مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 12

چېكەتكە(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 851 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 08:42:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چېكەتكە

(ھېكايە)

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن


ئۇنىڭ ئوڭ قاپىقى تۇيۇقسىز لىپىلداپ تارتىقشا باشلىدى، كۈتۈلمىگەن ۋەھىمىدىن كۆڭلى ئۆڭدى، يۈرىكى كۆڭۈلسىز ئاغدى. ئۇنىڭ بارا – بارا قاتتىق تارتىۋاتقان قاپىقى بىر كېلىشمەسلىكتىن بشارەت بېرىۋاتتا، غەشلىك چىرمىۋالغان قەلبى قاتتىق – قاتتىق سىقىلاتتى، قىزىلمۇچ سۈرەتكەندەك ئىچىشاتتى. چۈنكى ئۇ، ھەر قېتىم ئوڭ قاپىقى تارتقاندا بىر پالاكەتنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەيتى. دەرۋازا ئالدىدىكى قاپاق توغراققا قۇنۇۋالغان بىر قاغىنىڭ ئەنسىز قاقىدىلىشى غەشلىك ئۈستىگە غەشلىك يۈكلىدى.

تېخى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن تۇققۇزتاش تۈگمىنىنىڭ يۇقىرىسا ئۆستەڭ چېپىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوڭ قاپىقى بىردەم قاتتىق تارتىۋېدى، ئۇزاق ئۆتمەستىن چوڭ قىزىنىڭ تراكتور ھادىسىسىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلگەنىدى. مانا قىزنىڭ قىرقى توشماي تۇرۇپلا قاپىقىنىڭ تىنىمسىز لىپىلدىشى بالىنىڭ ئىشق  ئوتىدا ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىچارە دادىنىڭ ئاجىز تېنىنى تىتىرىتىۋەتتى... قەلبىنى چىرمىۋالغان ئەنسىزلىك، قۇرقۇنچ، ۋەھىمە تۈپەيلى ئۇنىڭ ھېچبىر ئىشى پەقەت قوۋلاشمايتتى. ئۇ قوشنىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ئاتا مىراس ئۆتۈكىنى ياماۋىتىپ قولىغا بىر نەچچە قېتىم يىڭنە، بىگىز سانجىۋالدى. ئوڭ قاپىقىنىڭ لىپىلدىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى قاغىنىڭ كۆڭۈلسىز قاقىلدىشى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەنسىزچىلىكىنى كۈچەيتىۋەتتى. يۈرىكىنى ئامبۇردەك قىسىپ، نەپەس ئېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، يۈرىكىنى چەكسىز قۇرقۇنچ ئىگىۋالدى. قاپىقى يەنە لىپىلدىۋېدى يۈرىكى بىگىز سانجىخاندەك قاتتىق ئىچىشىپ كەتتى...

چىرت، چىرت، چىرت....

چېكەتكىنىڭ يېقىمسىز ئاۋازىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ غەشلىك، پەرىشانلىق قاپلىۋالدى، بۇرۇختۇملۇق چىرمىۋالدى، ئەندىشە، ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ جىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىۋالدى، دەھشەتلىك خىياللار، ۋەھىمىلىك ئويلا ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چەكچىيىپ قالغانىدى.

ئۇ چېڭكەتكىگە قەۋەتلا ئۆچ ئىدى، ئاۋازىدىن ئارامسىزلىناتتى.... بۇ ئۇنىڭ يەتتە يەتتە ياشلارغا كىرىپ قالغان چاغلىرى ئىدى. ئۇ بارى- يوق ئىككى قوينى چاڭگالدا بېقىپ كىرىپ قوتانغا سولىۋەتكەندىن كېيىن، ئانسى ئۇسسۇپ قويغان بىر تاۋاق ئۇماچنى قولىغا ئېلىپ ئەمدى ئىچەي دەپ تاۋاققا قوشۇق سېلىۋېدى، قوشۇقىغا ئۇماچقا مېلىنىپ كەتكەن بىر چېكەتكە چىققان، ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇماچنى ھەرگىز ئىچمىگەنىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ چېكەتكىگە چىش- تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ بولدى قۇيۇق چېچى تىك تۇراتتى، پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن تىتىرەيتتى....

- چىرت، چىرت، چىرت....

- سەن چىرىلدىمىغان مېنىڭ ئۆيۈم قالغانمىدى؟!... بىر دەم بولسىمۇ ئاراملىق بەرسەڭ نېمە بولار؟.... قاچانمۇ يوقىلارسەن.... ئەجەبمۇ سېغىندىمغۇ سۆيۈملۈك قىشنى .... ئاچچىق، سوغۇق شامالنى ... چېكەتكىلەرنىڭ ھويلا- ئاراملاردا، بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا، بەس- بەس بىلەن چىرىلىشى ئۇنىڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك تاتىلاپ ئېچىشتۈرۈشقا باشلىدى.... چېكەتكىلەر خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك ئوچاق بېشىدا، قاچا- قۇچىلارنى تىزىپ قويىدىغان لەمپىلەردە، ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توختىماي چىرىلدايتتى.

- چىرت، چىرت،چىرت ....

ئۇ كۆڭلى غەش ھالدا مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قوناقلىرىنىڭ ئاقتاما سۈيىنى سېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقتى، ئۇ بىر دەم بولسىمۇ بۇ نىجىسىنىڭ ئاۋازىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ خىياللىرى چېچىلدى، ئۇنىڭ چىگىش خىيالى تولىمۇ ئۇزۇن ئىدى. ئۇنىڭ ھارغىن قەدەملىرى ئېغىر- ئېغىر يۆتكىلەتتى.

ئۇ تۈنۈگۈنلا ئەتراپنى يۇمشىتىپ تۈۋىگە يۇمىشاق توپا يۆلەپ قويۇپ كىرىپ كەتكەن قوناق مايسىلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىەە قاراپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى، مايسىلارنىڭ سولىشىپ، قۇلاقلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئۇنمىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى. ئۇ مايسىلارنىڭ تۈۋىگە توپا يۆلىگەندە تولىمۇ ئاۋايلىغاندى.

- چىرت، چىرت، چىرت ....

ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، تاپىنىدىن كىرگەن تىتىرەك مېڭىسىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېتىزغا كىردى، كىردىيۇ دىك- دىك سەكرىشىپ « چىرت، چىرت، چىرت» ئاۋاز چىقىرىپ سايرىشىپ يۈرگەن چېكەتكىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى... بىر خىل سەسكىنلىشتىن يۈرىكىنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى خىرە – شىرە ھېس قىلدى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك مەھەللىلەر ۋەيران بولدى، ئالەم تۇمان ئىچىگە غەرق بولدى....

- چېكەتكەن ئاپىتى ... چېكەتكە ئاپىتى... چڭكەتكە ئاپىتى...! ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەتراپتىكى ئېتىزلارغا يۈرگۈردى. سانسىز چېكەتكىلەر ھەريان سەكرەشتى، ئۇنىڭ ئەتراپتىدا، بېشى ئۈستىدىكى بوشلۇقتا خاتىرجەم ئۇچۇپ يرىشەتتى. ئۇنىڭىغا قاراپ مەسخىرە بىلەن پۇتلىرىنى سىلكىشەتتى، چېكەتكىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاسماننى ئېنىق كۆرگىنى بولمايتتى، يەردىن، بېشى ئۈستىدىكى بوشلۇقتىن، تۆت ئەتراپىدىن چېكەتكىلەرنىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى، ئۇبۇ يېقىمسىز ئاۋازلارنىڭ غەلىبە ناخشىسى بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى....

- چىرت، چىرت، چىرت....!

ئۇ سولىشىپ، بارا- بارا قۇرۇپ كېتىشكە باشلىغان قوناق مايسىلىرىغا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتى، ئۇ ئەمدى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنىدى... نۇرسىز كۆزلىرى ئەلەم بىلەن تولغانىدى. ئىپادىسىز كۆز قارىچۇقلىرى جىن چىراغدەك غۇۋا پىلىلدايتتى... ئۇ نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلايتتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكىلەتتى...

ئۇ ئىككى قۇلىقىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ:

- چېكەتكەن ئاپىتى... قوناقلار نابۇت بوپتۇ... دەپ ۋارقىرىغىنچە مەھەللىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى- دە، ئۆيگە كىرىپ باللىرىنى سۈپۈرگە، چىۋىق... قاتارلىقلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ قوناقلىققا قاراپ بار كۈچى بىلەن يۈرگۈردى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىتائەتمەن جاپاكەش، مېھرىبان ئايالى بالىلىرىنى ئەگشتۈرگىنىچە سوكۇلداپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ كۆكسى ئۈستىدىن چىڭ بسىۋالغانىدى.... مەھەللىدىكى جاپاكەش دېھقانلارمۇ قوناقلىقلىرىغا قارىشىپ سەلدەك ئاقتى... ئۇلار ئېتىش باشلىرىغا يېتىپ كېلىشپ نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ ھۆكىرەپ- يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بېسىۋالالماي يىغلىشاتتى، بۇ كۈتۈلمىگەن ئاپەتتىن ھەممىنى ئۇنتۇشقانىدى.

- بۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى.

- بۇ خۇدانىڭ ئىنسابىنى، مېھىر- شەپقەتنى ئۇنتۇشقان ئىنسابسىز بەندىلىرىگە بەرگەن جازاسى.

- بۇ پەدىشەپنى ئۇنۇتقانلىقنىڭ ئاقىۋىتى.

- بۇ...

- بۇ...

- يىغا، قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش پۈتەمدۇ، مەسىلە ھەل بولامدۇ؟! نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر قولۇڭلارغا نېمە چىقىسا شۇنى ئېلىپ بۇ مەلئۇنلارنى ئېتىزدىنقوغلىمامسىلەر...

ئۇ ئامالسىز قالغان قېرىنداشلىرىغا قاراپ ۋاقىرىدى.... دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھاشارات يوقىتىش دورىسى چېچىش ماشىنىسىنى يۈتكىنىچە ئوتتۇز يىللىق مول تەجرىبىگە ئىە، تەپەككۇرغا باي پېشقەدەم ئاگرونوم پەيدا بولدى. كېشىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قاراشتى، ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈشتى. ئاگرونوم ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، تېنىگە سوغۇق تىتىرەك ئۇلاشتى، كۆزلىرى بارا- بارا يوغىناپ، لەۋلىرى تىتىردى، كۆز چاناقلىرى نەملەشتى، ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد ئىچىدە قاراپ تۇرغان ئادەملەرگە ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى تىكىپ بىچارىلەرچە بېشىنى چايقىدى....

- بۇ راينىمىز تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ چوڭ ئاپەت، سىلەر ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراپسىلەر، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان بىزگە مەلۇم قىلمپاسىلەر، بىزمۇ كېچىكىپ قاپتۇق. ئەمدى ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ قىيىنىغا چۈشىدۇ، دورا بىلەن يوقىتىش، ئالداپ يوقىتىشمۇ ئەمدى كار قىلمايدۇ. چېكەتكە ھەم تۇيغۇن ھەم ھېلىگەر...چېكەتكىلەرنىڭ بەس- بەس بىلەن ئومۇمىي خور بولۇپ چىرىداشلىرى ئاگرونومىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. پېشقەدەم ئاگرونوم بىر- بىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك سەكرىشىۋاتقان، ئۇچۇشىۋاتقان چېكەتكىلەرگە قاراپ ئازاب، ئەلەم، قايغۇ... ئىچىدە ئېغىر ئۇ تارتتى، ھەسىرەت بىلەن خۇرسىندى.

مەن بۇ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلاي، سىلەرمۇ چامىڭلارنىڭ يېتىشىچە، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە چېكەتكىلەرەە قارشى تۇرۇپ ئېتىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ھەر خىل ئۇسۇل- چارىلار بىلەن يوقىتىپ، قالغان مايسىلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار....

ئۆزىگە كۆزلىرىنى مىختەك تىكىپ قاراپ تۇرغان چېكەتكىلەرنى كۆرۈپ ئاگرونومنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى، قەلبىنى ۋەھىمە چىرمىۋالدى... ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن قاراپ تۇرۇشقان ئادەملەر توپىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ۋېلىسىپىتىنى مېنىپ يۈرۈپ كەتتى..

نابۇت بولغان مايسىلارغا قاراپ ئىچى سىرىلىپ كېتىۋاتقان دېھنلار ئازاب ئىچىدە ئاگرونومنىڭ ئارقىسىن ئۆزلىرىنى ئۇنۇتۇشقان ھالدا بىر ھازا قاراپ تۇرۇشتى، دېھقانلار ئاگرونومنىڭ تىزراق چېكەتكىلەرنى يوقىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىغا تولىمۇ تەشنا ئىدى...

ئارگرونوم، سېنىڭ زىرائەتلىردە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مول تەجىرىبەڭ بار ئىدىغۇ؟ ئۆتكەن يىلى كېۋەزلەرە كۆرۈلگەن(كېۋەز كۆك پىتى)، غوزا قۇرتى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىزنى بەك خوش قىلىۋەكەن ئەمەسمىدىڭ... بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بىزنى بەك خوش قىلىۋەتكەن ئەمەسمىدىڭ... بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىدا سەنمۇ ئامالسىز قالدىڭمۇ، ئاخىر... ھەر بىر دېھقاننىڭ غەمكىن كۆزلىرىدە يۇقىرىقىدەك دەردلىك نىدا، ئازابلىق شىۋىرلاش بار ئىدى.

ئۇلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بارا- بارا سولىشىپ كېتىۋاتقان مايسىلارغا قاراپ ئېغىر خۇرسىنىشتى...

نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، چېكەتكىلەر قىلغۇلۇقىنى قىلسىنمۇ بىز قاراپ تۇرامدۇق... يۈرۈڭلار، بىز بۇ كاساپەتلەرنى سۈر توقاي قىلىپ زىرائەت ئېتىزلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزىمىزنى بىر تېتىتىپ قويايلى، چېكەتكىلەرگە ئىنسانلارنىڭ قۇدىرىتىنى، ھەر قانداق ئاپەتنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويايلى...! دەپ مۇراجىئەت قىلدى ئۇ.

ئۇلار چېكەتكىلەر بىلەن بولغان كەسكىن جەڭنى باشلىۋەتتى، چېكەتكىلەر ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىكى بوشلۇقتا، تۆت ئەتراپىدا، كىيىملىرى ئۈستىدە خاتىرجەم ھەرىكەت قىلاتتى، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەس-بەس بىلەن چىرىلدىشاتتى، چېكەتكىلەرنىڭ شادلىق قاپلىغان ئاۋازلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە سانجىلىغاندەك سانجىلاتتى، ئۇنى چەكسىز تۇمانلار قوينىغا ئىتتىرەتتى، ۋۇخۇدىنى شۈركەندۈرەتتى، ئۇ بۇنداق چاغلاردا قارا باسقاندەك لاغىلداپ تىتىرەپ كېەتتى- دە ۋەھىمە ئىچىدە ئازابلىق ئىڭرايتتى.

ئۇ، بار كۈچى بىلەن قولىدىكى سۈپۈرگىنى تەرەپ- تەرەپكە سىلكىپ بىر توپ كىشىلەرنى ئالدىدا كېتىپ باراتشىپ دېگۈدەك كېلىۋاتاتتى...

ئۇ ئۇزاققا سوزۇلغان ئېلىشىشتىن كېيىن ئارقىسىغا قاىۋىدى، كۆڭلى قاتتىق ئۆڭدى، چەكسىز ئەندىشىدىن ئاجىز تېنى سىلكىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە نە خوتۇن- بالىلىرى، نە مەھەللەداشلىرى، نە يۇرتىداشلىرى كۆرۈنمىدى...

ئادەملەرنىڭ ئەسلى تۇرقى، سىماسى قاياقلارغىدۇر يوقالغانىدى، ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئاجايىپ- غارايىپ چېكەتكىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۇ، بۇ غەلىە مەنزىرىنى كۆرۈپ گۈپپىدە يىقىلدى، سولىشىپ كەتكەن بىر تال مايسىنى يۇلۇپ ئېلىپ ئاۋايلاپ كۆكسىگە چىڭ باستى، ئۇ گەۋدىسى ئۈستىدە بىخاراماىن مېڭىپ يۈرۈشكەن چېكەتكىلەرنى قوغلىۋېتىشكە ئامالسىز ئىدى. ئۇ كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى. قولى ئۈستىدە تاقلاپ يۈرگەن چېكەتكىنى كۆرۈشى بىلەن پۈتۈن تېنى شۈركىنىپ كەتتى.

ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا ئاپئاق ساقاللىق بوۋىسى، كەكە ساقال پۈتۈن تۇرقىدىن غەيرەت شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان دادىسى پەيدا بولدى... ئۇ نومۇس كۈچىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى- دە، ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى... سەنلەرنى يوقاتمىغىچە تىنىم تاپمايمەن. ئېتىزلاردىن قوغالپ چىقىرىپ سەنلەرنى تەل-تۆكۈس يوقاتمىغىچە ئېلىشقىنىم- ئېلىشقان. سەن تەييار تاپلار بىلەن... ئۆزۈم يالغۇز بولسام نېمە بوپتۇ... بىر نەچچە تېمىم تۇمۇز بىر قازان سۇغا تېتىىيدۇ ئەمەسمۇ... نېمە، ئېتىزنى بىكار قىلىشمايسەن... ئاناڭنىڭ ئېلىش بارمىكىن- يا مەندە... ئۇ ئالا جوقا سۆزلىگىنىچە سۈپۈرگىنى غەزەپ بىلەن شىلتىشقا باشلىدى... چېكەتكىلەرنىڭ ئومۇمىي خور بولۇپ چىرىلدىشى ئۇنى قاتتىق ئازابلايتتى... يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى... ئۇ ئۆزىنىڭمۇ چېكەتكىلەرگە ئارىلىشپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدى... ئۇ يىراق  ئۇپۇققا قارىدى...

- چىرت ، چىرت، چىرت

ئۇ يېڭىلىغىنغا تەن بەرمەيتتى، ئاگرونومغا چەكسىز ئۈمىد، يۈكسەك ئىشەنچ باغلىغاندى... لېكىن ئاگرونومدىن تېخىچىلا دېرەك بولمايۋاتاتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 10:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:52:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن قاپاق تارتىشقا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.  ئۇنداق بۇلىشى ناتايىن.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:53:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلئۇنلارنى ئېتىزدىنقوغلىمامسىلەر...    ئېتىزلاردىن قوغالپ چىقىرىپ سەنلەرنى
ياخشى  ئەسەرلىرىڭىز ئۇزلۇپ  قالمىغاي ، ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئىملاغادىققەت قىلىسىڭىز.

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5625
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:16:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنىشى بەك ياخشى چىقىپتۇ.... قاپاق تارتىشقا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك بۇ باشقا مەسىلە، ھىكايىدە ئىشىنىش باشقا مەسىلە. ياخشى چىقىپتۇ.

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17055
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9272 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:19:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن..بىر قانچە يەردىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ قۇيۇڭ...
مەن چېكەتكە،ئۆمۈچۈك دېگەندەك ھاشارەتلەرگە بەك ئۆچ..
تۇللۇق ئوتتۇرا ئەدەبىيات كىتابىمىزدىمۇ چېكەتكە دەپ بىر خەنزۇ يولداشنىڭ تەرجىمە ئەسىرى بولىدىغان..مىڭ سۇلالسى دەۋىرىدىكى ئوردىدىكى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن كارى يوق كۈندە چېكەتكە سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدىغان ئىدىيە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇندىكى ھېكايە ئىدى...
رەھمەت..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

كۈمۈش بى بى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2992
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10977
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 2900 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.
بۇ پەقەت نۇقۇل چېكەتكە ئاپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەمەس،  بەلكى ................................

پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنبەسى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىرگىدۇر !!!!!!!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7641
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ...مۇنداق گەپچۇ بۇ مەن تۇرۇشلۇق بۇيۇرۇتتىمۇ بىرسى مۇشۇنداق بىر ياخشى ئەسەرنى يازغان ،ئەسەر مەزمۇنى شۇنداق ساغلام بولسىمۇ بىزنىڭ بۇيەردىكى سەۋىيىسى ھەددىدن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئوبزور چىلىرمىز بۇنى بۇ ئەسلى مۇنداق دەپ يېزىلغان مەزمۇنى چاتاق دەپ بىكادىن -بىكا تۇرمىغا سولىتىۋەتتى ....شۇڭا تورداشلارغا سەمىمىي تەكلىپىم مەيلى قانداق مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولشىدىن قەتئىي ئۈزىمىز بىلىپ قاساق ....بەلكىم بۇگەپلىرىم ئۇشۇقچە بولسىمۇ يەنىلە دەپ قۇياي ....مەن ئويلايمە بۇ مۇنبەر دىكى بارلىق تورداشلار مەندىن ئەقىللىق ،مەندىن قابىليەتلىك شۇنداقلا سەۋىيسى مەندىن يۇقرى دەپ ئويلايمەن .....بىلەرمەنلىك قىلىپ سالغان بولسام كەچۈرۈڭلا ........ئەگەر خاتا گەپقىلغان بولساممۇ ئەپۇ قىلاسىلە .....

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10184
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 05:00:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 11:19 AM
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن..بىر قانچە يەردىكى ئىملا خاتال ...

ئۆمۈچۈك ھاشارەت ئەمەس،ئۆمۈچۈكلەر ئايرىم بىر تۈر.
ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسىلا زىيانلىق ئەمەس،كۆپلىگەن ھاشارەتلەرنىڭ گۈل چاڭلىرىنى تارقىتىشتىكى تۆھپىسى ناھايىتى زور،ئۇلار بولمىغان بولسا،سەي-كۆكتات،مېۋە-چىۋىلەردىن ھوزۇر ئالالمايتتۇق...

(باش سۈرىتىڭىزنى كۆرسەملا كۆڭلۈم بىر خىل خۇشال بولۇپ قالىدۇ-دىسە...)

كىبىر نىمە قومۇشتىن سوراڭ،پۆپۈكىنى مىۋە دەر ئىمىش.ئەگەر پۆپۈك مىۋە ئاتالسا،نە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يىمىش؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 05:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3976
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارما بۇ ھىكايىنىڭ؟؟؟ ياكى ئۈزىمىز ئويلىۋالامدۇق؟

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش