|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسى يېڭىدىن يولغا قويغان <بىر كىتاب بىر ئالەم>پروگراممىسىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلىۋاتقانلار ئاز بولمىسا كېرەك ، جۈملىدىن مەنمۇ بۇ پروگراممىنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىن شۇ كىتاب توغرىسىدا شۇنداقلا كىتاب ئاپتورى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ھەمدە شۇ كىتابنىڭ رىئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ كەلدىم. زىيارەت بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 10 قىسىم قويۇلۇپ بولۇنغان بولۇپ بىز ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى تىلۋىزوردىن كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ 10 قىسىم پروگراممىنى تىلۋىزوردىن فىلىمگە ئىلىپ تەييارلىدۇق. ھەربىر قېتىملىق سۆھبەت سىزنىڭ يېرىم سائەت قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا شۇنداقلا تەپەككۈر يۈرگۈزىشىڭىزگە ئەرزىيدىكەن.
بۈگۈنگە قەدەر قويۇلغان سۆھبەتلەردە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ <ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى> ، <سەرسان روھ> ، <مەھمۇد كاشىغەرىي> ، <باھادىرنامە> ، <كەلكۈن> ، <ۋەتەن سۆيگۈسى> ، <ئۇيغۇر تىبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى> ، <ھايات شاماللىرى> ۋە <تەۋەرۈك> قاتارلىق 9 كىتاب ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.
1- قىسىم : ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى:
2- قىسىم : سەرسان روھ:
3- قىسىم : مەھمۇد كاشىغەرىي:
4- قىسىم : باھادىرنامە:
5- قىسىم : كەلكۈن:
6- قىسىم : ۋەتەن سۆيگۈسى:
7- قىسىم :ئۇيغۇر تىبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى(1):
8- قىسىم : ئۇيغۇر تىبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرى(2):
9- قىسىم : ھايات شاماللىرى:
10-قىسىم : تەۋەرۈك:
تېما مەنبەسى : شىنجاڭ تىلۋىزىيە بىۋاستە تارقىتىش قانىلى: http://www.uyghur.cc/tv يوۇكۇ فىلىم تورى: http://u.youku.com/UyghurCC بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Asman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 02:22 PM
|
|
|
|
|
|