ماقال-تەمسىللەر
ماقال-تەمسىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇئۆزىنىڭ ئىخچاملىقى ، مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىقى ، پەلسەپىۋىيلىك ئويغا باي ئىكەنلىكى بىلەن جاھانغا مەشھۇردۇر.
نۆۋەتتە ماقال -تەمسىل ئۆگىنىش دولقۇنى جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنى قاپلىدى .تىلۋىزور ئىكرانىدا (تەلەي يۇلتۇزى پىروگىراممىسى) ،ھەر قايسى ئىنتىھان(ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدا ماقال-تەمسىلنى داۋاملاشتۇرۇش سۇئالى چىقىدۇ) قاتارلىقلاردا ماقال-تەمسىل يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
1. ئابدال تەكىيىدە ،ھاجى مەككىدە.
2. ئابدالنىڭ دوستلۇقى كەنت كۆرۈنگۈچە
3.ئادەم بالىسنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن
4.ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت
5.ئادەمنى ئۈمۈد ياشنىتىدۇ ، غەم قاقشىتىدۇ
6.ئادەم ئۆلتۈرگەن ئادەم قولىدا ئۆلەر
7.ئادىمى يوق ئۆيدە ئۆچكىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان
8.ئارپا چاندا پۇل ، كۆمۈر كاندا
9.ئارتۇق دۆلەت باش يارماس
10.ئارزۇدا ئەيب يوق
11.ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق
12.ئازبولسۇن ساز بولسۇن
13.ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە دۆڭ يەرنەم تارتىدۇ
14.ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر
15.ئاز يەپ ئاسان تىرىل
16.ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ
17.ئاسقۇدا گۆش بولسا ، بىر كۈنى مېھمانغا ياراپتۇ
18.ئاسمانغا تاياق ئاتسا چىلان چۈشۈپتۇ
19.ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق
20.ئاش بەرگەنگە مۇشت بەر
21.ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا
22.ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ
23.ئاش كەلسە ئىمان قىچىپتۇ
24.ئاش ئۆتنە ، ئىش لاپقۇت
25.ئاشىققا باغداد يىراق ئەمەس
26.ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق
27.ئاغرىق كىشى كۈلكە سۆيمەس
28.ئاغرىق قالسىمۇ ئادەت قالماس
29.ئاغزىدا بار كۆڭلىدە يوق
30.ئاغزى شىكەر ، دىلى زەھەر
31.ئاغزىمدىن چىقتى ، ساقىلىمغا ياماشتى
32.ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ
33.ئاق ئىت كەتسە، قارا ئىت كېلىدۇ
34.ئاكىس پۇل ،چىمەندە گۈل
35.ئاكا – ئۇكىنىڭ ئازارى بولمىسىمۇ بىزارى يوق
36.ئاق يول بولۇڭ ، پاك قول بولۇڭ
37.ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ
38.ئالا ئىنەككە دىڭگىل بۇقا
39.ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر پوغا يارىماپتۇ
40.ئالاقاغىدا ئىلىشىڭ بولسا ئالەرسەن بىركۈنى
41.ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق
42.ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە
43.ئالتە ياشلىق كەلسە ، ئاتمىش ياشلىق چىقىپتۇ
44.ئالتۇن تاقىلىق ئاتمۇ بىر كۈنى مۈدرىدۇ
45.ئالتۇن ئالما ، دۇئا ئال
46.ئالتۇندن كۆزيىشى تۆكۈلەر
47.ئالتۇننىڭ پوقىمۇ پارقىرايدۇ
48.ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلۇر
49.ئالدىرىغاندا دۆڭگە مۆكۈپتۇ
50.ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى
51.ئالدىراشلىقنىڭ سايىسى پالاكەت
52.ئالدىرىغان قىز ئەردە يالجىماس
53.ئالدىرىغاننىڭۇ ئىشىكى يىتىۋاپتۇ
54. ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر
55.ئالدىرىماڭ يارەي ،سىزگىمۇ بارەي
56.ئالدىڭغا بىر قارىساڭ ،كەينىڭگە ئىككى قارا
57.ئالسام، بەرمىسەم
58.ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا
59.ئالغۇچە ياپىر،بەرگۈچە كاپىر
60.ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس
61.ئالىمەن دەپ قوشلاپ بىرىپتۇ
62.ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ
63.ئالۋاننى گالۋاڭ تۆلەيدۇ
64.ئامانەتكە خىيانەت
65.ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ
66.ئامبال بىلەن كىتەمسەن،دورغا بىلەن قالامسەن
67.ئانا ئاياغىدا جەننەت بار
68.ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە
69.ئانىسى باشلىمىغاننىڭ ئالمىسى چوڭ
70.ئانارنى چۆلگە تىك ،ئەنجۈرنى كۆلگە
71.ئانام بارغۇچە لەيلىقازاق توزۇپتۇ
72.ئانچىلىك ئىش-قانچىلىك ئىش
73.ئانىينى تاپمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار
74.ئاۋۋال سوقۇشۇپ ئاندىن دوست بول
75.ئاۋۋال ئويلا ئاندىن سۆزلە
76.ئاياغقا چىقماي باشقا يوق
77.ئايال كىشى دۆنى قورقىتىدۇ
78.ئاياغ تەگدى بالا تەگمىسۇن
79.ئاي يورۇقى ئوغرىغا ياقماس
80.ئايىساڭ ئۆتىسەن ، يامىساڭ پۈتىسەن
81.ئەتىگە قالغان ئىشقا قار ياغار
82.ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭنى باق
83.ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ
84.ئەتىگەنكى مۇشتتىن يانما
85.ئەجەل كەلسە ئەقىل قاچار
86.ئەتىيازدىكى ھەرىكەت ، كۈزدىكى بەرىكەت
87.ئەتىگەن ئوڭمىغان كەچ ئوڭماس
88.ئەجىرلىك كىشى نائۈمۈد قالماس
89.ئەخمەقتىن ئەقىل سورىما
90.ئەخمەققە توقماق
91.ئەخمەق مېھمان ساھىبخاننى كۈتەر
92.ئەخلاق ئادەم زىننىتى
93.ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن
94.ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ
95.ئەدەپنى ئەدەسىزدىن ئۆگەن
96.ئەر ئات ، خوتۇن ھارۋا
97.ئەر بىشىغا كۈچ چۈشسە ئۆتۈك بىلەن سۇ كىچەر
98.ئەخ،ەق ئۆتۈكىنىڭ تىشىدىن قاشلار
99.ئەلنىڭ ھۆكۈمى لىلا
100.ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك
101.ئەلنىڭ قوينى كەڭ ،قولى ئۇزۇن
102.ئەمەلدارغا ھىجايغان پۇقراغا ھومىيار
103.ئەل ھىممىتى دەريا
104.ئەمگەكتىن قاچما ، مىننەتتىن قاچ
105.ئەمگەك ئىتىزدا قالماس
106.ئەمگەكنىڭ تېگى راھەت
107.ئەمىلى يوق سوپىدىن ، تۇخۇمى يوق توخۇ ياخشى
108.ئەيسانىڭ ئەللىمىنى مۇسادىن ئاپتۇ
109.ئەيىبىنى يوشۇرغا ئەخمەق
110.ئەندىشىنىڭ بىر .ېتى قورققاق
111.باتۇر چامدايدۇ قورققاق توختايدۇ
112.باپكار قېرىسا بۆزدىن كىتەر، زەگەر قېرىسا كۆزدىن كىتەر
113.باتۇر جەڭدە،ھۇرۇن كاڭدا
114.باتۇر دۈشمەنسىز بولماس
115.باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر
116.باتۇرنى مەيداندا سىنا
117.بارات ئىيىدا قۇيماق يەپ سەپەر ئېيىدا كېكىرىپتۇ
118.بار بارى بىلەن ،يوق ھالى بىلەن
119.بار چاغدا ھور چىقىدۇ،توق چاغدا شورى چىقىدۇ
120.بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە
121.بارلىق بەزدۈرىدۇ،يوقلۇق ئۆگىتىدۇ
122.بارماقنىڭ كەلمىكى بار
123.بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بىرىپتۇ
124.بارلىق ئوخشىتار، يوقلۇق قاقشىتار
125.بار نېمىنى دىگۈزمەيدۇ،يوق نېمىنى يىگۈزمەيدۇ
126.بارنىڭ ممايىقى تېگەر،يوقنىڭ تايىقى
127.بارىغا خوتۇن ئىگە،يوقىغا ئەر
128.بار ئوخشىتىدۇ،يوق قاقشىتىدۇ
129.بازىرى چىققاندا يۇندىسىمۇ پۇل
130.باش بولغان بوش بولماس
131.باش تۇماقنىڭ قېلىپى
132.باشتا قاتتىق ئىش ،ئاياغدا تاتلىق
133.باشتا گەپ بولسا ئاياغدا ئۈن يوق
134.باش يىرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە
135.باش قەيەردە بولسا پۇت شۇيەردە
136.باشقا كەلگەندە باش قاشلاپتۇ
137.باغقا كىرگەن ئالما كۆرەر،چۆلدە قالغان سالما
138.باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس
139.باققالنىڭ ئالدى ياخشى،كاسساپنىڭ كەينى
140.بالا بولسا شوخ بولسا،بولمىسا يوق بولسا
141.بالا،قىلغان ئىشى چالا
142.بالا كەلسە قوش،ئامەت كەلسە تاق
143.باي بىلەن دەۋالاشما،باتۇر بىلەن چېلىشما
144.بايغا تەڭلىك يوق،چىرايلىققا ئەڭلىك
145.باينىڭ ئالدى تار ،كەينى كەڭ
146.باينىڭ خەزىنىسى نامرات
147.باينىڭ ئىشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى
148.بايتال بەيگىگ يارىماس
149.بەتتەرنىڭ بەتتىرى بار
150.بەرسەڭ يەيمەن ئۇرساڭ ئۆلىمەن
151.بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر
152.بەرسە يېمەس،تاپسا قويماس
153.بەش بارماق تەڭ ئەمەس
154.بەرمىگەننى بېرىپ ئۇيالدۇر
155.بەرمەككە بىرىمۇ كۆپ،ئالماققا ئونىمۇ ئاز
156.بەزىدە دۇتتار بىلەن ئۇسۇل،بەزىدە خۇدابىلەن رۇسۇل
157.بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ
158.بوزەكنى تاپسام،بۇرنىغا يىپ ساپسام
159.بوغۇمسىز يەرگە پىچاق سالما
160.بوغۇزلايمەن دېسەڭ ،قويمۇ تىپىرلايدۇ
161.بۇيىدىن قاچ،كەكرىگە چاچ
162.بۆرە بار يەردە قان بار
163.بۇقىنى ھۆركىرەتكەن ئىككى تېشى
164.بۇلبۇلغا باغ ياخشى،كەكلىككە تاغ
165.بۆرە قېرىسا ، ئىتلىقى بار
166.بۆرە بالىسى تاغقا قاراپ ھۇۋلار
167.بۆرە قېرىسنى ئالدايدۇ
168.بۆرە يوق جاڭگالدا مايمۇن پادىشاھ
169.بۆرىمۇ يولدىشىغا قەست قىلماس
170.بۆك ئال دېسە باش كىسىپتۇ
171.بۈركۈت ئۆمىرىدە بىر قېتىم ئازار
172.بۈگۈن مېھمان، ئەتە خامان
173.بېخل باي بولسا، ئاتىسىنى تونۇماس
174.بۈگۈنى توق،ئەتىگە يوق
175.بېرىپ يامان بولغۇچە ، بەرمەي يامان بول
176.بېشى بارنىڭ بۆكى بار
177.بېشىڭ قاتسا تامغا ئۈس
178.بېغى بارنىڭ تېغى بار
179.بېگىڭگە يەتكۈچە بېلىڭ ئۇشتۇلار
180.بېلى بوشنىڭ گېپى بوش
181.بىتەلەي تالقان يېسە،قارنىدىن بوران چىقىپتۇ
182.بىر تۈلكىنى ئىككى قېتىم سويغىلى بولماس
183.بىر خار بولغان بىر ئەزىز بولماي قالماس
184.بىر خىل تۇرساڭ،يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن
185.بىر كەپتەردە قىرىق قىزنىڭ ئىشقى بار
186.بىر سىرلىق بول،سەككىز قىرلىق بول
187.بىرگە تەگكەن ياخشى،ئىككىگە تەگكەن پاخشى
188.بىركۈنلۈك يولداشقا قىرىق كۈنلۈك سالام
189.بىر كۆرگەن تونۇش ،ئىككى كۆرگەن تۇغقان
190.بىر گۆرگە سۇ كىرسە مىڭ گۆردە ئەنسىزچىلىك
191.بىگىز تاغاردا توختىماس
192.بىكارغا تاماق بەرسە تۇزى كەم دەپتۇ
193.بىكار بولساڭ كىپەك تاسقاپ يە
194.بىلىمنى ئوغرى ئالالماس
195.بىلىمسىزگە ھال ئېيتقۇچە ئىچىڭدە سىڭىپ كەتسۇن
196.تاينى ئايىغان ئات مىنەر
197.پالچىدا داڭگال تولا،شائىردا خىيال
198.پالۋان دەرد يەيدۇ ،بالىلىرى گۆش يەيدۇ
199.پالتا كەلگۈچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ
200.پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى
رەتلىگۈچى : قۇدئىز
تۆۋەندىكى سايلامغا قاتنىشىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا QUTIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 03:09 PM