كوچا كېچىلىرىدىن كېچە كوچىلىرىغىچە
روھزات
كېچىلەرنىڭ كوچىلاردا مۈگدىشى بىر ئازابنىڭ يېشىمى، كوچىلارنىڭ كېچە قوينىدا يېتىشى بىر قەلەمنىڭ كىتىرلىشى ئىدى. . شەھەر ئۇيقۇغا كەتكەندە، سەن ھېسلىرىمدىن رەڭ ئىچۈرۈلگەن بىر قەلەم بولدۇڭ. تۈن رەڭ مىسرالاردىن پۈتكەن ئۇلۇغ ئەلەم بولدۇڭ. ھوقۇش ناخشىلىرى ياڭرىغاندا، سەن لالما مۈشۈكلەرنىڭ ئۈركۈپ قېچىشى بىلەن ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەيتتىڭ. كوچا چىراغلىرىنىڭ يورۇتۇشىدىن خىرەلەشكەن كىچىك دائىرىدە، قوش قەۋەتلىك يوللارنىڭ ئاستىدا توختىغان پىكاپلاردا، پۈتۈن سوتكا ئېچىلىدىغان كېنتاكىلاردا مېنىڭ سايىلىرىم كېچىدىن خوشلىشىپ چىقاتتى. سەن بولساڭ كېچە يۇتۇپ كەتكەن كوچىلارنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتكەنىدىڭ. كېچىلەردە يۈرۈشۈم بەلكىم سېنى ئزدەش ئۈچۈن بولسا كېرەك . شەھەرنىڭ قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئادەمزات ئۇرۇقى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېچە ئىدى.
قوش قەۋەتلىك يوللاردا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆتۈپ قالىدىغان پىكاپلارنى كېچە ئۆز قوينىغا يۇتاتتى. كېچە مېنىڭ كەينىمدە قالدى. مەن كىرگەن تېز تاماقخانىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ماشىنا چىراي قىزلار بولاتتى، ئۇلار كېچىنىڭ ئاسىيلىرى ئىدى. سەنمۇ ئاسىي ئىدىڭ. ماڭا ئاسىيلىق قىلغان سېنى كېچە ئاسىيلىرىنىڭ يانلىرىدىن ئىزدەۋاتقان بولسام كېرەك. . كېچىنىڭ بەدىنى ماڭا سۈركىلىشكە باشلىدى، مېنى قولۇمدىن تارتقىنىچە جانان كوچىسىغا باشلىدى. تىترەپ تۇرغان يىراقلاردىن نۇرسىز جىملىققا باش ئەگمىگەن رەڭلىك چىراقلاردىن، ئېچىنىشلىق دېسكو مۇزىكىلىرى چاچراپ تۇراتتى. كېچىنىڭ كوچىلىرى ئېقىپ كەتتى. تۈن ماشىنا ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېرىگەندە، ئۇسسۇللار ماشىنىلارغا ئايلاندى. جانان كوچىسىنى قايتا كەزمەك ئۈچۈن ماشىنىلارغا يېيىلگەن بولسام كېرەك. .
تۈن مۈشۈكلىرىدەك پاكار ھەم يۇمشاق ئورۇندۇقى بار پىكاپ مېنى كېچىنىڭ پۈتمەس قوينىغا سۆرىدى. تۈن بىر دىۋە ئىدى. كوچىلار ئۇچۇپ كەتتى. قاراڭغۇلۇق پىكاپقا ھەر ئۇرۇلغىنىدا تەنلىرى پارە-پارە بولاتتى-دە،كەينىمىزدە ھالسىزلىنىپ قالاتتى. قاراڭغۇلۇققا ئۆلۈم يوق ئىدى، ئۇ قايتا تىرىلەتتى. كوچىلاردا شارقىراپ ئېقىۋاتقان قارىچۇقلىرىمدا تۇرۇپ-تۇرۇپ قايتا تىرىلىدىغان سېنى كېچە قوينىدىن ئىزلەۋاتقان بولسام كېرەك. .
كوچا كېچىلىرى كېچە كوچىلىرىدا تېنەپ قالدى. .
ئاسمان قاراڭغۇلۇقنىڭ شېرىكى ئىدى. ماڭا شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلىغان ئاسمان، ئاچچىقلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان قارا بۇلۇتلار، غەربىي ئۈچىنچى ئايلانما، يەر ئاستى ئۆتۈشمىسى ھەممىسى سېنى يوشۇرماقچى بولاتتى. مەن زېمىن باغرىغا سىڭدىم. سەن ئامراق يامغۇرلارغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ئېرىپ كەتكەن بولسام كېرەك . مەنبە:روھزات تور خاتىرىسىhttp://www.shewqiy.com/rohzat/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھزاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 02:13 PM
|