مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3646|ئىنكاس: 46

ئوغلۇم تېخى كىچىك(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 03:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇم تېخى كىچىك(ھىكايە)

مەمەتجان ئەر-خوتۇنلار ئۇزۇندىن بويان ئوغۇل پەرزەنىتلىك بۇلۇشنى ئويلاپ كېلىۋاتاتتى. قېرىشقاندەك بىرىنجىسى قىز، ئىككىنجىسىمۇ قىز، ئۈچۈنجىسىمۇ قىز، ئۇلارنىڭ بېشى تازا قېتىشتى، مەمەتجان ئايالى گۈلقىزغا تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى؛ باشقىلارنىڭ خوتۇنى ئىككى-ئۈچتىن ئۇغۇل تۇغىۋاتىدۇ، سەن خوتۇن يا بىر ئوغۇل توغاي دىمىگەن،.توغقان باللىرىڭنىڭ ھەممىسى قىز. بۇ تاپا-تەنىلەرنى ئاڭلىغان قۇندۇزخان ئېغىزىنى قويۋىۋەتتى -ۋاي غۇجام، يەر دىگەنگە نىمە تېرسىا شۇ ئۈنىدۇ دىگەن گەپ، ئۆزلىرى ئوغۇل بالا تاپالمىغاندىن كىين زوۋانلىرىنى بىر يېغسىلا. مەمەتجاننىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسىنىڭ ۋارىسى، چېرىغىنى ياندۇرغۇچى ئوغلى بولىشىنى ئويلايتتى، ئەمدى بولسا بالا ئۈچكە يەتتى، يا بىر پىلاندىن سىرىت بالا تاپقىلى بولمىسا. مەمەتجان شۇ خىياللار بىلەن بۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا تۇيىقىسز بىر خوش خەۋەرنى ئاڭلىدى، يەنى دېھقان نۇپۇستىكىلەر ئۇدا ئۈچ قىز پەرزەنتى بولسا ئالاھىدە كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق يەنە بىرنى توققىلى بۇلىدىغانلىقىنى لىكىن بۇ كۆرسەتكۈچنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى، يۇقىرى تۈۋەن يول ماڭغاندا تەسكە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇقىرى-تۈۋەن پالاقشىپ، ئاران بۇ كۆرسەتكۈچنى ھەل قىلدى. مەمەتجان ئايالى قورساق كۆتۈرگەندىن باشلاپ تاكى تۇققىچە يۈرىگى ئەنسىز سوقاۋاتاتتى، چۈنكى تۆتىنجى بالىسىنىڭمۇ قىز بۇلۇپ قېلىشىدىن بەك قورقاتتى. تەلىيىگە يارىشا، تۆتىنجى بالىسى ئوغۇل تۇغۇلدى، ئۇغۇل بولغاندىمۇ ناھايىتى قاش- كۆزى جايىدا، چىرايىلىق، پاقلاندەك بىر ئوغۇل بولدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ مەمەتجان ئائىلىسىگە ئوغلى بىلەن تەڭ خوشاللىق تۇغۇلدى، ئۇلار ئوغلىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىپ باقاتتى، باشقا قىزلىرى بىردۇنيا، ئوغلى بىر دۇنيا ئىدى، ئوغلىنى دەپ باشقا قىزلىرى چەتكە قېقىلدى. ئوغلىنىڭ تۇرۇپ قىلىشى، چەتنەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىسمىنى توختى دەپ قويدى. كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن كۆز مونجاق ئېسىپ قويدى، ئوغلى تۆت ياشلارغا كىرگەندە ناھايىتىمۇ كەپسىز بالا بولدى، قولىغا كالتەك ئېلىپ يولدىن ئۆتكەن بالىلارنى ھەتتا چوڭلارنىمۇ ئۇرۇپ قوغلايىتتى، سەت گەپلەر بىلەن يولدىن ئۆتكەن كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى تىللايىتتى. قوشنىلار مەمەتجانلارغا نەسىھەت قىلىپ، گەرچە ئوغۇل كىچىك بولسىمۇ ئازىراق تەربىيە بىرىپ تىزگللەپ قويغىلۇق دېسە؛ مەمەتجان ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى چېچىلىپ كېتەتتى، ھەرقايسىڭنىڭ شۇنچە ئوغلى پاتقان بۇ مەھەللىگە مېنىڭ كىچىككىنە ئوغلۇم پاتمامتى، ئوغلۇم تېخى كىچىك تۆت ياشقا كىرگەن بالىغىمۇ تەربىيە بىرىشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقىنىنى ئەتە-ئۆگۈن مەكتەپكە كىرسە تۈزىلىپ كېتىدۇ دەپ نەسىھەت قىلغان قوشنىلارنىڭ دەككىسىنى تازا بەردى.
توختى يەتتە-سەككىز ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتتا مەكتەپكە بەردى، ئۇقۇتقۇچى ئۇنى دوسكىغا چىق دەپ بويرىۋىدى، ئۇ دوسكىغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، ئۇقۇتقۇچىسى تازا تېرىكىپ ئۇنىڭغا قاتتىقراق تەگدى، ئۇ ئۇقۇتقۇچىسىغا گەپ ياندۇرىۋىدى، ئۇقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ پىشانىلىرىنى بارمىقى بىلەن ئانچە-مۇنچە نۇقۇپ، ئەدەپلەپ قويدى، توختى سېنىپتىن يېغلىغان پېتى قېچىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتتىگەن سېنىپقا توختىنىڭ دادىسى كېلىپلا مۇئەللىمنى تىللاپ كەتتى، ئاقچى ئەپەندى، كۆكچى ئەپەندى، ئوغلۇم تېخى كىچىك تۇرسا سېنىڭ بۇنداق بالامنى ئەدەپلەيدىغانغا نىمە ھەددىڭ! بۇ مىنىڭ بىرلا ئوغلۇم جۇمۇ. مۇئەللىم سۇغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، مەمەتجان ئاكا، خاپا بولمىسلا! پەرزەنىت دىگەننى كىچىگىدىن باشلاپ تەربىيلەش كېرەك، مەنمۇ سېلنىڭ ئوغۇللىرىنى ياخشى، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ بىرىشتىن باشقا مەقسىتىم يوق، مەن ئۇنى دوسكىغا چىق دېسەم، ئۇ دوسكىغا يامىشىپ چىقىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئازىراق تەنقىت قىلىپ قويدۇم، ئۇ بۇنداق كېتىرۋەرسە بالىڭىزغا ياخشى ئەمەس. مەمەتجان تېخىمۇ توۋىلاپ كەتتى، ھو ئەپەندى، شۇنچە ئوغۇللار پاتقان مەكتەپكە مىنىڭ ئەمدى شۇ كىچىككىنە ئوغلۇم پاتماپتىمۇ؟ ئوغلۇم تېخى كىچىك، تۆتىجى-بەشىنجى يىللىقلارغا چىققاندا ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ قالمامدۇ؟ مىنىڭ سەندەك ئەپەندىگە دەيدىغان گېپىم يوق، مەن بېرىپ مۇدىرنى ئىزدەي. مەمەتجان مۇدىرنى ئىزدەپ ھېلىقى ئوغلىنى ئەدەپلىگەن ئوقۇتقۇچىنى تازا ئېچىتىپ، ئىچىىنى بوشىتىپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ توختىنى باشقۇرۇش تېخىمۇ تەسلەشتى، ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ساۋاقداشلىرىنى ئورىدىغان، نەرسىلىرىنى ئوغىرلايدىغان بولدى.
توختى باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىغا كۆچتى، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، سېنىپ مۇدىرى، توختىنىڭ كەمچىلىكىنى ئوتتورغا قويىۋىدى. مەمەتجان يەنىلا چالۋاقاپ كەتتى، ئوغلىمىز تېخى كىچىك يەنە بىر يىلدىن كىين ئوتتورا مەكتەپكە چىقىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ئۇقۇتقۇچى ئەمدى توختى توغۇرلۇق ئاتا-ئانىسىغا داتلىنىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى بىلدى.
مەمەتجان، قۇندۇزخان ئەر-خوتۇنلار ئوغلى توختىنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۈرەتتى، ئۇنىڭ توغىرلىق ئېيتىلغان ھەرقانداق يامان گەپ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بازغان بىلەن ئورغاندەك بىلىنەتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختى ياخشى بالا بولدى، ئۇز بالا بولدى، كېلىشكەن بالا بولدى دەپ ماختاشقىلا بۇلاتتى لىكىن ئەيبىنى شۇنداق ئاچقان ھامان شۇ ئادەم مەمەتجانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بۇلاتتى. مەمەتجانلار ئوغلىنى ئەركىلىتىپ نىمە دېسە شۇنى ئېلىپ بىرەتتى، نىمىنى بۇزىۋەتسە كارى بولمايىتتى، توختىنىڭ قۇلۇن-قوشنىلارنىڭ توخولىرىنىڭ پوتلىرىنى سۇندۇرۋىتىشى، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىنى ۋايران قىلىۋىتىشىنى قولۇن-قوشنىلار داتلىنىپ كەلسە، مەمەتجانلار بىردەمدىلا قاريۈزلەرگە ئايلىنىپ قوشنىلار بىلەن سوقۇشاتتى، مەمەتجانلارنىڭ نەزىرىدە ئوغلىنىڭ خوشاللىقى ئاستىدا، بۇنچىلىك ئىشلار بىر ئەرزىمەس ئىش ھېسابلنىاتتى. شۇنچە ئوغۇللار پاتقان مەھەللىگە ھەرقايسىڭ مېنىڭ بىر تال ئوغلۇمنى پاتقۇزۇشمايسەن، مەن بىركۈنى ئەمەس بىر كۈنى مۇشۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كېتىمەن دەپ قوشنىلار بىلەن خېلىلا ئازارلىشىپ قالدى. بىر كۈنى توختى كالتەك بىلەن بىرنى سېلىپ بىر قوشنىسىنىڭ يېڭىدا تۆللىگەن قوزىسىنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويدى، قوشنىسى دات ئېيتىپ كېلىۋىدى، بالام تېخى كىچىك، بىر ئوغلۇمنى سەنلەر پاتۇرۇشمايسەن، بىرتال قوزاڭنىڭ پۇتى سۇنسا نىمە بۇپتۇ دەپ قوشنىسى بىلەن تاكاللاشتى، قوشنىسىمۇ بوش كەلمىدى، ھە دېسىلا بىرتاللا ئوغلۇم بار دەيدىكەنسەن، سېنىڭ ئۇغۇل تاپىدىغان بىرنەرسەڭ كېسەل بولمىغاندىكىن سەنمۇ تاپساڭ بۇلىدۇ دەپ مەمەتجاننى گەپتە تازا بىر قويدى ۋە يۈز قىلماي قوزىسىنى تۈلەتتۈردى. مەمەتجان ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ بىر تال ئوغلۇم بۇ مەھەللىگە پاتمايۋاتىدۇ، ئۇ تېخى كىچك ئوتتورا مەكتەپكە چىققاندىن كىين ئوڭشىلىپ كەتمەمدۇ دېدى.
توختى تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپكە چىقتى، ئۇ ئەمدى كەپسىزلىكتە ئۇچچىغا چىقتى. مەكتەپتە قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ھېلى چېچىنى تارتىپ ھېلى چېچىنى پارتىغا چىگىپ  قويۇپ قىز ساۋاقداشلىرىنى يېغلىتاتتى، مۇئەللىم ئۇنىڭ دەككىسىنى تازا بىر بىرىۋىدى خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچىسىدەك ئاقىۋەتكە قالدى. شۇنداق قىلپ توختى كەپسىزلىكتە تۇلۇقسىزنىمۇ پۈتتۈردى لىكىن مەمەتجان ئەر-خوتۇنلارغا نىسپەتەن ئوغلى يەنىلا كىچىك ئىدى. ئۇ تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىين ئاتا-ئانىسى يولىنى قىلىپ ئۇنى تىببى مەكتەپكە ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئۇ مەكتەپ ئۆتكەندىن كىين بارلىق ئەسكىلكلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلدى، ئاتا-ئانىسىغا يانىدىغان، دادىسىنى تىللايدىغان، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۆيىگە بىركېلىپ كەتمەيدىغان، ھە دېسىلا، ئۆزىنى مەكتەپتىكى باي ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالغانلىقىنى، پالانىنىڭ بالىسى ئۇنداق پۇل خەجلەيدۇ، مەندەك قەلەندەر ئوقۇغۇچى مەكتەپ بۇينچە يوق دەپ ئاتا-ئاناسىنى غېقلا تويغۇزۇپ قويدى. ئوغلىنىڭ بويىغا يىتىپ قالغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا چانماسلىق ئۈچۈن، دادسىدىن يۇشۇرۇن ئاپسى، ئاپسىدىن يۇشۇرۇن دادىسى خىراجىتى بىرىپ توردى. كىين ئۇنىڭ خىراجىتىنى ھېچنىمە قاندۇرلمىدى، بىر كۈنى مەمەتجان ئوغلىغا قاتتىق بىر كايىدى، بىز دىگەن دېھقان تۇرساق، بۇنداق خەجلەۋەرسەڭ نىمە توشايدۇ، دادىسىنىڭ ھازىرغىچە بۇنچىلىك تىل ئاڭلىمىغان توختى يېغلاپلا كەتتى، ئاپىسى ئوغلىنىڭ يېغلىشىغا چىداپ تۇرالماي، دادىسىغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى، بىرتاللا ئوغلىمىز ئەمەسمۇ نىمە بۇلىدۇ، شۇنچىلىك پول خەجلىگىنىگە، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچۇق تۇرسا بالىمىزنى باشقا دوستلىرىنىڭ ئالدىدا چاندۇرساق بولماس.
توختى ئەمدى ئويۇننىڭ ئەڭ ياخشىشىنى ئۈگەندى، يەنى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق خانىغا كىرىپ قىمار ئويناشنى ئۈگەندى، بىر تەلىيى كېلىۋىدى بىراقلا 20مىڭ يۈەن پۇل ئۇتتى، بارلىق ئۆزىگە ئوخشاش بىكار-تەلەتلەرگە خەجلەپ، قىمار ئويناپ  تىزلا تۈگەتتى. ئويۇنچۇق خانىدا كاللەكلەپ پۇلنى تۇتۇپ تۇرغان جەزنىخورلار قاتار تۇراتتى. توختىنىڭ ئوتتۇرۇپ پۇلىسى قالمىغانلىقىنى كۆرگەن بىر شاپبۇرت، پەينەكباش جەزنىخور ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن، قانداق ما پۇلنى بىر بېسىپ باقامسەن ئۇكام، تەلىيڭ كىلىپ باقسا ئەجەپ ئەمەس دېدى؛ توختى بۇنىڭ جەزنىخور ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى، بەلكىم ئويناشنى ئوقمايدىغان بىرەسى بولسا مەن ئويناپ ئۇتۇپ بەرسەم،پايدىنى تەڭ ئالدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپ قالدى. جەزنىخور دەسلەپتە 1000.00يۈەن، كىين 2000.00يۈەن، ئاخىرى 3000.00يۈەن پۇلنى پەرۋاسىزلا بەردى. توختى 5000.00يۈەننىڭ ھەممىنى ئوتتورۇپ بولغان ۋاقىتتا جەزنىخورنىڭ مۇلايىملىق پۇزىتسىيەسى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى. بۇياققا كېلە ۋۇ سولتەك، ئىسمىڭ نىمە سېنىڭ؟نەدىن سەن؟ توختى يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەمىكىن ئىدى. –ئەمدى ئاكا قىمار دىگەن تەلەي ئىكەن، بەشمىڭ يۈەن پۇلىڭىز يوققا چىقتى، تۇيۇقسىز قاتتىق تەككەن تەستەك توختىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتتى. ھوي سولتەك مەن بۇ پۇلنى ساڭا قىمارغا دەسمايە قىلپ بەرمىدىم قەرىز بەردىم، قەرىز. توختى ئەمدى ئۆزىنىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى بىلدى، ئۇجەزنىخور ئۇنىڭغا يەنە ئىلگىرى كىين بۇلۇپ بەشمىڭ يۈەن قەرىز بەردى، توختى ھەممىسىنى ئۇتتۇردى. توختى جەزنىخورغا ھۆججەت يېزىپ بەردى، ئۇقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى، كىملىكىنى بەردى. لىكىن بۇ پۇلنىڭ بىركۈنلۈك ئۆسۈمى 500.00يۈەن ئىدى، توختى ئەمدى ئۆزى پۇل خەجلەپ بەرگەن بىكارچى ئاغېنىلىرىنى ئىزدىدى لىكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. بارا-بارا قەرىز قايتۇرىدىغان ئاخىرقى مۆھلەت كەلدى، قەرىز ئۆسۈمى بىلەن قوشۇلۇپ 20مىڭ يۈەنگە يەتكەن ئىدى. جەزنىخور توختىنى قاتتىق ئۇرىۋەتتى، ۋە پىچىقىنى ئېلىپ پۇلنى بەرمىسە بىر بارمىقىقنى كېسىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقاق سېلىپ، توختىنى ئىشتىنىغا چىقىرۋەتكۈزدى. كىچىكىدىن تارتىپ، بىرەسى تاك ئىتىپ چىكىپ باقمىغان بۇ ئەركە نايناق ئوغۇلغا جەزنىخورنىڭ تايىقى تازا تېتىدى. توختى ئاغېنىلرىدىن يارى قايتىپ، ئاخىرى ئەھۋالنى ئاتا-ئانىسغا ئېيتتى. بىچارە ئاتا-ئانىسى 2مو يەرنىڭ كۆكىنى 5يىللىق سېتىپ ئوغلىنىڭ قەرىزىنى قايتۇردى.  
ئەمدى ئەرخوتۇنلار ئۆز-ئارا تاپا-تەنىگە چۈشتى، بالامنى سەن يامان ئۆگتىپ قويدۇڭ دېسە، ھەممىنى قىلغان سەن دەپ؛ تالاش-تارتىش قىلىشتى. ئاخىرى ئۇلار جىدەلدىن توختاپ پەس ئاۋازدا ئوغلىمىز تېخى كىچك، كېلەر ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرسە، تويىنى قىلىپ بېشىنى بىر ئوڭشاپ قويساق ئوڭشىلىپ كېتەتتى دىيشتى.

ئاپتۇرى: ئابلەت ئىمىن(روھلانى)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
afxar + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5934
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 04:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ ..بالىلارنىڭ ياش پىسخىكىسغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش شۇ بالىنىڭ روھى دۇنياسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەربىيەلەش كېرەك ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4234
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ياخشى چىققان ھىكايە.......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77320
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:21:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايىكەن

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىغا كۆيۈش كېرەك تېشىدا ئەمەس ئىچىدە . بولمىسا تەربىيەلەپ چىققان ئەركە بالىمىز ئاخىرى بېشىمىزغا بالا بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن.

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3541
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ..................ئۇف

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9460
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:42:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا ئەلۋەتتەئاتا-ئانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ كىچىك ! بىراق  بالىنى كىچىكىدىن باشلاپلا  نىمنىڭ خاتا ،نىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇش لازىمدە،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34765
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3140
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ياخشى چىققان ھىكايە،بىراق بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا نىمنىڭ خاتا ،نىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇش كىرەك .قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .....

ئىش ئادەمگە باغلىق!!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11243
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 2898 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 06:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹بالام-بالام دېگەنلەر ، چىچىپ پۇقىنى يېگەنلەر› دەپتىكەن كونىلار  ، بالىنى دېگەن ھە دېسىلا ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلسا ، يارامسىز قىلىپ  تەربىيلىنىپ قالىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   蓝狼331 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 06:06 PM  


ھۇرۇنلۇق ئادەمنى باشلار زاۋاللىققا.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3775
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 06:38:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarbia ni kiqigidin baxlimisa qong bolgan da har giz bashkur gili bolmaiduda
tima igisiga rahmat

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش