|
|
|
|
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم!مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قېرانداشلار، بەلكىم بۇ يازمامنى يىزىشتىكى سەۋەبىم،مەن ئۈرۈمچىگە كىلىشتىن بۇرۇن ئىككى ئارزۇ بىلەن كىلىۋىدىم،شۇ ئارزۇنىڭ بىرى ئۇستازىمىز ئابدۇرېھىم ئۈتكۈر مەقبەرىسىگە چىقىش ئىدى،بىراق قانداق چىقىشنى،قايسى قەبرىستانلىق ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەن ئىدىم.
مارشال ئاكىمىزنىڭ(گۈلساي قەبرىستانلىقىنى زىيارەت) ناملىق تېمىسىنى كۈرۈپ مەن بارماقچى بولغان يەرنىڭ نامىنى بىلىپ خېلى تەستە تاپتىم،دىمەكچى بولغۇنۇم:پايدىنىلىشىڭلار ئۈچۈن بەزى ئۇچۇرلارنى سۇندۇم.
گۈلساي(花儿沟) غا چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىزگە تۇنۇش بولغان دۆڭ كۆۋرۈك(二道桥)تىن باشلىدىم.بۇ يەردىن 310 -يول كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرساق
ئاخىرقى بېكەت بىز بارماقچى بولغان نىشان گۈلساي مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى.تەخمىنەن29مىنۇت ئەتراپىدا يىتىپ بارىسىز.
|
|
|
|
|
|