يىقىلغان بالا
      
         بىر ئاتا 16 ياغقا كىرسىمۇ ئەرلەرگە خاس جاسارەت يوق دەپ ئوغلىدىن ئاغرىنىپ ئەندىشە قىلىدىكەن.ئۇ ئاخىرى  بىر چامباشچىغا ئوغلىنى يۈرەكلىكرەك قىلىپ تەربىيلەپ بېرىشكە بېرىپتۇ.
        _  بالىڭىز يېنىمدا قالىدۇ،_ دەپتۇ چامباشچى،_ ئالتە ئايغىچە كۆرۈشمەيسىز.ئالتە ئايغىچە مەن ئۇنى تۈزۈك ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن . 
        يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە بېرىپتۇ. چامباشچى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ ماھارىتىنى ۋە تەربىيلەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ قويماقچى  بوپتۇ. ئوغۇل بىلەن ئۇستازى مۇسابىقىلىشىپتۇ . ئۇستازى قولىنى چىقىرىپ ئوغۇلنى بىر مۇشت سالغانىكەن،ئۇ موللاقلاپ چۈشۈپتۇ.ئەمما دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئېتىلىپ كەپتۇ.يەنە بىر مۇشت يەپ يىقىلىپ يەنە قوپۇپتۇ. ئارقا -ئارقىدىن يىقىلىپ قوپۇپ جەمئىي 12 قېتىم كەپتۇ . . .
        _ قانداق بالىڭىزدىن ئەرلەرگە  روھ-جاسارەتنىڭ ئىپادىسىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ چامباشچى .
        _ نەدىكىنى ؟ مەن ئوغلۇمنىڭ يېرىم يىل تەربىيلىنىپمۇ بىر مۇشتقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، بىر تاياق بىلەن يەر چىشلەپ يېتىپ قالىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن؟ _  دەپتۇ ئازاپلانغان ھالدا .
        _ ئەپسۇس،_  دەپتۇ چامباشچى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ،_ سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۈزەكى ھادىسە.ئەمما كۆردىڭىزمىكىن ،ئوغلىڭىز يىقىلغان يېرىدىن يەنە دەس تۇرالىدى. ئەجىبا بۇ جاسارەت ،ئىرادە ئەمەسمۇ ؟ ھەقىقىي ئەرلەرگە خاس جۇشقۇن روھ ئەمەسمۇ؟ 
        دەرەخ قانچىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتالىسا شۇنچە تىك، مەغرۇر ئۆسىدۇ .مۇخلار كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان بۇلۇڭلارىن باھارنىڭ شەپىسىنى بېرىدۇ . قوپۇش قېتىم سانى يىقىلىش قېتىم سانىدىن كۆپ بولىدىكەن ،غەلىبە دېگەن شۇ . 
     
  ھېكمەت:
    قايتا ئورنۇڭدىن دەست تۇرالايدىغان جاسارەت بولىدىكەن،مەغلۇبىيەت ھېچقانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس .