سالام دوستۇم ؛....................
بۈگۈنكى كۈندە سۆز ئالاقىمىز شۇنچە راۋان بولسىمۇ ، يەنىلا سىز بىلەن مۇنبەر يۈزىدە دىدارلىشىشنى لايىق كۆردۈم .
شۇ تاپ خىيال كەپتەرلىرىم يىراقلارغا قانات قېقىپ جانلانماقتا . بىز تونۇشقان ئاشۇ چاغلاردىن باشلاپ بۆگۈگىچە بولغان ھايات دەستۇرۇمنىڭ ئاشۇ بىر قاتار ئەسلىمىلىرىنى ئەسلىمەكتىمەن .
ئاخىرىدا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى ؛ - كىشىلەر كىشىلىك ھاياتنى ھەرخىل تەرىپلىشىدىكەن . ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە :<< ئۇ بىر ئۆتەڭكەن ، تولىمۇ ئېگىز ھەم ئىنتايىن مۈشكۈل . ئۇ بىر كارۋان ، ئايىغى چىقماس كارۋان ئىكەن . ئۇ بىر دەستۇر ، ھايات دەستۇرىمىز ئىكەن >> . قايسى بىر كىشى ؛ << ھاياتنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا ، تەغدىر رەھىمسىز كىلىدۇ ، ئۇنى كۆرمەي ئىلاجىڭ يوق >>. دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان ئىكەن .
بۇ ھىكمەتلەرگە قايىلمەن ، چىن دىلىمدىن قايىلمەن . شۇ تاپ خىياللىرىم مۇرەككەپ ھىچ ئىشلارغا رايىم يوق ، مادارسىزمەن . خىياللىرىم ھەر نۆۋەت پەلەككە كۆتۈرلۈپ ھايات سەھىپىلىرىمنىڭ يېقىنقى ئاشۇ ئاچچىق يالدامىلىرىنى ئېسىمگە سالغىنىدا قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز ، يوشۇرۇن ھەم كۈچلۈك ئىزتىراپتا پۇچىلىنىدۇ . ئېنىقكى :<< بۇ بىر مەزگىل مەن ئۈچۈن يېڭى دەرىسلىك ، ساۋاقلىرىمنىڭ تولۇقلانمىسى بولسا كېرەك . شۇ تۈپەيلى خارەكتىرىممۇ بەلكىم بىز تونۇشقان ئاشۇ ۋاقىتلاردىكىدىن كۆپ پەرىقلەندى . چۈنكى ئەقلىمگە ئەقىل قوشۇلدى ئەمەسمۇ >> . . .
ئەلۋەتتە - بۇ يىللارنىڭ ھايات دەستۇرۇمغا قالدۇرغان ئىزلىرى ، ئويغان ئەگىنلىرى . توغرا - بۇ تەغدىر بەلكىم مەن تارتىشقا تىگىشلىك تەغدىر . مەن تەغدىرىمنى بىلىشكە قىزىققان ، ئىنتىلگەن بولساممۇ ئۇنىڭ غا ئاجىشلىق قىلاتتىم . بۇنىسى ماڭىمۇ ئايان ئىدى .
ئويلاپ قالدىم ؛- بىز شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنمىز . ئاجىزلىقىمىزغا تەن بەرمەي بۇ سىناق سۈپىتىدە يارالغان جاھاندا ، قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا كۆرەڭلەپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرىمىز قالمايدىكەن . كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان رىئاللىققا ئىشەنگۈلىرىمىز ، تەن بەرگۈلىرىمىز ، قايىل بولغانىمىزنى ئاشكارلىغىمىز كەلمەيدىكەن . بۇ سۆزلەرنى بىر قاتار ئۆز كەچمىشلىرىمدىن ئۆكۈزگەچكىمىكىن ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلىپ يەتتىم . ئەمەلىيەتتە رىئاللىق بىزنىڭ خىيالى تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىن تولىمۇ يىراق ئىكەن . بىز ئويلىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىنىڭ رىئاللىق ، باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ھەممىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، ئېيتقان سۆزلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ۋە چىن توغرا بولىشىنىڭ نىسبەت ئۆلچىمى تولىمۇ تۆۋەن ئىكەن . << ھاياتلىقتا بىز بىر شاھمات . بىز جەريانمىز >> . بۇ ئويۇندا بىزنىڭ ئورنىمىز مۇقۇملىشىپ بولغان . ئۇنىڭغا قارىشى تۇرغۇدەك بىزدە نە ماجال ، نە غەيرەت بولسۇن . يەنە شۇنىڭدەك ئاپتور بىزنى ئاشۇ ھايات دەستۇرىمىزنىڭ ھەربىر بەتلىرىگە قويماي بەتلەپ قويغان بولىدۇ . ئاشۇ دەستۇرنى تولدۇرغان ، ئاشۇ ئويۇننى جانلاندۇرغان << بىز >> پەقەتلا ۋە پەقەت سىناق ئۈستىدە يارالغان ئىنسانمىز . خۇددى ھەرقانداق ئويۇندا يېڭىش يېڭىلىش بولغىنىدەك ، سىزنىڭ سۇمۇرۇغ دەپ تاللىغىنىڭىز ، پەخىرلەنگىنىڭىز پاختەك ، پاختەك دەپ مەيۈسلەنگىنىڭىزنىڭ ئۆزى سۇمۇرۇغ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوققا چىقىرۋىتىشكە بولمايدىغۇ - شۇنداقمۇ ؟
گەپنىڭ يىغىنچاقلىمىسىغا كەلسەك سۆزلۈرۈمنىڭ تىگىگە يەتكىنىڭىزدە ، ئاشۇ سۆزلۈرۈمنىڭ ھىچ بولمىغاندا سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ خوشال ، كەم - كۈتسىز بەخىتلىك چاغلىرىڭىزنىڭ ئۇلى بولۇپ قالغىنىدا مەن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولارىدىم .
ئاشۇ دىلغۇل يۈرىۋاتقان كۈنلەردە ماڭا يېقىندىن قايغۇلۇرۇمغا جۆر بولغانلىرىڭىزغا ، ماڭا تەسەللى ۋە مەدەت بېرىپ مېنى ئىلھاملاندۇرغانلىرىڭىزغا ، مەيۈسلۈكتە غەمكىن يۈرگەنلىرىمدە مېنى شادلاندۇرغانلىرىڭىزغا ۋە ماڭا بولغان ئىزچىل تۈردىكى قىممەتلىك سۆيگۈڭىزگە تەشەككۈرمەن . تولىمۇ مىننەتدارمەن . مىننەتدارلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . بىلىمەن ، بىلىپ تۇرغان ئىدىم . ئاشۇنداق دەقىقىلەردە ماڭا تەسەللىي بەرمەكنىڭ ئۆزىمۇ سىزگە نىسبەتەن تولىمۇ قىيىن كىلدىغانلىقىنى ، سۆزلۈرۈمنى ئاخىرغىچە تىڭشاپ تۇرماقنىڭ ئۆزىمى سىزگە روھىي ئازاپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم . بىلسەممۇ نىمىشقىدۇر سىزگە دىگۈم ، سىز بىلەن سىرداشقۇم بولغاچ ...................
ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقسام ئاشۇ بىر مەزگىل جەرياندا ئۆزۈمنىمۇ ھەم ئۆزگىنىمۇ ھەتتا ئەتىراپىمدىكىلەرنىمۇ كۆپ ئازاپلىدىم . ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ھېسياتچان ، ئىچ مىجەزلىك يىگىتمەن . ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزگەرتىشكە قىلچە ئىلاجىم يوق ئىدى . مېنى چۈشەنمىدىڭىز ، قەيسەر ، مەغرۇر يىتىلگەن مەن ، غورورۇمغا ھەم سالاپىتىم شۇنداقلا خارەكتىرىمگە نوقسان يىتىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلغاچ ، ئازاپلانغانلىرىمدا باشقىلارنىڭ سېزىۋېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتىم .
مانا بۇ مەن .- ئېيتىڭە ؟- مەن .ەخمەق ، مەن ئۇچىغا چىققان ئەخمەق شۇنداقمۇ ؟ مېنى تەنقىتلەڭ ، ئەيىبلەڭ ، ماڭا ئۆچ بولۇڭ . ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ھالىتىمدە ھىچكىمنىڭ يېنىمدىن يىراقلىشىشىنى خالىمايمەن . نىمە سەۋەپتىن بۇنداق دىگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . توۋا ! - سېزەلىدىڭىزمىكىن ؟ - خوشاللىقلىرىمنى سىزگە ئېيتىپ شادلىنىپ يېڭىدىن ئۈمۈدكە كەلگۈم ، قايغۇلۇرۇمنى سىزگە ئېيتىپ تەسەللىلىرىڭىز بىلەن يەنە قايتىدىن جانلانغۇم كىلەتتى .
<< توي !>> - خەۋىرىڭىزنى ئاڭلىدىم . مۇبارەك بولسۇن .
بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقتىن تا ھازىرغىچە يىشىلگىنىم يوق . لېكىن بۇ راست ئىدى . بەلكىم سىزنىڭ يولدىشىڭىزنى كۆرگۈنۈمدە ۋە ياكى ئىللىق ئائىلىڭىزنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە ئاندىن بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقنىڭ تىگىگە يەتسەم كېرەك .
مۇبارەك بولسۇن ! راست - چىن دىلىمدىن سىزگە بەخىت ئامەت تىلەيمەن . كەچۈرۈڭ مەن بىلەن تونۇشقاننىڭ مابەينىدە سىزنى شادلاندۇرالماي ، ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ كەلدىم . ئىزچىل تۈردە قەلىپ يارىڭىزنى نەشتەر بىلەن سانجىپ ئارام بارمەي ياسالما بولىۋالدىم . مېنى كەچۈرۈڭ ، بۇلارنىڭ ھەممىسدە قىلچىلىكمۇ قەستەنلىك ، سىزنى ئەتەي رەنجىتىش ئويۇم يوق ئىدى. مېنى كەچۈرەلەرسىزمۇ ؟ مەندىن نەپىرەتلىنەمسىز ؟ يەنە بىر رەت كەچۈرۈڭ . سىزنى توسۇپ قېلىشقا ، تۇتۇۋېلىشقا ئىلاجسىز مەن . راستىمنى ئېيتسام تۇرمۇشقا ئىشەنچىم يوق . << رىئال تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىغا ئوخشىمايدۇ . چىملىقلاردا قىيغىتىپ سەكرەپ ئويناپ ، زىمىستان قىشتا ئاپئاق قار ئۈستىدە كالتە يەڭ كۆينەك بىلەن قوغلۇشۇپ يۇرىدىغان ئىشلار ئەسلا يوق . يالغانچى ، مەسۇلىيەتسىز ، ئىرادىسىز ، مەيدانى يوق ، زومىگەر ، مەدداھ ، نامەرت يىگىتلىرىمىزدىن نەپرەتلىنىمەن . ئىككى ئېغىز يالغان سۆزگە ئىشىنىپ بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن ، توي قىلىش بىلەنلا ھاياتى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ياشاشقىمۇ ئىلاجىسىز قالغان مەسۇمەلىرىمىز ئۈچۈن ئېچىنىمەن >> . شۇ تۈپەيلى اللاھ ئىگەمدىن يىگىت - قىزلىرىمىزنىڭ ئىنساۋى ، ئىمان بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن .
مېنى ھەقىقى سۆيگەن ، سۆزلىرىڭىز چىن بولسا ھېلىمۇ ئازىراق ھۆرمۈتۈمنى قىلسىڭىز ؛- سىزدىن تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم .ئۆتۈندىغىنىم ؛ << ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۇنۇتماڭ ، مەندىن رەنجىمەڭ ، مېنىڭدىن ئاغرىنماڭ . مەندەك بىر دوستىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كۆيۈمچان ، ھايا - نۇمۇسنى ئۆلچەم قىلغان ، پەزىلەتلىك ئايال بولۇڭ . مەيلى بۇرۇنقى قايغۇ - ئازاپلىرىڭىز بولسۇن ، غەم - ئەندىشىدە ئۆتكەن چاغلىرىڭىز بولسۇن ھەممىنى ئۇنتۇپ يېڭى باشتىن ئادەم بولۇڭ . ئەتە ، ئەتىدىكى ئىللىق قۇياشقا قاراپ يۈزلۈنۈڭ ، ئۆز- ئۆزىڭىزگە ئەتىراپىڭىزدىكى رىئال تۇرمۇشقا مەسۇلىيەتچان بولۇڭ ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭ ، ئاسىراڭ ، بىر ئۆمۈر ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ . دىنىڭىزدىن يىراقلاشماڭ ، ئارزۇ - غايىلىرىڭىز ، كىيىنلىك ئىستىقبالىڭىز پەقەتلا ۋە پەقەت شۇنىڭدىن كىلىدۇ . ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەڭ ، بىلىڭكى قەلىب ئۇ شۇنچىلىك ئاجىز ھەم نازۇك كىلىدۇ . سىز سەۋەپلىك يىيىلگەن ئازار ئەڭ دەھشەتلىك ھەم ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ . ئۇ سىزگە مۇھتاج ، مەڭگۈ مۇھتاج بولىدۇ . ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللىرى ئۆزىنىڭ سىردىشى ، شېرىكى ، ئۆمۈرلۈك سەپەردېشى بولىدۇ . بىراق شۇنى ئېنىق جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى ئەر ئايالى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىقى ئۇنىڭ تەڭرىسىدۇر . ئۇنىڭ ئۇنى تەڭرىسىدەك ئۇلۇغ بىلىشى ئۇ سىزنى خۇددي ئۆز تەڭرىسىدەك ۋاپادار ، كۆيۈمچان ، ئەپۇچان ، قۇدىرەتلىك دەپ بىلىپ ئېرىگە ئىتائەتمەن ، ساداقەتمەن ۋاپادار بولىدۇ . لىكىن ئۇ شۇ سەۋەپلىك ئۆزىنى سىزدىن ئۈستۈن چاغلاپ سىزنى خارلىسا ياخشى بولمايدۇ . چۈنكى قانداق ئەر ئەڭ مۇكەممەل ئەر دىگەندە ؛ - ئۇنىڭ تۇنجى شەرتى ئاياللارنى ، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى ھۆرمەتلىگەنلەر دىيىلگەن . ئۇ يىگىتنى مېنى كۆرگەن كۆزىڭىزدە كۆرۈپ بەخىتلىك ياشاڭ . ئۇنى ئاسىرغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئاسىرغىنىڭىز ، ئۇنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قەدىرىنى قىلغىنىڭىز بولىدۇ . يەنە بىرى ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولمىسىمۇ ، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى ، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ بۆگۈنگە ئۈمۈت باغلاڭ ، بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە ئۇ سىزگە ھەمراھ بولىدۇ . ئىشىنىمەن ، ئۇ ياخشى يىگىت . ئۇنىڭ بىلىمىنى ، يۈرۈش - تۇرۇشىنى ، ئەخلاق - ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەڭ . ئۇنىڭ دىلى ئازار يىگۈدەك بولسا سىزنى كەچۈرەلمەيمەن !. سزگە ئىشىنىمەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم ياخشى چىقالايسىز . مېنىڭ خوشاللىقىمنىڭ بىر قىسمى ھازىر ۋە كىيىنمۇ سىزنىڭ ئېچىلىپ كۈلگەن ھالىتىڭىز ، ھەقىقىي شاد-خوراملىق بىلەن ئائىلە قۇرغىنىڭىز بولسا كېرەك >> .
خەيىر ! - سىز ۋە يولدىشىڭىزغا ، ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىزغا مەڭگۈلۈك بەخىت-ئامەت ، نۇسرەت ۋە خوشاللىق خاتىرجەملىك ساادەت تىلەپ ؛-
<< دوستىڭىزدىن >>