1، پۈتمەس- تۈگىمەس ئۈمۈتلەر بىلەن دۇنياغا باغلىنىپ قالغان كىشى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆلۈم قوغلاپ ماڭىدۇ. بىر كۈنى ئۇنى تۇتىۋالىدۇ.
2. ھېچنېمە بىلەن پەرۋايى پەلەك، كۈنلىرىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى. ھالبۇكى ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۈرىدىغان ئاللاھ باردۇر.
3. قاھقاھلاپ كۈلگەن ئىنسان. بىر ئىنسان قانداق قىلىپ ئاللاھ مەندىن غەزەپلىنىۋاتقانمىدۇ ياكى مەندىن رازىمىدۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا ھېچ خىيالىدا يوق قاھقاھلاپ كۈلەلەيدۇ؟
يەنە شۇ ئۈچ نەرسە كۆڭلىمنى يېرىم قىلىدۇ:
بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قېلىش.
ئىككىنچى: قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرالىشىمىز ياكى تۇرالماسلىقىمىزنىڭ قورقۇنچى.
ئۈچىنچى: قىيامەت كۈنى كېتىدىغان يېرىمنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ بولىدىغانلىقىغا بولغان غەم قايغۇ.
ئەلى رەزياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى
ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئى ھۈسەيىن! مەن ھەقىقەتەن نەسىھەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىمەن. ھەقىقىي ئەقىللىق ئىنسان تەربىيە قوبۇل قىلغان ئىنساندۇر.شەپقەتلىك چوڭ كىشىنىڭ ساڭا قىلغان ۋەسىيىتىنى ئىېسىڭدە چىڭ ساقلا، چۈنكى ئۇ سېنى ئەدەپ ۋە تەربىيە بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سېنى ھالاكەتتىن توساپ قويىدۇ.ئى ئوغلۇم! ھەقىقەتەن قۇرئاندا نۇرغۇنلىغان نەسىھەتلەر بار. ئەمما سەنچە ئۇ نەسىھەتلەردىن تەربىيە ۋە ئەدەپنى كىملەر ئۆگىنىدۇ؟!ھەق تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى قۇلۇڭدىن كەلگىنىچە ئوقىغىن. ۋە ئۇنىڭ بۇيرىغانلىرىغا ئەمەل قىلغىن.ساڭا نەسىھەت قىلدىم، نەسىھەتلىرىمنى ياخشى ئاڭلا. چۈنكى نەسىھەت ئىنسانلار ئارىسىدا سېتىلىدىغان ۋە بېغىشلىنىۋېتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئەرزىنىدۇر.
”نەسىھەت دۇردانىلىرى“ دىن تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگۈچىمۇنەۋۋەر نىياز ئۆزئۇيغۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 08:12 PM