|
|
|
|
مەن نېمىنى كۆردۈم مەردان ئابدۇللا قۇياش چىڭقى چۈشتىن ئازراق ھالقىغان جۈمە كۈنى مەسچىدكە بارغىنىم ئېسىمدە،ئوڭ پۇتۇمنى ئېلىپ ئەسسالام دەپ مەسچىدكە كىرگىنىممۇ ئېسىمدە... بۇ ئۆي ئۇچىۋاتىدۇ،ياق ،ياق بۇ ئۆي ئەمەس مەسچىدكەنغۇ! مەن بىرلا ئادەم ئولتۇرۇپتىمەن.مەندە ھېچقانداق قورقۇنۇچ ياكى ھەيرانلىق يوق.مۇشۇ ئۇچقانچە ساق يېرىم كۈن ئۇچۇپتىمەن.بىر چاغلاردا بىر جايدا توختىدى،مەن ئۇدۇللامېڭىپ مەسچىدنىڭ قىبلە تەرەپكە ئۇدۇل كېلىدىغان تېمىدىن چىقپلا كەتتىم ،چىقىپ بولۇپ كەينىمگە قارىسام ھېچنىمە يوق.<:-ئالدىڭغا قارا!>مۇشۇ بىر ئاۋازنىڭئاڭلانغانلىقىنى بىلىمەن ،قۇرقۇنۇچمۇ ياكى نېمە سەۋەب ئالدىمغا قارىدىم ،مۆرەمنى بىر قولنىڭ تۇتقانلىقىنى سەزدىم،يېنىمدا بىر ئادەمنىڭ بارلىقى مەلۇم بولاتتى.بېشىمنى شۇنچە تولغاپ باقساممۇ پەقەت ئۇدۇلغىلا قاراتتى.مەن ئەسلىمگە كەلسەم ئاجايىپ بىر ۋاڭ-چۇڭ ،قىيا-چىيالىق ئادەم دېڭىزىغا كىرىپ قاپتىمەن.بۇدۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان ئىدى،ئەكسىچە قەغەز،پار-پۇر تاش قوراملار ئەتىۋارلىق ئورنىغا چىققان ئىدى.مەن تېخى يېرىم سەگەك يېرىم ئۇيقۇ ھالەتتكلا خامۇش ئىدىم.<-:بۇلارغا قارا؟!كۆردىڭمۇ؟ياخشى قارا؟!؟>.مەن كۆردۈم،مەن پەقەت ئۇلارنىڭ تېشىنىلا ئەمەس ئۈچەي –باغرىنىمۇ كۆرەلىدىم .ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۆچەي دېگەن جىن چىراغتەك، تىللىرى زەھەرلىك گەپلەرنى،غەيۋەت پىتنىلەرنى كۆپ دېگەچكىمۇ تېشىلىپ يېرىلىپ كەتكەن،بىلىم ناملىق شۇ بۇلاقنىڭ تامچە سۈيىگە تەشنادەك،ئىچ –باغرى قارىداپ،تىرپىسزلىنىپ ،ھازىرلا تېشىلىپ كېتىدىغاندەك، زەھەرئېلىنغان كوزىدەكلا ۋەيرانە كۆرىنەتتى. پۇت-قوللىرى بولسا نەپسى ئۈچۈن ئوتنىتۇتاتتى،تىكەن-شوخىلارغىمۇ دەسسەيتتى.ئەمما پاكىز سۇدا يۇيۇنىشنى ئېغىر خاتالىق دەپ قاراتتى.شۇڭلاشقا سېسىشقا باشلىغان ئىدى..مەن كۆرۈپ بولماستىن يەنە شۇ قول،يەنە شۇ ئاۋاز مېنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ ئالدىغا ماڭغۇزدى.بۇ يەردە نۇرغۇن بوۋاق بالىلار ئويناۋاتاتتى. بۇ كىمنىڭ بالىلىرى ؟مەن ھەيرانلىقتا سورىدىم. چۈنكى بۇ بالىلار شۇنچە كىچىك ئىدى،ئۇلارنىڭ چوڭراقلىرى كىچكراقلىرىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.<-:ئۇتەرەپكە قارا!>مەن قارىدىم،پۈتۈنلەي ئاق خالاتلىقلار . ؟ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ناھايىتى قىينالغان ھالدا بىر كىچك خالتىنى تاشلىدى،بۇ خالتا مېنىڭ ئالدىمغىلا چۈشتى،بوۋاق!!<-:شۇنداق،بۇ گۇناھسىز بوۋاق،قولىدا قېلىچ تۇتقان بىرمەستكە ئوخشاش ھۆكۈمران ھۆكۈم سۈرىۋاتقان دۇنيادىن زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ مۇشۇ يەرگە كەلدى.مۇنۇ بىر تۈركۈم بوۋاقلارمۇشۇنداق!ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاق ۋە ھايا،ئىنساب ۋە ئەقىل پۈتۈنلەي گۇمراھ بولغان بىر دۇنيا قەۋمىنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلى ۋاز كېچىلگەن جانۋارلاردۇر!ھامان بىر كۈنى ئۇلار شۇ ھايۋاندىنمۇ بەتەر ھۆكۈمران گوروھ ۋە سەۋەبسىزلا كەچكەن كىشىلەردىن ھېساب ئالىدۇ.>.ئۇ بالىلارغا تويماي قارايتتىم،ئۇلار شۇنچە تاتلىق،شۇنچە سەبىي ،ئەمما ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى قەلبى تاشقا يۈرەك باغرى تىكەنلىك شاخ-شۇمبىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر جانىۋارلار تەرىپىدىن تېگىشلىك بەخت –سائادىتىدىن مەھرۇم بولدى.مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بوۋاقلار خىيالىدىن ئېسىمگە كەلسەم بىر پۈتۈنلەي قىزىل رەڭلىك قەغەزدىن قوپۇرۇلغان ئېگىزلىكى 30چى،كەڭلىكى 20 چى كېلىدىغان بىر ئورۇندۇقتائولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان بىر گۆشخور مەخلۇقنى كۆردۈم.ئۇ شالداملىرىنى ئېقىتىپ يېيىش بىلەن ئالدىراش!ئۇ بۇلغاپ تاشلىغان،ئاغزىنى سۈرتكەن،بۇرنىنى تاشلىغان ۋەئاز-تولا گۆشنىڭ شورپىسى چېچىلغان قىزىل قەغەزگە يەنە بىر تۈكۈن مەخلۇق ئاستىدا پەرۋانە ئىدى.ئۇلار ئۇ بۇلغانغان قىزىل قەغەزنى يالاپ قورساقلىرىنى توقلىۋالغانغا خوش ئىدى.شۇ ئەسنادا بىر-بىرىنى بوغۇشۇپ قان تۆكىشەتتى.ئۇلار يالاپ بولغان قىزىل قەغەزنى قوللىرىدا ھەرخىل تاش-تۆمۈر قوراللارنى تۇتۇپ تۇرغانلارغا سۇنۇشاتتى.ھېلىقى مەخلۇق خورەككە چۈشكەندە پەستىكى مەخلۇقاتلار كۈچەپراق تىنىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.<-:ھەيرانمۇسەن؟؟بۇ يەردە ھەق-ناھەق،ئىنساپ قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،چۈنكى ئۇنداق نەرسىلەر ئاللىبۇرۇن توپىدا قۇپۇرۇلغان قەبرىدەك شاماللاردا ئۇچۇرۇلۇپ يوقاپ كەتتى.پەستىكى مەخلۇقاتلارمۇ ئاۋۇ مەخلۇقنىڭ كۈندە ياخشى يەپ ،تەييارغائېرىشىشىنى بەرھەق دەپ قارايدۇ.ئۆزلىرى بولسا ئۇنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.ئۇلار ھقىقىي قۇلچىلىقنىڭ كىمگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلەلمەيدۇ ،ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاللىبۇرۇن مۇشۇ ئىدىيە بىلەن توشۇپ كەتكەن.ئوزۇق تۈلۈك سېسىپ كەتسە مەيلىكى بۇ بىچارىلەر ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز چېقىلمايدۇ.ئاچلىقتىن ئۆلسىمۇ ئېغىز ئېچىپ سورالمايدۇ.چۈنكى ئاقىۋەت ئوخشاشلا ئۆلۈم!!ئاۋۇ تۆت پۇتلۇقلارغا قارا!ئۇلار بۇلاردىن كۆپ بەختلىك،ھېچ بولمىغاندا ئەركىن قاۋاپ يۇندا يالاپ ئاچ قالمايدۇ>.مەن تولىمۇ ھەيران ئىدىم.ئەمما ئوڭ مېڭەم سول مېڭەمگە جاۋاب بېرەتتى.بۇ مەخلۇقلار پەقەت شۇ قىزىل قەغەز ئۈستىدىكى مەخلۇق ئۈچۈن قۇل.گەرچە ئۇ مەخلۇق بۇلارنى تۆت پۇتلۇقتىن تۆۋەن ئورۇنغا قويسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس.ئۇلارنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيسى شۇنچىلىك ئېغىر شۇنچىلىك سادىق!!ئەسلى بۇلاربىلسە ئىدى زادى كىمگە ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىش كىمگە قارشى تۇرۇپ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى .ئەھۋال ھەرگىزمۇ بۇنداق يامانلاشمايتتى.<-:ئالدىڭغاقارا!!كۆردىڭمۇ؟>.ئالدىمغا قارىسام يېرىم يالىڭاچلانغان،چاچلىرى ئۇزۇن كەلگەن،ئالدى مەيدىسى پومپىيىپ چىققان باشقىچە بىر مەخلۇقلار مېڭىشىپ يۈرەتتى.مەنبۇلاردىن ھەيرانلىق بىلەن تەپەككۈرگە كەتتىم:بۇلارنىڭ بۇنداق كىيىنىشى نېمەئۈچۈندۇر؟!بۇلارغىمۇ نېمە سەۋەبتۇر؟!.<-:ئوڭ يېنىڭغاقارا؟>.قارىسام،بەدىنىنىڭ ئۈستى يېرىمى پۈتۈنلەي ئوچۇق قالغان ئۇزۇن چاچلىقلارتولغىنىپ مېڭىشىپ يۈرەتتى.<سول يېنىڭغا قارا؟>...قارىدىم،پۈتۈنلەي يالىڭاچلانغان ئۇزۇن چاچلىقلار ،ئويى ئوي،دۆڭى دۆڭ....<-:بولدى،كۆزۈڭنى يۇم!!>...مەن ئاخىرى سورىدىم<-:بۇلارنېمە ئۈچۈن؟!؟>.<-:ئالدىرىما!!بۇلار ھېچنىمە ئۈچۈن ئەمەس ،ئەڭ باشتا ئۆزىنىڭ نازىنى،جەزبىدارلىقىنى ،جەلىپكارلىقىنى نامايان قىلىش،ئۆزىگە ئوخشاشلار قېلىپتەك كىيىنىپ ،ئېيىقتەك كېرىلىپ ماڭسا ئۇلارنى دورىغۇسى كېلىپ ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ئويلاپ ،بايا سەن كۆرگەندەك بارا-بارا يالىڭاچلىنىپ كەتتى. بۇلار مودىلىشىپ مەلۇم بىر چەككە بارغاندا ھېلىقى قىزىل قەغەز ئۈستىدە ئولتۇرغان مەخلۇق قىزىل قەغەز ئارقىلىق بۇلارنىڭ يالىڭاچلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.شۇنداق قىلىپ بۇلار پۈتۈنلەي يالىڭاچلىنىپ ھەتتا تۆتپۇتلۇق ھايۋاناتلارنىڭ قۇيرۇقىچىلىكمۇ يېپىنچىسى قالمىدى...<-:ئاۋۇ دەرەخنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇ دەل ھايات دەرىخىدۇر،ئۇنىڭ ھالىغا قارا قىيسىيىپ ،قاقشال بولۇپ ئاران قالدى.ئۇنىڭ ئەخلاق ناملىق يىلتىزى قۇرىدى،شەرمى-ھايا ياپراقلىرى سارغايدى.غولىنى بولسا <<قەغەز>>ناملىق شەيتان غاجىلاپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتتى..>. <-:بولدى قايتىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا!>... كەينىمگە ئۆرۈلگىنىم ئېسىمدە ئۆيگە قانداق كەلگىنىمنى بىلمەيمەن.ئۇيقۇغا كەتتىم.چۈشۈمدە ھېلىقى قول بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ سۆھبەتلەشتىم.<-:سەن زادى نېمە دېمەكچى؟!ئۇ مەخلۇقاتلارماڭا ئوخشاش!!ئۇلارنىڭ ياخشىلىرى ناھايىتى جىق!!....><-:توختا !گېپىمنى ئاڭلا!ئەگەر سېنىڭ بىر قازان سۈتۈڭگە بىرسى بىر تامچە نىجاسەتنى ئېقىتسا سەن ئۇ سۈتنى پۈتۈنلەي تۆكىسەن،شۇنداقمۇ؟؟؟؟>مەن ئۇنىڭغا يەنە جاۋاب بېرىپ بولغۇچە نەپىسىم قاتتىق بۇغۇلۇپ ،ئاۋازىم چىقماي قىينىلىپ ئېسىمگە كەلسەم دوختۇرخانىدا ئاغزىمغا ئوكسېگىن تەڭلەپ تۇرۇپتۇ!!مەن!!!مەسچىدكە كىرگەنغۇ؟!؟بۇ .....ئەسلى مەن مەسچىدتە ئايلىنىپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەنكەن دە!!!ئەمما كاللامدا ھەممە گەپلەر يەنە ئەكىس ئەتمەكتە!!قولىداقېلىچ تۇتقان مەستكە ئوخشاش ھۆكۈمرانلىق ئاسىتىدا....زەئىپلەشكەن تەننىڭ قىل قان تومۇرلىرىدا نۇرغۇن مەينەتچىلىك ۋە زەھەر بار ،ئۇلارنى توغرا ئۇسۇلدا ئاۋايلاپ بىرتەرەپ قىلمىسا تېخىمۇ يامانئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ!!!ھايات ناملىق بۇ دەرەخنىڭ ئىمان –ئەخلاق يىلتىزى كېسىپ تاشلاندى،غولىنى قىزىل قەغەز غاجىلىماقتا.ئىنساب،ئىنساپەرۋەرلىك ۋە ئەقىل –ئىدراك ياپراقلىرى سارغىيىپ تۆكۈلمەكتە.....بۇ گەپلەرنى ماڭا كىم دېدى؟!؟؟نەدىن كەلدى؟؟!مەن مەسچىدتە يىقىلىپ،دوختۇرخانىدا قوپتۇم.مەن ھىچ يەرگە بارمىدىم ،ماڭا ئىشىنىڭلار!!!! مەنبە:تاتلىق پىغان ئىجدىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tatlikpigan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 08:09 AM
|
|
|
|
|
|