مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16429|ئىنكاس: 75

قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر (ئېلكىتاب)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8049
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:31:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                           قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر
    تىل: ئۇيغۇرچە
    يازما : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر
    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ - ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - ئابدۇلھەمىد قاراجىم - مۆمىن جان - مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى - مۇھەممەد ئۆمەر - يۇسۇپ قارى
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
    نەشرى ماتىرياللىرىدىن :   ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
    قىسقىچە چۈشەنچە: مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر» «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    تەپسىرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەشرى مۇناسىۋىتى بىلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى! تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىرىنچى بولۇپ ئىسلامىيەتنى سەلتەنەت سەۋىيىسىگە كۆتۈرگەن، يەنە تۈركىي تىللىق قەۋملەر ئىچىدە ‹قۇرئان كەرىم› بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، «‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرى» دىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان بىرمۇ تەپسىرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تارقىغان بولماسلىقى، مەنبە خاراكتېرلىك بارلىق دىنىي كىتابلارنىڭ يا ئەرەبچە ياكى پارسچە بولۇشى، خەلقىمىزنىڭ دىنىي مەلۇماتلارغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالماي ياكى خاتا كۆرسەتمىلەر بىلەن تەمىنلىشىگە، بىرلىرىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بويان ھەر خىل ساھەلەردىكى دىنىي كىتابلار ئارقا - ئارقىدىن بېسىلىپ بۇ بوشلۇق بىر ئاز بولسىمۇ تولدۇرۇلدى. ‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشىمۇ، بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تارىخىي بوشلۇقىنى قىسمەن بولسىمۇ تولدۇردى. تەپسىرنىڭ، ئەسىرلەردىن بويان داۋاملىشىپ كەلگەن چاڭقاقلىق، تەشنالىق، مەنىۋىي قۇرغاقلىققا تەسەللىي بىر تامچىنىڭ رولىنى ئوينالىغىنى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدۇق ۋە بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ ئىزىدىن قوغلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، جانابى ئاللاھنىڭ ساغلام قەلب، پۈكۈلمەس ئىرادە، ھارماس كۈچ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن! ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىرنىڭ «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ تەپسىرى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغىنىغا 7 يىل بولۇپ قالدى. كىتاب نەشىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەلتۆكۈس تۈگەپ كەتتى. كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇنىڭغا لايىق، پايدىلىنالايدىغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا چۈشكەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن ئىشەنسەكمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى «قاراڭغۇ بازار» لاردىن بىر قول تراكتورنىڭ پۇلىغا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ھەقسىز تارقىتىلغان بۇ كىتابنىڭ سودا - تىجارەتنىڭ بىر ئامىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى بىزنى ئېچىندۇردى. يۆتكەش ياكى پوچتا چىقىملىرىنى ئېلىش مۇۋاپىق بىر ئىش بولسىمۇ، ئۇنى ئۇنچىلىك كۆپ پۇلغا سېتىش، مۇھتاج كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش ياخشى ئىش بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمىز. كىتاب خەلقىمىز يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە پەيدا بولغان ئىنكاس ۋە قايتا بېسىلىشىغا دائىر تەلەپلەرنى بىرمۇ بىر خاتىرىتىلىپ ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ‹قۇرئان كەرىم› تەپسىرىنىڭ ئىككىنچى نەشرىنى باسمىخانىغا تاپشۇرۇشقا پەقەتلا ئالدىرىمىدۇق. بۇنداق بولۇشتا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار ئىدى: بىرىنچى، قولىمىزدا ھەر خىل تېمىلاردا بېسىشنى، تەھرىرلىنىشنى، ھەتتا تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان قانچە ئونلىغان كىتاب تۇرغانىكەن، تەپسىرنى ئىككىنچى قېتىم بېسىش خۇسۇسەن ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىسى، تەپسىر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەر خىل پىكىر - تەلەپلەر تاپشۇرۇپ ئېلىندى، ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدى. تەرجىمە مەركىزىمىز بۇ تەلەپلەرنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەرگە ئېلىپ، كىتابنى قايتا - قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئىملا ۋە جۈملىلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە بىر قىسىم تېخنىكىلىق خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلدى. مەركىزىمىز يەنە، كىتابنى خەلقىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى شەكىلدە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. كىتابنىڭ ئىككىنچى نەشرى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، دۇنيادا بارلىق ئىشلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا قائىدە - يۇسۇنلىرى بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىشنىڭمۇ بىر قاتار شەرتلىرى بار؛‹قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرى بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ، ئىزاھلايدۇ ياكى ئايەت تېپىلمىغاندا ھەدىسلەر، ھەدىسلەر بولمىغاندا قىياس ... ئارقىلىق تەپسىر قىلىنىدۇ. شۇ جۈملىدىن تەپسىرىنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ بىر - بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەپسىرنى ئوقۇشنىڭمۇ تېگىشلىك شەرتلىرىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپسىردىكى مۇئەييەن نۇقتىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا ھۆكۈم ئورنىدا ئىشلىتىشى، مۇناسىۋەتلىك فىھقىي ھۆكۈملىرىنى بىلمەي تۇرۇپلا پەتىۋا بېرىشى توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقىمىزگە ‹قۇرئان كەرىم›نى، شۇ جۈملىدىن دىنىمىزنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تەپسىر باشتىن ئاخىر ئوقۇش، بىر پۈتۈن ھالدا يەكۈن چىقىرىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىر ياكى بىر قانچە پارچە كىتابنى ئوقۇپلا مۇپتى ياكى موللا بولۇپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەتىۋا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز... ئاللاھ ھەممىڭلارغا رەھمەت قىلسۇن!
مەنبە: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
1-توم
1.jpg

2-توم
2.jpg

3-توم
3.jpg

4-توم
4.jpg

5-توم
5.jpg

6-توم
6.jpg


تورداشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۆزۈم ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈپ، ھازىرقى تور دېسكامغا چىقىرىپ تور سۈرئىتىنىڭ تىز بولىشى ئۈچۈن VIPمۇلازىمىتىنى ئاچتۇرۇپ قويدۇم، چۈشۈرۈش پەقەت 1 ئاي تەمىنلىنىدۇ.
6 توم كىتاب PDF شەكىلدە، ھەمدە خەتنى خالىغانچە كۆچۈرگىلى بولىدىغان ھالەتتىكەن. 3توم بىر پىرىسلىنىپ يوللاندى، جەمئىي ئىككى پىرىس ھۆججىتى،   تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ تارقىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن)
1-2-3- توم چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://dl.dbank.com/c0co33pnb8
4-5-6- توم چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://dl.dbank.com/c0wvtrao5k  


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 10:54 AM):
چۈشۈرۈش ئۈچۈن، تىزىملىتىپ كىرىش لازىمكەن.
账号:ekram987@126.com
密码:turan123

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 03:31 PM):
gherip توردىشىمىز يەنە بىر چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەپتۇ.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 03:31 PM):
http://www.muteallim.net/down/Uy ... bni-kesir-Uyghurche(02).rar

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 03:33 PM):
http://muteallim.net/?p=761

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-28 11:49 PM):
2012-9-28 قايتا تور بوشلۇقىغا يوللاندى.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=66242&uk=1711710765
ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Tohtanghenim + 10 ساۋابى تۈگىمەيدىغان ئ.
iltirix + 50 ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەر.
ZaRRin + 111 خۇرسەن بولدۇم
@hiyali@ + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
kurax114 + 108
alkut + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
jassurman + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
ozyarim + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 718   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4323
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 04:08:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق چۇشۇرېدۇ  بۇنې مەن چۇشۇرالمېدېم خۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:05:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يوللىغان ۋە تەستىقلىغان قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھ نىڭ رەھمېتى بولسۇن !!!
مەندە بار ئېدى ،شۇنداقتىمۇ يەنە چۈشۈرۈۋالاي دىسەم چۈشۈرەلمىدىم.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:07:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز ، ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:18:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن! مەندىمۇ بار بۇ كىتاب، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بۇ كىتابنى چۇقۇم ئىلىپ ئۇقۇشى كېرەك.قانداق سۇئالدا قىينالسىڭىز بۇ كىتابتا ئۇچۇق تەپسىر قىلىپ بەرگەن.
مىشكاتۇلمەسابىھىنىڭ تەرجىمىسى دىگەن كىتابمۇ بەك ئېسىل.شۇنىمۇ بولسا يوللاپ قۇيۇڭلار ،قېرىنداشلىرىمىز ئۇقۇپ پايدىلانسۇن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:01:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى بەشتاش مۇنبىرىدىن مۇھىم بىر دەرسىلكىنى چۈشۈرۋالاي دەپ كىرسەم ، دەل مۇشۇنداق تور بەتتە ئىكەنتۇق چۈشۈرەلمەي چىقىپ كەتكەن ئىدىم .
سىزنىڭ يوللىغان بۇ تېمىڭىزمۇ دەل شۇ تور بەتتىن چۈشۈردىغان ماتىرىيال ئىكەن ئەمەسمۇ ....
چۈشۈرۈشكە پەقەت بولمىدىغۇ ؟

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:10:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى تورداشلار،  بۇ ئىككىنجى نەشىرىكەن جۇمۇ، چىققىلى ئۇزاق بولمىدى تېخى.  مەنمۇ تېخى ئالدىنقى كۈنى بىر يەردە ئۇچرىتىپ قېلىپ چۈشۈرۋالغان.   ئىبنى كەسىر دىگەننى كۆرۈپلا، تىمىنى ئوقۇمىدىڭىلىمۇ نىمە؟ برىنجى نەشىرى ھەممە ئادەمدە دىگۈدەك بار.  

   ‹تەپسىرى ئىبنى كەسىر› ، ‹دىن ۋە ھايات› 2000 سۇئالغا جاۋاپ ، مۇشۇ ئىككى كىتاپنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بولىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahirbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 10:13 AM  


‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:15:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چۈشۈرەلمىدىم.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:19:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8049
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:40:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 10:19 AM
بۇ كىتاپ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىلىتىۋاتقىنى 10 يىلدىن ئې ...

بۇ 2011- يىلى چىققان 2- نەشىرىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش