3-مارت ئىككى پويىز پولشانىڭ جەنۇبىي سىلېسىيە ئۆلكىسى زاۋېرچى شەھىرى ئەتراپىدا سوقۇشۇپ كېتىپ، 16 كىشى قازا قىلدى، 60 نەچچە كىشى يارىلاندى، بۇ مەزكۇر دۆلەتتە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تۆمۈر يول قاتناش ئاپىتىنىڭ بىرى.
4-مارت كونگو كىنشاسانىڭ پايتەختى براززاۋىلدىكى بىر ئوق دورا ئامبىرىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 200 نەچچە كىشى قازا قىلدى، 2000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، پارتلاش ئەتراپتىكى بېيجىڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى تۈرىنىڭ ئىش مەيدانىغىچە تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگولۇق ئالتە كىشى قازا قىلدى.
7-مارت رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى پىرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، پۇتىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى، 4-مارت ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %65.34 بولدى، پۇتىننىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى %63.6 بولدى.
11-مارت ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى بېلىس ئافغانىستاننىڭ پەنجىۋاي رايونىدىكى بىر ئامېرىكا گازارمىسى ئەتراپىدىكى كەنتكە بېسىپ كىرىپ، 17 ئافغانىستانلىق پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە بەزىلىرىنىڭ جەسىدىنى كۆيدۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرقانچە قېتىم زور كۆلەملىك نامايىش بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ زورۋانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلدى. 23-مارت ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بېلىس ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلدى.
13-مارت بېنگالدا بىر پاراخوت داككانىڭ جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مۇنشىگەنج ئەتراپىدىكى مەغنا دەرياسىدا بىر ماي پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتتى، ئاز دېگەندە 138 كىشى قازا قىلدى.
21-مارت مالىنىڭ پايتەختى باماكودا تۇيۇقسىز ھەربىي ئۆزگىرىش بولدى، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ــ دېموكراتىك گۈللىنىش ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش مەملىكەتلىك كومىتېتى دۇل ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىغا چىقتى، دېموكراتىك گۈللىنىش ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش مەملىكەتلىك كومىتېتى 27-مارت كەچتە يېڭى نېگىزلىك قانۇننىڭ ماقۇللانغانلىقى، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
22-مارت فىرانسىيەدىكى تۇلۇس ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى جىنايەتچى مۇھەممەد مېلاخ ساقچىلارنىڭ زەربىدارلىق ھەرىكىتىدە ئېتىپ تاشلاندى، 11- ۋە 15-مارت، 4 ھەربى تۇلۇس ۋە مونتوبان شەھىرىدە ئوققا تۇتۇلۇپ، 3 ئى قازا قىلغان، بىرى ئېغىر يارىلانغان ئىدى، 19-مارت ئۈچ ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى تۇلۇستىكى بىر يەھۇدىلار مەكتىپى ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، مېلاخ ئۆزىنىڭ بازا تەشكىلاتى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە يوقارقى ئۈچ قېتىملىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.
26-ۋە 27-مارت ئىككىنچى نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى سىئولدا ئېچىلدى، 53 دۆلەت ۋە 4 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىندا سىئول ئاخباراتى ماقۇللىنىپ، 13 چەكلىمىسىز ۋەدە ياكى ئىلھام بېرىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
29-مارت ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 4- قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا مول مەزمۇنلۇق دېھلى خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو، بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىدىكى ھەمكارلىقى، يەر شارى ئىقتىسادىنى رەتكە سېلىش، يەر شارى ۋە رايونلار ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدى.
29-مارت ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 23-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئەرەپ دۇنياسىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇشىتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن تۇنجىي قېتىملىق يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى شۇنداقلا ئىراقنىڭ 1990-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىشى، يىغىننىڭ ئاخىرىدا باغدات خىتاپنامىسى ئېلان قىلىندى.
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇلىنىش:http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201204/t20120402_320051.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا compass تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 11:31 AM