مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4781|ئىنكاس: 81

مۇنداقمۇ ئاشىقلار بار ... ( ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4266
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 02:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        مۇنداقمۇ ئاشىقلار بار ...
                                                               ( ھېكايە)
  مېنىڭ بىر دوستۇم بار قىز دوستىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.ئۇنىڭغا شۇنداق كۆيۈنىدۇ،لىكىن، بەك چىڭ باشقۇرىدۇ. كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ دېگەن گەپ راستمۇ ياكى قىز يېشىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەمدۇ ئەيتاۋۇر،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇ قىز ئاغىنەمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.  ئاغىنەم ئا دېسە بىچارە قىز  ب دەپ قالدىمۇ بولدى، نەچچە كۈنگىچە ئاغىنەمنىڭ ئاھانىتىدىن قۇتۇلمىقى تەس.
                                                                  (1)
قىزنىڭ تىلىفۇنى جىرىڭلىدى. قىز خېمىر يۇغۇرۇۋاتقان بولغاچقا دەماللىققا تىلىفۇننى ئالالمىدى. ئارىدىن 10 مىنۇت ئۆتۈپ قىز تىلىفۇن قايتۇردى.
- سادىق، خاپا بولما، بايام مەن خېمىر يۇغۇرۇۋاتقان ئىدىم.
- سەن دائىم مۇشۇنداق قۇرۇق بانالارنى تاپىسەن، 20 مىنۇت ئىلگىرى تىلىفۇن قىلسام خېمىر يۇغۇرۇشنىڭ گىپىنى قىلمايۋاتاتتىڭغۇ، زادى ئىچىڭدە بىر شەيتان بار سېنىڭ، سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن كىم؟
- ئانام تۇيۇقسىز تىلىفۇن قىلىپ، مانتىغا خېمىر يۇغۇرۇپ قويۇڭ قىزىم، دېگەن.
-نىمىشىقا ماڭا تىلىفۇن قىلىپ دەپ قويمىدىڭ ئەمسە، يەنە مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە، مەندىن رەنجىپ يۈرمە، جۇمۇ.
- ماقۇل، دىققەت قىلاي.
                                                           (2)
يىگىت بىلەن قىز باغچىدا ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىن بىر يىگىت ئۆتۈپ كېتىۋىدى، قىز ئۇنىڭغا مۇنداقلا قاراپ قويدى.
- ھەي، نەگە قاراۋاتىسەن، كۆزۈڭگە بۇرۇنقى مۇھەببىتىڭدەك كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ؟
- مۇنداقلا قاراپ قويسام، شۇنچە ئەۋزەيلەپ كەتتىڭغۇ، سادىق. ئۆتكەن ئىشلارنى تەگىمەيمىز دېگەنغۇ؟
- بۇرۇنقىسىنى ئۇنتالمايۋاتقان بولساڭ، ئېنىق گىپىڭنى ئېيىت، مەنمۇ كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمەن، نەچچە قېتىملاپ ئالدىمدىلا خىيالغا چۆكۈپ كېتىسەن، سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭنى كىم بىلمەيدۇ؟
- سەنمۇ ئىلگىرىكى قىز دوستلىرىڭ بىلەن ئالدىمدىلا تىلىفۇن پاراڭلىشىسەنغۇ، مەن شۇنىمۇ كۆڭلىمگە ئالمىسام، نەدىكى ئاساسى يوق گەپلەر بىلەن كۆڭلۈمگە ئازار بېرىدىكەنسەن. بولمىسا نەچچە قېتىم دېدىم، سەندىن باشقىنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئىلگىرىكى دوستۇڭ دەۋالغان بالىمۇ، ماڭا تەلەپ قويسا، مەن ئۇنىمىغان، ئۇنىڭ بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتىم يوق ئىدى بولمىسا.
- مەن دېگەن ئەر كىشى. نېمە قىلسام بولۇۋىرىدۇ. ئەمما مېنىڭ بىلەن توي قىلغىڭ بولسا، دېگىنىمنى قىلىسەن. مېنىڭ رۇخسىتىمسىز يۆتىلىشىڭگىمۇ بولمايدۇ.
- ماقۇل، گىپىڭنى ئاڭلاي.
                                           (3)
- ئاداش، ئەر كىشى دېگەن تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس،  سادىقنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالاي دەپسەنغۇ؟
- سەن بىلمەيسەن، ئاداش، سادىق دائىم باشقىلار بىلەن ئارلاشقان دېگەننى بانا قىلىپ، مېنىڭ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، مەن سادىق بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، كېيىن يەنە باشقىلارنىڭ ئىككى يىگىت بىلەن ئارلىشىپتىكەنسەن، دېگەن گېپىنى كۈتۈرگۈچىلىكىم يوق.
- سادىقنى قانداقمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانسەن؟
- ئۆزى بەك ياخشى بالا،  يا ئىچمەيدۇ، يا چەكمەيدۇ، خىزمىتىمۇ بار،ماڭىمۇ كۈيۈنىدۇ، بىرلا يىرى گىپى بەك جىق، بەزىدە شۇنداق بىزار بولۇپ كىتىمەن، پىشانەم شۇ ئوخشايدۇ،مېنىڭ.
                                           (4)
-سادىق، مەن ئەتە قىزلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا باراتتىم، ساڭا دەپ قۇياي دېگەن ئىدىم.
-بارمىساڭ نېمە بولىدۇ، سەندىن بىر مىنۇتقا بولسىمۇ ئايرىلغۇم يوق مېنىڭ.
- بەك يېقىن دوستۇمنىڭ ئولتۇرۇشى  ئىدى.
-بوپتۇ، ئەمسە 10مىنۇتتا بىر قېتىم تىلىفۇن قىلىپ تۇرغىن.
-بەك قۇلايسىز بولۇپ قالارمىكىن، ھىلىمۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن دوستلىرىم ئالدىدا يۈزۈم قالمىدى.
-مەندىن زىرىككەن بولساڭ بوپتۇ، ئارىمىز ئوچۇق بولۇپ كەتسۇن.
- ...
                                                  (5)
-مەريەم سېنى كۆرگۈم كەلدى.
- ئايرىلغىنىمىزغا تېخى يېرىم سائەت بولمىدىغۇ؟
- ماڭا يېرىم ئاي بولغاندەك بىلىنىپ كەتتى.
-ئۆزەڭ ئايرىلىپ كېتەيلى،دېگەن ئىدىڭغۇ؟
- ياق، ئاچچىقىمدا دەپ ساپتىمەن، مېنى كەچۇر!
- بىر مەزگىل ئايرىلىپ ياشاپ باقايلى، بەك چارچاپ كەتتىم.
- ياق،جېنىم، مەن سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن.
                                           (6)
- سادىق ئۆيدىكىلەر توينى سەل كىچىكتۈرسەك دەيدۇ، سىڭلىمنىڭمۇ توي ئىشلىرى تەييار بولۇپ قالغان ئىدى.
- ياق، كېلەر دۈشەنبە كۈنى قىلىپ بەرسۇن، بولمىسا، باشقا بىرىنى تېپىپ، سىڭلىڭ بىلەن بىر كۈندە توي قىل!
- ئۆتۈنەي سادىق، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ پۇل ئىقتىساد بولارمىكىن دەپ شۇ...
- قاچانغىچە ساقلايمەن سېنى، بىر قازان پولونى ئارتۇق ئەتكەنگە پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتمەس. مېنىڭ دىگىنىمدەك قىلىش، بولمىسا، ئاقىۋىتىگە مەن ئىگە بولمايمەن.
- ...
                                                  (7)
- مەريەم، تىلىفۇنىڭ بەك ئالدىراشقۇ؟
- ئاكام تىلىفۇن قىلغان ئىكەن.
- بانالىرىڭ بەك جىققۇ سېنىڭ، ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ. بۇنىڭدىن كېيىن رۇخسىتىمسىز...
- ...
مەنبە: ئۆزۈم.
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 02:40 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9460
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەن دىگەن ئوغۇل بالا،نىم قىلسام بۇلۋېرىدۇ،ئەمما مىنىڭ بىلەن توي قىلغىڭ بولسا دىگىنىمنى قىلسەن»

ئاجايىپ جىمۇ بەزى ئوغۇللار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22162
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3481 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋا ،،،مىنىڭلا ئوغۇل دۇستۇم مۇشتامىكى دىسەم .باشقىلامۇ باكەندە......مەنمۇ بەك زىرىكتىم شۇندا گەپلەدىن  ...ئۇففففففففف  ...ئاز قالدى پارتىلايدىغانغا..

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5542
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئەرنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرمايدۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2196 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازىمۇ بىمەنە ئوغۇلكەنغۇ بۇ ، بۇنداق ئوغۇللارنى خۇيىنىڭ تايىنى يوق ئوغۇللار دەپ ئاتايمىز ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئوغۇللاردىن يىراق تۇرغان ياخشىمىكى دەيمەن ، بولمىسا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ توي قىلغان بىلەن قاراڭلار مەزكۇر تىمىدا تەسۋىرلىنىۋاتقىنىغا ئوخشاش قىز بالا خۇددى تۈرمىدە ياشىغاندەك ياشايدىكەن ئەمەسمۇ ئەنە ،
ئۇنداق مۇھىتتا ياشىغان ئادەمنىڭ كۈنى بەخت ئىچىدە ئۆتمەيدۇ مىنىڭچە ، ئىشەنچ ، قوللاش ، كۆيىنىش،،،،، بولمىسا ھەقىقى مۇھەببەت نەدە تۇرۇپتۇ .
خۇدايىم ساقلا بىز قىزلارنىڭمۇ  شۇنداق ئوغۇللارغا ئۇچراپ قىلىشتىن ، بولمىسا 10 يىل بالدۇر قىرىپ يۈرەك كىسىلى بولۇپ ئۆلۈپ قالغۇدەكمىز

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

كەلمىگەن تەلەيد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1839
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9657
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1961 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:27:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ھەجەپ ئاشداق قىزلار ئۇچۇرمايدۇ دىسە ~

ھەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن ، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن . ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ، ئېغىلدا ئېسىقلىق سىسىق گۆش ئىكەن.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4730
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10551 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 04:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھەممە ئىشتا ئۆزەمنىڭ راس دەۋەرسە ،ھەرقانچە ياخشى كۆردىغان قىز بولسىمۇ چىدىمايدۇ.ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن بىر-بىرىگە ئىشىنىش ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بولمىسا،بۇھاياتتىكى ئەگرى-تۇقايلىق يۇللىردا قانداقمۇ ئىجىل-ئىناق ئكتەلەيدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 05:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوججون بۇلدى ئۇلا توي قىلمىسۇن    توي قىىلسا بىركۈنى ساراڭ بولوپ قالىدۇ .ئۇقىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاھو تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 05:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49476
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3138
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 05:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ قىز بەك ئەخمەقمۇيە؟

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4755 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 05:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي، ماۋۇ مەريەم قىز نىمانداق سەۋىرچان، مەن  بولسام سادىق مىجەزلىك كىشى بىلەن بىر كۈنمۇ ئۆي تۇتالمايمەن، تازىمۇ بىر، ئاللاھ ساقلىسۇن، بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى بۇ ئىدەم!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش