بارچە ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى،باشپاناھى ،ھۆكۈمرانى ئۇلۇغ ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابئاتلىرى ،ساھابىلىرىگە دۇرۇت سالاملىرىمىز بولسۇن.پۈتكۈل مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغفىرىتى بولسۇن،ئامىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قەدىرلىك قېرىنداشلار،ئۇلۇغ جۈمە كۈنىڭلار قۇتلۇق بولسۇن،
مىسرانىم مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ، بىر قانچە مۇنازىرىگە قاتناشقاندىن كىيىن، مەندە مۇشۇنداق بىر تىما يىزىش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىدى،ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۈگۈن مانا ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە شۇ پۇرسەتكە ئېرىشتىم،
مىسرانىم مۇنبىرى كۆلىمى ،ئادەم سانى ،شۇنداقلا تىما ساپاسى جەھەتتىن ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىلىرىدىن بىرى.ئەمما بۇ مۇنبەرنىڭ مۇنازىرسىدىمۇ باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈلگەن ۋە ياكى كۆرۈلمىگەن نۇقسانلار بولىشى ئىنىق.ياخشىنى كۆپ دىدۇق، ياماننىمۇ دىدۇق،ئەمما قانداق قىلىشنى دىيىشمىدۇق، مەن مۇشۇ نۇقسانلار توغىرسىدا ئاز تولا كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن،
1. دىنسىز، كاپىر ،مۇناپىقنى بەلگۈلىگۈچىلەرگە:
مۇنبىرىمىزدە بىر قىسىم قېنى قىززىق ، "دىنى كۈچلۈك "مۇسۇلمانلىرىمىز بار، مېنىڭ دىنى كۈچلۈك سۆزىنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىشىم، ھەرگىزمۇ قارشى مەنىنى ئىپادىلىسۇن دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇ مېنىڭ شۇ كىشىنىڭ دىنىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا باھا بىرەلمىگەنلىكىمدىن. مېنىڭ ئۇلارغا دىمەكچى بولغىنىم شۇكى،سىز بۇ دەۋەتنى كىم ئۈچۈن قىلىۋاتىسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلاردىن گەپدانلىقىنى،ئىلمىڭىزنىڭ يۇقىرلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بولسا، سىزگە ساۋاپ ئەمەس،ئاللاھنىڭ نەپرىتى بولىدۇ.ئېنىقكى سىز زىيان تارىتقۇچىدۇرسىز، مەيلى كىشىلەر ئارىسىدا قانچە ئابرويلۇق بولۇڭ، گىتلىر،چىڭگىزخان،جىكسونلاردىن ئاشقان جاھان سىزدىنمۇ ئاشىدۇ.ئەگەر مەقسىدىڭىز ئاللاھ رازىلىقى بولسا،ئۇنداقتا باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىش، مۇنافىقلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنمەي تۇرۇپ مۇنافىققا چىقىرىش سىز ئۈچۈن ھەم ،قېرىندىشىڭىز ئۈچۈن ھەم ياخشى ئەمەستۇر.ئەسلەڭ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ دىنىنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى، بىرى ئۇرۇپ قان چىقىرىۋەتتى، رەسۇلىللاھ تۇرۇپ ،دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاللاھتىن تىلىدى:"يا رەببىم، ئۈممىتىمنى كەچۈرگىن ،ئۇلار بىلمەيدۇ...."مانا بۇ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەردۇر.قېرىندىشىم، بىلىڭكى لا ئىلاھە ئىللەللاھ كەلىمىسىنى ئېيىتقۇچىلار گۇناھ قىلسىمۇ يەنىلا مۇسۇلماندۇر.ئۇلارنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ياكى شەك كەلتۈرگۈچى مۇنافىق، ياكى كاپىرلىقىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر،گەپ سۆزدە دىققەت قىلىڭ.
2. تورموللىسى دەپ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا:
مۇسۇلمان مۇسۇلماننى كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىد قىلىشتىن، ئابرويىنى تۆكۈشتىن تولىمۇ ئىھتيات قىلماق كېرەك. تۆۋە دەيمەن، بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ساۋابى شۇنچە كۆپمىدۇ؟گۇناھتىن پەقەتلا قورىقمايدىكەنمىز.....موللا سۆزى كىملەرگە بىرىلىدىغان نام؟ قۇرئان ئۆگەنگەن ،قۇرئان ئۆگەتكەنلەرگە.............رەسۇلىللاھ ئېيىتتى:"سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر.".......ئەمدى بىز رەسۇلىللاھ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار دەپ تەرىلىگەن ھۆرمەت ئىگىلىرىگە برىلگەن نامنى چاقچاق ،مەسخىرە ئورنىدا ئىشلەتكۈدەك چوڭىيىپ كەتتۇقمۇ قېرىنداشلار؟تۆۋەندە مەسخىرە سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە ئايەتنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن،مۆمىننى مەسخىرە قىلىشنىڭ نىمىلىكىگە ،كىملەرنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىگە قاراڭلار:
..........................................................................................
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن:
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: « بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن» دېدى. مۇسا: « جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن اﷲغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن» دېدى. 67: 2
15: 2
اللّهُ يَسْتَهْزِىءُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بىرىدۇكى ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.
57: 5
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَتَّخِذُواْ الَّذِينَ اتَّخَذُواْ دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِّنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاء وَاتَّقُواْ اللّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئۇيۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر ھەقىقى مۇئمىن بولساڭلار اﷲدىن قورقۇڭلار .
.........................................................................................................
...........بىلىدىغىنىمىز بولسا توغرىسىنى ئېيتىپ قايىل قىلايلى، ئەگەر قايىل قىلالمىساق ،مەسخىرە قىلىش گۇناھكار بولۇش بەدىلىگە ئاچچىق چىقارماي، سۈكۈت قىلايلى.يەنە بىرگەپ، دۆلىتىمىز قانۇنىمۇ باشقىلارنىڭ دىنىنى كەمسىتىشنى چەكلىگەن .
3. بەزى ئىشلاردا دەتالاش قىلىشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق،
مىسال ئالايلۇق، مۇنبەرلىرىمىزدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن بىر تىما "پاھىشە قىزنى ئالامسىز؟" بولدى، بۇ تىمىغا قانچە خەت يازاي دىدىم، ئەمما بىر قىز بالا بولغاچ نۇمۇس قىلدىم. ھەم يەنە بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ھەيران قالدىم...نىمىشقا دەمسىز؟ بەزىلەر دەپتۇ: بىز ئاشۇ يولدىن ئازغان قىزلارغا ئىگە بولمىساق كىم ئىگە بولىدۇ؟ئۇلارنىڭ گۇناھى ئاخىرەتتە بىزگە بولماسمۇ؟ئاللاھ بىزدىن ھىساپ ئالماسمۇ ؟ دەپتۇ............تۆۋە دەيمەن، شۇلار ئەگەر ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ توغرىسىدا نىمە دىگىننى بىلگەن بولسىدى، بۇنداق دىمەيىتىتى . رەسۇلىللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۆمىن ئاياللار مۆمىن ئەرلەرگە،مۆمىن ئەرلەر پەقەت مۆمىن ئاياللارغا لايىق كىلىدغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر پاھىشە ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشىگە نىكاھ ئوقۇپ قويۇشنى رەت قىلغان. ئوچۇق ئاشكارە تېنىنى ساتقان كىشىگە،تاكى ئىمان ئېيتىپ، گۇناھىدىن پاكلىنىپ ،تۆۋە قىلمىغۇچە ئۆيلىنىشنى توسقان.ھەتتاكى چالما كېسەك قىلىشنى ئۆزى تەلەپ قىلغان ئەر ئاياللار ئۆتكەن.
.............................................
..................................................
يازاي دىسەم بەك كۆپ،ئەمما دەرىسكە چىقمىسام بولمايدۇ، قالغىننى قېرىنداشلىرىمنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن، ئەمىلىي مىسال، پاكىت ،بىلىم بولمىسا، گەپدانلىق قىلغانغا مۇنازىرە بولمايدۇ. گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرگەيسىزلەر. ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس، باشقىلارنى تىللاپ ،ئۆزىمىزنى يۇقىرى چاغلاشتىن بۇرۇن ئەستايدىل ئويلىشىپ كۆرەيلى، بەلكى بىزدە ئۆزىمىز كۆرەلمىگەن نۇرغۇن ئىللەتلەر بولىشى مومكىن. تېخىمۇ كۆپ ئۆگەنسەك، زېھنىمىزنى ۋاقتىمىزنى ئۆگىنىشكە ،ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەرىپ قىلساق،ئاندىن بىزدە باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بىرەلەيدىغان بىر چېلەك سۇ بولىدۇ. ئۆز ئارا ئازار بىرىپ نىمىگە ئېرىشىمىز؟ ھەممىمىز بىر تۇققان تۇرۇپ بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى بۇرادەرلەر...........
ئاللاھ بىزلەرگە زىيادە ئىلىم، مۇستەھكەم ئىمان ۋە سەۋىرتاقەت ئاتا قىلسۇن،ئامىن..............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 07:54 AM