|
|
|
|
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پەقەت شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ قالماستىن بەلكى شىئەندە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بىر كۈن. بۇ كۈنى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىلىك نورۇز بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىككە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە شىئەندىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ، شۇنداقلا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىلىكى نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. پائالىيەتكە 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، گەرچە نورۇز بايرىمى كۈنىدىن كېچىپرەك ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ تەشنالىقىغا تەسىر يەتمىدى. كېچىلىكتە ئورۇنلانغان مول مەزمۇنلۇق رەڭدار نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پۈتكۈل پائالىيەت بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدە قىزغىن، جانلىق، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، بارلىق سورۇن ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نورۇز بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئىناقلىق ، ئۆملۈك يىغىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، پائالىيەت كۈنى ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن كۆرۈشەلمىگەن يېقىن دوسلار ئۇچرىشىپ ھال مۇڭ بولىشىدۇ، يېڭى دوسلار ئۆز ئارا تونۇشىدۇ، سىردىشىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، مېھرىبانىلىق ۋە ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ. ھەممەيلەنىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئۇزۇن يىل داۋاملاشقۇسى ۋە شىئەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارقىن سەھنىسى بولۇپ قالغۇسى. تۆۋەندە پائالىيەتتىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
پائالىيەت تەكلىپنامىسى
ئوغلانلار ساماغا چۈشمەكتە
‹‹ بىر جۈپ ›› رىياسەتچىلەر
شوخ ئۇسۇللۇق ناخشا
بەرنا يىگىتلەرنىڭ چەبدەس ئۇسۇللىرى
كوللىكتىپ ئۇسسۇل
چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمرالىقىد ...
گۈزەل قىزلار ئۇسسۇل ئورۇنلىماقتا
‹‹ جىكسون ›› ناخشا ئېيتماقتا
ئىلى ئوغلى ناخشا ئېيتماقتا
ئىلى قىزى نەپىس ئۇسسۇل ئوينىماقتا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا boztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 09:37 PM
|
|
|
|
|
|