ئۈمىدسىزلىكنىڭ قوزغىتىش كۈچىنى سەل چاغلىماڭ !
ساغلاملىقىمىزغا بولغان ئۈمىدسىزلىك ، داۋالاش تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى .
يەرشارىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك تۈرلۈك موھىت ئاسراش جەمىئيەتلىرىنىڭ قۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي ، موھىت بۇلغىنىشقا قارشى تۈرۈشتىن ئىبارەت تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈردى .
ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئىزچىللىقىغا بولغان ئۈمىتسىزلىك ، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىشىمىزغا ۋە يېڭى ئېنىرگىيىلىك ماشىنىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى .
كەلگۈسى جەمىئيەتتىكى ياشاش رىقابىتىگە بولغان ئۈمىدسىزلىك ، پەرزەنت تەربىيسىنىڭ ئەھمىيتىنى ۋە كەلگۈسىگە پۇختا قەدەم بېسىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۈچەيتتى .
دوست – يارەنلەرنىڭ ۋاپادارلىقىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك بىزنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇرۇشقا ئۈندىدى ۋە تاسادىپى قويۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
ئىنسانلانىڭ ئەخلاقى ۋە ئىنسابىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك بىزدە دەرۋازا ۋە قۇلۇپلاش تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى .
خاتىمە
بىر ئۈمىدۋار كىشى بىلەن بىر ئۈمىدسىز كىشى پاراڭلىشىپ قالدى ،
ئۈمىدۋار كىشى :
- بىلەمسەن ، بىز ئاسماندا قۇشلاردەك ئۇچۇشقا نسىبەتەن ئۈمىدۋار بولۇپ كەلدۇق .شۇ ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ئايرۇپىلاننى ياساپ چىقتۇق .
ئۈمىدسىز كىشى :
-ئەگەر ئۇچۇپ كېتىپ بارغاندا ئايرۇپىلاندىن چاتاق چىقسا قانداق قىلىسىلەر ؟
ئۈمىدۋار كىشى :
-ئۇنداقتا ، پارشوت بىلەن سەكرەيمىز .
ئۈمىدسىز كىشى :
-بىلەمسەن ، پاراشوتنى بىز ئۈمىدسىزلەر ياساپ چىققان ، دېمەك سېنىڭ ھاياتىڭنى ئۈمىدسىزلەر قۇتۇلدۇردى .
مەنبە : نۆل يازمىلىرىدىن
(خاتىمە قىسىمى ئۈلگە ئېلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 11:25 PM