قەلبىمدە بىر دەرت
(نەفسى)
يىراقلاردىىن كىلۋاتقان مەيىن شامال يۈزلۈرۈمنى يىنك سىيپاپ ئۆتمەكتە،مىنى ئۆزنىڭ ماڭا تۇنۇش ھىدلىرى بلەن پەپلەتمەكتە ،ئەركلەتمەكتە، ئەپسۇس چاچلىرىمنى تاراپ ئۆتۈپ قەلبىمگەباھار ھىدىنى سىڭدۈرۈپ كىلۋاتقان مەيىن شامالغا مەن بۈگۈن ئەركىليەلمدىم.سېغىنىش ھېسلىرىمنى ئالتۇن مىسرالارغا قېتىپ نەزمە پۈتەلمدىم.كۆزللۈرۈم بىر نوقتىغا تىكلگەن.قەلبىم ئەلەم بىلەن تىتىرگەن.....چۇنكى،خۇددى سەن منى تاشلاپ كەتكەنگە ئوخشاش،خوشاللىقىممۇ،شوخلۇقللۇرۇممۇ منى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكەن...........!
يىراقلاردىن ئاڭلىنۋاتقان ناخشا ئاۋازى يۈرەك تارىمنى چىكىپ ئۆتمەكتە .ئاللقاچان ھېسسز ھالەتتە مۇردىغا ئايلانغان جىسمىمنى تەۋرەتمەكتە،سەن ئېيتقان،مەن ئاڭلاپ ئاڭلاپ قانمغان ئاشۇ يېقملىق ناخشلارنى قەلىب ئىشكىمنىڭ ئالدىغا ئەكىلپ تاشلماقتا ،
كۆز چاناقلىرىمدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئەلەمىلك ياشلىرىم ئاشۇ مۇڭ ،ھىجران بىلەن ئېيتلغان ناخشغا قۇشۇلۇپ مەڭزىم بويلاپ ئېقىپ چۈشمەكتە ،تەسەللى كۈتمەكتمەن ،ئەمماھەممە-ھەممە جىمجىت،چۈنكى ،خۇددى سەن منى تاشلاپ كەتكەنگە ئوخشاش،سەن ئېيتقان ئاشۇ ناخشلار،تاتلىق كۈلۈشلەر مىنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكەن...............!
يىراقلاردىن قۇشلارنىڭ يېقملىق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا ،خۇددى بىر چاغلاردا سىنڭ قۇلاق تۈۋىمدە كۈلگەن جاراڭلىق كۈلكەئاۋازىڭغا ئوخشاش منى ئاچىچىق ھەم تاتلىق ئەسلىملەر قوينىغا سۆرەپ ماڭماقتا..،قۇشلارنىڭ غەمسىزلىگى ،ئەركىن پەرۋاز قىلشلىرى، ئاللقاچان خازان بولغان ياشلىق گۈلۈمگە تالاي نەپرەتلەرنى ،ئېغىر ئۇھسىنىشلارنى ئاتا قىلماقتا .قەلبىم يالغۇزلۇقتىن ،دەرتمەنلىكتن ئەلەم بىلەن يىغلماقتا .چۇنكى،خۇددى سەن منى تاشلۋەتكەنگە ئوخشاش منڭ ئارزۇ -ئارمانلىرىممۇ ،غەمسىز،غۇبارسىز ئۆتمۈشلۈرۈممۇ منى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكەن..............!
يىراقلاردىن سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقشلىرى ئاڭلانماقتا.خۇددى منڭ يارا بولغان قەلبىمگە،ھىجران،ئايرىلىش ئازابدىن چاك-چاك يېرىلغان ناتۋان قەلبىمگە تەسەللىي ھەم ئۇسۇز بولماقچدەك .خۇددى سەن ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ۋەيران قىلغان مۇھاببەت باغللىرنى سۇغۇرۇپ قايتدىن ياشناتماقچى بولغاندەك....خۇددى سەن قالدرۇغان ئەسلىملەرنى ،مەن ئۇنتاي دەپمۇ ئۇنتۇپ كىتەلمەيۋاتقان ئەسلىملەرنى ئېقتىپ يىراق-يىراقلارغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندەك...ئەپسۇس ،تۈمەن مڭىلغان ئەپسۇس ،مەن يەنلا ئاشۇ ئەسلىملەر ئىچدە گاڭگراپ يۈرمەكتمەن .بىر قۇلۇمدا سەن ماڭا قالدۇرغان ئازاپلاردىن تەيارلانغان شاراپ.يەنە بىر قۇلۇمدا ساڭا ،ماڭا تۈمەن مڭىلغان ۋەدلەرنى بىرىپ تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىزغا ئۇقۇلغان لەنەتلىك ھەسرەتلەر......چۈنكى،خۇددى سەن مىنى تاشلاپ كەتكەنگە ئوخشاش دۇنيانىڭ مىھىر-مۇھابىتى،تەسەللىي مۇھتاجلىرى ،ئىشقىپ ھەممە منى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكەن................!
مەنبە: قەلىمىم
(نەفسى )
2012-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbelik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 08:12 PM