مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 678|ئىنكاس: 9

كەئبە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61251
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاللاھتائالا  مۇنداق دەيدۇ:<<شۈبھىسىز ،ئىنسانلار ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان تۇنجى ئىبادەت يىرى مەككىدىكى كەئبىدۇر...>>(ئال-ئىمران سۈرىسى 96-ئايەت)
<<بىز كەئبىنى كىشىلەر جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردۇق.(كىشىلەرگە)ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار(يەنى شۇ يەردە ناماز ئۇقۇڭلار)دىدۇق.>>(بەقەرە سۈرىسى 125-ئايەت)

يەر يۈزىنىڭ مەركىزى كەئبىدۇر.ئىنساننىڭ مەركىزى قەلبىدۇر.كەئبىنىڭ ۋە قەلبىمىزنىڭ ئىگىسى ئاللاھتائالدۇر.

كەئبە:يەر يۈزىدە ئاللاھقا ئىبادەت ئۈچۈن سىلىنغان تۇنجى بىنادۇر.كەئبە <<ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئۆي>>دىگەن مەنىدە <<بەيتۇللاھ-ئاللاھنىڭ ئۆيى>>دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىتقادىمىز  بىر.كىتابىمىز بىر .پەيغەمبىرىمىز بىردۇر .قىبلىمىز كەئبىدۇر،بىز بىر ئۈممەتمىز.

كەئبىنىڭ تازلىقىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرسەك ،قەلبىمىزنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ شۇنچە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك.قەلبىمىزنى يامان نىيەت ۋە ناچار خىياللاردىن پاكىزلىشىمىز كىرەك.خۇددى كەئبىنى ھەر خىل كىرلەردىن تازلىغان ھەزىرتى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ۋە ئىسمايىل ئەلەيھىسالامنىڭ قىلغىنىدەك.

كەبىنى يىقىتىشتىن قانچىلىك تارتىنساق ،ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن ،دىلىنى رەنجىتىشتىنمۇ  شۇنچىلىك تارتىنىشىمىز كىرەك.

                                                       كەئىبىنىڭ يوللىرى
                                         كەئىبىنىڭ يوللىرى پارچە-پارچىدۇر،
                                         مىنىڭ يۈرىكىم لەختە-لەختىدۇر،
                                         دۇنيا دىگىنى بىر سايلىقتۇر.

                                         جىنىم كەئبە بارسام ساڭا،
                                        يۈزۈمنى ،كۆزىمنى سۈرتسەم ساڭا.

                                        دوست-يارەنلەر ئارتىپ قويسۇن يۈكىمنى،
                                       خوشنىلىرىم ھالال قىلسۇن ھەققىمنى،
                                       كۆرەلمىدىم يىراق بىلەن يىقىننى.

                                      جىنىم كەئىبەم بارسام ساڭا،
                                      يۈزىمنى ،كۆزۈمنى سۈرتسەم ساڭا.


                                                            كەئبە
يەر يۈزىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سىلىنغان تۇنجى ئىبادەتخانا كەئىبىدۇر.ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسالام تەرىپىدىن سىلىنغان بۇ ئىبادەتخانا نوھ توپىنىدا سۇ ئاستىدا قالغان بۇلۇپ ،تاملىرى يىقىلىپ ئۇلى كۆرۈنمەس ھالەتكە يەتكەن ئىدى.
نوھ توپانىدا يىقىلغان بىنا كىيىنچە ھەزىرتى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بىلەن ھەزىرتى ئىسمايىل ئەلەيھىسالام تەرىپىدىن ئەسلىدىكى ئۇلى يىڭىدىن سىلىنغان ئىدى.ۋەقە مۇنداق:
ئايالى ھاجەر  بىلەن ئغلى ئىسمايىلنى مەككىگە يەرلەشتۈرگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بالا-چاقىسىنى يوقلاش ئۈچۈن پات-پات مەككىگە كىلىپ تۇراتتى.يەنە مەككىگە كەلگەن بىر كۈنى ،ئاالھتائاللا  ئۇنۇڭغا كەئىبىنى يىڭىۋاشتىن بىنا قىلىشنى ئەمىر قىلدى.بۇ ئەمىرگە بىنائەن ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسالام كەئىبىنى سېلىشقا تۇتۇش قىلدى.ئادەم ئەلەيھىسالام زامانىدىكى ئۇلىنى تىپىپ ،تامنى بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە سالدى.ئىسمايىل ئەلەيھىسالام تاغدىن تاش ئەكىلەتتى ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام كەئىبىنى بىنا قىلاتتى.بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق مۇبارەك بىر خىزمەتنى قىلىشىغا نىسىپ قىلغان ئاللاھقا شۇكرى قىلغاچ ،مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدى:
-ئەي رەببىمىز!قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قۇبۇل قىلغىن.شۈبھىسىزكى،سەن ئاڭلىغۇچىسەن.كۆرگۈچىسەن.ئەي رەببىمىز!بىزنى ساڭا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن ئەيلە.نەسلىمىزدىن ساڭا ئىتائەت قىلغۇچى بىر ئۈممەت چىقارغىن.بىزگە ئىبادەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتكىن.تەۋبىمىزنى قۇبۇل قىلغىن.چۈنكى سەن تەۋبىلىرىمنى قۇبۇل قىلغۇچى،ئەپۇ قىلغۇچى،ناھايىتى مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھسەن.
-ئەي رەببىمىز!بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قۇبۇل قىلغىن.سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن.(نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن.رەببىمىز!بىزنى ساڭىلا ئىتائەتمەن قىلغىن.بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزدىنمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن.بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن.تەۋبىمىزنى قۇبۇل قىلغىن.چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قۇبۇل قىلغۇچى سەن.ناھايىتى مىھرىبانسەن.
-ئەي رەببىمىز!ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بىرىدىغان،كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى )،ھىكمەتنى(يەنى پاك سۈننەتنى)ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان،ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن )پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن.ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن،ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.(بەقەرە سۈرىسى 127-129ئايەت)
كەئبىنىڭ تاملىرى ئىگىزلىگەن ۋە قۇرلۇشى تاماملانغان ئىدى.جىبرىئىل ئەلەيھىسالام تەكرار كىلىپ ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ۋە ئىسمايىل ئەلەيھىسالامغا تاۋاپ قىلىشنى ۋە باشقا ھەج ۋەزىپىلىرىنى ئۆگەتتى.<<تاۋاپ قىلغۇچىلار ۋە بىرىلىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار ،رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن كەئىبىنى پاكىز تۇتىشى كىرەكلىكى>>ھەققىدىكى ئەمىرنى بىلدۈردى.ھەرخىل ماددى ۋە مەنىۋى پاسكىنچىلىقتىن پاكىزلانغان كەئبە ئىنسانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن تەييار ھالغا كەلگەن ئىدى.ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەجگە دەۋەت قىلىش (چاقىرىش) ئۈچۈن ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا مۇنداق ئەمىر قىلدى:
-كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن. ئۇلار پىيەدە ۋە ئۇرۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كىلىدۇ.ئۇرۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بىسىپ كىلىدۇ.(ھەج سۈرىسى 26-27ئايەت)
بۇ ئىلاھىي ئەمىرگە بىنائەن ،ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ھەج ئىبادىتىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر پەرزى ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئېلان قىلدى.شۇ كۈندىن ئىتىبارەن ،ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىگە ئىتەئەت قىلغان مۇسۇلمانلار ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە توپ-توپ بۇلۇشۇپ كەلمەكتە.قىيامەتكە قەدەر كىشىلەر بۇ ئالەمشۇمۇل چاقىرىققا ئاۋاز قۇشۇپ ،ھەجگە كىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ناماز (ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن)دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61251
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سىلىنغان تۇنجى ئىبادەتخانا قەيەردە؟
قۇرئانى-كەرىمدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلش ئۈچۈن سىلىنغان تۇنجى يەرنىڭ كەبە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.ئىسلام تارىخى كىتابلىرىدا كەئىبىنىڭ ئۇلىنى سالغان كىشىنىڭ ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسالام ئىكەنلىكى نەقىل قىلىنغان.ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ۋە ئىسمايىل ئەلەيھىسالاممۇ  شۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە كەبىنى يىڭىۋاشتىن بىنا قىلغان.يەر يۈزىدە ئىككىنچى قىتىم بىنا قىلىنغان مەسجىت بولسا ،سۇلايمان ئەلەيھىسالام قۇددۇستا بىنا قىلغان مەسجىدى ئاقسا (ئەقسا مەسجىدى)دۇر.



ناماز (ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن) دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   沙漠玫瑰 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 03:31 PM  


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1022
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2148
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 03:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر مۇسۇلمان بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلىكەن.
رەھمەت سىزگە!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 203
توردا: 5443 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 04:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئېى شەپقەتلىك ئاللاھ بىزنىڭمۇ ھەج تاۋاب قىلىشىمىزغا ئاسانلىق بەرگىن ۋە نىسىپ قىلىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78208
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 05:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى مىھرىبان ئاللاھ بىز مۇسۇلمان بەندىللىرىڭىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلشىغا ئاسانلىق يارتىپ بەرگن (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:16:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەبە»نى قورشاپ تۇرغان ئاستى-ئۈستىگە بۆلۈنگەن ئەگمە تورۇسلۇق كارىدور بولۇپ، 64 چوڭ ئىشىكتىن تۈزۈلگەن. ئىگىزلىكى 92 مېتىر كېلىدىغان گۈمبەزلىك 6 قۇرۇلۇش ئايرىم-ئايرىم 3 چوڭ ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېلىنغان. گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى 7.7 مېتىر، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن ۋە مېتالدىن ياسالغان ئاينىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. ھەمدە كۆركەم تاشلاردىن ياسالغان پەلەمپەيلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. «كەبە»نى قورشاپ تۇرغان مەسچىتتە يوغان تاش تۈۋرۈكتىن 892، گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشتىن 500 دىن ئارتۇقى بار ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75669
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:11:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى مىھرىبان ئاللاھ بىز مۇئىمىن بەندىلەرنىڭ شۇ ئۇلۇغ جاي بولغان بەيتۇل مۇقەددەس ھەرەمگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشقا يول بەرگەيلا      ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73950
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 08:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
呵呵你真厉害,佩服哦












淘宝特卖网 www.sfanxian.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش