koznak يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:37 PM 
مىلادىنى ناسارالارغا خاس نىسبەت بەرسەك ، ئۇنىڭدىن ئىل ...
مىلادىيە بولسا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى باشلنىش يىلى قىلىپ تۈزۈلگەن كالېندار، ھىجىرىيە بولسا ھىجرەتنى باشلىنىش قىلغان كالېندار. ئەمدى بۇ ئىككى خىل كالېنداردا باشلىنىش نۇقتىسى ئۇخشىماسلىقتىن باشقا كالېندارنىڭ ۋاقىت ھىساپلىشىدىمۇ پەرق بار. بىرى شەمسىيە ( قۇياش ) بىرى قەمەرىيە( ئاي ) كالېندارىدۇر.
قۇياش كالېندارى بۇيىچە بىر يىل 365بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە مىلادىيە كالىندارى بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرىلا كىشلەر بىر يىلنى 365 كۈن 12 دەپ ھىساپلاشنى بىلەتتى، شۇڭلاشقا بىر يىل 365 كۈن بۇلۇش پەقەت مىلادىيە كالېندارى بۇيىچە بولغان ئىش بولماي بەلكى قۇياش كالېندارى بۇيىچە بولغان ئىش.
ھىجىرىيە كالېندارى بارلىققا كىلىشتىن بۇرۇنمۇ كىشلەر ئاينىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ بىر يىلنى 355 كۈن قىلىپ بىكىتىدىغان ئاي كالېندارنى بارلىققا كەلتۇرگەن. كىيىن ھىجىرىيە كالېندارى بۇنىڭدىن پايدىلانغان .
يىغىپ ئېيتقاندا بىر يىلنىڭ 365كۈن 12 ئاي بۇلۇشى مىلادىيەگە خاس ئەمەس. شۇنداقلا بۇ خىرىستىئانلار بىلەن باغلىۋىلىشمۇ خاتا. ئەمما ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى باشلىنىش قىلغان مىلادىيە كالېىندارى ( يەنە بىر نامى گىرىگورىئان كالېندارى) موتلەق خرىستىئانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خەلقئارالىق كالېىندار بۇلۇپ قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 02:33 PM