مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4924|ئىنكاس: 29

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى

ئۆمەرجان نۇرى

ئىلاۋە


  تارىخ پەنلەر دوكتورى، كورىيىلىك خې سۇلې (DR.HEE-SOOLEE)كورىيەنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، تۈركچە يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ‹‹ئسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››دېگەن ئەسىرىدە كورىيە (چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى)نى يادرو قىلىپ تۇرۇپ جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان يىراق شەرقتە ئىسلام دىنى بىلەن بىرگە تارقالغان مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەنى ھەم تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يىراق شەرقتە قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىزناسى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىنى ماتىرىيال ئاساسى بىلەن تونۇشتۇرغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كورىيە خاندانلىرىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرى، قەدىمكى ئويغۇرتىلى بىلەن يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىقىدا ئىككى ئەسىر قوللانغانلىقى، ئاخىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار (يەنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولمىش بىرتۈركۈم خەلقلەر) نىڭ ھازىرقى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ ‹‹تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىنكاسى ئۇيغۇرچىنىڭ كورىيەدە قوللىنىشى›› دېگەن پاراگىرافىدا مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنىڭ كورىيە خاندانلىرىدا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرغان.مەزكۇر ماقالە مۇشۇ مەزمۇننى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش يۈزىسىدىن بېرىلدى.


  ئورخۇن- يېنىسەي دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى (745-682-يىللار)نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ، ئەمەرى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان سوغدى يېزىقىنى قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. بۇيېزىقنى ئۇيغۇرلار خېلى ئۇزاق دەۋىر قوللانغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بىلەن ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى›› دەپ ئاتالغان.

      بۇيېزىق كۆك تۈرۈك يېزىقى① بولۇپ، قەشقەرنى مەزكەرقىلغان ئۇيغۇرلاردا 15-ئەسىرگىچە، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردا بولسا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەرىقتە ياپون دېڭىزىدىن غەرپتە ياۋرۇپاغىچە② بولغان دائىرىدە قوللىنىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇنداق كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىشى ۋە تارقىلىشىغا ئىچكى ئاسياغا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئىستېلا ھەركىتى سەۋەبچى بولغان. چۈنكى مۇڭغۇللارباش كۆتۈرۈپ چىققاندا، ئۆزىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىن ئۆزگە مەرىپەت ھادىسىسى بولمىغاچقا، ھاكىمىيەت مەمۇرىيىتىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر دانىشمەنلىرىگە تايانغان. ئەڭ ئاددىيسى ھاكىمىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان ئاستانە نامى خانبالىق، خان تېمۇچىننىڭ سەلتەنەت نامى چىڭگىز (تېڭىز، دېڭىز مەنىسىدە)خان دەپ ئۇيغۇرچە ئاتالغان. شۇڭا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىندا ئۇيغۇر يېزىقى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىپ قوللىنىپ، تۆت ئەسىر دەۋىر سۈرگەچكە، پارىس تارىخچىسى ئەتا مالىك جۇۋەينى③ ئۇلار ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم بىلەن ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلىۋالدى››④ دەپ زارلانغان.

   ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلى 11- ئەسىردىلا غەزنەۋىلەرنىڭ سۇلتانلىقىدا دېپلوماتىيە ۋە سودا تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سالجۇق تۈركلىرى دەۋرىگە كەلگەندە ھەتتا ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەرەپچە دەرىسلىك تۈزۈپ ساقلانغان. ئېلخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگەنگەن. دېمەك، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ ۋە پارس يېزىقى بىلەن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئۈچ خىل دېپلوماتىيە يېزىقى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، 15ـ16-ئەسىردە قۇستەنتەنىيە (كونستانتىنپول، ھازىرقى ئىستانبول) ئوردىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىشلار مەجلىسى بولغانلىقى⑤ ۋە 13ـــــ14- ئەسىرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە(چاۋشيەن) دە ئىككى ئەسىر ھۆكۈمەت يېزىقى بولۇپ قوللىنىلغانلىقىدۇر .

    چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىنى دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، قانۇن-ياساقلارنى كۆچۈرتكۈزگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قۇبلاي خان مۇڭغۇل تىل-يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پاسپا ھەزرەتنى تىبەت ۋە سانسكرىت يېزىقى ئاساسىدا يېڭى مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلدۇرغان بولسىمۇ، بۇ يېزىق مەقسەتنى ئىپادىلەشكە قولايسىز بولغانلىقتىن يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋەرگەن⑥ . ئەينى چاغدىكى كورىيە (چاۋشيەن) مۇڭغۇللارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارغا مەدەنىيەت جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرى كورىيىگىمۇ يەتكەن.

   ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى خې سۇلې (كورىيىلىك) ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسۇل، چالغۇ-ساز، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە كورىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كورىيىدە تارقىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۈبھىسىزكى مۇڭغۇل يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كورىيە ئوردىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ قوللانغانلىقىدۇر ››. مۇڭغۇل يۈەن ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى نوپۇزى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇشى يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغان.

    مۇڭغۇللارنىڭ ئوردا ئەھلىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا ئۇيغۇلارنىڭ كورىيە ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقانلىقى كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان. شۇسەۋەپتىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسى بىلەن ئۈزۈلدۈرمەستىن ئالاقىلىشىش ۋە خانبالىقتىكى مۇڭغۇل تۈرك مەمۇرىلىرىگە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا مەجبۇر بولغان كورىيە ساراي ئەھلىلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش شەرت بولۇپ قالغانىدى.

كورىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر زاماندا(13- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە) ئۇيغۇر يېزىقى كورىيەگە كەڭ تارقالغان. يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەكتۇپلەر ئەۋەتىلەتتى.

     تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، مۇڭغۇل نائىب چەكوك كورىيىلىك خان چۇڭ يول خاننىڭ ئۆزىگە قارشى ھەركەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرچە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، يۈەن سۇلالىسى خانىدىن خان چۇڭ يولنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇددىزىم تارىخىي مۇتەخەسسىسلىرىدىن يى نىڭخۇانىڭ بۇھەقتىكى ئىزاھلىنىشلىرىگە قارىغاندا، چۇڭ يول خاندىن ئىتىبارەن تەخىتتە ئولتۇرغان كورىيە خانلىرى رەسمى نائىبلارنى مۇڭغۇللاردىن تاللاتقۇزغان. كورىيە مۇڭغۇل نازارەتچىلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقى ئوردا يېزىقى بولۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇتىلنى قوللانغان بەزى مۇسۇلمانلار كورىيەلىكلەرگە ئاسسملاتسىيە بولۇپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۆزيېزىقىنى قوغداتقۇزغان. بۇ ۋەزىيەت 15-ئەسىردىكى چاۋشىيەن خانى دەۋرىگىچە داۋام قىلغان ھەم ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ(كورىيىدىكى) ئەھمىيىتى چوڭ بولغان چەت ئەل تىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

      چاۋشىيەن خانىدانىنىڭ قۇرغۇچىسى تاچوخان سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، يەنى 1395-يىلى 11-ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەنبەدە: ئەسلى ئۇيغۇر ماقامى تەرجىمە مەمۇرى بولغان سول چاڭسۇ خانغا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ، دۆلەت تەرجىمانى تاللاش ئىمتاھانىغا مۇڭغۇلچە بىلەن باراۋەر تىل ئۇيغۇر چىنىڭمۇ قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن 30يىل كېيىنكى،يەنى 1432-يىلىدىكى بىر ۋەسىقىدىن قارىغاندا، ئۇزاماندا دېپلوماتىيە قائىدە-يۇسۇنى ۋازارىتىدە مۇڭغۇلچە، پاسپاچە ۋە ئۇيغۇرچە رەسمىي دەرس قىلىپ ئۆگىتىلگەن.

   دۆلەت تەرجىمە مەمۇرلىرى بولۇش ئۈچۈن ئىمتاھانغا ئىلتجا قىلغان تالىپلارنىڭ كۆپسانلىقى 15-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ئۇيغۇرچىنى رەسمى چەت ئەل تىلى قاتارادا قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەت ۋازىرلىرىغىچە ئۆگىتىلگەن. بۇمەزگىللەردە ئەمدىلاقوللىنىلىۋتقان كورىيە يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. بىر مەزگىل كورىيە ئوردىسىدا كەڭ تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كورىيە يېزىقىدا ئۆزتەسىرىنى كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز.ئۆزيېزىقىغا ئىگە بولالمىغان كورىيە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 56-يىلىدىن، مىلادىيە 660-يىلىغىچە) دىن ئىتبارەن خەنزۇ يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ قوللىنىشىقا باشلىغان. يەككە كەلگەن خەنزۇ يېزىقى بىلەن كورىيىچىنى يېزىشقا ئورۇنۇش بىر خىل مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.

ئارىدا بىرنەچچە قېتىم كورىيە يېزىقىنى يېڭىچە يېزىش سىستېمىسىغا ئۇيغۇللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقان بولسىمۇ، مۇۋاپىقلاشتۇرالمىغان. كېيىن سې چۇڭخان خەلىقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىللى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ھەركەتلىرى جەريانىدا خەلق ئارىسىدا قولايلىق بىر مىللىي يېزىق ئىجات قىلىش خانلىقنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغانىدى،مىڭ يىلدىن بېرى خەنزۇ مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بەزى مۇتەسسىپ ئالىملانىڭ كۈچلۈك ئېتىرازلىرىغا قارشى ‹‹ئوردا ئاكادىمىيىسى›› ئالىملىرىنىڭ نەچچە يىللىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە 1446-يىلىى يېڭى كورىيە يېزىق مەيدانغا كەلتۈرۈلدى.

بۇددا راھىپلىرى ھەتتا ئوردا ئاكادىمىيىسىدىكى يېڭى كو رىيە يېزىقنى ئىجاد قىلغان ئالىم سىن سۇكچۇ⑦مۇڭغۇلچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلەتتى. ئوردا ئاكادىمىيىسىدە چەت ئەل تىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر ۋە دۆلەت تەرجىمە مەمۇرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن .

      ئۇيغۇر تىلى كورىيە تىل ئالىملىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا باشقا تىللارغا قارىغاندا سىنتاكىسىس، مۇرفولوگىيە، فونىما ساھەسىدىن، كورىيەچىگە خېلى يېقىن بىر ئوخشاشلىق بار. يېڭى كورىيە يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئۇيغۇر يېزىقى تەركىبلىرىنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دائىرھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگىچە كورىيە ئوردىسىدا تارقىلىپ قوللىنىلغان ئۇيغۇريېزىقى 1427-يىلى چەت ئەل تىللىرىدا قوللىنىلىدىغان بىرقانۇن قارار نامىنىڭ ئۈنۈملۈك تەرىپىگە كىرگۈزىلىپ، رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر يېزىق كورىيە جەمىيىتىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىرنەچچە ئەۋلات داۋام قىلالىغان بولسىمۇ، چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي ئاسسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجى ئاينىپ كورىيىچىلىشىپ كەتكەن.⑧

     يىغىپ ئېيتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزئىگىلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئوينىغان رولىغا ماسلىشىپ، 12- ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا مىراسلارنى قالدۇرۇش جەريانىدا شەرقتە ياپون دېڭىزىدىن باشلاپ غەرەپتە شەرقى ياۋرۇپاغىچە بولغان بىپايان دائىرىگە تارقىلىپ، ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىلىرىنى يەتتە ئىقلىمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە چېچىپ چىققان. گەرچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى كورىيە(چاۋشيەن) خان ئوردىسىدا ئىككى ئەسىرلاخىزمەت قىلغان بولسىمۇ، كورىيە خەلقى ئاشۇ شانلىق ئىزنى خاتىرلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك تەسىر قالدۇرغان. شۇڭا كورىيە خەلقى ھازىرغا كەلگەندە ئىسلام ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرى پەقەت قالدۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ، پيۇڭتەك بازىرىدا جاڭ فامىلىلىك بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئائىلىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىزاھات

①قاھار بارات:‹‹دولوگود ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقات››، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى، 1982-يىللىق 4-سان، خەنزۇچە.

②ئەلى مازەھەرى:‹‹جۇڭگوبىلەن پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى››، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1993-يىل 2-ئاي خەنزۇچە نەشرى 118-بېتىدە:‹‹ئۇيغۇرتىلى ئەينى چاغدا كونىستانتىنپولدا بەزىلەر بىلەتتى، ھاتتا بەزىلەر تېخى ئۇيغۇريېزىقىنى ئوقۇيتتى››دەپ يازغان.

③ئەتامالىك جۇۋەين:‹‹تارىخىي جاھانكۇشاي››،6-بەت، ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرياتى، 1980-يىل 5-ئاي، خەنزۇچە نەشىرى.

④ليۇ يىتاڭ (تەيۋەن):‹‹تۈرك-ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات››، چىڭشى نەشىرىياتى، 1990-يىل 1-ئاي،خەنزۇچە نەشىرى، 435-،445-بەتلەر.

⑤⑥ ئەلى مازا ھەرى:‹‹جۇڭگوۋە پارىسلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى››، 118-بەت.

⑥⑦ئەھمەت جەپەر ئوغلى‹‹تۈرۈك تىلى تارىخى››، 181- بەت، ئەندۇرەن نەشىرىياتى، 1984-يىل، تۈرۈكچە نەشىرى.

⑦⑧سىن سۇكچۇ:‹‹يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات››، مىللەتلەرنەشىرىياتى،1999-يىل 4-ئاي،خەنزۇچە نەشىرى. 253-262-بەتلەرگىچە:كېيىنكى كۆك تۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاقىل مۇشاۋىرى تۇنيۇقۇقنىڭ قوچودىن كەلگەن ئەۋلاتلىرىنىڭ كېيىن كورىيەگە بېرىپ، ئوردىدا ۋەزىر بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىگە يەتتە قېتىم ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكى، كورىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا ئىچىدە خېلى تەسىرى بارلىقى خاتىرلەنگەن.

⑧خې سۇلۇ:‹‹ئىسلام تۈرۈك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرىققە تارقىلىشى››، 1988-يىل ئەنقەرە تۈرۈكچە نەشىرى، 173-178-بەتلەر.

(ئاپتورىنىڭ ئادرېسى:خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىدىن تارىخ كافىدراسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 11:06 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tewelgha + 59 ماقالە يېزىش ئۇسۇلىڭى.
tarurum + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 359   باھا خاتىرىسى

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78310
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2012-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 12:06:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،ياخشى تېمىكەن!شۇ كورىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى بىر ئۆرپ-ئادەتلىرى  ئانچە-مۇنچە ئوخشاپ تۇراتتى،ئەسلىدە ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بولغان دەڭە،ھە....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 12:11:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن... بۇ بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 12:22:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،ياخشى تېمىكەن!



http://www.kuznak.com/

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 12:25:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ ئىش بار دەڭلا تىخى بۇنىمۇ بۈلىۋالدۇق

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 01:09:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:56:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، بۇنىڭدىن خەۋاردار قىلغىنىڭىز غا تەشەككۇر . قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى كورىيە خاندانلىقىدا 2 ئەسىر قوللۇنىلىپتىكەندە .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karligaq410 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 09:57 AM  


كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78388
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:57:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى قېرىنداشلار ئوقۇپ چىچاڭشىپ كەتتى ھەقىچان.

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:08:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23812
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6555
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:28:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر

ئالامەت858
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش