ھازىر ئاشخانا رىستۇرانلاردىن ئاشقان سەي تاماقلاردىن يىغىۋىلىنغان يۇندىلاردىن سۇزۇلگەن قالدۇق ياغنى يەنە بىر قىسىم كۆڭلى قارا ئادەملەر تەرپىدىن پىشىقلاپ ئىشلىنىپ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سىتىلىپ تاماق شىرەسىگە چىقماقتا .... بۇنداق سۇزۇۋىلىنغان يۇندا ياغ ئىشلەپ چىقىرىشنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجىرا قىلىش تارماقلىرى يىمەكلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىغىر جىنايى قىلىمىش! بۇنداق قىلىمىش بىلەن شۇغۇلانغانلارنى قاتتىق جالاش توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك قانۇن پەرمانلارنى چىقارغان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم ئىنسان قىلىپىدىن چىققان كىشىلەر قانۇننى كۆزگە ئىلماي خەلقنىڭ ھايات ماماتى بىلەن ئويناشماقتا ....ئۇلارنى كۆتۇپ تۇرغىنى قانۇننىڭ ئىغىر جازاسىدۇر.
شۇڭا سىز ياغ سىتىۋالغاندا ئازىراق پۇلنىڭ كۆزگە قاراپ ھەرگىزمۇ ئىشەنچىسىز ئورۇندىن ياغ سىتىۋالماڭ بولمىسا مانا مۇنۇ فىلىمدىكىدەك ياغنى سىتىۋالىسىز ! مانا مۇشۇنداق ئەرزان ياغدىن مەكتەپ باللىرى يەيدىغان ئەخلەت يىمەكلىك ۋە باشقا نەرسىلەر ياسىلىۋاتىدۇ .
بۇ فىلىمدىكى ئۇرۇمچى شەھەرىدىكى بىر يەر ئاستى قانۇنسىز قالدۇق ياغنى قايتا سۇزۇپ ئىلىپ يەنە ياغ ئىشلەپ چىقىرىش قارا ئۇۋىسىدۇر...بىرىنچى فىلىم قىسقا خەۋەر ،ئىككىنچى فىلىم تەپسىلى كۆرنۇشى ،كۆڭلىڭىز ھەر قانچى ئىلەشسىمۇ چىداپ كۆرۇڭ ،شۇنداق بولغاندىلا ياغ ئىستىمال قىلغاندا ھۇشيار سەگەك بولىسىز.
مەنبە
http://www.tudou.com/programs/view/_3pcWefn5SY/?fr=rec1
مەنبە
http://v.youku.com/v_show/id_XMjgxMDUxNzY4.html
بىر فىرافىسورنىڭ ئىتىشىچە سىرىتتا يىگەن 10 ۋاخ تاماقنىڭ بىر قىتىملىقى ئازگالدىن سۇزىۋىلىنغان قالدۇق ياغ . بۇنۇڭغا قىزىقسىڭىز بۇ فىلىمنى كۆرۇپ قويۇڭ ....
بەلكى بۇ بىراز كۆپتۇرمە بايان بولسىمۇ شۇنۇڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى مۇشۇنداق مەينەت ياغلار ئەتىراپىمىزدا ئەگىپ يۇرمەكتە... بىز ياغ ئىستىمال قىلغاندا سەللا بىخەستىلىك قىلساق بىزمۇ مۇشۇ مەينەتچىلىكنىڭ قۇربانى بولۇشىمىز مۇمكىن، شۇڭا مۇشۇنداق قانۇنسىز قىلمىشنى بايقىغاندا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىڭ بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ مەجبۇريىتىدۇر .
مەنبە
http://news.joy.cn/guonei/video/1113045.htm
بۇنداق كىشىلەر مەلۇم بىر مىللەتكە ۋەكىلىك قىلمايدۇ ! ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۇشمىنى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 02:21 AM