لەتىپە ، چاقچاق ھەققىدە
تارىختىن بىرى خەلقىمىز ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بولغان لەتىپە،چاقچاقلار خەلقىمىزنىڭ كۈلكە بىلەن ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.لەتىپە ،چاقچاقلاردا كۆپلىگەن ئورتاقلىق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزئالدىغىمۇ ئايرىم ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.تۆۋەندە ئۇلاردىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق ھەققىدە توختىلىمىز:
ئورتاقلىق :
ھەممىسى كۈلكە ، ھەجىۋىيلىكنى ئاساس قىلىدۇ ،مەلۇم شەخىس ياكى شەيئىلەر ئۈستىگە قۇرىلىدۇ.
خاسلىق:
لەتىپە__
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ھېكىيىۋىيلىقى كۈچلۈك ، تارقىلىشى ، ئومۇملىشىشى كەڭ ،بەدئىي جەھەتتە كەڭ تەرەققىي قىلغان ژانىر.لەتىپە مەلۇم شەخس ياكى ئوبرازنىڭ نامىغا يۈكلەنگەن بولىدۇ.
مەسىلەن : نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ، موللا زەيدىن لەتىپىلىرى ، شېرىن دورغا لەتىپىلىرى قاتارلىقلار.
لەتىپە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئاممىباب ژانىر.ئۇنىڭدا جەمىيەتتىكى ناچار خاھىش ، ئەخلاقسىزلىق ، خەلىقنىڭ نادانلىقى ، سەزگۈرلىكى ، كىشىلەرنىڭ پەسكەشلىكى پاش قىلىنىدۇ ۋە مەسخىرە قىلىنىدۇ.
لەتىپە ئۇزاققىچە ئۆزقىممىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا لەتىپە ھەرخىل رەڭ ۋە خاسلىق بىلەن نامايەن بولۇپ كىلىۋاتىدۇ .
چاقچاق__
چاقچاق لەتىپە بىلەن قوشماق ژانىر بولسىمۇ ، لېكىن ئۇتەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى مۇجەسسەملىگەن ، چاقچاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا لەتىپىدەكلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.چاقچاق باشقا ژانىرغا قارىغاندا تىز يوقايدۇ ، يەنى مەلۇم سورۇن ، مەلۇم شارائىتتىلا يارتىلىپ ئۆزرولىنى شۇ سورۇندا ئۆتەپ شۇسورۇندا يوقىتىدۇ ، سورۇندىن ھالقىپ كەتسە يۇمۇرىستىكلىكىگە تەسىر يىتىپ ، بەدئىي قىممىتى قالمايدۇ.كۈلكە چاقچاقنىڭ بىردىنبىر خۇرۇچى ئەمما لەتىپىدە كۈلكىنىلا ئاساس قىلمايدۇ.نۇرغۇن چاقچاقلار يەرلىك مىللىي ئالاھىدلىكگە ئىگە بولىدۇ ، نۇرغۇنلىرى قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىش ، تاۋلاش جەريانىدا لەتىپىگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.چاقچاق كۈچلۈك نەقمەندانچىلىققا ئىگە بولىدۇ ، بىر سورۇندا ئېيتىلغان چاقچاقنى يەنە بىر سورۇندا ئېيتىشقا بولمايدۇ.يەنە بىرسى چاقچاقلارنى يىزىپ قالدۇرۇش ئىنتايىن مۈشكۈل .ئۇ ئاساسلىق كۈلكە قوزغاشنىلا مەقسەت قىلىدۇ يەنى قارا يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.ئۇيغۇرلارنىڭ بىركۈنىمۇ چاقچاقسىز ئۆتكەن ئەمەس ، ئۇ تۇرمۇشتا بەكمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ .
چاقچاقلارنىڭ تۈرلىرى:
1.غەيرى ئادەم ياساش خارەكتىرىدىكى چاقچاق _ بۇ خىل چاقچاقلار مەلۇم بىر شەخىسنى چۆرىگەن ھالدا ئېيتىلىدۇ ، غەيرىلەشتۈرلىدۇ ،مۇبالىغلەشتۈرىلىدۇ.
2.لەقەملىك چاقچاق_ بۇخىل چاقچاق شەكلى ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان .بۇ خىل چاقچاقتا چاقچاق ئوبىيكتى لەقەمگە ئۆتۈپ ، باشقىلارغا بىلدۈرمىگەن ئاساستا كۈلكە پەيدا قىلىنىدۇ.لەقەملىك چاقچاق ئىنكاسنىڭ تىز بولۇشىنى ،تەسسەۋۋۇرغا باي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3.ماقال-تەمسىللىك چاقچاق_ بۇ تۈردىكى چاقچاق كۆپىنچە لەقەملىك چاقچاق بىلەن ئارلىشىپ شەكىللىنىدۇ.چاقچاقچىلار چوقۇم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال-تەمسىلەرنى پىششىق بىلىشى ھەمدە پايدىلنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.مەسىلەن ، بىرەيلەننىڭ لەقىمى ئىشەك بولسا ، چاقچاقچى مەلۇم سورۇندا مۇنداق دىسە بولىدۇ "ئىشەكمۇ بىر قېتىم يېقىلغان يەرگە قايتا دەسسىمەيدۇ" .بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ھەم كۈلكە پەيدا قىلغىلى ھەم قارشى تەرەپنىڭ نادانلىقى ، بىغەملىكىنى ئىچىپ بەرگىلى بولىدۇ.
4.ئوخشىتىش شەكلىدىكى چاقچاق _ بۇنىڭدا چاقچاقچى ئوخشىتىش شەكلىدە ئوبىيكىت قىلىنغان شەخىسنىڭ غەلىتە كۆرۈنىشى ۋە غەيرى ھالەتلىرىنى شۇنىڭغا ئوخششىپ كىتىدىغان تەبىئەت نەرسىلىرىگە ئوخشىتىش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ.
5.قاپىيلىك چاقچاق _ چاقچاقنىڭ بۇخىل شەكلى شېئىرىي شەكىلدە قاپىيە قوغلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.بۇخىل چاقچاق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە ،كىشىلەرگە بەدىئىي لەززەت بىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرىت يەنە يەنە شېئىرىي چاقچاقمۇ بار.
مەسىلەن : ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىنىڭ ئىتىوتلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قاپىيە چاقچاقلىرى .
قاپىيەنى باشلىدىڭىزما ؟
بىشىڭىزنى قاشلىدىڭىزما؟
مەندەك دوستنى تاشلىدىڭىزما؟
كۆزىڭزىنى ياشلىدىڭىزما؟
...
6.چاچما چاقچاق _ بۇ خىل چاقچاق مەلۇم سورۇننىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ، بۇخىل چاقچاق چاقچاقچىنىڭ ھازىر جاۋاب بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
7.بەسلىشىش خارەكتىرىدىكى چاقچاق _ بۇخىل چاقچاق ئەل ئىچىدە نامى بار ئىككى چاقچاقچىنىڭ تۇتۇشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇخىل چاقچاقنىڭ رىقابەتلىشىشى كۈچلۈك بولۇپ، بىر تەرەپ يېڭىلمىغىنىچە يەنە بىرتەرەپ توختىمايدۇ.
8.تەرجىمە چاقچاق _ بۇ خىل چاقچاقتا ، چاقچاقچى كىشى ئويلاپمۇ باقمىغان تەرجىمە سۆزلىرى ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ.شەرت چوقۇم كىشى ئويلاپمۇ باقمىغان شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىشى ، سۈرىتى تىز بولۇشى كېرەك.
مەسىلەن : ئابدۇكېرەم ئابلىز ئاكىنىڭ ئىتوتلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تەرجىمە چاقچاق .
تاۋار باللار تاۋار باللار،
تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ،
يۈرەكتە دەردى بار باللار.
تەرجىمىسى :
شاڭپىن ۋاۋا ، شاڭپىن ۋا،
بى شاڭپىن گۈيدە خېن ۋاۋا.
بابا ، ماما لىيكەيلې،
شىنزاڭ يوۋ موبېڭدې ۋاۋا.
قوشۇمچە :
خەلقمىزدىكى داڭلىق لەتىپىچىلەر :
1. نەسىردىن ئەپەندى
2.موللا زەيدىن
3.سەلەي چاققان
4.موللا مەيتار خەلپىم
5.ئىبراھىم ساھىت
6.شېرىن دورغا
7.ئىسكەندەر ھەققۇلى
8.روزى قارىم
خەلقىمىزدىكى چاقچاقچىلار:
1.ھېسام چاقچاقلىرى
2.ئىشقىيار چاقچاقلىرى
3.ئەكرەم چاقچاقلىرى
4.غۇلجا دىيارىدىكى بىرقىسىم داڭلىق چاقچاقچىلار
مەنبە: تولۇق ئوتتىرا تاللانما دەرسلىك5-قىسىم
<<ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى>>
رەتلىگۈچى: قۇدئىز