شەيتان لوغەت
1.خىروئىن ئەزرائىلنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن ئۆلۈم ئەلچىسى.
2.بايلىق ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ئوغۇرلايدىغان شەيتان.
3.تىلەمچىلىك –پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق كەسىپ.
4.پۇل-بارلىق ئادەمزات قوغلىشىدىغان رەڭلىك ئاشنا.
5.قانۇن-ئەركىن تۇرمۇشنىڭ ساياھەت ماكانى.
6.رېستۇران-پۇلنى بۇزۇپ چېچىشنىڭ كاتتا سورىنى.
7.شائىر يازغۇچى –ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تالاشتۇرۇپ سېتىشقا بازار ئاجرىتىپ بىرىلمىگەن تىجارەتچىلەر.
8.گېزىت سىياسىيونلارنىڭ قولىدا ئەتىۋارلىنىپ،بەڭگىلەرنىڭ قولىدا كۈيۈيپ تۈگەيدىغان دەسمايە.
9.ياماقچى- ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى.
10.تۈرمە-جىنايەتچىلەر يۇيۇندىغان ئەڭ ياخشى مۇنچا.
11.ھوقۇق –دىققەت قىلمىسا ئاشقازاننى بۇزۇپ قويىدىغان دورا.
12.كۈندەشلىك-ئادەمنى ئەڭ ئۇستاتلىق بىلەن.ئىگەللىۋالدىغان تۇمان.
13.مۇھاببەت- قارشى تەرەپكە ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا بارلىق مال- دۇنيا،ئەقىل-پاراسەت،ھىسياتنى ئۆتكۈزۈپ بولغان كىشىلەر ھۇزۇرلىندىغان باغچا.
14.ئۈمۈتسىزلىك-كۆزى ئاجىز كىشىلەرگە ئورتاق كېسەل.
15.ھەسەتخورلىق-دوختۇرلار داۋالاشتىن باش تارتقان ئەڭ رەزىل كېسەل.
16.چىۋېن- ھاياتىلا كاپالەتلىك قىلىنسا قورساقتىن غەم قىلمايدىغان ھاشارەت.
17.كۆز يېشى-ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى جەڭ قورالى.
18-مۇۋاپپىقيەت-قۇربان بەرگۈچىلەرنىڭ لوغىتىدە ئەڭ ككپ ئۇچرايدىغان سۆز.
19.شەيتان لوغەت-كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى خىل گىرىم ئەينىكى.
مەنبە :خاتىرەم
(تەييارلىغۇچى چول يامغۇرى)