مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4196|ئىنكاس: 43

ئايالىمنىڭ دوستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2836
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى مەن ئايالىم بىلەن ئائىلە ۋە مۇھاببەت توغرىسىدا پاراڭلىشىم قالدىم .ئايالىمنىڭ دىيىشچە ئايالىمنىڭ بىر يېقىن دوستى بۇلۇپ توي قىلغان ، ئىككى بالىسى باركەن ،لىكىن ئائىلە تۇرمۇشىدىن بۇلۇپمۇ يولدىشىدىن ئانچە رازى ئەمەسكەن ، ئايالىمنىڭ ئۇ دوستى مەلۇم بىر بازارلىق ھۈكۈمەتتە ئاياللار كادىرى ئىكەن . ئۇ ئايال ئاشۇ بازارلىق ھۈكۈمەتتە خىزمەت قىلىش جەريانىدا شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر ئەر بىلەن چىقىشىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بۇپتۇ، ئايالىمنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئايال ئۇ ئەرنى ئىنتايىن ياخشى كۈرەرمىش، ئۇ ئەرنىڭمۇ خوتۇن باللىرى بارمىش، لىكىن ئۇ ئەرمۇ ۋە ئۇ ئايالمۇ ئىرىدىن ئاجراشماسمىش. ئاشۇنداق ئۈتۈشكە رازى ئىمىش. ئۇ ئايالنىڭ ئىرى دېھقان بۇلۇپ بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇيدىكەن ، بەك يۇۋاش بۇلۇپ ئايالى بىلەن ئانچە بەك كارى يوقكەن .شۇڭا ئۇ ئايال سىرتتا ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشتىن خوشاللىق تاپىدىكەن . پۇرسەت تاپسىلا ئاشۇ ئەر بىلەن بىللە بۇلىدىكەن . ئۇلارنىڭ ئۈيۈمۇ يېقىن بۇلۇپ ھەر كۈنى كەچتە ئۆينىڭ كەينىدىكى باغدا ئۇچۇرشىدىكەن . ھەتتە خاتىرجەم ھالدا بىرگە بۇلۇشۇپ ئىش تۈگىگەندە ئۈيىگە كىرىپ چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېرى بىلەن قەستەن بىرگە بۇلىدىكەن ، ئاندىن يۇيىنىدىكەن . ئايالىم كۆپ قېتىم ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئۇ دوستى يەنىلا ئۆزى بىلگەننى قىلىۋىرىپتۇ.بىر كۈنى ئۇ دوستى يەنە تېلپۇن قىلىپ ئېرىنىڭ بىر ھەپتە بىر يەرگە كەتكەنلىگىنى كەچتە شەھەرگە بېرىپ ئوينايدىغانلىغىنى ئايالىنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىغىنى ھەم ئۆزىنىڭ مىھمان قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ . ئايالىم ئۇنماپتۇ . ھەم دوستىغا نەسىھەت قىلىپتۇ . گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ سەندىن ئادا -جۇدا بۇلىمەن دەپ تېلفوننى قۇيۇۋېتىپتۇ . لىكىن ئۇ دوستى قىلىدىغاننى قىلىۋىرىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئاخىرى بولماي ئۇنىڭ بىلەن ئادا جۇدا بۇلۇپتۇ ، ئۇلارنىڭ دوسلىغىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ . مەن بۇلارنى ئاڭلاپ قەتتئي ئىشەنگىم كەلمىدى ھەم ئۇ ئايالغا قاتتىق نەپرەتلەندىم . قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى . جاھان زادى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ دپ قاتتىق ئويلۇنۇپ قالدىم . بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئەسكىلىگىدىن ، ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ، قىمار ئويناپ ، سىرتلاردا قالايمىقان ئىش قىلىشىدىن ھەتتا ئۆيدە ئاچچىغىنى ئايالىدىن چىقىرشىدىن رەنجىسە ،بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ مۇلايىم ، يۇۋاشلىغىدىن رەنجىپ تالاغا قارايدىكەن مەن شۇنچە ئويلىساممۇ بۇ ئىشلارنى قەتئي كاللامدىن ئۆتكىزالمىدىم . ئويلىغانسىرى قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى . بىزنىڭ ئويغۇر ئاياللىردىكى ئاياللىق لاتاپەت ، شەرىم - ھايا ، ئۇلاردىكى مۇھاببەت ، ئالىلىسى ۋە جورىسى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشلەر نەگە كەتتى . بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاياللارنى ئۇنداق پەرىشتە ،بۇنداق پەرىشتە دەپ دەپ تەرىپلەپ كەلدۇق ، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىسىل پەزىلەتلىك پەرىشتە سۈپەتلىك ئاياللىرمىز ۋە ئانىللىرىمىز بار ، ئۇلار بىر ئۆمۈر ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ قىلچىلىك زارلانمايدۇ،ئائىلىسى ۋە يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلەيدۇ. مەسلەن : ئىلگىرى مەن بىر ھىكايىنى ئۇقىغان ، ئۇقۇپ بۇلۇپ تەسىرلەنگىنىمدىن يېغلاپ تاشلىغان ، ئۇ ھىكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق : يەنى بىر بەخىتلىك ئائىلە بۇلۇپ ئەرنىڭ ئىسمى سادىق ئايالنىڭ ئىسمى شىرىن بۇلۇپ شىرىن  مىۋە -چىۋە ساتىدىكەن ، سادىق تاكسى شوپۇرى ئىكەن ، باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى ھايدايدىكەن . ھەمدە ئۈچ ياشقا كىرگەن نادىرە ئىسىملىك بىر قىزى باركەن . شۇنداق بەخىتلىك ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سادىق قاتناش ھادىسىدە ئېغىر مىيىپ بۇلۇپ قالىدىكەن . شىرىننىڭ  ئاپارمىغان دوختۇرخانا كۆرسەتمىگەن دوختۇررى قالمايدىكەن ، بارلىق ئىقتىسادىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىكەن ، لىكىن شىرىن داۋالىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىكەن. سادىقنىڭ بەلنىڭ تۆۋىنى ئىشلىمەيدىكەن .شىرىن كۈندۈزى يولدىشىغا قارىغاچ يەنە مىۋە چىۋە سېتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.كەچتە باشقىلارنىڭ كىيىمىنى تىكىپ ئانچە مۇنچە پۇل تاپىدىكەن.  دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئېرىنى داۋالىتىشقا 1000000 بىر مىليۇن يۇەن كىتىدىكەن ، شىرىن ھەر تەرەپتىن دوختىماي ئىزدىنىپمۇ بۇ پۇلنى تاپالمايدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سودا قىلىۋېتىپ بىر مىليونىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدىكەن ھەم بارلىق ئەھۋالنى ئېيتىدىكەن ،ياردەم قىلىشنى سورايدىكەن لىكىن ئۇ ئەرنىڭ ئىستېلى دۇرۇس ئەمەسكەن، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغىرلىماقچىكەن. ئەسلى ئۇ مىليونۇر ئەر يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى ئاغىنىسى ئىكەن . بۇنى ئايالى بىلمەيدىكەن . ئۇ ئەر ئۇ ئايالغا ياردەم قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ ، لىكىن شەرتى ئايالغا ئېرىشىش ئىكەن ، ئۇ ئايال بەك چىرايلىق بولغاچقا قەستەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانئىكەن، لىكىن شىرن پەرىشتە سۈپەتلىك ، شەرىم ھايالىق ئايال بولغاچقا ئۇنىڭ تەلىبىنى رەت قىپتۇ ، لىكىن شىرىن ئاشۇ بىر مىليۇن يۇەن بولسا ئېرىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتى. لىكىن شىرىن شۇنداق قىلغان بولسا ئېرىنى جىسمانى جەھەتتىن قۇتقۇزغان بىلەن روھى جەھەتتىن ئۆلتىرەتتى . بۇنى ئۇ ئوبدان بىلەتى . ئىككىسى بىر بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۈرىشىدىغان بۇلۇپ ئۇلار ئوتتىرسىدىكى مۇھاببەت ھەقىقى چىن مۇھاببەت ئىكەن،يولدىشى ئۇنداق ئىشنىڭ بولغىنىدىن ئۆلگەننى ئەۋزەل كۈرۈدىكەن. شىرىن ئاخىرى ئالتە يىلنى ئەنە شۇ ئېرىنى كۈتۈش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزۈدىكەن، شىرىن ئېرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ساقىيدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىندىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ توردا بىر ئېلاننىڭ كۈرۈپ ھاياجىنىدىن سەكرەپ كىتىدىكەن، يەنى بىر ئايالغا بورەك لازىم بۇلۇپ ئەگەر كىم ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن بىر بۆرىگىنى بەرسە بىر مىليۇن يۇەن بىرىدىغانلىغى يىزىلغان ئىكەن . شىرىن ئاخىرى بىر بورىگىنى سېتىپ ئېرىنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ ، لىكىن شىرىن بۇندىن كىيىن بالىلىق بۇلۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېپتۇھەم ئاغرىقچان بۇلۇپ قاپتۇ. شىرىن  ئېرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن توپتوغرا يەتتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىپتۇ . بىر مىليۇن يۇەنگە ئۆزىنى تىگىشمەپتۇ، غۇرۇرىنى ساتماپتۇ .بۇنىمىدىگەن ئىسىل پەزىلەت ئىسىل روھ ھە .شىرىن ئەنە ئاشۇنداق قىلىپ ئۆزى ۋە ئېرىنىڭ پاك مۇھاببىتى ۋە غۇرۇرىنى ساقلاپ قالدى . مانا بۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ،بىز سۈيىدىغان ئايال.
مەن بۇ ھىكايىنى ئۇقۇپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ، ھەتتا ئۇ ئايالغا چۇقۇنغان ، پەخىرلەنگەن ،سۇيۇنگەن .ئاشۇنداق ئالتۇنغا تۈگەشكۈسىز ئاياللىرمۇزمۇ بار ئىكەن دەپ پەخىرلەنگەن  ، ھالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە بەزى ئاياللارغا نىمە بولدى ، ھە دىسىلا ئەرلەردىن رەنجىشنى بىلىسىلەر ، ئەرلەر ئۇنداق ئەرلەر مۇنداق شۇڭا ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى دەيسىلەر .ئۈزەڭلەرگە باھانە سەۋەپ ئىزدەيسىلەر، سەۋەبىنى ئۈزەڭلارغا قۇيۇپ باقمايسىلەر . تۇرمۇشۇڭلاردىن رازى بولمايسىلەر. كونىلارنىڭ بىر گىپى بار يەرنى ئوڭشىغانمۇ خوتۇن ،ئەرنى ئوڭشىغانمۇ خوتۇن دەيدىغان.
بەزىلەر دەيدۇ ئېرى ئاشۇنداق تۇرسا خۇتۇنى نىمە بولماقچىدى دەپ . ھەممىسى قۇرۇق گەپ . ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆز ئارا كەمچىلىكلىرىنى تۇلۇقلاپ بىر- بىرسىگە قىزغىن بۇلۇپ ياخشى ئۆتسە ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا بىر بىرسىگە مەسئۇل بۇلۇشى ، ئائىلىدە ئەر ئەردەك ئايال ئايالدەك ياشىشى بىردەملىك ھېسياتنى دەپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىغى ،ھەممىسى ئۆز خۇسۇسۇيتىنى يوقاتماسلىغى كېرەك . بولمىسا ئايالىمنىڭ دوستىدا يۈز بەرگەن ئىشلار سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كىلىشى مۇمكىن . ئاياللار ئەخلاق پەزىلەتلىك ئەرلىرمىز غۇرۇرلۇق مەسئۇلياتچان بولساقلا «ئايالىمنىڭ دوستى » بۇلۇپ قالمايمىز. قېنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ باقايلى...
ھىكايەمدە بەزى ئىملا خاتالىقلىرى كۆپ بۇلىشى مۇمكىن ، ھەمدە بەزەن بىر گەپلىرىم سەل ئېشىپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن دوستلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى سورايمەن . بۇ ھىكايىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن .

«ئايالىمنىڭ دوستى» نىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلمىدى . پەقەت دوسلارنىڭ بۇ ھىكايىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن بەزەن بىر چۈشەنچىسىنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا ، ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشىغا ياردىمى بۇلىشىنى چىن كۆڭلىمدىن تىلەيمەن. مۇھەررىرنىڭ ئەسەرنى كۈرۈپ تۈزىتۈپ بىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 05:29 PM  


نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ھەركىم ئۆز تەقدى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65416
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46775
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3988
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ   ئاياللارنى، ئەزىز،  دىلىنى پاكىزە قىلغاي!!!!!!!

ئايدەك  ھۆسنىڭ بولغۇچە،قۇياشتەك قەلبىڭ بولسۇن!!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36662
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7249 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلىيىڭىز باركەن، ئايالىڭىز ئۇ جالاپتىن ئادا-جۇدا بولۇپتۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
~OT~ + 10 بىزەڭ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zapar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 06:37 PM
تەلىيىڭىز باركەن، ئايالىڭىز ئۇ جالاپتىن ئادا-جۇدا بول ...

سەت گەپ قىلماڭ،  ئىلمى بۇلۇڭ ،مۇنبەردىگەن ئاممىۋىي سورۇن.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73563
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:58:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىمۇ؟ ياكى مۇھاكىمە ماقالىسىمۇ مەن تازا ئېنىق بىلەلمىدىم دىسە.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5778
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 07:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تائالا  ھەر بىر قىز- ئاياللىرىمىزغا شەرمى -ھايا ،ئىنساپ تەۋپىق ،ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيمەن.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7440
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 07:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ۋەقەدەك قىلىپ تۇرىدۇ

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58960
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3490
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 07:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيتىمىزدە بۇنداق ئش كۆپۇيۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36662
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7249 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:20:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 06:49 PM
سەت گەپ قىلماڭ،  ئىلمى بۇلۇڭ ،مۇنبەردىگەن ئاممىۋىي سو ...

جا...پ دېگەن جا...پ، ئۇنىڭ ئىلمى ئاتالغۇسى يوق.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش