ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ئىچكى توسالغۇنىڭ بىرى، بەلكى ئەڭ موھىمى ئوقۇش بىلەن كېلىشەلمەيدىغان غەلىتە مىجەزىدۇر. بۇنداق بىر خەلقنى توغرا مەپكۈرە ئاساسىدا يېتەكلەش، مەلۇم ئىدىئالنى سىڭدۈرۈش مۈمكىنمۇ؟ ئىتتىپاقسىزلىقنى تۈگىتىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، توغرا ـ خاتانى پەرق ئېتىش، خاتالىقلارنى تەنقىد قىلىش،… ئومۇمەن زۆرۈر بولغان بارچە ئىدىيىۋىي تەييارلىق ئوقۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭسىز خۇددى ھازىرقى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا ئوخشاش ئەھۋال ـ ھەركىم ئۆزى تۇرىۋاتقان تار بىر دائىرىنى دۇنيا مۇشۇ دەپ تونۇپ قېلىش،“ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە چىللاش“ ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
مەن ئاخىرقى كۈنلەردە كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقان تىرىش-چانلىقلىرىمىزغا ئېچىنىش ھىسسى ئىچىدە قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ خىل ئوقۇشتىن بىزارلىق پىسخىكىسىنى قايتا ـ قايتا تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكى خۇلاسىگە كەلدىم. ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۈچ سەۋەپتىن كىتاپ ئوقۇمايدىكەن:
1.“ئۇلۇغ“لىقى سەۋەپلىك ئوقۇمايدىكەن:
1) ئۆزى بەك ”ئۇلۇغ“ بولغاچقا ئۆزى ياراتمايدىغان ”تۆۋەن“ ئادەملەرنىڭ يازغان بىر نېمىسىنى ئوقۇپ يۈرۈشنى ”ئۇلۇغلۇق“ىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان، ئاشۇ ”تۆۋەن“مۇئەللىپنى ئېتىراپ قىلغاندەك بوپ قالىدىغان ئىش ھېساپلاپ ئوقۇمايدىكەن.
2) ئۇلار ”ئۇلۇغ“ بولغانلىقتىن،ئۆزىنى ھەر جەھەتتە بىلىمگە توشقان دەپ ئويلايدىغان بولغاچقا، يەنە بىلىم قوبۇل قىلغۇدەك ”بوش يەر“ يوقلىقىدىن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىلىم ئالىدىغان ”تالىپ“ بولۇپ قېلىشى سالاھىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان ئىش بولغانلىقتىن، بىلىم بەرگۈچى ”ئۇستاز“ ھېساپلاپ ھېچنەرسە ئوقۇمايدىكەن.
- ”…“ دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ باقلىمۇ تەقسر؟ – دېگەن سوئالغا (داھىيانە قىياپەت، ئۇلۇغۋار تۈس بىلەن) شۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
- … ئەندى،… ئىشقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا يازغان ـ دە،… ئەپلەپ ـ سەپلەپ،… بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ…
ئۇنىڭ ”كەڭ قوساقلىق“بىلەن بەرگەن ”ئىلتىپاتلىق“ باھاسىغا رەھمەت (نىيىتىگە يارىشا ئاللاھ مۇكاپاتىنى بەرسۇن). بۇ تىل چايناشلاردىن شۇنى قىياس قىلىش تەس ئەمەسكى، ”ۋەلى“بۇ كىتاپنى ئوقۇمىغان. ئەمما كىتاپ ئوقۇمايدىغان قانداق ”ئالىم“ بۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئوقۇغان قىياپەتتە باھا بېرىشكە توغرا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاۋارى مۇخلىسلىرىنىڭ ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن باھالىرىغا ئاساسەن، ئەنەشۇنداق ”ئۇلۇغلۇق“،“كەڭ قورساقلىق “ بىلەن ”مۇئەييەنلەشتۈرگەن“. رەسمىي ماختاي دېسە، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشۈرۈپ، باشقىلارنى كۆتۈرۈپ قالماي، دەپ ئەنسىرىگەن بولسا، ئىنكار قىلاي دېسە، قىتىغۇرلىقى بىلىنىپ قېلىپ، ”كەڭ قورساق داھى“لىق ئوبرازىنى بۇزىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى ”تاشنىڭ ئارىسىدا“ تازىمۇ قىينالغان!
“ۋەلى“لاردىنغۇ ئاغرىنىشقا ”ھەققىمىز يوق“، چۈنكى ئۇلار ”ئالاھىدە ماتىرىيالدىن ياسالغان“ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىبرى بۇنىڭغا يولمۇ قويمايدۇ. ئەمما باشقا ئۇقۇمۇشلۇقلار، ”داھى“لار، يولباشچى، ”لېدىر“لارمۇ ئوخشاشلا كىتاپ ئوقۇشقا ”قېيىق“ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش تەس ئەمەس.
2. پۇللۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ:
1) پۇل تاپقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئەرزىيدىغان ئىشلار بىلەن بەند، ئالدىراش، ”چوڭ ئادەم“ ھېساپلايدۇ. كىتاپ ئوقۇپ يۈرۈش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەكتەپ بالىلىرىنىڭ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاۋارىلارنىڭ ئىشى، بىكارچىلارنىڭ ئىچ پۇشقى ئۈچۈن قارت ئوينىغىنى، بېليارد ئوينىغىنى بىلەن بىر قاتاردىكى ئىش، خالاس!
2) پۇللۇق بولغىنىنى بىر خىل ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىپادىسى بىلگەچكە، ”چاكىنا ئادەملەرنىڭ قىلىقى“نى قىلىپ كىتاپ ئوقۇپ يۈرگۈسى كەلمەيدۇ. ”تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق“ دېگەندەك، ئۇلاردا ئاجايىپ بىر خىل كۆرەڭلىك باركى، ھەرقانداق بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئالدىدىمۇ ھېچ قورۇنماستىن گەپ يورغۇلۇتۇدىغان، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمەيدىغان ”خوجايىنلىق روھ“قا ئىگە!
3. ساۋاتسىزلىقى تۈپەيلى ئوقۇمايدۇ. ئەڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغىنى مۇشۇ تەبىقە.“كىتاپ ئوقۇش“ (ياكى مەكتەپتە ئوقۇش) دېسە، كادىرلىقنىڭ تەييارلىقى، دەپ چۈشىنىدۇ. ئەگەر كادىر بولمايدىغان ئىش بولسا ”ئوقۇغاننىڭ پايدىسى نېمە“ دەپ قارايدۇ. ئۇلار نادانلىقى تۈپەيلى ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ تار چۈشەنگەن ياكى زادىلا چۈشەنمىگەن ئادەملەردۇر. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا زادىلا ھەققىمىز يوق. چۈنكى ئۇلار نادان ھەم ساۋاتسىز. ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوقلىقىنى ساۋادى بار تۇرۇپ، ھەتتا ئۆزى ”ئۇقۇمۇشلۇق“ ماركىسىدا بولۇپ تۇرۇقلۇق ئوقۇمايدىغانلارنى بىلگەنسېرى تېخىمۇ تونۇپ يېتىمىز.
بەلكىم بىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا خىرلىقىمىز ئۆتمۈشتىكى بىلگىنلەرنىڭ دىنىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىشقا ئۆلگىدەك قارشى تۇرۇپ، خەلقنى نادان قالدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىدىن كۈچەيگەن بولسا كېرەك. ئۇ بىلىمدانلار كىتاپلار تەرجىمە قىلىنىپ كەتسە، ھەممە ئادەم ئۆزى ئوقۇۋالسا، بىزدىن كىم مەسىلە سورايدۇ، كىم بىزنى مىھمانغا چاقىرىپ زەللە قولتۇقلىتىدۇ، دەپ قورقىدىكەنمىش. شۇنىڭ بىلەن خەلق پەقەت سۆزلىگەننى ئاڭلاپ قويۇشقىلا ئادەتلەنگەن. ئاڭلىغان نەرسە تولۇق ئەستە قالمايدىغان بولغاچقا قايتا كۆرۈش، باشقىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەدبىق قىلىش مۈمكىن بولماي، ھامان ”ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ“ ئولتۇرىۋېرىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. ئۇلار ئۈچۈن ”كىتاپ دېگەن يېرىم ئۆمرى ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن ئادەملەر چۈشەنمىسە باشقىلار چۈشەنمەيدىغان“ سىرلىق نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردا بىلىپ بېقىش، چۈشىنىشكە ھەركەت قىلىپ بېقىش جۈرئىتىنى قۇرىتىۋەتكەن. تېخىمۇ سەت بولغىنى بىلگىن ئاتالغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىمۇ پەقەت ئەرەپچە خەت ئوقۇيالايدىغان، ئەمما ئۆزىمۇ ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان بىچارىلار بولۇپ، ئۇلارمۇ بىلىپ ـ بىلمەي بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ، ئۆزىدىن سەل ”ئىگىز“ راقلاردىن ئاڭلىۋالغانلىرىنى كاللىپاي قىلىپ، باشقا بىر گەپلەر، باشقا مەزمۇنلار بىلەن ئالماشتۇرىۋېلىپ سۆزلەپ جېنىنى بېقىپ كەلگەنلىكى، كىشىلەردە: ”پالانچى قارىم مۇنچە يىل ئوقۇپمۇ تۈزۈك بىلمەيۋاتسا…“ دېگەندەك جۈرئەتسىزلىكنى كۈچەيتكەن. يېڭى زامان ياشلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم موللىلار ھەقىقەتنى ئەلگە يەتكۈزۈشتە ئاللاھنىڭ دېگىنىدەك“ ھەقنى يەتكۈزگىنى ئۈچۈن ھەق ئالمايدىغان“ بولغاچقا كونىلىرىنىڭ ― جىڭموما يىگەنلەرنىڭ جەھلىنى قاتۇرغان.
ئۇلار قاچانغىچە بىر قورسىقى ئۈچۈن خەلقنى ئالداركىن؟! قۇرئان، ھەدىسلەردىن بىر قاتار ئوقۇۋېتىپ، ئارقىدىن يالغانلار ئېتىلسا راست دەپ ئالدىنىپ پۇل بېرىدىغانلار، ھېچ بولمىسا كۆتىگە تېپىپ ھەيدىۋەتمەي ھىسسىداشلىق قىلىدىغانلارنىڭ مەۋجۇتلىقى دەل خەلقىمىزنىڭ نادانلىقى، ساۋادى بولسىمۇ كىتاپ ئوقۇش بىلەن خوشىنىڭ يوقلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. بولمىسا بۇ يالغانلار شۇنچە ئاددىي، بالىلارچە، ساراڭلارچە كۆتى ئېچىلىپ تۇرىدۇكى، بۇنداق گەپلەرگە پەقەت بىزنىڭكىدەك خەلقلا ئىشىنىدۇ.
خەلقىمىزدىكى بۇ خىل ئاجىزلىقنى ئىلگىرى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ياكى بۇ دەرىجىدە ئېغىر دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. نۆۋەتتە بۇ خەلققە رەج ئۇقتۇرۇش ئىھتىياجى جىددىي ھالدا ئالدىمىزغا قويۇلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكىنىمدە، يازغۇچىلارنىڭ (يازغۇچىللىرىمىزنىڭ) بالىلارچە ساددىلىق بىلەن خوش بولۇپ كېتىدىغان بىر ئىشى يادىمغا يېتىپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشتىن ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش كەلدى.
ئەسەرلىرىدە سىمۋوللۇق يوللار بىلەن ئەنە شۇ خاھىشلىرىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم قارشىلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىنى قاتمۇ – قات ”پايتىمىلار“غا ئوراپ ، ياپتا گەپلەر، ئەگىتمە ئۇسۇللار بىلەن ئەسىرىگە قىستۇرىۋالغان بولسا، بۇ قىلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ، گويا بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ موھىم بىر ئىشىنى ھەل قىلىۋەتكەندەك، دوستلىرىغا: ”… مۇنداق، مۇنداق دەۋالدىم دېگىنە، راسا كەلتۈردۈم، ھاردۇقۇم چىقتى…“ دېيىشىپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ ”دەۋالغان“ گەپ ناھايىتى يوشۇرۇن دارىتمىلاش بولغاچقا ئۇنى پەقەت شۇ ئىدىيىنى ھازىرلىغان، ئۆزىمۇ شۇنچىلىك سەۋىيىگە ئىگە كىشىلەر چۈشىنىدۇ. مۇئەللىپ تەربىيىلىمەكچى بولغان كىشىلەر بولسا ھەم ئوقۇمايدۇ، ھەم ئۇقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ: چۈشىنىدىغانلار بەرىبىر بىلىدۇ، ئۇلارغا دەپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈشىنىپ قېلىشى ئۈمىد قىلىنغانلار ― تەربىيە ئوبىكتلىرى ― بەرىبىر چۈشەنمەيدۇ. ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى ― ئوقۇپمۇ باقمايدۇ!
پۇخرالىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغۇ كۆڭلىمىزگە ئايان، ئېچىنىشلىقى ،“مۆمىنلىك“، ”ۋەتەنپەرۋەرلىك“تىن گەپ سېتىپ يۈرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ”قىممەتلىك ۋاقتلىرى“نى چىقىرالمىغان!
ھەتتا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرمۇنچىسىمۇ ”ئۇلۇغ“لىقى سەۋەپلىك ”ئۆزىنى چۈشۈرۈپ“يۈرمىگەنلىكى مەلۇم!
ھەرقانداق بىر كىتاپنى، ھەتتا يامان كىتاپنىمۇ ۋاقت يار بەرسىلا ئوقۇپ كۆرۈش كېرەك. چۈنكى ھاياتتا شۇنداق ئاجايىپ ئىشلار باركى، يىلاننىڭ زەھرىدە دورا ياسىلىدۇ. مەسىلەن، مەن شۇنداق مەزمۇنلاردىكى بىر كىتاپ، ژۇرنال،… بىرنەرسىلەردىن ۋاقىپلانسام ئۇنى تېپىپ ئوقۇمىغىچە ئارام تاپالمايمەن. ھەتتا مەن چۈشەنمەيدىغان تىلدا بولسىمۇ تاسادىپىي مۆجىزە يۈز بېرىپ ئوقۇپ كېتىدىغاندەك ۋاراقلاپ كېتىمەن، لۇغەتلەر ياردىمىدە بىر ئاز بولسىمۇ چۈشىنىشكە ئۇرىنىمەن. ئەگەر بەك موھىملىقىنى ئۇقۇپ قالسام بىلمىسەممۇ سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويىمەن. بۇنىڭدىن مەخسىدىم: بالىلىرىم ماڭا قارىغاندا كۆپرەك تىل بىلىدىغان بولۇپ چىقسا كەلگۈسىدە شۇلار پايدىلىنار دېگەن ساددا ئۈمىددۇر. مېنىڭچە بۇ خىل پوزىتسىيە سۆيگۈ ھەم نەپرەتنىڭ تەخىرسىز قىستىشىنىڭ مەھسۇلى. ئەگەر ئۆزلىرىنى مىللەتچى، ۋەتەنپەرۋەر،…بولۇپمۇ شۇلارنىڭ ۋەكىلى دەۋاتقانلاردا بۇنداق تۇيغۇ، بۇنداق ئادەت ۋە ئىنتىلىش بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرى ساختا! ئۇلار بۇ ”ماركا“نى ناتوغرا مەخسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش نىيىتىدە ئېسىۋالغان، دەپ ھۆكۈم قىلىش مۈمكىن!
دەل شۇنداق بولغىنىمىز ئۈچۈن(ئوقۇشقا ”قېيىق“ بولغىنىمىز ئۈچۈن) ئەھۋالىمىز مانا شۇنداق! بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بىزنىڭ نەقەدەر يارىماسلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ!
خۇددى نامرات يېزا بازىرىدا كەيگەن چاپان، كونا تامبال، ئۇتتاڭلىغان ئۆتۈك، ھېجىر تاۋاق،… دېگەندەك نەرسىلەرگە خېرىدار بولغاندەك، خەلق نادان، مەدەنىيەت ساپاسى زىيادە تۆۋەن بولغاچقا بىر ئۇچۇم ساراڭلارنىڭ ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىز بىمەنە گەپلىرى، لاپلىرى، يالغانچىلىقلىرى باش – ئاخىرى رەپ يېمەيدىغان، زىددىيەتكە تولغان، ئۆزىنىڭ قۇيرىقىنى ئۆزى تالايدىغان ھالدا بولسىمۇ بۇ نادان خەلق ئىچىدە بازار تاپماقتا! ئەگەر خەلقىمىز ئوقۇشقا ئامراق بولسا(ئۇنى پەقەت كادىر بولىدىغانلارنىڭ ئىشى، دەپ قارىمايدىغان، ئادەملىك سۈپەت ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بىر شەرت، دەپ قارايدىغان بولسا)، تەبىئىيكى، ئاۋات شەھەرلەر، ئىقتىسادى گۈللەنگەن جايلاردا كونا چاپان، ئەسكى ئۆتۈكلەرگە خېرىدار بولمىغاندەك، ئۇلارنىڭ مېزى چۇۋۇلۇپ تۇرغان، جان بېقىش ئىھتىياجى ئۈچۈنلا ”كەشپ“ قىلىنىۋاتقان ”ئۇلۇغۋار قۇرۇق گەپ“لىرى بازار تاپالمىغان بولاتتى.
كىتاپ ئوقۇش تەس كەلگەن بولسا دەپ،كىتاپنى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئوقۇپ،تەشۋىق ـ تەبلىغلەرنى لېنتىغا ئېلىپ تارقاتقاندىكى ئەھۋالمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.تارقىلىش سانى كۆپ بولسىمۇ ئاڭلاش يېتەرلىك بولمىغانلىقى بىلىندى. مەلۇمكى،“مودا ۋەتەنپەرۋەرلىك“خۇسۇسىيىتىمىزگە كۆرە“قاتاردىن قالماسلىق“ئۈچۈن لېنتىلارنى ئالغان بىلەن، ئاڭلىماي تاشلاپ قويۇش ياكى بىرلا ئاڭلاپ ھېچنېمىنى چۈشەنمىسىمۇ قايتا ئاڭلاپ باقاي دېمەستىن تاشلاپ قويۇش ئومۇمىيۈزلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم. يا كىتاپ ئوقۇمايدىغان، يا نۇتۇق لېنتىلىرىنى ئاڭلىمايدىغان بۇنداق بىر خەلقنى تەربىيىلەشنىڭ يەنە قانداق ئىمكانلىرى قالدى؟
n.nur
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tamche.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 10:47 AM