مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2214|ئىنكاس: 15

دوكتۇر ۋىليامنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇش ۋەقەلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77851
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 02:41:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنگلىيىلىك ۋىليام بېكارد ئىلىم - پەن كەسپىدە باكلاۋورلۇق دىپلومىغا، ئەدەبىياتتا دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەن مەشھۇر شائىر ۋە يازغۇچى بولۇپ، "لەيلە - مەجنۇن"، "قاسىمنىڭ قاراملىقى"، "يېڭى دۇنيا" قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانىدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ھەر قانداق بىر بوۋاق ئىسلام پىتىرىتى ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى يەھۇدى قىلىدۇ ياكى خرىستىئان قىلىدۇ ياكى مەجۇسى (ئوتقا چوقۇنغۇچى) قىلىدۇ".
  
دوكتۇر ۋىليام مۇنداق دەيدۇ:
   
مەن ھەقىقەتەن ئىسلام پىترىتى ئۈستىگە تۇغۇلغانلىقىمنى پەقەت بىر قانچە يىللاردىن كېيىن بىلگەنىدىم.
   باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپلەردە كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتەتتى. مەن خرىستىئان جەمئىيىتىدىن گۈزەل ھاياتنى ئۆگەنگەنىدىم، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، تائەت - ئىبادەت قىلىش، ھەقىقەتپەرۋەر بولۇش قاتارلىق ئىشلار مېنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشلاردىن ئىدى.
   
كېيىن مەن ۋەزىپە بىلەن ئافرىقا قىتئەسىگە ئەۋەتىلدىم. بۇ يەردە كۈنلىرىم ئەنگلىيىدىكىدىنمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى، مەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قارا تەنلىك قېرىنداشلار ئارىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەن ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇلار ئاددى - ساددا ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىدى. ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مېنى شەرق قىزغىنلىقى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى، ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا "ئەرەب كېچىلىرى" دېگەن كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققانىدىم، ئافرىقىدا ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، مېنىڭ ئافرىقىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشىم مەندىكى شەرق قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنىدى.
  
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تىنچ ھاياتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەرلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە تىزىملاتتىم، بۇ جەرياندا سالامەتلىكىم ناچارلىشىپ كەتكەنىدى، كېيىن سالامەتلىكىمنىڭ بىرئاز ياخشىلىنىشى بىلەن پىدائىي ئەسكەر بولۇش تەلىپىنى سۇندۇم، لېكىن سالامەتلىك مەسىلىسى تۈپەيلى بۇ تەلىپىم رەت قىلىندى، كېيىن پىيادىلەر قوشۇنىغا قوبۇل قىلىندىم، بۇ ۋاقىتتا فرانسىيىدىكى "غەربىي سەپتە" خىزمەت قىلدىم ۋە بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشتىم، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ، ئەسىر ئېلىندىم، ئاندىن بېلگىيە ئارقىلىق گېرمانىيىگە يۆتكىلىپ، بۇ يەردىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇرۇشتا يارىلانغان نۇرغۇن بىمارلارنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا ئاچارچىلىق ئازابى يارىلىنىش ئازابىدىنمۇ يامان بولغانىدى، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە تاسلا قالدىم، مېنىڭ ئوڭ قولۇم سۇنغان بولۇپ، تىز ساقىيىپ كېتەلمىدىم، گېرمانلارغا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى  ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالىنىش ئۈچۈن شۋېيتسارىيىگە ئەۋەتتى.
  
مەندە ئۇزۇندىن بىرى قۇرئان كەرىمنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىستىكى بار ئىدى، گْېرامانىيىدىكى ۋاقتىمدا ئائىلەمگە قۇرئان كەرىمدىن بىرنى ئەۋەتىپ بېرىش توغرىلىق خەت يازغانىدىم، كېيىن بىلسەم ئۇلار ماڭا قۇرئان كەرىمدىن بىرنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن ماڭا تەگمىگەن ئىكەن.
   
شۋېيتسارىيىدە بىر قولۇم بىلەن بىر پۇتۇمنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن سالامەتلىكىم خېلى ياخشىلىنىپ قالدى، ھەتتا سىرتلارغا ئۆزەم يالغۇز چىقىپ ئايلىنالايدىغان بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىمدىن بىرنى سېتىۋالدىم، بۇ قۇرئان بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ ئەڭ ئەزىز، ئەڭ قىممەتلىك مۈلكۈم بولۇپ قالدى. مەن قۇرئان كەرىمنى باشتىن ئاخىر بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، قۇرئان كەرىم مېنى باشقىچە بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، قۇرئان كەرىم مەكتەپ ھاياتىمدىن تا ھازىرغىچە مەندە پەيدا بولغان نۇرغۇن سوئاللىرىمغا ئېنىق جاۋاپ بەردى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي، غەيبىي مۆجىزىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىم. نەتىجىىدە بۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن چىققانلىقى مېنى بۇ كىتابنىڭ پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچى ۋە پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمگە مەجبۇر قىلدى. قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش جەريانىدا، گويا ئۈستۈمگە بىر ھەقىقەت ۋە بەخت - سائادەت نۇرى چۈشۈۋاتقاندەك، ھاياتىمدا ھېس قىلىپ باقمىغان ئاجايىپ كاتتا بىر بەخت - سائادەتنى ھېس قىلدىم.
   
ئوڭ قولۇم ئىشلىمەس بولۇپ قالغانىدى، شۇڭا قۇرئان كەرىمنى سول قولۇم بىلەن يېزىشنى مەشىق قىلدىم، مەن قۇرئان كەرىمنى يۈزەكى ئوقۇماستىن بەلكى ئۇنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيتتىم، ئوقۇغانسېرى يەنە ئوقۇغۇم كېلەتتى، ئۇنى تەكرار ئوقۇغىنىمدا ئەۋۋەلدە ھېس قىلمىغان يېڭى مەزمۇنلارنى تاپاتتىم، قۇرئان كەرىم مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كۈندىلىك كىتابىمغا ئايلانغانىدى، مەن قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۋېيتسارىيىدە تۇرغان كۈنلەردە مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇشقا تەييارلاندىم، ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ سۈلھى تۈزۈلگەندىن كېيىن لوندونغا قايتىپ كەلدىم ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات پاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن ئەرەب تىلى دەرسلىكىنى تاللىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئەرەب تىلىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئەرەب تىلىدا سۆزلىنىدىغان لېكسىيىلەرگە ئىزدەپ بېرىپ قاتناشتىم. ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئەرەبچە سەۋىيەم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
  
بىر كۈنى ئەرەب تىلىدىن دەرس بېرىدىغان ئىراقلىق ئۇستاز سەييىد باشا قۇرئان كەرىم ئۈستىدە توختىلىپ: قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈڭ ياكى كەلتۈرمەڭ چوقۇم سىز ئۇنىڭ كىتابلار ئىچىدە ئىنساننى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان، ئوقۇغانسېرى يەنە ئوقۇغۇسى كېلىدىغان ۋە ئۇنى دەرسلىك قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىتاپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز، دېگەندە، مەن: ئى ئۇستاز! مەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۈم، ئۇ ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك كىتاپ ئىكەن، دېدىم. ئۇستاز بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدى. مېنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە داۋاملىق ئىزدەپ بېرىۋاتقانلىقىمدىن خەۋەر تاپقان بۇ ئۇستاز بىر كۈنى مېنى لوندوندىكى بىر مەسچىتكە بىرگە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىلەن تونۇشتۇم ۋە بۇ يەردە ئۆزەمنى ئىسلامنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغانلىقىمنى جاكارلىدىم. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانالار ئېيتىمەنكى، مەن شۇنىڭدىن بىرى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا تاقىتىمنىڭ يېتىشىچە ئىسلامىي قائىدە - نىزاملارنى تەتبىقلاپ، ئىسلامىي ھاياتتا ياشاپ كەلدىم.
  
بۇ ھايات جەريانىدىكى ھەججىمىزدە، ئۈستىمىزگە ئاللاھ تائالاغا باش ئېگىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن كەمتەر بولۇش لىباسىنى، بېشىمىزغا ھەمدۇ سانا تاجىنى كىيىشىمىزنىڭ، قەلبىمىزنى ياراتقۇچىمىزنىڭ مۇھەببىتى بىلەن بېزىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم.
   ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.
***


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 10:38 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nikita01 + 300
UYGURUGLI + 55 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 355   باھا خاتىرىسى

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:54:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:58:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىھ ئۇلۇغ ئاللا بارلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلىغىن. ئۇلارنىڭ قارا دىللىرى ئىمان نۇرلىرى بىلەن يۇرىسۇن.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:52:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئىسىل تىما ئىكەن  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 987
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:52:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئىمان، ئىنساپ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۇن ئىچىپ بەرسۇن.

ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر سەندىنلا ياردەم سورايمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلمىز...بىزنى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن!!! ئامىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
UYGURUGLI + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما ئىكەن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40062
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 7
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ لا ئىنساننى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34637
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 218
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1813 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 05:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھايات جەريانىدىكى ھەججىمىزدە، ئۈستىمىزگە ئاللاھ تائالاغا باش ئېگىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن كەمتەر بولۇش لىباسىنى، بېشىمىزغا ھەمدۇ سانا تاجىنى كىيىشىمىزنىڭ، قەلبىمىزنى ياراتقۇچىمىزنىڭ مۇھەببىتى بىلەن بېزىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم.

ئاللاھنىڭ كارۋىنى ھامان غەلبە قىلىدۇ،مەيلى سىز بۇ كارۋاندا بۇلۇڭ ياكى بولماڭ ئۈزىنىڭ يۇقىتىپ قۇيغان ئىززەت-ئابرۇيىنى قايتا تىكلەيدۇ.سىز بۇ كارۋاندىن چۈشۈپ قالماڭكى بەلكى بۇ كارۋاندا بۇلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن قىزغىنىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 794
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 06:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەيلى مەجنۇن دىگەن ئەسەرنى بۇ ئەپەندىم يازمىغان بەلكى بۇيۇك مۇتەپەككۇر شائىر  ئۇيغۇر ئالىمى  ئەلشىر نەۋائى يازغان.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 06:56 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش