پايتەخت بېيجىڭدا «تەڭرىتاغ روھى»
غازى ئەھمەت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى پايتەخت بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك سەنئەت سارىيىدا مەملىكەت ئىچە ۋە سىرتىدا زور شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامىمىز غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ «تەڭرىتاغ روھى» تېمىسىدا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى ۋە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا مەركەزدىكى ئىسمايىل ئەمەت، ئابلەت ئابدۇرىشىت باشلىق رەھبەرلىرىمىزدىن باشقا يەنە دۆلىتىمىز گۈزەل سەنئەت رەسىم ساھەسىدىكى ئاتاقلىق زاتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسساملار، ھەۋەسكارلار، بېجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ باشقا ئۈنېۋىرسىتىتلاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:30 باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەتلىك سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى سۆز قىلدى، ۋە بۇ بۈيۈك رەسسامنىڭ رەسساملىق ھاياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ نادىر ئەسەرلىرىگە يۈكسەك باھالارنى بەردى. يېغىن ئىشتىراكچىلىرى قىزغىن چاۋاكلىرى ۋە بارىكاللا ئېيتىشلىرى بىلەن رەسسامغا بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى بىلدۈرىشتى. ئېچىلىش مۇراسىمى بىر سائەتچە داۋام قىلغاندىن كېيىن كۆرگەزمە رەسمىي باشلىنىپ، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەتنىڭ 60-يىللاردىن باشلاپ سىزغان 100 پارچىگە يېقىن ئەڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سەھەر سائەت 9:10 دا يولغاچىقتى. باشقا كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرىمۇ سەھەردە يولغا چىقىپ جۇڭگو سەنئەت سارىيىغا جەم بولۇشتى.
مۇنبىرىمىز مۇخبىرلىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى كۆرگەزمە باشلىنىش ئالدىدا جۇڭگو سەنئەت سارىيىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
فاكۇلتېت 2008-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
رەسساملار ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتېتىدىن كەلگەن ئۇستازلار غازى ئەھمەت ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتېتىدىن كەلگەن ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار غازى ئەھمەت ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرى غازى ئەھمەت ئەپەندىگە گۈل دەستىلەرنى سوغات قىلىپ رەسسامغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىنى بىلدۈرىشتى.
مەركىزىي مىللەتلەرئۈنېۋىرسىتېتىدىن كەلگەن گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە تېخىمۇ گۈزەل ھۆسۈن قوشتى.
كۆرگەزمە زالىغا كېرىش ئېغىزىدا تەكلىپلىك مېھمانلار غازى ئەھمەت ئەپەندىگە بولغان تىلەك سۆزلىرىنى، ئىجادىيىتىگە بولغان باھاسى ۋە ئىمزاسىنى يېزىپ قالدۇرۇشتى.
مەركەزدىكى رەھبەرلىرىمىزدىن ئىسمايىل ئەمەت ئەپەندى ۋە ئابلەت ئابدۇرىشىت ئەپەندى كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلدى ۋە يۇقۇرى باھالارنى بەردى.
جۇڭگو سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ رەسساملىق ھاياتى، كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك باھالارنى بەردى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت ئىچە ۋە سىرتىدىكى ئاتاقلىق كەسىپداش رەسساملار، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلار قىزغىن ئىشتىراك قىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا غازى ئەھمەت ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا خەلقنىڭ ۋە رەھبەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى، ئىلھامى ۋە يۈكسەك باھالىرىدىن، ئۆزىنىڭ ئەللىك نەچچە يىللىق رەسساملىق ھاياتىنىڭ شانلىق نەتىجىلىك مىنۇتلىرىدىن ھاياجانلىنىپ كۆز يىشى قىلدى. كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرى تەكرار چاۋاكلىرى ئارقىلىق رەسسامغا بولغان ھۆرمىتى، ئېھتىرامىنى بىلدۈرىشتى.
غازى ئەھمەت ئەپەندى ھاياجان ئىچىدە سۆ زقىلىپ ئۆزىگە ياردەمدە بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، رەھبەرلەر، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. رەسسامنىڭ تىنىقىملا بولىدىكەن خەلقىمنى تۇرمۇشىنى سىزىپ يارىتىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ غايەم بولىدۇ، گەرچە سەكسەنگە كىرەي دەپ قالغان بولساممۇ تېنىقىملا بولىدىكەن مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىم داۋاملىق داۋام ئېتىدۇ دېگەن سۆزلىرى كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ۋە رەسسامغا بولغان قايىللىقى ھۆرمىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلتتى.
ھەر قايسى رەھبەرلەر«تەڭرىتاغ روھى» غازى ئەھمەت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە ئاتاپ لىنتاكەستى.
كۆرگەزمە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلغان كۆرگەزمىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىزاھات ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭدا غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، ئىجادىيەت ھاياتى،مەزكۇر كۆرگەزمىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار قىسقا بايان قىلىنغان
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يېغىن ئىشتىراكچىلىرى مۇراسىم زالىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
رەھبەرلەر كۆرگەزمىنى ئەستايىدىك كۆرۈپ چىقتى ۋە رەسساملار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بولدى.
غازى ئەھمەت ئەپەندى رەپىقىسى ۋە بالىلىرى، نەۋرىلىرى بىلەن كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرىغا ھەمراھ بولدى.
كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرى غازى ئەھمەت ئەپەندى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتلەرگەچۈشتى.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرنى كۆرۈپ پىكىر ئالماشتۇردى.
ھەر يەردىن كەلگەن رەسساملار ۋە ھەۋەسكارلار زوق-ئىشتىياق بىلەن كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرنى كۆرۈپ چىقتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىشتى.
كۆرگەزمە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا داۋام قىلدى، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭ پايتەخىتتە ئىچىلىشى پايتەخىتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقانلارئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. كۆرگەزمە خەلقى ئاتاقلىق رەسسامىدىن سۆيۈندى ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلاندى.
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو سەنئەت سارىيىدىكى چوڭ كۆلەملىك ئاتاقلىقئۇيغۇر رەسسامىمىز غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ «تەڭرىتاغ روھى» تېمىسىدا گۈزەل سەنئەترەسىملەر كۆرگەزمىسى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدى.
قوشۇمچە:
غازى ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
داڭلىق رەسسام غازى ئەھمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەھمەت ئەپەندىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەھمەد ئەپەندى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت ئەپەندى 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى، ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ دۆلەت دەرجىلىك ئاتاقىلىق رەسسام ھەم 1954-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەھمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى نەشىردىن چىقارغان «جىنايى ھۆكۈم» جۇڭگۇ رەسىم سارىيىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. 1982-يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «مەھمۇد قەشقەرى» پوتىرىتى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.1981-يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىدە1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «مۇقام» 1984-يىلى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۈمۇش مىدالغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى موسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان «مۇقام ئىشقى» مەملىكەتلىك ماي بوياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .
1954 _ يىلى، غازى ئەھمەت شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 1962-يىلى غازى ئەھمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان «غېرىپ-سەنەم» ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «ئاماننىساخان»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «رابىيە _ سەئىدىن» ۋە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرۈپ يېتەلەيتتى.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ..
شەۋقىي تورى مۇخبىرى:
زۇمرەت خەۋىرى.
مەنبە:
http://www.shewqiy.com/thread-1199-1-1.html
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 05:05 PM