مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 11

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قانۇنى تۇرغۇزۇشىدىكى قىيىنچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14176
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قانۇنى تۇرغۇزۇشىدىكى قىيىنچىلىقى

جۇڭگو تىببىي ئېتىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇن مۇيى (孙慕义) نىڭ دېيىشىچە، 1980-يىللىرى جۇڭگو ئىلىم ساھەسى ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە قانۇن تۇرغۇزۇش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان، مۇھىم مۇھاكىمە يىغىنلىرى 7-8 قېتىم ئېچىلغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مەسىلىسىدە پەقەت «نىزام» بار، قانۇن يوق.

مۇتەخەسسىسلەر «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قانۇنى» نى بالدۇراق تۈزۈشكە دەۋەت قىلدى، چۈنكى تەمىنلىنىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى كەمچىل بولسا، قانۇنسىز سودا ھادىسىسى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

سۇن مۇيى:«بۇ بىر دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلە، جۇڭگودا تېخىمۇ گەۋدىلىك» دېدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قانۇنى تۇرغۇزۇش يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان، ئۇ ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە جۇڭگودا ئادەم ئەزاسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بىمار 20~30 مىليون ئارىسىدا ئىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يوق، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا تۇرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆلۈمنى ساقلاپ» تۇرماقتا. بۇ رېئاللىقنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولسا ئىنتايىن جانلانغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسى، پۇلى بار، ئەمىلى، ئورنى بار كىشىلەر ئوپېراتسىيەدە ئادەم ئىچكى ئەزاسى تاپالماسلىقتىن غەم قىلمايدۇ.

ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش 20-ئەسىردىكى تىببىي ئىلىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى. 1954-يىلى ئامېرىكا دوختۇرى مۇراي تۇنجى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە مۇۋاپىقىيەت قازاندى، ھازىرقى ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ كىلىنكىدا قوللىنىشى شۇ چاغدا باشلاندى. جۇڭگونىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى باشلانغان، جۇڭگونىڭ سۈيدۈك يولى تاشقى بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋۇ جيېپىڭ (吴阶平) پراففىسسور تۇنجى بولۇپ جەسەتنىڭ بۆرىنى كۈچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ قىلدى، 1970-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسى كىلىنكىدا پەندىنپەي قانات يايدۇرۇلدى.

2006-يىلى 11-ئايدا، ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇدىغان سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مۇتەخەسسىسى خۇاڭ جىيېفۇ «مەملىكەتلىك ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش تېخنىكسىنى كىلىنكىدا ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش يىغىنى» دا دېيىشىچە، جۇڭگودا 1998-يىلى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدىغان دوختۇرخانا پەقەت 68 بولۇپ، 2000-يىلىغا بارغاندا 108 گە يەتكەن.

خۇاڭ جيېفۇنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئومۇمىي سانى ئامېرىكدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان 5 يىلدا، جۇڭگو تاماملىغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى 34 مىڭ 726 قېتىم بولۇپ، بۇنىڭدا جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى 18.26 ھەسسە ئاشقان، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى 24.5 ھەسسە ئاشقان.

ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئومۇمىي سانىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىشى ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنىڭ نىسبىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جۇڭگو سەھىيە قانۇن جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىش بېجىرگۈچىسى دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئومۇمىي سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئادەم تېنىدا سىناق قىلىش سەۋىيىسىدە تۇرغان.

«نىكاھلىق ئىچكى ئەزا» ۋە «ياردەم قىلغان ئىچكى ئەزا»

ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يېتەرلىك پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى مەنبەسى مەسىلىسى ئىزچىل خەلقئارانىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلدى. خەلقئاردا كۆچۈرۈلىدىغان ئىچكى ئەزانىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ بىرى ئۇرۇق-تۇغقانلار تەغدىم قىلغان ۋە جەمئىيەتنىڭ تەغدىم قىلغىنى ئىدى.

ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە، ئالاقىدار مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تۈزۈلگەن قانۇنلاردىن سىرت، «ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت قالدۇرۇش» كەڭ قانات يايغان، يۈرۈشلۈك ئىچكى ئەزا توپلاش تورى بار. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى مۇبادا تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتسە، دوختۇر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىپ ئىشلىتىدۇ، بۇ ئىچكى ئەزا تەمىنلەشكە مەنبە يارىتىپ بەرگەن.

1990-يىلى، جۇڭگو كۆكرەك تاشقى بۆلىمىنىڭ ئاساسچىسى، داڭلىق دوختۇر خۇاڭ جىياسى (皇家驷) ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان، ئاخىرى بېسىقىپ قالغان. جۇڭگودا، ئۇزۇن مۇددەت «ئۆلۈك تولۇق بولۇش كېرەك» دېگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ يول ئارقىلىق كېلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزا مەنبەسى ناھايىتى ئاز. سۇن مۇيىنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى ماشىنا ھادىسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغان ئدەم 180-200 مىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئىچكى ئەزا مەنبەسى ئىكەن، ئەمما ۋەسىيەتنامە بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئامال بولمىغان.

جۇڭگودا ئىچكى ئەزا مەنبەسىنىڭ يەنە بىر رېئاللىقتىكى كېلىش مەنبەسى ئىچكى ئەزا سودىسى. 2007-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش نىزامنامىسى» سۇبيېكتىپ جەھەتتە بۇ يولغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

مەزكۇر «نىزامنامە» نىڭ 10-بەلگىلىسىمىدە، تىرىك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىچكى ئەزاسىنى تەغدىم قىلغۇچىنىڭ جۈپتى، بىۋاستە تۇغقىنى ياكى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلار، ئىچكى ئەزاسىنى تەغدىم قىلغۇچى بىلەن ياردەم قىلىش قاتارلىق يېقىنلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەنلىكىگە ئىسپات بولىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ بەلگىلىمە ئىچكى ئەزا مەنبەسىنى كېڭەيتتى. ئەمەلىي مەشغۇلاتتا، «قانۇنلاشقان» قانۇنسىز ئىچكى ئەزا سودىسى ئاسانلا كۆرۈلدى، بۇ بەلگىلىمىگە يانداش ھالدا ئىككى خىل ئالاھىدە ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىسىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار. بىرى «نىكاھلىق ئىچكى ئەزا»، يەنە بىرى «ياردەم قىلغان ئىچكى ئەزا».

«نىكاھلىق ئىچكى ئەزا»ئاسانلا «ئىچكى ئەزانىڭ نىكاھلىنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق قانۇندىن قېچىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشتۇر، بۇنىڭدا قەستەن ئەر-خوتۇن بولىدۇ. جۈپتى ئىچكى ئەزا تەغدىم قىلىشتا، تەيۋەن، شىياڭگاڭنىڭ «نىزامنامە» لىرىدىكى بەلگىلىمىلەر ناھايىتى ئەتراپلىق بولۇپ، جۈپتى بىلەن توي قىلغىلى 3 يىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشى، بالىسى بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، «ئىچكى ئەزا نىكاھى» پەيدا بولىشىنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنغان، جۇڭگودا بۇنىڭغا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان.

بۇنىڭدىن سىرت، «نىزامنامە» دە «ياردەم قىلىش شەكلى بىلەن يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغان كىشىلەر» دېگەن ئىپادىلەش شەكلى بار. قانۇن زاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ جۇڭگوچە ئىپادىلەش شەكلى ئىكەن. دۇنيادا كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تۇغقاندارچىلىقى بولمىغانلارنىڭ تىرىك ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشىگە قاتتىق چەك قويۇلغان، ھەتتا چەكلەنگەن بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ئىچكى ئەزا سودىسىدىن ئەندىشە قىلغان. چۈنكى «ياردەم قىلىش» ئۇقۇمى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئاسانلا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا ئىچكى ئەزا سودىسى كېلىپ چىقىدۇ.

تەغدىم قىلىش ۋە ئىئانە قىلىشتىن سىرت، جۇڭگودا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتە بۇرۇنقى بىلەن گەۋدىلىك بولمىغان تەمىنلەش مەنبەسى نامسىز جەسەت ئىچكى ئەزاسى پەندىنپەي كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان. سۇن مۇيىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق تالاش-تارتىشى قوزغىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلىتىش بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، نامسىز جەسەتتىن ئىچكى ئەزا ئالغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، جىنايى ئىشلارنىڭ كۆپيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تاشلايدۇ.

ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەردى

2005-يىلى 11-ئايدا، فىلىپپىن پايتەخ مانىلادا ئېچىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەربىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى مەمۇرىي دائىرلىرى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسى يىغىنىدا، جۇڭگودىكى نەچچە دوختۇرخانىنىڭ چەتئەللەردە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان بىمارنى جەلپ قىلغانلىقىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاشكارىلىدى.

خەلقارادا ئىچكى ئەزانى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىغان بىمارلار ئارىسىدا جۇڭگو تەمىنلەيدىغان ئىچكى ئەزالارنىڭ سۈپىتى ياخشى، كېلىش مەنبەسى كەڭ، دېگەن گەپلەر تارقالغان. يەنە كېلىپ ئوپېراتسىيە ھەققى تۆۋەن بولغانلىقتىن، نۇرۇغۇن چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتى» قىلىشنى تاللىغان. ئادەم ئىچكى ئەزاسى تاۋار ئەمەس، ئەمما بىمار ھەقىقەتەن بايلىقىغا تايىنىپ داۋالاشنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ، بازار ئىقتىسادى نامىدا ئادىل تەقسىملەش كېرەك بولغان كەمچىل ئادەم ئىچكى ئەزاسى مەنبەسىنى تارتىۋالماقتا.

     چەتئەل خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، «ئىچكى ئەزانى سۈپىتى ياخشى، كېلىش مەنبەسى كەڭ» بولىشىنىڭ سەۋەبى تېنى ساغلام ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن كەلگەن. نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىدىن بولغان ئالىم 18 نەپەر جۇڭگولۇق ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىنىڭ ئىچكى ئەزاسى يىغىۋېلىنغانلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كىتاب يازغان، بۇ كىتاب ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودىن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىكى ئىچكى ئەزا مەنبەسىگە چۈشەنچە بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدى. سۇن مۇيىنىڭ دېيىشىچە، بىر قېتىم ياپونىيەدە ئېچىلغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنىدا، بىر چەتئەللىك ئالىم جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەپ كەتكەن.

سۇن مۇيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى داڭلىق بىر تاشقى كېسەللەر بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى دۆلەت دەرىجىلىك ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش مۇۋاپىقىيىتىنى مەلۇم قىلغان، ئېتىكا جەمئىيىتىگە ئىمزا قويۇپ جەزىملەشتۈرۈشىنى ئىلتىماس قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئېتىكا جەمئىيىتى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان، چۈنكى بۇ مۇتەخەسسىس يازما شەكىلدە ئادەم ئەزاسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرەلمىگەن، سەۋەبى ھەممىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن كېلەتتى. ئادەم ئەزاسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمىغاچقا، جۇڭگونىڭ دۇنيا سەۋىيىسىدىن ئىلغار ئىلىم مۇۋاپىقىيەتلىرى خەلقئارادا ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى.

سۇن مۇيى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە جۇڭگو تىببىي ساھەسىدە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتىكى ئادەم ئەزاسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن كېلىشى بارغانسېرى ئازلىدى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جەسىتىگە ھۆرمەت قىلىندى، دېدى.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يىغىۋېلىش، كۆچۈرۈش دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ. 2006-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تىبابەت ئىلمى يىللىق يىغىنىدا، دۇنيا تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلىتىدىغان داۋالاش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، خۇاڭ جىيېفۇ مانىلا يىغىنىدا ۋەدە بېرىپ:«جۇڭگو ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى نىزامنامىسىنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن كەلگەن ئىچكى ئەزا تەمىنلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش داۋالاش بازىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچكى ئەزا تەمىنلىشىنى كىلىنكىدا ئىشلىتىشنى ۋە قانۇن قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى. خۇاڭ جىيېفۇنىڭ ۋەدىسى يەر شارىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلدى، چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشى ئىدى.

2007-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، دانىيەنىڭ كوپىنھاگېندا ئېچىلغان دۇنيا تىببىي ئىلىم يىغىنىدا، دۇنيا تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەڭ ئاخىرىدا بىردەك پىكىرىگە كېلىپ: ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئەزالىرىنى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى. جۇڭگو تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى قاماقتىكى جىنايەتچىلەر ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئەزاسىنى ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىغا ئالماشتۇرۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. جۇڭگو تىببىي ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ۋۇ مىڭجىياڭ (吴明江) دۇنيا تىببىي ئىلىم جەمئىيىتىگە يازغان خېتىدە، جۇڭگو تىببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەر قانداق قىلمىشنى توسايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش نىزامنامىسىدىكى «قانۇن تۇرغۇزۇش يوچۇقى»

دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە تۇرغۇزغان قانۇنلىرى خېلى مۇكەممەل، «مېڭىنىڭ ئۆلىشى قانۇنى» 20 گە يېقىن دۆلەتتە ماقۇللانغان. تەيۋەن، شىياڭگاڭ رايونىدا، ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش بەلگىلىمىسى نىسپىي قېلىپلاشقان. 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، تەيۋەن «ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش نىزامنامىسى» نى ماقۇللىدى. جۇڭگو نۆۋەتتە يولغا قويغان «ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش نىزامنامىسى» تەيۋەننىڭ نىزامنامىسىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن.

1984-يىلى، ئامېرىكا پارلامېنتى «مەملىكەتلىك ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش قانۇنى» نى ماقۇللىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «مېڭىنىڭ ئۆلىشى قانۇنى» ماقۇللىدى. جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ياپونىيەمۇ 1997-يىلى ئوخشاش قانۇن چىقاردى. ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە تەلىپى ناھايىتى قاتتىق، ھەر بىر ئادەم ئەزاسىنىڭ كېلىش مەنبەسى چۈشەندۈرىلىدۇ، ئامما پايدا ئالمايدىغان ئورگانلارنىڭ «ئادەم توقۇلما ئەزاسى زاپاس ئامبىرى» نىڭ ھەقسىز تەغدىم قىلىنغان ئادەم ئەزاسىنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، «مۇۋاپىق راسخوت» ئالسا بولىدۇ.

  2007-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى نىزامنامىسى» جۇڭگودا يولغا قويۇلدى. 2006-يىلى، سەھىيە مىنىستېرلىكى «ئادەم ئەزاسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى كىلىنكىدا قوللىنىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلدى. سۇن مۇيىنىڭ دېيىشىچە، «نىزامنامە» ۋە «بەلگىلىمە» بەلگىلىك رول ئوينىغان، ھېچ بولمىغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلىتىش نىسبىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەنلىدى. ئەمما بۇ بەلگىلىمىلەر مەخپىي ئادەم ئەزاسى سودىسىنى ئازلىتالمىدى، بەزى جەھەتلەردە ھەتتا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ راۋان بولۇپ كەتتى. چەكلىك ئادەم ئەزاسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بىمارلارغا تەقسىم قىلىنمىدى.

«نىزامنامە» دە بەلگىلەنگەن جىنايى ئىشلار مەسئولىيىتىنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئامالسىز. مەسىلەن، «نىزامنامە» نىڭ 25-ماددىسىدا باشقىلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى قانۇنسىز يولدا ئېلىۋالسا جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئولىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ دېيىلگەن. ئەمما «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا ئادەم ئەزاسىنى قانۇنسىز ئېلىۋېلىش جىنايىتى يوق، بەزىلىرىنى ئېھتىمال «قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تولۇقلاش مۇمكىن. «نىزامنامە» دە «قانۇن تۇرغۇزۇش يوچۇقى» ھادىسى پەيدا بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى بىلەن باشقا قانۇن بەلگىلىمىلىرى ئارىسىدىكى يىراقلىشىش ۋە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قانۇنسىز قىلمىشقا زەربە بېرىشكە پايدىسىز بولۇپ قالدى.

ئەمما ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلمىگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو ئەگەر «ئادەم ئەزاسى كۆچۈرۈش قانۇنى» نى بالدۇرلا تۈزۈۋالسا ئادەم بەدىنىدا سىناق قىلىشنى «قانۇن بويىچە قوغدىغانلىق» بولمامدۇ؟ رېئاللىقتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە، قانداقلا تاللاش چىقىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسىدە چاتاق بولىشى مۇمكىن.

(سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت2009  تەرجىمە قىلدى)


فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5453
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 12:08:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى بىزنىڭ دولەتتە ئادەم جىق ھەم ئەتىۋارى يوق ....پۇللا بولسا

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1617
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17487
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2176 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 01:18:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       دۆلىتىمىزدە  قانۇننىڭ  كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ    جىنايەت ھادىسىلىرىنىڭمۇ  كۈنسىرى  كۆپىيىپ  كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن. ئىككى  قۇتۇپقا  بۆلۈنۈشنى  يۇقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ  سوتسىيالىستىك  ۋەتىنىمىزدە  باي  كەمبەغەللىق  پەرقىنىڭ شۇنچىلا  زورىيىپ  كېتىشىگە  تېخىمۇ  ھەيرانمەن.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27461
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 05:45:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە،شۇ جىنايەتچىلەرنىڭ«پۇلى بار بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى»كۆپىيىدۇ،يېڭىچە بىر ئۇسۇلدا داۋاملىشىۋېرىدۇ.ھازىر جۇڭگودا ئادەم كۆپ،بىكار يۈرگەنلەردىن بىكار ئىشلەيدىغانلار تېخىمۇ جىق.توخۇنىڭلا ئەمەس،سۈۋەرەكنىڭمۇ سۈتى تېپىلىدۇ ھازىر.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:37:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچنىمە دىمەي دولدى

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:37:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بالىلارنى ئالداپ سېتىۋىتىپ بارغانلارنىڭمۇ قانچىسى شۇ ئىچكى ئەزانى ئوغۇلاپ پۇل قىلماقچى بولغانلىقىنى بىر ئاللاھغا ئايان ، بىزگە قاراڭغۇ . بۇ قانۇن لاھىيەسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشسە دەيمەن .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4048
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 08:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قامداقلا بولمىسۇن جىنايەتنى تۇللۇق تۇسۇپ   تۇگەتكىلى بولمايدۇ دىن بولمىغان جەمىيەتتە جىنايەت خالى جايدا ئۆتكۇزىلىۋىرىدۇ دىن بولسىدى خالى جايدىمۇ ئاللاھتىن قورقۇش كەيپىياتى بىلەن خالى جايدىمۇ جىنايەت ئۆتكۇزۇلمەيتتى

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1203
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانۇننىڭ تۈرلىرىمۇ جىقلاپ كىتىپتۇ جۇما؟

فېدىراتسىيە ئالاھىدە قىسمىدىن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77326
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ye ye ye ... ~  样子 ~ Sez Den ~ 动作 ~ Bez Den ~ Bo LaM 。 Mi SaNG 。 滚撒

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77831
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكەممەل  قانۇن با  ئار زۇ قىلىش ھاجەتسىز   لىكىن ئىز دىگۈچىلە ئاز لاپ قالدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش