مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1135|ئىنكاس: 23

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن _ قىتىغۇر قەيسەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ...
                                                                               _ قىتىغۇر قەيسەر
   بۈگۈن تۇرغۇننىڭ تەكلىپى بىلەن ئاغىنىلەر بىر يەرگە يىغىلماقچى بولدۇق. بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ھالىمىز خاراپ ئىدى. پۇل تاپقانلار تېپىپ، بىزدەك پۇل تاپالمىغانلار قىلىدىغان ئىش يوق، دېھقانچىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشقا چاغلاردا كوچىدا لالمىدەك بىكار يۈرەتتۇق. تۇرغۇننىڭ بىكارغا ئىزدىمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپى بىزگە ياغدەك يېقىپ، دېيىشكەن ۋاقىتتىن بۇرۇنلا  يىغىلىدىغان يەرگە قاراپ ئاتلاندۇق.
- ئەينى ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ  ياخشى ئوقۇ،دەپ مەكتەپكە قوغلاپ يۈرۈشلىرىنى ئويۇندەك ھېس قىلىپ، پۇتىمىز تايغان، بېشىمىز قايغان يەرلەردە يۈرۈپ، تۈزۈك ئوقۇيالمىغاننىڭ دەردىنى تازا تارتىۋاتىمىز جۇمۇ بالىلار.
-  دادام مېنى دېھقاننىڭ بالىسى، كادىر بولغان نەدە بار، دەپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەيلا چىقىرىۋالغان ئىكەن، مانا ھازىر يۇقىرىدىن قۇتقۇزۇشقا بەرگەن پۇلنىمۇ ئوڭشاپ بانكىدىن ئالالمايمەن، دېسە.
-يا تۈزۈكرەك ھۈنىرىمىزمۇ يوق ئىكەن بىزنىڭ.
- ئۆز ۋاقتىدا ئوبدانراق ئوقۇغان بولساق، مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرمەس بولغىيتۇق-ھە؟
- ياق، ھەممە گەپ ئوقۇشتا ئەمەس، غەيرەتتە، تىرىشچانلىقتا. تۇرغۇنغۇ ياخشى ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ پۇل تاپتى، دەيلى، ئەمما قەيسەرچۇ؟ ئۇ مەكتەپتە ھەممىمىزدىن ناچار ئوقۇغان، مانا ئەمدى، تۇرغۇندىن قالسىلا ئارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ باي بولۇپ قالدىغۇ؟
- قەيسەر كۇلىچىلىق قىلىپ بېيىپ كەتتى.
-سەنمۇ قەيسەردەك قارام، تەۋەككۇلچى بولساڭ پۇل تاپالىغان بولاتتىڭ.
-  قەيسەرمۇ تۇرغۇننىڭ سايىسىدا پۇل تاپتى، ئاغىنىلەر.
  ئاغىنىلەر دېگەندەك ،قەيسەر تۇرغۇننىڭ ياردىمى بىلەن نىمكەش ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر-ئىككى يىلدىن بىرى خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. قەيسەر ئىلگىرى خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىلەر ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ تىجارەت قىلسا، ئەمدى بىۋاستە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال يۆتكەيدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى.      بىز دېيىشكەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق، قەيسەربىلەن تۇرغۇن يولىمىزغا قاراپ تۇرغان ئىكەن، بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق.  
تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇرغۇن گەپ باشلىدى.
- ئاغىنىلەر، بىز ئاچماق ئىشتان كېيىپ يۈرگەندىن بىرى بىلىشىدىغان، تونۇشىدىغان،بىرىمىز ئۆلۈپ كەتسەك، قالغانلىرىمىز جىنازا ئالدىدا يىغلاپ ماڭىدىغان سىرداش ئاغىنىلەردىن. مەن ئاللانىڭ ھىممىتى بىلەن مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتىم، قەيسەرنىڭمۇ ھال- كۈنى ياخشىلىنىپ كەتتى، ئەمما باشقا ئاغىنىلىرىمىز مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي يۈرۈيدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ھەممىمىزنىڭ  كۆڭلى  يېرىم. مەن قەيسەر بىلەن مەسىلىھەتلىشىپ، ئاغىنىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئىش قىلىشنى ئويلىشىپ بۈگۈنكى يىغىلىشنى قارار قىلغان. مۇنداق ئىش، ھازىر باشقا شەھەر-ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تىجارىتى بەك گۈللىنىپ كەتتى. بىزنىڭ ناھىيىمىزدە بۇ ساھە بىر بوشلۇق.  بىز ئىككى ئىش قىلماقچى، يەنى لەيلىمە خىش زاۋۇتى بىلەن سۇلياۋ ئىشىك-دەرىزە زاۋۇتى قۇرۇش. بىز  بۇ بۇ ئىشنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاللاقاچان پۈتتۈرۈپ قويدۇق. بىز ئاقسۇدىكى بىر زاۋۇت بىلەن ئۇقۇشۇپ قويدۇق. سىلەر ئاۋۋال ئاقسۇدا ئۈچ ئاي تەربىيلىنىپ، ھۈنەر ئۈگىنىسىلەر، بارلىق چىقىم بىزدىن. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسمى ئىش باشلىنىدۇ. بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر.
- تۇرغۇن ئەھۋالنى ئوبدان چۈشەندۈردى. مەن بۇ ئىشنى بىۋاستە تۇتىمەن، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا تىجارىتىنىمۇ قىلىۋىرىمەن.
- تۇرغۇن ئاداش، ئىش ھەققىمىز قانداق بولىدۇ؟
- ئاساسى مائاش 500 يۈەن بولىدۇ، قالغان ئىش ھەققى ئىش ئۈنىمىگە قاراپ مۇكاپات تۈزۈمىدە بېرىلىدۇ.
-مۇكاپات تۈزۈمى دېگەن قانداق گەپ.
-مەسىلەن،ئەگەر سەن تەۋە گورۇپپىغا  كۈندە 20 ئىشىك-دېرىزە ياساش ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ دەيلى، سىلەرنىڭ گورۇپپاڭلار ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ 25 ئىشىك-دەرىزە ياسىساڭلار، ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان ئىش ئۈچۈن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان ئىشىك-دېرىزىنىڭ پايدىسىنىڭ يېرىمى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ،دېگەن گەپ.
-قاچان ئىش باشلىنىدۇ؟
-ئاللا خالىسا تۆت ئايدىن كېيىن.
  شۇنداق قىلىپ، بىز توختاملارغا قول قويۇپ، تەربىيلىنىشكە تەييارلاندۇق.. مېڭىشقا ئىككى كۈن قالغاندا قەيسەر بىزنى  تۇيۇقسىز ئىزدەپ قالدى.
- ئاغىنىلەر تۇرغۇن بەك قارا نىيەت ئىكەن. بۇ ئىشتا يەتتە ئۆلۈش پايدا ئۆزىگە قالىدىكەن، ماڭا بولسا ئاران ئۈچ ئۈلۈش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلار بىلەن ئۇقۇشۇپ باقتىم.سىلەرگە بېرىلىدىغان ئاساسى مائاشمۇ بەك تۆۋەن ئىكەن.
-سەن قانچە پۇل قاتقان ئىدىڭ؟
-مەنغۇ جىق پۇل قاتمىغان. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھەممە جاپاسىنى مەن تارتىمەن. تۇرغۇن بىزنى باشقۇرۇپ  خوجايىن بولغاندىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
-باشقىلاردا ئاساسى مائاش نەچچە پۇل ئىكەن؟
-800يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ئىكەن.
-ئەمسە تۇرغۇن بىزنى قويۇۋىتىپتۇ-دە، بولدى مەن، ئىشلىمەيمەن، ئاقسۇغىمۇ بارمايمەن.
-مۇكاپات دېگىنىمۇ قۇرۇق ئىمىزگە، بىز ئالدىنىپ قاپتۇق. تۇرغۇن بەك قارا نىيەت بولۇپ كېتىپتۇ.
-قاسساپ ئۆز دوستىغا سۆڭەك ساتقاندەك ئىش قىپتۇ، ئۇ خۇمسى.
-يۇرۇڭلار، تۇرغۇننى تېپىپ ئەدىبىنى بېرەيلى.
ئاغىنىلەر قاتتىق ئاچىقلىنىپ كەتتى. قەيسەر يەنە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى.
-ئاغىنىلەر، تۇرغۇندا ئىنساپ يوق ئىكەن، ئۇمۇ توختامدىن پايدىلىنىپ مېنىمۇ ئوڭدا قويدى، پۇلۇم جىق دەپ، بۇزەك قىلدى. ئاغىنە بولغاندىكىن، پۇلنى كۆپ قاتقان بولسىمۇ، پايدىنى تەڭ ئايرىسا نېمە بولىدۇ، مەن توختامدىن ۋاز كېچىپ، پۇلۇمنى قايتۇرىۋالدىم، يەنىلا ئاشۇ ماشىنا تىجارىتىم ياخشى ئوخشايدۇ. سىلەرنىمۇ تۇرغۇننىڭ قارا نىيىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى نېمە ئىش قىلساڭلار، ئىختىيارىڭلار.
  بىز تۇرغۇننى ئىزدەپ تاپتۇق.
-ھەي، كۆكەمە سەن بىزنى نېمىشقا ئالدايسەن؟
-تۇرغۇن، سەنمۇ ئادەممۇ، نىمىشقابىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقمايسەن؟
- بولدى بىز ئىشلىمەيمىز، سەندەك قارا نىيەتكە ئىشلىگەندىن ئۆيدە قۇرۇق نان غاجاپ ئولتۇرغان ياخشى.
- ھېلىمۇ قەيسەر بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا،...
-تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەنسەن، ئاغىنەم دەپ قويۇپ، قەيسەرنىمۇ ئوڭدا قويۇشقا تاس قاپسەن.
تۇرغۇن بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
-ئاغىنىلەر مەن سىلەرنى ئوتقا ئىتتىرىدىغان ئىشنى قىلارمەنمۇ؟ راسىت باشقا زاۋۇتلاردا ئىش ھەققى يۇقىرى. بىراق ئۇلارنىڭ ئىشچىلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان. مەن سىلەرنى نەچچە تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردۇم، كېيىن ئىشسىز قالساڭلار، ئىش ئۈستىدە يارلانساڭلار، پىنسىيىگە چىقساڭلار نۇرغۇن تۆلەمگە ئىرىشىسىلەر، بۇ كېيىنكى تۇرمۇشىڭلار كاپالەتگە ئىگە بولدى دېگەن گەپ. قولۇڭلاردىكى توختامنى ئوبدانراق ئوقۇپ باقساڭلار دېگەنلىرىمنى چۈشىنىسىلەر. قەيسەرنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ئۇ قانچە پۇل قاتسا، شۇ پۇلغا لايىق پايدا-زىيانغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ئىشنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق تۈزۈم-قائىدىلىرى بار،قەيسەر مېنى خاتا چۈشىنىپ پۇلىنى قايتۇرىۋالدى.  مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم، قالغىنىنى ئۆزەڭلار ئويلىشىپ، بىر ئىش قىلارسىلەر.
ئىككى-ئۈچ ئادەمنى ھېساپقا ئالمىغاندا. ئاغىنىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا تۇرغۇنغا ئەگىشىش قارارىغا كەلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ، ئارىمىزدىن 3000 يۈەن مائاش ئالىدىغان ئىشچىلار چىقىشقا باشلىدى. (11-بۆلەك)

مەنبە: ئۆزەم.
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.  ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 04:55 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 508
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:59:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ  تۇنۇشلا  تېما كىنە بۇ ؟؟؟؟

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77059
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 02:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بىزگە بىراۋنىڭ پىكرىگە تايىنىپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ . ...

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 02:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا داۋاملىق ئوقۇۋاتمەن .....يوللاۋىرىڭ ھە داۋامىنى ....

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3502
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 8883
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۆرمەپتىكەنمەن باشتىكى بۆلەكلىرىنى ، ئەسىرىڭىزنى باشتىن بىر ئۇقۇپ چىقاي ۋاقتىم يەتسىلا.  تورغا چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچ ،ھىكايە-رومانلارنى كۆرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ.
ھىكايىڭىزدە ئاساسلىقى نىمىلەر سۆزلىنىدۇ؟
سۇئالىم بەك ئۇدۇل بۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 03:32 PM  


بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2157
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار ھەردائىم كۆزئالدىمىزدىلا ئۈچراپ تۇرىدۇ .
ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ، داۋدمىنى كۈتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 03:38 PM  


كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kugul يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 03:31 PM
مەن كۆرمەپتىكەنمەن باشتىكى بۆلەكلىرىنى ، ئەسىرىڭىزنى  ...

باشقىلار قانداق ئويلايدىكىن بىلمىدىم، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بۇ چاتما ھېكايىلەردە ئادەم بولۇش يولى سۆزلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن،

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 04:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ بۇ تېما تازا ئۇرىدىغان گۇينىڭ قانچىنجى قېسمى بولدىكىن ؟
ئۆتكەن بىر ھەپتە مەن ئېمتىھان بىرىمەن دەپ ، شۇ ئشىلار بىلەن بولۇپ كېتىپ نەچچىنجى قېسمىغا كەلگەنلىكىڭىزنى بىلەلمەي قالدىم .
ھەر قېتىم يازغان ئىجادى تېمىللىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرىمەن . چۈنكى تېمىنىڭ ئۆزى قىززىق ، مەزمۇنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئېىسل مەزمۇندىكى تېما .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77272
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-3-11
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 04:14:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا بولمىسۇن
بۇ تىمىغا ئادەمنى بىرخىل قىززىقتۇردىغان سىھرىي كۇچ بار دىسە

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 05:42:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 04:11 PM
شۇنداق قىلىپ بۇ تېما تازا ئۇرىدىغان گۇينىڭ قانچىنجى قې ...

ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
بۇ 11-بۆلەك

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش