مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 14

ئۇيقۇسىز چۈش-ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 01:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيقۇسىز چۈش-ھېكايە



(ئارسلان تالىپ)


  

  مەن قومۇل دىيدارىدىن چىققان يازغۇچى ئارسىلان تالىپنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.  مەن مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن "ئۇيقۇسىز چۈش" ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىكى شۇ ناملىق ھېكايىسىنى سۇندۇم.

         

    تاق، تاق، تاق...
   تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن مەخسوس ئېچىلغان بۇ كېسەلخانىدىكى جىمجىت كارىدوردا تونۇش ئاياق ئاۋازى ئاڭلاندى. پولغا سۈنئى گىلەم سېلىنغان بۇ ئاۋاز شۇ قەدەر تەكشى ھەم رېتىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئاۋاز 223- نومۇرلۇق ياتاقتىكى نەفىسەگە شۇنچە تونۇشلۇق ئىدى.
   تاق،تاق،تاق...
   ئاياق ئاۋازى يېقىنلاپ كەلگەنچە نەفىسەنىڭ يۈرەك رېتىمى تېزلەشمەكتە، تاغ تېزمىسىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كۆكسى ھېلىلا پارتىلايدىغاندەك چىڭقالماقتا. ئاق سېرىق يۈزىچۇ تېخى، چىلاندەك قىزىرىپ، تونۇر تەپتىدەك ھارارەت تارقاتماقتا. كۆزىگە سايە تاشلاپ تۇرغان قايرىما كىرپىكلىرىلىكىلداپ، قاشلىرى يىمىرىلىپ، بېسىپ بولماس ھاياجاننىڭ تەسىرىدىن پۈتۈن بەدىنى خۇددى كۈز غازاڭلىرىدەك يېنىك تىترىمەكتە. مانا بۇ مەسئول دوختۇرنىڭ نەفىسەنىڭ كىسەللىكىنى كۈنىگە بىر قېتىملىق تەكشۈرەش، كېسەللىك ئارخىپىنى يېزىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان چاغدىكى ئاياغ ئاۋازىنىڭ تەسىرى. بۇ ئاۋاز نەفىسە ئۈچۈنئەنەشۇنداق قۇدرەتلىك، بۇ نەفىسە ھېسىياتىنىڭ بىر ھازا توقۇناقلىشىشىدىن كىيىنكى ھالسىرىشى، ئەسەبىلىك ئىچىدە قايمۇققان نىمجان يۈرەكنىڭ يات جىنىسقا بولغان تەلپۈنىشىنىڭ ئاداققى چېكى.
   نەفىسە ئۆزىنىڭ قۇلاق بېزى ياللۇغىنى ئوپىراتسىيە قىلغان دوختۇر مۇھەممەتنى ئوپىراتسىيەدىن كېيىن- ئۇ ئاغزىدىن ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىلا  تونۇپ، ھەيرانلىقتا ۋاقىرىۋەتكىلى تاسلا قالغان ، ئەسلىدە ئۇ ئوپىراتسىيە دوختۇرىنى ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئۆزىنى توختاتقان، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، ئېغىر- بېسىق بىر مۆتىۋەر دەپ پەرەز قىلغانىدى. ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى ئەمدىلا يېگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن يىگىت بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭدىكى چىراي، قاببىليەت، كەسپى ئىلغارلىق نەفىسەنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتتى. ئۇ بۇ تاسادىپىلىقتىن دەمىلاتىن ھەيران بولسىمۇ، بارا-بارا تەقدىر -قىسمەتنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاپىرىن ئوقىماي تۇرالمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاىىرى ئۆز مەقسىتىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشغا، كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىشكە ئىشەنچ تۇرغۇزدى.
   " خۇدايىم نىسىپ قىلسا سۇلايماندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دوختۇر ئېلىپ چىقىپ، سۇلايماننى ئېغىر دەرتكە قويىمەن". بۇ نەفىسەنىڭ تۈركىيەدىن مېڭىش ئالدىدا ئاتىسىغا ئېيتقان يۈرەك سۆزى. " مانا مۇھەممەت ھەر جەھەتتىن سۇلايماندىن ئۈستۈن تۇرىدىكەنغۇ، سۇلايمان ناھايىتى بىر تېڭىق دوختۇرى، مۇھەممەتچۇ؟ تاشقى كېسەللەر بويىچە ئۇستا ۋىراچ. تىببىي ئىلىم ساھەسىدە يوقۇرى مەلۇمات ئالغان..."
   لېكىن چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ. مۇھەممەتنىڭ رايىنى سىناش، كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئۆزىگە مايىل قىلىش نەفىسەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشى ئىدى. قېرىشقاندەك مۇھەممەت ئۇنىڭ چىرايىغا، مال- مۈلكىگە، يوقۇرى ئابرويىغا تازا قىزىقمىغاندەك تۇراتتى. بۇ ھالەتكە رەللە بولۇپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇھەممەتنىڭ ئۆيلەگەن يىگىت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ قالدى. بۇ خەۋەر ئۇنى روھسىزلاندۇرۇپ، كۈچ -مادارىنى خۇددى سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك بىراقلا يوقىتىپ، ئۇنى كارۋاتقا قايتا چاپلىۋەتتى. " خوتۇنى بار ئەر" بۇ سۆز ئۇنىڭ كاللىسىنى قۇچىۋەتتى. لېكىن، نىمە ئۈچۈندۇر موشۇ تونۇش ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا قايتا جانلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھال ئۇنى شېرىن خىياللار بۆشۈكىگە بۆلەپ، نازۇك سېزىم تەسىرىدە ئەللەيلىتەتتى." سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ" دېگەن سۆزنى يادىغا ئېلىپ ئكزىنى تۈزەشتۈرەتتى. لېكى بەزىبىر ئىشلاردا ئاجىز كېلىپ ئۈمىدسىزلىنىپ قالاتتى.
   _ بۈگۈن قانداقراق تۇرىسىز نەفىسە؟!
   نەفىسە چۆچۈپ كەتتى. باياتىن بېرى زەڭگەر كۆزلىرىنى كىرپىكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تەگسىز خىيالغا غەرق بولۇپ كەتكەچكە، مۇھەممەتنىڭ كارۋات يېنىدا پەيدا بولغىنىنى تۇيمىغان ئىكەن. كۈندىلىك ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سۇئال بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كىرپىكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان زەڭزەر كۆزى خۇددى بۇلۇت ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىققان ئايدەك جامال كۆرسەتتى. بۇ كۆزلەر مۇھەممەتنىڭ ئىپادىسىز كۆزلىرىگە مىختەك قادالغىنىدا مۇھەممەت كۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبور بولۇپ، كارۋات يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتتى.
   ئوتلۇق قولدىن تارقىلىۋاتقان ھارارەت، تومۇر-تومۇرلاردىن سىرغىپ كېلىۋاتقان نازۇك سېزىم نەفىسەنىڭ بېغىشى ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنىگە تاراۋاتاتتى. نەفىسە بۇ سېزىمگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك كۆزىنى يۇمدى.
   تونۇش سۇئال، تونۇش ئاھاڭ، تونۇش ھەركەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى نەفىسەنى ئازاپلايتتى.بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن نەفىسە شۇ خىل تونۇش ھەركەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىنغان. ئۇ چاغدا نەفىسە ئۆزىنىڭ بۇ دەرىجىدە سېھىرلەنگەنلىكىنى، بەدەنلىرىنىڭ نازۇك سېزىم ئىلكىدە يېنىك تىترىگەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان. لېكىن ئەينى چاغدا، ئۇ تڭىق دوختۇرى سۇلايماننىڭ گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ كۆزىگە يەۋەتكىدەك تىكىلگەنلىكىنى، ئاخىرىدا " سىزگە كۆيۈپ قالدىم نەفىسە"  دىگەنلىكىنى چۈشىدىكىدەك ھېس قىلالىغان. ئەمدىچۇ، مۇھەممەت بۇ گۈزەل قىزغا ئىپادىسىز قاراۋاتىدۇ. سۇلايمانغا ئوخشاش ئۇنىڭ كۆزلىرىنى، قوڭۇر رەڭ چاچلىرىنى، پىچاق بىسىدەك قىرلىق بۇرنىنى، كۈلگەندىلا پەيدا بولىدىغان زىناقلىرىنى ماختا تۈگۈل شۇ گۈزەللىكلەردىن ئازراق بولسىمۇ ھوزۇرلىنىشنى، " كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈش" نى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايۋاتىدۇ. ئەجەبا گۈزەللىكمۇ  ئېتىبارسىز، ئىپادىسىز قاراشلارغا دۇچار بولامدىغاندۇ؟! ئۇ، " بىراۋنىڭ كۆزىگە تېكىلىش ئاشىقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال ئۇزاق داۋاملاشسا ئاشىقلىقنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكى بولۇپ، ئاشىقنىڭ روھى ئازاپ ئىلكىدە قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، تىكىلىپ قاراشقا پەرۋاسىزلىق قىلىش كېشى روھىيىتىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە" دېگەن سۆزلەرنى سۇلايماندىن ئاڭلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق  قاراشلىرى بىلەن نەفىسەنى يەڭگەن، كۆڭلىنى ئۇتقان، سۇز تىترەك ئۇلىشىپ تۇرغان قوللىرىنى ئۇنىڭ تومۇرى ئۈستىگە قويۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇش ئارقىلىق يىگىتلىك ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرغان؛ ئاخىرقى ھېساپتا نەفىسە بىلەن توي قىلىپ تۇركىيەگە كەتكەن ئىدى.
   _ قىزىتىپ قالغاندەك تۇرىسىز نەفىسە.
   نەفىسە ئېسىگە كەلدى، مۇھەممەت ئۇنى ئېغىر خىيال قۇچىقىدىن قايتا سۈزىۋالغانىدى. ئۇ كۆزىنى لاپپىدە ئاچتى. پاھ، نىمە ئىش بۇ،  مۇھەممەت مانا ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ، خۇددى يا ئوقىدەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭ قىزارغان چىرايىغا بەتلەپ تۇرىدىغاندۇ؟! بۇ ھەقىقى ئاشىقلارچە تىكىلىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ، ئاشىقلارچە قاراش، ۋىسال پەيتىنى ئىزدەش دەقىقىلىرى ئارىلىقىدا زەرەتلىنىدىغان ئوتلۇق تېكىلىش، بۇ كۆزلەردىن ۋىسال پەيتىدىكى ئىنتىلىش، ھېجران ئازابىدا يۈرىكى ئۆرتەلگەن غېرىپ ئاشىقنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئالدىدىكى تەلپۈنۈش، ئاشىقلارغىلا مەنسۈپ بىرخىل ئوتلۇق قاراش چاقناپ تۇرغىنى نىمىسى؟! كۆزۈم خاتا كۆرۈۋاتامدۇ ياكى بۇ بىر خىل خىيالى چۈشمۇ؟! ياق، ياق، كۆزلەردىن سۆيگۈ نۇرى چاقنىماقتا. مانا بۇ كېسەلخانا كارۋىتى، ئەنە223- نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكى، چايدان، ئىستاكان... ھەممىلا نەرسە ئۆز پېتىچە تۇرسا چۈش كۆرگىنىم نىمىسى، بۇ رېئاللىق، مۆجىزە، مېنى ئارمىنىمغا يەتكۈزىدىغانداغدام يولنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئاھ، جانغا ئارام، تەنگە ھوزۇر بېرىدىغان ئاشۇ كۆزلەر، سەندىكى سىرنى ئەمدى چۈشەندىم. راستىنلا كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى ئىكەنغۇ؟! نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئىچكى ھاياجاننى ئىپادىلەپ تۇرغان كۆزلۈرۈم ئاىىر مەقسىدىنى ئۇقتۇرغان ئوخشىمامدۇ؟! ياق، سۇلايمان " سىز كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىز تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كىتىسىز " دېگەن ئەمەسمىدى، دېمەك، مۇھەممەت مېنىڭ مىنۇت ئارىلىقىدىكى ئاشۇ گۈزەللىكىمدى ھوزۇرلانغان ئىكەن-دە.
   _ مۇھەممەت، سىز نىمە دىگەن ياخشى-ھە!_ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر جىمجىت كېسەلخانىنىڭ قېلى دۇخاۋا پەردىلەرەە ئورالغان دېرىزىسىدىن ئەكس سادا چىقاردى. زەڭگەر كۆزلەر مۇھەممەتنىڭ چىرايىدىن پاناھلىق تېلىگەندەك ئۈمىدلىك تېكىلدى. مۇھەممەت بۇ ماختاشتىن، بۇ ئوتلۇق قاراشتىن خىجىل بولغاندەك كۆزلىرىنى نەفىسەدىن يەنە قاچۇردى.
  _ بۈگۈن بەزى دورىلارنى يەڭگۈشلىمىسەك بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ،_ مۇھەممەت قولىدىكى قاتتىق تاشلىق كېسەللىك ئارخىپىنى ۋاراقلاپ بىر نەرسە يېزىشقا تۇتۇندى. ئۇنىڭ خەت يېزىۋاتقان قولى تىترەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ گۈزەللىك ئاىر غەلبە قىلغانىدى.
   _ روھىيەتنى داۋالاش قولىڭىزدىن كەلمەمدۇ مۇھەممەت ئەپەندى،_ نەفىسەنىڭ كۆزلىرى يەنىلا مۇھەممەتنىڭ چىرايىدىن بىرەر ئىپادە تاپماقچى بولغاندەك بىر نىشانغا قادالدى،_  تېنىمنىڭ قىزىقلىقى قۇلاق بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن بولمىسا كېرەك...
   -گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم نەفىسە،  روھ ئىنسان ۋۇجودىدىن ئايرىلغان، تەندىن مۇستەسنا بىر ئۇقۇمغۇ. قارىغاندا سىز مېنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىيالمىغانلىقىم سەۋەپلىك راۋىرۇس ساقىيالمىغان ئوخشايسىز.
  _ ياق، مەن ساقايدىم، پۈتۈنلەي ساقايدىم، مېنى بۇنچە تېز ساقايتقىنىڭىزغا ئاپىرىن، لېكىن مەن روھى كېسەللىككە مۇپتىلا بولۇپ قالدىم، بۇ كېسەللىك نىمە بىلەمسىز، بۇ دەل ئاشىقلىق كېسەللىكى. ئەمدى سىز موشۇ كېسەللىكىمنى داۋالاپ ساقايتىشىڭىز كېرەك. بۇ كېسەللىك ئېغىرلاشسا قۇلاق بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن مۇھەممەت ئەپەندى،_ نەفىسە كۆكرىكىنى يېپىپ تۇرغان يوتقاننى پەسكە سۈرۈپ ياستۇققا يۆلەنگەن ھالدا ئۆرە بولدى. ئۇنىڭ يېرىم ئوچۇق كۆكسى ھاياجاندىن لەرزىگە كەلگەن بولسا كېرەك، دەم كۆتۈرلۈپ، دەم پەسىيىپ تۇراتتى.
   مۇھەممەت گاڭگىراپ قالدى، ئۇ بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي تۇراتتى. چۈنكى، نەفىسەنىڭ ئوتلۇق تېكىلىشلىرى، گەپ قىلغاندىكى قىزىرىشلىرىدىن بۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى سەزگەن، گەپ -سۆزلەردىكى تىترەك تاۋۇشتىن نازۇك تۇيغۇلارغا ئەسىر بولغان، بىراق، غەيرى خىياللاردا بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى نەفىسە ئۆز كۆڭلىنى ئوچۇقلا ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ. دىمەك، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇرۇقتۇم بولۇپ تۇرغىنى ھېسىيات جەھەتتىكى غەيرى تەلپۈنۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقى مۇھەببەت رىشتىگە باغلانغان مەشۇقنىڭ چىن ھېسىيات ئىلكىدىكى تەلپۈنۈش ئىكەن-دە.
   _ جاۋاپ بېرىڭ مۇھەممەت ئەپەندى، بۇ كېسەللىكنى داۋالاش قولىڭىزدىن كېلەمدۇ؟! _  نەفىسەنىڭ قايتا قويغان سۇئالى مۇھەممەتنى ئېسىگە كەلتۈردى. ئۇ نەفىسەنىڭ چىلاندەك قىزارغان يۈزىگە تىكىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تەشنالىق، ئىنتىلىش ئىلكىدە چاقناپ كەتكەن ئىدى، سۇز گىرىم بېرىلگەن لەۋلىرى تەشنالىق ئىلكىدە تىرەۋاتاتتى.
   _ ھېجران پەقەت ۋىسال ئارقىلىق مەزمون تاپىدۇ، لېكىن، بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ نەفىسە، بىلەمسىز نەفىسە، مەن توي قىلغان ئادەم، ئوماققىنە بىر بالام بار، يەنە...
   _ مۇھەببەت  بالا، ئايال دېگەن توساقلاردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان يۈگەنسىز ئات، مۇھەببەتنىڭ كۈچى تەڭداشسىز، سىز ھېچ بولمىغاندا مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزنى ېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك.
   _ ئامالسىزمەن نەفىسە، _ مۇھەممەت بېشىنى ساڭگىلاتتى،_ سىز ئارام ئېلىڭ، كېسىلىڭىزنى ئوبدان داۋالىتىڭ، بايىقىدەك خىياللارنى كاللىڭىزدىن سۈگۈن قىلىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ.
   مۇھەممەت نەفىسەنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى. نەفىسە يوتقانغا چىڭ يۆگىنىپ ئاۋازىنى ئىمكان بار سىرتقا چىقارماي بوقۇلداپ يىغلىدى. يىغا ئادەتتە ئاياللارغا كۆپرەك تەقسىم قىلىنغان بولسا كېرەك، ئۇلار ئازراق روھى زەربىگە ئۇچرىسىلا كۆزىدىن ياش تۆكىدۇ. لېكىن، سۇلايمانمۇ تۇنجى قدتىم تەلىپى رەت قىلىنغاندا يىغلىغانغۇ؟! ئۇنىڭ يىغىسى ھەتتا ئاياللارنىڭ يىغىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
   _ دورىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ،_ قاچانلاردىدۇر ياتاققا كىرىپ كارۋات بېشىدىكى تومپۇچكىغا دورا قويغان سېستىرا نەفىسەگە ئەسكەرتىش بەردى. ئۇنىڭسىزمۇ ئويغاق ياتقان نەفىسە ئۆز خىياللىرىغا مۇلاقەت بەرەەن سېستىراغا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي جىممىدە يېتىپ قالدى. مۇھەممەتنىڭ بايا بەرگەن روھى زەربىسى ئۇنىڭغا خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. " ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى" دېسەم بولماس، نەفىسە ئالدىدىكى سېستىراغا تېكىلدى. ئاپپاق خالات، تەبەسسوم يېغىپ تۇرغان چىراي، كۈلكە ئويناپ تۇرغان كۆز نەفىسەنى جەلىپ قىلدى. سېستىرا قىزنىڭ ياردىمى بىلەن يېرىم ئۆرە بولغان نەاىسە ياستۇققا يۆلەنگىنىچە مۇھەممەت بۈگۈن ئالماشتۇرغان تابلېتكىلارنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن يۇتىۋەتتى.
   _ مۇھەممەتنىڭ نىمە ئۇنۋانى بار؟ _ دورىنى ئىچىپ بولغان نەفىسە سېستىرا قىزدىن سورىدى. سېستىرا قىز تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالنى چۈشەنمىگەندەك تۇرۇپ قالدى.
   _ مېنىڭ مەسئول دوختۇرۇم مۇھەممەتنىڭ نىمە ئۇنۋانىبار دىمەكچىمەن.
   _ ھە، مۇھەممەتكامنى دەمسىز؟ _ سېستىرا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ سۆزلىگىلى تۇردى،_ مۇھەممەتكامنىڭ ۋىراچ ئۇنۋانى بار، تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە ئۇستا دوختۇر دەڭە، يىراق-يېقىندىكى شەھەر- يېزىلاردىكى كىشىلەر ئاتايىن ئىزدەپ كېلىدۇ. نىمىلا دىگەن بىلەن مەخسوس تەربىيلەنگەن دوختۇر دىگەن باشقا بولىدىكەن. مىجەزىنىڭ ياخشىلىقىنى دىمەيدىز تېخى، پەقەت ھاكاۋۇر ئەمەس...
   سېستىرانىڭ كېيىنكى گەپلىرى نەفىسەنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيلا قالدى. ئۇ يەنە ئاللىقاچان شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولغان ئىدى. " ئاللا  ماڭا يار-يۆلەك بولسا مانا موشۇ ۋىراچنى تۈركىيەگە ئېلىپ كىتىمەن، بۇ يولدا  ھەر قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە رازىمەن" ئۇ ئىچىدە ئۆزىگە ئاشۇنداق قەسەملەرنى بەردى.
   _ جىق گەپ قىلىپ سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ قانداق، _ سېستىرا مۇھەممەت توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى،_ بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ياخشى، تالا- تۈزگە چىقىپ، ساپ ھاۋادا ئازىراق سەيلە -ساياھەت قىلىپ كەلسىڭىز بولارمىكىن، خانىم.
   _ بپولىدۇ، _ دېدى نەفىسە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، _ مۇمكىن بولسا بىللە ئايلىنىپ كەلسەك قانداق؟
   _ بولىدۇ خانىم، بولىدۇ.
               

   نەفىسە بۈگۈن تولىمۇ خوشال، دېمىسىمۇ ئۇ ئاىىر مۇھەممەتنى ئۆزىنىڭ  سۆگۈ تورىغا ئېلىندۇرغانىدى. ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن چىراي-شەكلى جايىدا، لاتاپەت- قىياپەتتە نۇقسانسىز، كىرىستالدەك سۈزۈك بەدەنلىك بۇ نازىنىنغا كىمنىڭمۇ ھەۋىسى كەلمىسۇن؟! تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھرى ئىستامبول كوچىلىرىدا شەخسى دوختۇرخانە ئېچىش، نام-شۆھرەت، مال- دۇنياغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئاداققى چېكى مۇھەممەتنى نەفىسەە تىكىلىپ قارايدىغان، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرەپ كىرگەندە ئۇنىڭ يېنىدا يېرىم سائەتلەپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان ھالەتكە كەلتۈگەن ئىدى. ئەمدى نەفىسە ھەممىدن خاتىرجەم بولۇپ ، گىدىيىشكە باشلىدى. بۇ خۇددى " قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ" دىگەندەكلا بىر ئىش ئىدى. موشۇنداق چارا ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى نەفىسە خېلى ئوبدانلا چۈشىنەتتى. سۇلايمان نەفىسەنى خېلىلا قوغلاپ ، ئاندىن قولغا چۈشۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە نەفىسە مۇھەممەتنى ھارغىچە قوغلىدى. كىيىن قوغلاش نۆۋىتى مۇھەممەتكە كەلدى... ياق ، بۇنى قوغلاش دېگىلى بولماس، چۈنكى ئۇ نەفىسەنى چۆرگىلەپ كىتەلمىگەن بىلەن كۆڭلىدىكى گېپىنى ئوچۇق قويالمايۋاتاتتى.
   _ ئەتە بالنىستىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ نەفىسە، _ دېدى مۇھەممەت بىر دۈشەنبە كۈنى روسىزغىنە، _ كېسەللىكىڭىز مۆلچەردىن خېلىلا بۇرۇن ياخشىلىنىپ كەتتى.
   _ مەن تېخى تولۇق ساقايمىغان تۇرسام، _ دېدى نەفىسە كارۋاتتا يېنىچە يېتىپ، _ روھى كېسەللىكىم تېخى ساقايمىدى.
   _ چاقچاق قىلماڭ نەفىسە، سىز ساقايدىڭىز، تامامەن ساقايدىڭىز، بىراق مەن...
   _ ئۇنداقتا  ياخشى ، مەن چىقاي، سىز ھەقىقەتەن ئۇستا دوختۇر ئىكەنسىز، لېكىن ھەدىدىن زىيادە ئېھتىياتچان ئىكەنسىز. ھە، راست مۇھەممەت ئەپەندى، ناۋادا مالال كەلمىسە مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىغا تېلفۇن بېرىپ ماڭا ياتاق ئۇقۇشۇ[پ بەرەەن بولسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ماڭا 223- نومۇرلۇق ياتاق كېرەك.
   _ نىمىشقا؟
   _ ئۆزۈم بىلىمەن.
   _ ئەگەر ئۇ ياتاققا ئادەم ئورۇنلۇشۇپ بولغان بولسىچۇ؟
   _ 323- نومۇرلۇق بولسىمۇ بولىدۇ. قايسى قەۋەتتە بولۇشتىن قەتئىنەزەر 23-ياتاق بولىشى كېرەك.
   مۇھەممەت ھەيران قالدى. بۇ " غەلىتە زاكاز" ئۇنى ئويغا سالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ كېسەلخانە ئىشىكىدىكى "223" كە زەن سالدى-دە، بىر ئىشنى پەملىگەندەك پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. " دىمەك، ئۇ موشۇ ياتاقنىڭ نومۇرىنى مېھمانغانىغا كۆچۈرمەكچى ئىكەن-دە، بۇ ئۇنىڭ نىمە قىلغىنىدۇ. موشۇ ياتاقتا داۋالانغانلىقىنى ئەسلەش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانمىدۇ ياكى..."
   _ بولىدۇ، _ دېدى مۇھەممەت ئىشەنچ بىلەن، _ مەن چوقۇم 223- نومۇرنى زاكاز قىلىمەن.
   مۇھەممەت چىقىپ كەتتى، نەفىسە بۇ شەرتلىك نومۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يۈرىكىنىڭ ھارارەتلىك سوقۇشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنىڭغا سالغان كوزۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا داغدام يول ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى.
         

   تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفۇن ساداسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئارام ئېلىپ ياتقان نەفىسەنى چۆچىتىۋەتتى.
   _ ۋەي ، سىز كىم؟
   _ مەن مۇھەممەت، ئۇيقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزگىنىم ئۈچۈم كەچۈرۈڭ، سالامەت تۇرغانسىز؟
   _ ناھايىتى ياخشى، قانداق ئەپەندىم، ئۆزىڭىز ياخشى تۇرغانسىز؟ شۇنچە ئالدىراپ تېلېفۇن بەرگىنىڭىزگە قارىغاندا بىرەر رەسمىيىتىم كەم قالغان ئوخشىمامدۇ؟
   _ ئۇنداق ئەمەس نەفىسە، ياتاقتا بىر كىتابىڭىز ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، دەرىزە تەكچىسىدە تۇرىدۇ.
   نەفىسە مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ بىر كىتاپنى ئەتەي دەرىزە تەكچىسىدە قالدۇرىشى مۇھەممەتكە قويغان ئەپچىل قارماق ئىدى. نەفىسە، " مەن بالنىستىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۇھەممەت بۇ ياتاققا چوقۇم  كىرىۇد، ئادەمسىز كارۋاتقا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ مېنىڭ ھىدىم سىڭىشكەن ياتاكتىن ھوزۇرلۇنۇپ، قولۇم تەككەن جايلارنى مەقسەتسىز تۇتۇپ باقىدۇ" دەپ پەملىگەن ئىدى. چۈنكى، نەفىسە بالنىستىن چىقىش ئالدىدا مۇھەممەت ئۇنىڭدىن  " بۇ شەھەردە يەنە قانچە ۋاقىت تۇرىسىز. تۇركىيەگە قاچان قايتىسىز" دەپ زېغىرلاپ سوراپ كەتكەن ئىدى.
   _ نەفىسە گەپ قىلمايسىزغۇ؟! كىتابىڭىزنى انداق قىلىسىز؟
   _ خاتالاشمىغانسىز، مېنىڭ كىتاپلىرىم تولۇققۇ، نىمە كىتاپكەن ئۇ؟
   _ " سۆيگۈ چاقىرماقتا"  دېگەن كىتاپكەن.
   _ " سۆيگۈ چاقىرماقتا"، توغرا ، شۇنداق بىر كىتابىم بولىدىغان، مالا كەلمىسە مېھمانخانىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز.
   _ يەتكۈزۈپ بىرەي خانىم.
   _ خانىمىڭىزنى قويۇڭ، ياتاق نومۇرىنى بىلىسىزغۇ، ئۆزىڭىز زاكاز قىلغان. ئۇنتۇپ قالماڭيەنە، ياتاق نومۇرى 223.
   _ ئۇنتۇپ قالامدىغان.
            

   " سۆيگۈ چاقىرماقتا" ناملىق كىتاپنى مېھمانخانىغا يەتكۈزۈپ بىرىش سەپىرى مۇھەممەتنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ 223- نومۇرلۇق ياتاقتىكى كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقىدىنمەستخۇش بولۇش بىلەن بىرەە نەفىسەنىڭ نازاكەتلىك ھەركەتلىرى، تارتىنچاقلىق ئىچىدىكى نازلىق قاراشلىرى، خۇددى بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاشلىرىدەك يېقىملىق ئاۋازى ئالدىدا ئاجىز كەلدى. سۈترەڭ كۆڭلەك ئىچىدە مانا مەن دەپ تۇرغان كرىستالدەك بەدەن ئۇنىڭ ئىشىق- ھەۋىسىنى قوزغىۋەتتى. شۇ دەقىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ نەفىسەنىڭ ئىلكىدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، نەفىسەدىن ئايرىلىپ قالسا بىر ئۆمۈر داغدا قالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايتتى.
   شۇندىن كىيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىش، تېلاۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈشلەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى  ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مۇھەممەت بارا-بارا نەفىسەنىڭ ياتىقىدا قونۇپمۇ قالىدىغان، ئۆيىگە كەمدىن-كەم بارىدىغان، بۇنىڭ سورىقىنى قىلغان ئايالىغا ئورۇنسىز تىل سالىدىغان قەھرىمانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.
   شۇنداقتىمۇ بۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە دە-تالاش بولمىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن دەسلەپتە تىل-ھاقارەت قىلىشقان بولسا كىيىنچە ئوخشاشلا سۈكۈتكە چۆمدى. ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىگە مۇپتىلا بولۇپ قالغان ئائىلىدەك گەپ -سۆزلەر يىتەرلىك كېمەيدى. بۇ ئىشلارنى كۈزىتىپ تۇرغان تۆت ياشلىق مۇختارمۇ ئويۇن-كۈلكىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بىر چەتتە بويۇن قىسىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئاجرىشىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. سەۋەپ، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى مۇختارنى تالىشاتتى. ئاخىرقى ھېساپتا گۈلپىيە ھەقلىق بولۇپ چىقتى. " بىر يۈزسىز خوتۇننىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋاپاسىز ئەرنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى خارلاپ قويىشى تۇرغان گەپ. مەن ئوغلۇمنى بىر يۈزسىز خوتۇننىڭ قولىغا تاشلاپ بېرەلمەيمەن. يات بىر ئەلگە ئەۋەتىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ" گۈلپىيەنىڭ بۇ قارارى مۇھەممەتنى مەڭدىتىۋەتتى. ئۇ ئوغلىغا راستىنلا چىدىيالمايتتى. بالا گەرچە تۆت ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، كوچىلارغا چىققاندا كۆتۈرىۋالاتتى ياكى بوينىغا مىندۈرىۋالاتتى. ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئوغلى بىلەن يېرىم سائەت پومداقلىشىپ ئوينىشىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلىپ كېتىش مۇھەممەتكە ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى.
   نەفىسە مۇھەممەتنىڭ بۇ ئارامسىزلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ: ئاياللارنىڭ نازۇك كىلىدىغانلىقىنى، بالىغا چىدىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سۇلايماندىن بولغان ئوغلى مۇستاپانى تالىشىپ ئاجرىشىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى، ئاخىردا يەنىلا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى سۆزلەپ، گۈلپىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن مەخسوس پاسپورت ئەۋەتىپ مۇھەممەتنىڭ ئوغلىنى چەتئەلگە قايتۇرۇپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
(داۋامى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 02:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيقۇسىز چۈش ( داۋامى )



                    


      سۇلايمان بىلەن ئاجراشقان ئاشۇ كۆڭۈلسىز مىنۇتلارنى ئەسلەش نەفىسە ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېخىچە مۇستەسنا بولالمايۋاتاتتى.
   شەمسىيە_ بۇ تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن نەفىسە ئۈچۈن ئەڭ نەپرەتلىك ئىسىم ئىدى. ئەمدىلا ئون يەتتىنىڭ قارىسىنى كۆرگەن شەمسىيە ئىسىملىك بۇ ئەركە- نايناق قىز نەفىسەنىڭ ئائىلىسىگە ئۈچىنچى شەخس بولۇپ كىرگەن ئىدى. بۇ شەھەردە داڭلىق مىليونېر- سەئىد ئەخمەتنىڭ بۇ ئەركىسى سەل چۆچۈپ كەتكەن پۇتىنى داۋالىتىش سەپىرىدە نايناقشىپ سۇلايماننى ئازدۇرغاچقا نەفىسەمۇ ھازىرقىدەك بىوۋنىڭ ئائىلىسىگە بۆسۈپ كىرىشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق چاغنى ئەلەملىك ئەسلىدى.
   سەئىد ئەخمەتنىڭ بۇ شىپاخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان سۇلايمان دەرھال ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. ئۇ سەئىد ئەخمەت  بىلەن قىسقىچە سالاملىشىپ قىزنىڭ يېنىغا باردى.
   _ سۆڭەكتە چاتاق يوق، _ دېدى سۇلايمان قىزنىڭ يارىلانغان پۇتىنى بوش ئۇۋىلاشتىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، _ سەل چۆچۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، بىر تېڭىقتىلا سەللىمەزا ساقىيىپ، بەش كۈندە يەرگە چۈشۈپ تايچاقتەك سەكرىيەلەيدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
   _ رەھمەت سىزگە سۇلايمان ئەپەندىم، _ دېدى سەئىد ئەخمەت ئاخىر بىر قارارغا كەلگەندەك سۇلايمانغا تىكىلىپ، _ ئەگەر مۇمكىن بولسا بۈگۈن كەچلىك تاماقتا بىللە بولساق قانداق، تاماقنى شەھەر سىرتىدىكى داچامغا ئورۇنلاشتۇرىمەن، ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ ئەپەندىم.
   _ سىز بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ئەپەندىم، _ دېدى سۇلايمان شۇ ھامان ئىپادە بىلدۈرۈپ، _ كەچتە چوقۇم بارىمەن.
   سەئىد ئەخمەت بىلەن سۇلايمان تەڭلا شەمسىيەگە تىكىلدى. تېڭىقتىن كېيىنلا چىرايى ئەسلىگە  كەلگەن شەمسىيە شۇ تاپتا ناھايىتى ئوماقلىشىپ كەتكەندەك تۇراتتى. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى تېخى سەبىلىكىنى يوقاتمىغان چىرايىغا ماس كەلمىگەن ھالدا سۇلايمانغا قورقۇمسىز تىكىلىپ تۇراتتى.
   شەمسىيەنىڭ بەش كۈندە ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پۇتى بەش ئايغىچە ساقايمىدى. سۇلايمان ئىككى كۈندە بىر قېتىم بېرىپ قىزنىڭ پۇتىنى تېڭىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى ئۆزى ھەيدەپ كېتىپ قالاتتى. " تۇنجى قېتىم خاتا دىئاگنوز قويۇپتىمەن نەفىسە، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئوشۇقى چېقىلىپ كەتكەن ئىكەن، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك، پۇتىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولاتتى بىچارە" دەپ ھەسرەت چەككەن ئىدى سۇلايمان شەمسىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىغان نەفىسەنىڭ بىر قېتىملىق سۇئالىغا جاۋاپ بىرىۋېتىپ.
   نەفىسە  دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئانچە دىققەت قىلمىدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۇمانسىراشقا باشلىدى." گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ " دىگەندەك بىر كۈنى نەفىسە سۇلايمان قىزنىڭ پۇتىنى قايتا تېڭىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتى. سۇلايماننىڭ ماشىنىسى تېز سۈرئەتتە مېڭىپ بىردەمدىلا سەئىد ئەخمەتنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ھەيۋەتلىك داچىسىغا يېتىپ كەلدى. داچىنىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دەرۋازىسى ئالدىدا، خۇددى نارسىدە قىزلاردەك قىسقا يەڭلىك ئاق كوپكىسى ئۈستىگە قىزىل شايىدىن سارپان كىيگەن شەمسىيە بىلىكىگە كىچىككىنە گىرىم سومكا ئاسقان ھالدا شەھەر يولىغا قاراپ تۇراتتى. " ھۇ ئۆلگۈر، ساقايمىدى دېگىنىنى قارا" نەفىسە يىراقتىنلا ماشىنسىنى توختىتىپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.
   سۇلايماننىڭ ماشىنىسى قىزنىڭ يېنىدا توختىدى، ئىشىك ئېچىلدى، لېكى قىز باتنىغاندەك تەتۈر قارىۋالدى. ئاخىر سۇلايمان ماشىنىسىدىن چۈشۈپ شەمسىيەنىڭ نازۇك بېلىدىن قورۇپ تۇتتى-دە، بىرنى سۆيۈپ ماشىنىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.  قىز ماشىنا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن سۇلايمان ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ ئۆز ئورنىغا ئولتۇردى. لېكىن بۇ ماشىنا ھېچ قوزغىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تۇيۇقسىز ماشىنا يېنىك چايقىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ماشىنىدا پومداقلىشىۋاتاتتى. نەفىسەنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىگەن بۇ كۆرۈنۈش بەش مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجودى قاتتىق ئازاپ ئىلكىدە سۇس تىترەۋاتاتتى. قوللىرى ماشىنا رولىنى سۇندۇرىۋېتىدىغاندەك قاماللايتتى. كۆزىدىن ئىختىيارسىز كەلگەن ياش ئېتىكىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە ھەممىلا نەرسە خىرە كۆرۈنەتتى. ئالدىدىكى ماشىنىمۇ، قويۇق يېشىللىق ئىچىدە چوقچۇيۇپ تۇرغان داچىمۇ، تاغ باغرىدىكى ئېقىنغا بارىدىغان يولمۇ خىرەلىشىپ كىتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز شۇ خىرەلىك ئىچىدىن سۇز قارا رەڭ قىمىرلاپ قالدى. نەفىسە يېشىنى سۈرتۈپ كۆزىنى يوغان ئېچىۋىدى، سۇلايماننىڭ ماشىنىسى ئورنىدىن قوزغۇلۇپ تاغ باغرىدىكى ئېقىنغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئايان بولدى. غەزەپتىن تىترىگەن نەفىسە ماشىنسىنى زىۋېت قىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىنلا تاپ باستۇرۇپ ماڭدى. ھازىر ئۇنىڭغا ھەممىلا نەرسەبەرىبىردەك كۆرۈنەتتى. يۈزسىز ئەرنىڭ ئۆزىنى بۇنداق زورلىشى ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈن رەھىمسىز كاچات ھېساپلىناتتى. ئاران كۈن ئېلىۋاتقان بىر تېڭىقچىنى موشۇنچىلىك ئابروي-دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن نەفىسەنى يادىدىن چىقارغان بىر بايۋەتچە ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە بىر قىزنى قولتۇقىغا قىسىپ ئېقىن سەيلىسىگە كېتىۋاتاتتى. بۇ نىمە دىگەن ئېغىر ئازاپ-ھە!؟ توساتتىن نەفىسەنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچلۇق بىر ئوي كەچتى: " توغرا، بۇ ئىككىسىنى ئالدىدىكى ئاشۇ تىك قىيادىن دومىلىتىۋېتىش كېرەك".
   نەفىسە ئالدىدىكى ماشىنىغا تېزلا يېتىشىۋالدى. ئۇ ماشىنىنى يانداپ كېلىپ قارىغىنىدا شەمسىيە سۇلايماننىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئولتارغان ئىكەن." ئىپلاسلار" ، نەفىسەنىڭ نەپسى توختاپ قالغاندەك بولدى. ئۇ كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا ماشىنىنىڭ رولىنى ئوڭغا ئۇرىۋىدى، سۇلايماننىڭ ماشىنىسىغا دوققىدە سوقۇلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئىككىلا ماشىنا سىلكىنىپ كەتتى. نەفىسە شۇ ئارىلىقتا سۇلايماننىڭ رولنى سەللا ئۇرۇپ ماشىنسىنى ئاجراتقانلىقىنى ۋە نەفىسەگە ئەنسىزلىك بىلەن بىر قاراپ ماينى بولىشىغا بېسىپ ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
   _ ئىپلاسلار، ھۇ نائەھلى تۇزكورلار، سىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتمىسەم...
   نەفىسەنىڭ تىلى خۇددى موشۇ بىرنەچچە سۆزگىلا كۆندۈرۈلگەندەك شۇنىلا تەكرارلايتتى. ئۇ ماشىنىنى ھەدەپ قوغلايتتى. سۇلايمانمۇ ماشىنىنىڭ تېزلىكىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا ئىدى.
   جىرىڭ، جىرىڭ، جىرىڭ،
   تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفۇن ئاۋازى نەفىسەنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ تۇرۇپكىنى قولىغا ئالغىنىدا تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى.
   _ ياخشى تۇردىڭىزمۇ نەفىسە، مەن مۇھەممەت.
    _ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟! _ نەفىسە تېزلا ئەسلىگە كەلدى.
   _ ناھايىتى ياخشى، سىزگە خوش خەۋەر يەتكۈزەي، مەن بۈگۈن ، مانا ھازىرلا ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىردىم. ئەمدى سىز پۈتۈنلەي ماڭا تەئەللۇق بولدىڭىز نەفىسە.
   _ ياخشىغۇ، بالىنى  قانداق قىلدىڭىز؟
   _ گۈلپىيە ئالدى، ئۆينىمۇ شۇ ئالدى. ئەمدى مەن پۈتۈنلەي گاڭسا- جىسا بولدۇم. ياتاقتا ياتىدىغان بويتاققا ئايلاندىم، نەفىسە.
   _ باشقا يەردە ياتىمەن دەپ  يۈرمەڭ، _ دېدى نەفىسە سەل ئېسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، _ مەن موشۇ مېھمانخانىدىن ياتاق تېزىملىتىپ قويىمەن. كەچتە قايتىپ كىلىڭ ئامرىقىم. مەسلىھەتلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار تېخى.
   _ بولىدۇ ، ھازىرلا بارايمىكىن دەيمەن.
   _ كېلىڭە ئەمىسە، كۆرۈشكىچە خوش.
   كىيىنكى ئىشلار ئاسانلا يۈرۈشۈپ كەتتى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا مۇھەممەت بىلەن نەفىسە توي قىلىش گۇۋانامىسى، مۇھەممەتنىڭ پاسپورتى، خىزمەتتى چېكىنىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ، ئايرۇپىلان بېلىتىمۇ زاكاز قىلىنىپ بولدى.
   خەلقئارالىق ئايرۇپىلان مېھمانلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا، پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭىدىغان ھەر خىل ئېرىقتىكى كىشىلەر ئالدىراشلىق بىلەن رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەكتە.
   ئېغىر-يېنىك سومكا-چامىدانلىرىنى زاكاز قىلىۋەتكەن مۇھەممەت بىلەن نەفىسە كىملەردىندۇر ئۆزلىرىنى قاچۇرۇۇۋاتقاندەك دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئالدىغا ئۆتۈپ، ئايرۇپىلانغا ھەممىدن بۇرۇن چىقىپ ئۆز ئوتۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. مۇھەممەت ئايرۇپىلان دېرىزىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئايرۇدۇرۇمغا ئاخىرقى قېتىم نەزەر ئاغدۇرماقتا. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىقىغا نەفىسەنىڭ خوشاللىقتىن قەۋەتلا ئېچىلىپ كەتكەن نەفىسەنىڭ كۈلكىلىرى، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك سۈزۈك ئاۋازىمۇ كىرمىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭدا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن بۇ تۇپراقتىن ئايرىلىش تۇيغۇسى ئاچچىق بىر سېزىم پەيدا قىلىپ ئازاپلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ شۇئان كاللىسىغا " كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول" دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئايرۇپىلانغا چىقىپ دېرىزىدىن شەھەر مەنزىرىسىگە تىكىلگىنىچە،" ئەمدى مەن يۇرتۇمنى تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم-ھە! توغرا، مەن كېتىمەن، بۇ ھەرگىزمۇ خىيال ئەمەس، يەنە ئون بەش مىنۇتتى كىيىن ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرت، ئۇرۇق-تۇققانلار، دوست- بۇرادەرلەر، كەسىپداشلار، ئوغلۇم مۇختار تولىمۇ يىراقتا قالىدۇ. كىم بىلىدۇ موشۇ كەتكەنچە قاچان كىلىمەن" دېگەندەك چېگىش خىياللار ئاسارىتىدە قالدى. شەھەرنىڭ ئايرۇپىلان  كۆزنىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر بۆلىكى شۇ تاپتا تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەندەك تۇراتتى. توساتتى ئۇنىڭ كۆزىگە يىغا ئۇلاشتى.
   _ يىغلاۋاتىدۇ دادا، قارىڭە دادا، يىغلاۋاتىدۇ.
   بۇ ئاۋاز مۇھەممەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بەش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئۆرە تۇرىۋېلىپ مۇھەممەتكە قاراپ كۈلىۋاتاتتى.
   _ مۇختار ، بالام مۇختار، ئوغلۇم!
   ئۇ قولىنى ئالدىغا سوزدى. كۈلىۋاتقان بالا شارتتىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئانىسىغا چاپلاشتى.
   _ نىمە بولدىڭىز، ئۇ مۇختار ئەمەس، _ نەفىسە مۇھەممەتنىڭ قولىنى ئاستا  تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.
   _ نىمە ، مۇختار ئەمەس؟! _ ئۇ دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى. نۇرغۇن كىشىلەر يولوچىلارنى ئۇزۇتۇش سۇپىسىدا ئايرۇپىلانغا قاراپ تۇرىشاتتى. گۈلپىيە كىشىلەر توپىنىڭ چېتىدە يىگانە تۇراتتى. ئۇنىڭ بوينىغا چىگىۋالغان قىزىل شايى ياغلىقى بوشقىنە لەپىلدەپ تۇراتتى. مۇختار ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئېھتىمالىم ئانىسىغا چىڭ چاپلاشقان ھالدا ئايرۇپىلانغا قاراپ تۇراتتى.
   يۈرەككە ۋەھىمە سالىدىغان بۇ كۆرۈنۈش مۇھەممەتنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزۇپ، بېجىرىم نېرۋىسىنى كاردىن چىقاردى، ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.
   _ ئوغلۇم مۇختار، مېنىڭ ئوغلۇم مۇختار، _ ئۇ كىشىلەرگە ئۇرۇلۇپ -سوقۇلغىنىچە چىقىش ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى.
   _ توختاڭ مۇھەممەت، ساراڭ توختاڭ دەيمەن. ئايرۇپىلان قوزغىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، چىقماڭ،_ نەفىسە مۇھەممەتنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى.
   كۈتكۈچىلەرنىڭ توساقلىرى، يولوچىلارنىڭ ھەر خىل كاشىلا قىلىشلىرى  كارغا كەلمىدى. مۇھەممەت ئايرۇپىلاندىن ھېچ توسالغۇسىزلا يەرگە چۈشتى. بېلەت تەكشۈرگۈچى خادىم ئۇنىڭدىن گەپ سوراشقا تەمشەلگەندە ئۇ قولىدىكى بېلەتنى ئۇنىڭغا بەردى-دە ئالدىغا يۈگۈردى.
   _ ئوغلۇم، مۇختار... مۇختار...، _ كۈتۈش سۇپىسىغا قاراپ يۈگۈرگەن مۇھەممەت قاتتىق بىر دۆگجۈپ يەنە ئورنىدىن تۇردى.
   ئايرۇپىلان پەلەمپىيىدىن ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يەرگە چۈشكەن نەفىسە موككىدە ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ ھوشىدىن كېتەي دەپلا قالغاچقا كۈتكۈچىلەر يۆلىۋالغان ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان مۇھەممەتكە گاڭگىرىغان ھەم تېڭىرقىغان ھالدا قاراپ تۇراتتى.
   يولوچىلارنى ئۇزۇتۇش سۇپىسىدىكى گۈلپىيە ھوشىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىلىپ بولماس گاراڭلىق ئىسكەنجىسىدە قالغان ئىدى. ئۇمۇ ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقان مۇھەممەتكە قاراپ تۇراتتى.
   _ مۇختار، ئوغلۇم مۇختار...، _ مۇھەممەت يۈگۈرۈپ كىلىۋېتىپ ھەدەپ توۋلايتتى.
   دادىسىنى يىراقتىنلا تونۇغان مۇختار ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ يەرگە چۈشۈپ رىشاتكىغا چاپلاشقان ھالدا ھەدەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.  
   _ دادا، دادا...
   بۇ قوش ئاۋاز ئايرۇدۇرۇمنى لەرزىگە سالدى

                        
   
  1992- يىل ماي . قارىماي.

  مەنبە: ئارسىلان تالىپنىڭ " ئۇيقۇسىز چۈش" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 07:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1804
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 03:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارسىلانكامنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يېقىن ،مەزمۇنى مول ..ياقتۇرۇپ ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر ..مىسرانىم مۇنبىرىدە جۇلالاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1203
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:21:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز  ياخشى چىكىپتۇ،   قولىڭىز غا  دەرت كەلمىسۇن...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 508
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋۋال ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئالدىرىماي ئوقاي ھە بەك جىقكەن

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 06:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت !!

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6621
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 06:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇقۇغان ئىدىم ....ھەنىم بولسا مۇھەممەت كىيىن بولسىمۇ ئەسلى ھۇشىنى تېپىۋالدى ....
ئۇ ئايالنىڭ كۈچى ئارقىلىق تۇركىيەگە چىقان بىلەنمۇ  «ئۇ»ئايالنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايتى ،ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنى تۇزۇتقانلىقى ئۈچۇن بىر ئۆمۇر پۇشايمان قىلاتتى ،بەخىتنىڭ نىملىكى مەڭگۈ ھىس قىلالمايتى بۇ بايقۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 06:57:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hakikatan yahsi yezil gan asar kan

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قەلىمىڭىزگە دەرت بەمىسۇن

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ana tilimizni kadirlayli

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21499
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4404
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 07:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارسىلان تالىپ ئەسەرلىرى تۇرمۇشقا يېقىن چۈشۈنىشلىك چىقىدۇ، ئۇنىڭ 6 رومانىنىڭ ھەممىسى مەندە بار. يېڭىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى رومانى باركەن.
ھازىر قومۇلدا تۇرۇپ ياچىۋەك رومانىنى يېزىشنىباشلاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.
ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن، يېزىقچىلىقىنىڭ تېخىمۇ مول بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش