى
فا سوڭ 2012-يىلى 5-يانۋاردىن باشلاپ، »يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى« ۋە تىجارەت كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ، دورا-دەرمەكلەنگەن كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەپ ساتقان.
8. گۇۋاھنامە بولمىغان ئەھۋالدا ئاچچىق تەملىك كالا گۆشى چۇجۇقى پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىش دېلوسى
يې خوڭجۈن 2011-يىلى 5-دېكابىردىن باشلاپ «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى» ۋە تىجارەت كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ، ئاچچىق تەملىك كالا گۆشى چۇجۇقى پىششىقلاپ ئىشلەپ ساتقان.
9. «ئىلى» ماركىلىق ھاراقنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دېلوسى
شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى «قەھرىمان» ھاراق كەسپى چەكلىك شىركىتى 0.52 يۈەنلىك باھا بىلەن ليۇداۋان بوتۇلكا يۇيۇش زاۋۇتىدىن تېگىگە «ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن خەت بېسىلغان 250 مىللىلىترلىق ھاراق بوتۇلكىسىدىن 2400نى سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرى ئاق ھاراق قاچىلاپ «مەخسۇس كۈتۈش ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ» دېگەن ماركا چاپلىغان، زاۋۇت ئىسمى، ئادرېسىنى يازمىغان.
10. كىشىلەردە خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلغان ساختا تەشۋىقات دېلوسى
2011-يىلى 29-ئىيۇل، ليۇ مىڭيىڭ بېيجىڭ بىيو پەن - تېخنىكىسى ئەسىر بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن سېتىۋالغان 120 قاپ «ۋىتامىن ئامىنو كىسلاتا سەرخىل بۇيۇمى، NO ئارگىنىن» ساغلاملىق بۇيۇمىنى خېرىدارلارغا بېلەت تارقىتىپ لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساتقان ھەم سېتىش سورۇنىغا «نوبېل پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى − ئوكسىدلاندۇرۇلغان ئارگىنىن ئۈرۈمچى دوكلات يىغىنى» دېگەن تەشۋىقات لوزۇنكىسىنى ئاسقان.


مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77292
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:29:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتېخى ئېنىقلانغىنى يەنە ئېنىقلانمىغىنى، قانۇننىڭ سىرتىدا تۈرىۋاتقىنى قانچىلىك بۇنى خۇدا بىلىدۇ

قۇشقاچ ئوۋلايمەن

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23334
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 1528 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 04:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1- دىلونى توختاتماستىن تەكشۈرسە بۇلاتتى ، بىر ئادەم قىلىپ بۇلالمايدۇ ئۇ ئىشنى يەنە نەتچە يەردە بۇلىشى ئېنىق ،

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 1385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12860
تۆھپە نۇمۇرى: 1077
توردا: 14049 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 04:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىمەكلىك ساھەسىدىكى خېلى چوڭ دېلو ھېسابلىنىدىكەن.

ئېغىزىڭ قانغا تو

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12451
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7010
تۆھپە نۇمۇرى: 321
توردا: 4115 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 04:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
365 كۇننىڭ 100 كۇندە تەرتىپكە سالسا باشقا ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
يەنە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى بىركۈن مۇشۇنداق ساختا ماللارغا زەربە بىرىدۇ، شامالدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر ئەتىسى يەنە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدۇ.

ئېغىزىڭ قانغا تولسىمۇ،دۈشمىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە...

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 04:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسۇ شۇ پاقا يىگەنلەرنىڭ! لىكىن ئاۋۇ ماي سەل چاتاق جۇمۇ، ئاشخانا خوجايىنلىرى ئەرزاننى ئىشلىتمىز دەپ بىلىپ بىلمەي ئىشلىتىپ قالسا....ھەي، مەنغۇ بەزىدە دوسلىرىم بىلەن مۇشۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى دەپ خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانسىغا بىر قانچە قېتىم كىرىپ قالغىنىم ئىسىمدە. ئۆتكەندە بىر ئاڭلاپ مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاياق باسمايمەن دىۋەتتىم. ئەمدى ھەرگىز كىرمەيمەن خۇدا خالىسا!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4483
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1155 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jassurman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 04:24 PM
ھەممىسۇ شۇ پاقا يىگەنلەرنىڭ! لىكىن ئاۋۇ ماي سەل چاتاق ج ...

كالا گۆشى ئۈگرىسىگىمۇ ئەخلەت ماي ئىشلىتەمدىكەن؟بۇ سۇيۇقئاش تۇرسا؟

نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا، تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا. غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا، ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4483
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1155 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىللىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈنلا يىلدا بىرە قىتىم مۇشۇنداق چوڭ دىلونى پاش قىلامدىكى دەيمەن.بولمىسا بۇنداق قانۇنسىز ئىشلار كۆپىيىپ كەتمەستى.

نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا، تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا. غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا، ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72207
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانى بار، دىلىدا خۇدا ئۇقۇمى بار ئىنسان بىلەن يوق ئىنساننىڭ پەرقى مۇشۇ يەردە.دىنىمىزنى چەكلەۋەرگەن بىلەن 10-20 يىلدىن كېيىنكى كۆرىلىدىغان ئاقىۋەت تىخىمۇ ئىغىر.قارىغاندا ئاللاھنىڭ قازىنى ناھايىتى ئاستا قاينايدىكەن.قاينىغاپ بولغاندىكى ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىنسان ئاجىز كىلىدىغان چىراي.
ئۇيغۇرىمىزنىڭ دىلىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يۇرۇتقان ئاللاھقا ئالەمچە تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72207
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن بىلەن ھەرقانچە تۈزىسىمۇ دىلىدا خۇدا بولمىغان ئىنسانغا ھىچنىمە دال بولالمايدۇ.ماركىسىزىم،لىنىنىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىدديسى،دىڭشىيافىڭ نەزەرىيەلىرىنىڭ ھەممىسى دىننى چەتكە قاقىدۇ.دىننى چەتكە قاققاننى خۇدا چەتكە قاقىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش