(ھېكايە)
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
مىكرو خەت (微信)ئوينىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىلكىپ قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باققانغۇ دەيمەن، بۇنىڭدا سىز تېلىفونىڭىزنى سىلكىگىنىڭىزدە سىز بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يانفونىنى سىلكىگەن كىشىنى قوشىۋالالايسىز. بۇ ئىقتىدار ناھايىتى قولايلىق، ئەمما بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ بۇ رەزگى دېتالنىڭ چۈشەندۈرىلىشى ئەمەس، بەلكى بېشىمدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە.
سىتۇدېنتنىڭ قولىدىن يانفون چۈشمەيدۇ، قىلىدىغان ئىشى شۇ مۇڭداشقۇدا پاراڭلىشىش ياكى مىھمانخانىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدەك 微信دا 对讲机لىشىش.
مەنمۇ بىر سىتۇندىنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق ئىشلاردىن يېراق ئەمەس ئەلۋەتتە، گەرچە قىز دوستۇم بولسىمۇ مۇڭداشقۇمغا ۋە 微信رىمغا قىزلارنى قاچىلاپ پاراڭلىشىشقا خۇشتار ئىدىم. تولا ھاللاردا ئاشۇنداق سىلكىپ قاچىلايتتىم. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىپ بىرقىزنى قوشىۋالدىم.
ئىسمىنى سەمىرە دەپ قويىۋالغان، باش سۈرىتىگە خېلى ئوماق بىر رەسىمنى چىقىرىۋالغان قىز ئىكەنتۇق، پاراڭنىڭ دەسلىپىدىلا چىقىشىپ قالدۇق.
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئەسلىدىكى ئايدا 10 سوملۇق ئېىقىم مىقدار ئىشلىتىدىغان ئادەم، 20سوملۇق كەسپ ئاچتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداقتىمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى، ئۇنىڭ قوڭغىراقتەك زىل ئاۋازى كىشىنى راستلا مەپتۇن قىلاتتى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇ مەندىن سوراپ قالدى:
-قىز دوستىڭىز بارمۇ؟
-يوق
-ھە، مۇنداق دەڭ.
شۇنىڭدىن كېيىنلا پاراڭ ئۈزۈلۈپ قالدى، گەپ قىلساممۇ ئۇ گەپ قايتۇرمىدى، زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
كەچ بولغاندا قىز دوستۇم ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا ئىزدەپ كەپتۇ، چىرايى تۈرۈك ئىدى. يېنىغا كەلدىم:
-يېقىندىن بۇيان نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسىز؟
-ھېچنىمە؟ نېمە بولدىڭىز؟ تاتلىق بىرنى كۈلىڭە؟
ئۇ زەردە بىلەن قولۇمنى سىلكىۋەتتى:
-سەمىرە بىلەن يامان بەك يېقىنلىشىپ كېتىپسبىزغۇ؟
ۋاي ئاللا! بۇنى نەدىن بىلدى ئەمدى؟
-كىمۇ ئۇ؟ تونىمايمەن.
تونىمامسىز؟ ئۇچۇ قاراڭ، مېنىڭ ياتاقدىشىم، سىزنىڭ توردىشىڭىز، بولمىسا ئىككىڭلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىتىپ قويايمۇ؟
ئۇ يانفونىنى چىقىرىپ سەمىرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتۈلگەن پاراڭ خاتىرىسىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ بەردى، ۋاي يۈزۈم، ھېچقاچان بۇنداق رەسۋا بولمىغان ئىدىمغۇ؟
ئۇ كۆرسىتىپ بولۇپ دېدى:
-ماڭا سىزدەك سۇيۇق، قىز بالىنى كۆرسە شۆلگىيى ئېقىپ ھالى قالمايدىغان نامەرت كېرەك ئەمەس، خوش، مېنىڭ قەدرىمنى سىز بىلمىگەندىكىن، ئۆزۈمنى قەدىرلەيدىغاندىن بىرنى تاپاي، سىز توردىكى ئاشۇ شاكىلاتلىرىڭىز بىلەن ئۆتۈڭ.
ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى، مەن ئارقىسىدىن توۋلىدىم:
-سەمىرە...ۋاي ياق مەرھابا توختاڭ!
توختا دېگەنگە توختامدىغان، شۇنداق قىلىپ 3يىللىق شاخابەتتىن ئايرىلىپ ئولتۇردۇق مانا، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە نەس بېسىپ تونۇشلارنى قېتىۋىلىپ ماز گەپ قىلىپ قويۇپ رەسۋا بولماي دەپ qqنىمۇ ھېلىقى 对讲机نىمۇ ئىشلەتمىدىم.