ئالتۇن ئاشسا قىزلارنىڭ قىممىتىمۇ ئاشامدۇ ؟؟؟
http://www.kuznak.com/
يىقىندىن بىرى ئالتۇن باھاسى 1790 دوللارغا، ھەر گىرامى 385 يۈەنگە چىقتى.
بۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئارىسىدا ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 400 يۈەنگە چىقىدىكەن، دېگەن سۆزلەر تارقىلىپ زور دەرجىدە ئالتۇن قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى .
بەزى بىر قىسىم كىشلىرىمىزدە ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىنى توي ۋە قىزلىرىمىزنىڭ قىممىتى بىلەن باغلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى .
يەنە بەزىلەر ئالتۇن ئاشتى دېگەنلىك قىزلارنىڭ باھاسى ئاشتى دېگەنلىك، دەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى.
يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار ئالتۇن تېخىمۇ ئاشسا قىزلىرىمىزنىڭ تۇيلۇقىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇل تەرەپ توي قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلىدۇ.
تويدىن كېيىن قىزىمىز ھەرقانچە ئوشۇقلۇق قىلسىمۇ قىزلار قىممەت بولغاچقا ئاجرىشىشىقا پېتىنالمايدۇ، دەيدۇ.
بۇ خىل قاراش قىزلارنى ئېنىقلا تاۋارغا ئايلاندۇرۋەتكەنلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟؟؟؟
ئالتۇنغۇ ئاشتى، ئالتۇنلا ئەمەس ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئاشتى.
مېنىڭچە قىز - يىگىتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى چىن - ساداقەت، ئىشەنچ، مۇھەببەتنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئاشسا، قانداق دېدىم؟؟؟
بىزدە مۇنداقمۇ قىز سودىسى باركەن. توۋا !!!!!!!!!!!!!!!
يېقىندا مەلۇم ئىككى تويلىشىدىغان ئائىلە تويلۇق توغرىسىدا كېلىشەلمەي توي يېنىشىپ كېتىپتۇ.
ئاساسلىق سەۋەب: قىز تەرەپ بىر ھەپتە ئىلگىرى تويلۇققا 15000 يۈەن باھا قويۇپ، ئۆزئارا سودىلىشىپ 13000 يۈەنگە پۈتۈشكەن.
شۇ ئارىلىقتا ئوغۇل تەرەپتىكى مەلۇم بىرەيلەن كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. شۇ كېلىشمەسلىك بىلەن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە تاپشۇرىدىغان پۇلنى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قىزنىڭ ئائىلسىگە ئىلىپ بارغان.
لېكىن قىزنىڭ ئانىسى پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلغان. سەۋەبى: ھازىر ئالتۇن باھاسى ئېشىپ كەتتى. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بۇ پۇلنى ئەكەلگەن بولساڭلار ئۇ چاغدا ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى ھازىرقىدىن خېلىلا ئەرزان ئالغان بولاتتۇق. شۇڭا 15000 بولسا قىزىم تەييار، بولمىسا توختاپ قېلىڭلار دەپتۇ.
يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر شۇنچە چۈشەندۇرسىمۇ قىزنىڭ ئانىسى گەپ يېمەپتۇ. (بۇ يېقىندا تويلۇق ئېلىشقا كىرگەن خېرىدارلاردىن ئاڭلىغان گەپ)
مەن مۇشۇنداق قىز سودىسىغا بەك نەپرەتلىنىمەن. شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟؟ شۇنداقلارغا مۇنداق مۇراجىئەت قىلغۇم كېلىدۇ!!!
سېز قىزىڭىزنىڭ ئانىسىمۇ ياكى ئىشرەتخانىنىڭ خوجايىنىمۇ ؟؟؟؟
ئۆزئارا قۇدا بولۇپ يېقىن تۇغقانلارغا ئايلانماقچى بولغان تۇرۇپ، پاك مۇھەببەت، ساداقەت، ۋاپانى، جۈملىدىن ئىنسانلاردا بولىدىغان ئادىمىيلىك خىسلەتنى ئۇنتۇپ قېلىپ، پۇلنى دەپ پاك سۆيگۈلەرنى پايخان قىلسىڭىز توغرا بولارمۇ؟
ئاپتۇرى:
爱你一万年
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaitmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 10:10 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 09:33 PM):
ئەسلى ئاپتۇرى :0998.erpane ئىرپانى