ھۆرنىسا تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئوتتۇرانچى ئوغلى كىرىپ كەلدى.دىلشات كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى.تاللىغان كەسپىي قېرىشقاندەك رۇس تىلى كەسپى ئىدى.بەلكىم بۇمۇ اللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك؟
دىلشات بوي تۇرقىمۇ خېلى كېلىشكەن،قاشلىرى قارا،بۇرۇنلىرى قاڭشاللىق،گەرچە يېنىدا بىر تىيىن پۇل قالمىسىمۇ،ئىشتاننى قېتىدىىن چۈشۈرمەي،قىزلانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالدىغان بولۇپ،مەكتەپتىكى قىزلامۇ ئۇ ئۆزىنى قانچە تارتقانسېرى ئۆزلىرىنى شۇنچە ئۇراتتى.بۇنىڭدىن دىلشات ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭ تۇتىۋالاتتى.ئەمەلىيەتتە ئۇنىنڭدا شۇ قامەتتىن باشقا يا ۋىجدان،يا ئادىمىيلىك دىگەندىن ئەسەر يوق ئىدى.دائىم شۇ قىزلانىڭ يانچۇقىدىكى پۇلىغىلام قېزىقاتتى.دىلشاتنىڭ ئائىلە ئېقتىسادى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،دادىسى ئاددىي بىر ئىشچى بولۇپ،ئانىسى ئۆي خانىمى ،بۇ ئۆيدىكى 5 جان ھۆكۈمەتنىڭ بېرىدىغان تۆۋەن كاپالەتلىك پۇلى بىلەن،دادىسىنىڭ شۇ ئازغىنە مائاشىغا قاراشلىق ئىدى.شۇ سەىۋەبتىنمۇ بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئوغلى شاكىر ئىشلەيتتى،شاكىر بويى پاكار،چىرايىمۇ ئانچە ۋاي دىگۈدەك ئەمەس ،لېكىن ئائىلىگە كۆيۈمى بار،ئادىمىيلىك ۋىجداندىمۇ بار يىگىت ئىدى.بۇ ئاكا -ئۇكا ئككىسىنىڭ مېجەز-خۇلقى قەتئىي ئوخشىمايتتى.ئەڭ كىچىك ئوغلا بولسا ئۆيدە ئەڭ كەمتەر ئارتۇق ئىشى يوق،ئوقۇش بىلەنلام مەشغۇل بالا ئىدى.
-ئاپا،مەن كەلدىم.
-ھە،ئۆينىڭ چوڭى كەپتۇ،قانداق قىلاي؟
دىلشات خۇددى كىچىك بالىدەك ئاپىسىغا ئەكىلىشكە باشلىدى.
-ئاپوي.....
-ھە،نېمە؟يەنە پۇل دىمەكچىما؟
-شۇ...شۇ.....،ئەتە دوستۇمنىڭ تويىكەنتۇق،شۇڭا؟......
-نېمىدىگەن جىق توي بۇ ؟تىخى ئۈلۈشكۈنلام 50 كوي بەمىدىممۇ؟
-ۋايجان ئاپا،ئۇ پۇل نىېمىگە يېتەتتى؟مەنمۇ چوپچوڭ ئوغۇل بالا تۇرسام خەجلىمەمدىم؟
-ھە،چوپچوڭ بوپقالغان ئوغۇل بالا پۇل تاپماي ئاتا -ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلىسۇن دېگەن گەپ بامىكەن؟
-بولدى قىلە ئاپا قاقشىماي،خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ پۇل تاپقاندا سىىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
- مانا،50كوي،بۇنىڭدىن ئارتۇق پۇل يوق!
-ئاپا بۇنىڭغا؟.....
-يەنە نېمە ئاپا؟ئالساڭ مۇشۇنى ئال بولمىسا قېرى جېنىمنى سېقىپ باق،پۇل چىقامدىكىن!!
دىلشات يەنە گەپ قىلسا ئاپىسىنىڭ يەنە كوتۇلدىشىدىن قورقاپ ئارتۇق گەپ قىلماي،تېشىغا چىقىپ كەتتى.دىلشاتنڭ مەكتەپتە تۇتىۋالغان بىر باي مۇھەببىتى باتى،ئۇ قىز خوتەنلىك بوپ،ئائىلىسى قاشتېشى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانكىن،ئائىلە شارائىتى يامان ئەمەس ئىدى.بۇ قىزنىڭ ئىسمى نازۇك بولۇپ،ئىسمى جىسمىغا لايىق ئوغۇللارنى كۆرسە نازۇك،قىزلارنى كۆرسە تاتۇق ئىدى.بۇ قىز شۇ نازۇكلىكى ئەڭ مۇھىمى پۇلى بىلەن دىلشاتنى كەلتۈرۋالغانىدى.دىلشاتمۇ بۇ نازۇك خېنىمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى.دىلشات ئەتىكى دوستىنىڭ تويىغا ئاپىرىدىغان پۇل توغرۇلۇق جانانى نازۇككا تېلفۇن قىلدى.
-ۋەي؟
-ھە،جېنىم نېمە ئىش قىۋاتىسەن؟؟
-شۇ ياتاقتا قىزلار بىلەن ئولتۇردۇم،سەنچۇ؟؟؟
-مەن شۇ سېىنى كۆگۈم كەپ،قېشىڭغا بارايمىكىن دەپ.....
-ھە كاشكى مېنى سېغىنغانسەن....؟؟
-يائاللا جېنىم ،ئەمدى سەن قالدىڭمۇ تەنە گەپ قىلمىغان.
-ھە كىلە ئەمىسە،كەپ بوپ تېلفون قىل.
-ھە ماقۇل جېنىم.ھازىرلام بارىمەن.
دىلشات خۇددى بايلىق تېپىۋالغاندەكلام تاكسىدىن بىرنى توساپلام جانانىنىڭ يېنىغا ئۇچقاندەك ماڭدى............
-ھە جېنىم مەن كەلدىم،چۈشە!
-مانا ھازىر.
ياتاق بىناسىدىن نازۇكنىڭ ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى.
-ھە نىمۇ بۇ كەچ بولغاندا مېنى كۆگۈڭ كەپ قاپتىغۇ؟
-نېمە؟بولمامدا جېنىم؟
دىلشات نازۇكنىنڭ بېلىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تاتېشقا باشلىدى.
-جېنىم،سەن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ سېخىي قىز جۇمۇ؟سېنىڭ قولۇڭغا ھېچكىم سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.
-ھە يەنە ماختىغىنە!
-ياق،ماختىمىدىم.راست گەپنى قىلىۋاتىمەن.
-ھە،نېمە گەپ باتى دەۋەگىن.
-شۇ ئەتە دوستۇمنىنڭ تويىتى دىگىنە شۇڭا.......؟؟؟
نازۇك پوورتمالىدىن 200كوينى چىقىرىپ دىلشاتقا سۇندى.
-مە ،ئالە!ئوغۇلبالىنىڭ يېنىدا بۇنچىلىك پۇل تۇرمىسا بولمايدۇ؟
-رەھمەت تاتلىق جېنىم.سەن مېنىڭ گۈزۈلۈم،سېنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن!
-بولدى بولدى ،يالغان ياۋداق گەپنى ئاز قىلىپ ..
-جېنىم،سەنمۇ ماڭا ئېشەنمەمسەن؟
-ماقۇل ئىشىنەي.بولدى،كەچ بوپ كەتتى،مەن ياتاققا كىرىپ كېتەي.
-ھە ماقۇل جېنىم.ياخشى ئارام ئال.
-ھە ماقۇل،ئەتە تويدا قىزلارغا ئاز قاش ئاتارسەن.
-سەن با يەدە باشقا قىزلاغا قاش ئاتامتىم مەن؟
-ھە تايىنلىق.بولدى خوش؟
-ھە ماقۇل جېنىم ئەتە تېلفۇن قىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ دىلشات تاكسىغا چېقىپ ،دوستلرىغا تېلفۇن قىلدى.
-ھە ئاداش ،قىزلارنى باشلاپ چىقمامسەن ،KTVدا ئولتامامدۇق؟
مانا بۇ دىلشاتنىڭ ئۆزگىچە پەسكەشلىككە تولغان ھاياتى ئىدى.ئەجىبا ئادىلەنىڭ شۇ گۈزەل ياشلىقى شۇ نىجىسنىڭ قولىدا بەربات بولامۇ؟ياق،بۇ ھەقىقەتكە، رېئاللىققا ھىچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.لېكىن اللانىڭ قۇدىرتى شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى،شۇ ئىشەنمىگەن رېئاللىققا ئىشەندۈرىدۇ!
مەنبە:ئۆز قەلىمىم.
كەچۈرۈڭلار!ئۆزەممۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن،ھەم ئىمتىھان ۋاقىتلىرىم يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھىكاينى بۆلۈپ يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.لېكىن بوش ۋاقتىم بولغان ھامان چوقۇم داۋامىنى يوللاشقا تېرىشىمەن.