ئەردوغان تىنچلىق بەرپا قىلغۇچىمۇ؟
ئاپتورى: سىنان ئۈلگەن (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۈشكۈل ئېلىشىشنى باشلىدى. ئۇ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي كورىيە يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تېھرانغا يېرىپ بېرىپ، ئىران رەھبەرلىرىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي دۆلەت ۋە گېرمانىيە بىلەن كېلەركى نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىستانبولدا بۇ يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەردوغان ئالدىنقى قېتىم تېھرانغا 2010-يىلى 5-ئايدا بارغان، مەقسىتى ئىران بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىدى، بۇ كېلىشىمدە ئىران تۈركىيەگە زور مىقداردا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئۇران تەمىنەلەيدىغان، تۈركىيە ئىران تەتقىق قىلىۋاتقان يادرو رېئاكتورىغا يېقىلغۇ تەمىنلەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم تۈركىيە ۋە برازىلىيەنىڭ ياراشتۇرىشىدا ھاسىل بولغان بولۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىشەنچ قۇرۇلىشى تەشەببۇسى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا زاھىر بولغان ئىدى.
ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بۇ كېلىشىمنى تېزلا رەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئىران ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا يەنە داۋاملىق جازا يۈرگۈزۈش ۋەزىيىتىنى ئاجىزلاتماقچى دەپ قارىدى. تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، نەتىجىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاتلار ئەردوغان ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئورناتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقداشلىقدىن يىراقلىشىپ كەتتى دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى قىسقا مەزگىللىك كىرزىسنى تۈركىيەدىكى سىياسىي ساھەلەر ھېلىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان. ئىككى يىل ئىلگىرى ئەردوغان بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، نەتىجىدە ئۆزىگە ئۆزى جاپا سېلىۋالدى، ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ مەسىلىنى ھازىر يەنە قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ ئۇ تېھراندا نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟
ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئوتتۇرا شەرقتە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەمما بۇ ئەھۋال تۈركىيەگە ناھايىتى پايدىسىز. شۇڭا، تۈركىيە رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېزلىكتە يامانلىشىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.
سۇرىيە ۋەقەسى تۈركىيە دائىرلىرىگە-سۇرىيە ھاكىمىيىتى ناھايىتى ئەۋرىشىملىككە ئىگە، تۈركىيەگە قارىتا ئۆچمەنلىككە تولغانلىقىدەك رەھىمسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قوشنىسى ئىراق ئامېرىكا ئارمىيىسى چېكىنگەندىن كېيىن، بىر مەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەزھەپلەر ھوقۇق كۈرىشىگە دۇچ كەلدى.
بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىرانغا ھەربىي ئارىلىشىشنى توساپ قېلىشش ئۈچۈن. تۈركىيەنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيە ياكى ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە زەربە بەرسە، مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقىغا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىران شەك-شۈبھىسىزكى مەزھەپلەر كۈرىشىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئۇلغايتىش، سۇرىيە ۋە ئىراقنىڭ يارىشىش كەلگۈسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئالىدۇ.
بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، تۈركىيە بارلىق بەدەل تۆلەش ئارقىلىق دېپلوماتىيە ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىن باش تارتمايدۇ. ئەمما ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى كونكرېت نىشانى 2010-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن مۆتىدىل، چۈنكى تۈركىيە ياراشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ ھەم بۇ كېلىشىمنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيدۇ.
ئەكسىچە، ئەردوغان ئىران رەھبەرلىرىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئاشكارىلاش ئىرادىسى ۋە كېلەركى نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتى كونكرېت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئىران مۇرەسسەلەشمىسە، ئۇنداقتا سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولىشىدەك كاج تەغدىردىن قېچىپ قۇتۇلىشى تەس بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئېھتىمال يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي تىركىشىشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىدا چوقۇم دوستانە پوزىتسىيەدە بولىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئىران ھاكىمىيىتى ھېچ بولمىغاندا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپ چىقىرىشنى يادرو قورالى ياساش ئېھتىياجىدىن كىچىك بولغان %20 لىك قىممەت ئەتراپىدا ساقلاشقا ۋەدە بېرىشى كېرەك. بىرلا ۋاقىتتا، ئەردوغان ئىران پىرىزدېنتى ئەخمەد نىجاد ۋە ئايەتۇللاھ ھامىنىي بىلەن بىۋاستە كۆرۈشتى، ش ئا ئە ت دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەردوغاننىڭ ئورنى ئىنتايىن ئالاھىدە، ئۇ بۇ مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۇقىرى قاتلام تەدبىر بەلگىلەش باسقۇچى ئېنىق بولمىغان ھاكىمىيەتكە يەتكۈزۈپ قويۇشى كېرەك.
لېكىن غەلىتە يېرى، ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىسى گەرچە 2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇلايىم بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا قيىنلىشىپ كەتتى، چۈنكى ئىران ئېھتىمال 7-ئايدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.2012-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئىراننىڭ پۇلى رىيالنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرۋوت نىسبىتى %50 تۆۋەنلەپ كەتتى، تاشقى پېرۋوتى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 11-ئايدىكى سايلامغا دۇچ كەلدى، ئىرانغا يۇمشاق قوللۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا ياردەم قولىنى سۇنىشى ناھايىتى تەس.
ئەمما، ئەردوغاننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتتىكى ئەڭ ياخشى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى بولۇشۇ مۇمكىن. ئىران كىرزىسى داۋاملاشقانلىقتىن، بېنزىن باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، ئامېرىكىلىقلار ماشىنا ھەيدەش تەننەرخىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇمۇ ئوبامانىڭ خەلق رايىدا لىڭشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، ئوباما ھۆكۈمىتى ئېھتىمال ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش سىياسىيدىكى ۋاقىتلىق تەدبىر دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىران مۇرەسسەلىشىشنى ھەقىقىي خالىسا، غەرب دۆلەتلىرى جازا يۈرگۈزۈشنى كېچىكتۈرىشى كېرەك.
ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغان قازىنالمايدىغانلىقى تېزلا ئايان بولىدۇ. ئەگەر ئىران كېلەركى نۆۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتتە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كونكرېت ئىشەنچ قۇرۇلىشى تەدبىرىگە قاتنىشىشنى قارار قىلسا، ئەردوغان دېپلوماتىيەگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئېھىمتال ئوتتۇرا شەرقنى بىر مەيدان ئاپەت خاراكتېرلىك ھەربىي تىركىشىشتىن ساقلاپ قېلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
مەنبە: ئاپتورى سىنان ئۈلگەن ئىستانبول مەركىزىي ئىقتىساد ۋە دېپلوماتىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى، ئوتتۇرا شەرق تورىدىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.