سورۇندىكى پاراڭلار
(ھېكايە )
قەلەمدە : ئىرپان
ئۇزۇن كەتكەن كوچا ،كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ ، كەچلىك سالقىن ھاۋادىن سالقىنداپ ھۆزۈرلىنىشقا چىققان ئادەملەر بىلەن تولغان .كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشاش قىلىپ دەرخ تىكىلگەن ، ئاستى چىملىق . ئىگىز ئورنىتىلغان يول چىرىقى يولنى كۈندۈزدەك يورۇتقان . يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى پىيادىلەر يولىدا كىتاپلىرىنى كۆتۈرۋالغان ئوقۇغۇچىلار ، كەچلىك چېنىقىشقا چىقىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھەركەن قىلىۋاتقانلار ، بىر – بىرىگە بېقىشىپ پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان قىز – يىگىتلەر ، ئىككىدىن – ئۈچتىن بۆلۇپ قاياقىدۇر ماڭغان ماڭغان قىزلار ، يول يېقىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاچچىق تاماكا چېكىۋاتقان ، چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان ئەرلەر ، بالىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى. بۇ كوچىنىڭ كەچلىك ھاياتى مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ . بۈگۈن ئابلىزمۇ مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدا بۇ كوچىنىڭ كەچلىك ھاياتىغا قوشۇلغان ئىدى . مايكىسى ئىچىگە چىگىلە تىقىۋالغاندەك ئازراق ئالدىغا چىققان قوسىقىنى كۆز – كۆز قىلغاندەك گەۋدىسىنى كەينىگە تارتىپ مەغرۇر مېڭىشتا ئەتراپتىكى مەنزىرگە قارپ كېتىپ باراتتى .باشقىلار ئۇنىڭ قوسۇقىنى مەسخىرە ئارىلاش ‹ قوسۇقىڭلار چىقىپ قاپتۇ باشلىق بوپ قالامسىلەر نېمە › دېسە ئۇ مەغرۇرلىنىپ پىخىلداپ كۈلۈپ كېتەتتى . ‹ ئىشخانىدا ئورۇندۇقتا تولا ئولتۇرۇپ كەتسەڭ شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن › دەيتتى ‹ ئىشخانە › دېگەن سۆزنى سەل ئۇرغۇلۇق قىلىپ .
ئۇ شۇنداق ، ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز بولىۋالغان ھالەتتە يۇرۇيدۇ . چۈنكى مۇشۇنداق قىياپەتتە يۇرسە باشقىلارغا كۆپنى كۆرگەن تۇيغۇسى بېرىدۇ دەپ قارايتتى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ مېڭىشىمۇ شۇنداق ، بۇ گەۋدىسىنى تېنىدىكى كۈچ ئېلىپ مېڭىشقا يەتمىگەندەك بىرى تارتىپ مېڭىۋاتقاندەك . مانا يول بويىدىكى بىنا ئۆيىدىن ( ئۇ شۇنداق دەيتتى ، ئۆيۈم دېگەن سۆزگە بىنا سۆزىنى قوشۇپ ئېيتىشقا ئامراق ) چىققىلى يېرىم سائەت بولدى ، ئەمدى يولنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغان ئىدى .
- ۋۇي ، ئابلىز ئاكا ياخشىمۇ سىز ؟ - ئۇ ئۆزىنى چاقىرغان ئاۋازدىن چۆچۇپ ئەتراپقا قارىدى .ئالدىدا ھېچكىم يوق ، كەينىگە ئۆرۈلدى ، كەينىدە بەش مېتىر يىراق بىرى ۋەلسىپىتتىن چۇشۈۋاتاتتى .يىگىت ۋەلسىپىتىنى قويۇپ ئابلىزغا ئوڭ قولىنى سالامغا كۆتۇرگۇنىچە كۈلۈپ كەلدى – ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ تونۇدۇم سىزنى ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
ئابلىز شۇندىلا ئۇنى تونىدى مەھەلىسىدىكى خوشنىسىنىڭ بالىسى ئىكەن .سالاملىشىشتىن كېيىن چوڭلارنى ، مەھەلىدىكى تونۇش – بىلىشلەرنى سوراشتى .
- ھە ، كەچ بولغاندا بۇ يەرگە كېلىپ قاپسەن – ئۇ سۇئال ئارىلاش سورىدىن يىگىتتىن .
- زېرىكىپ كەچلىك بازا چۆگۇلەپ كېلەي دەپ چىققان ،ياخشى ئۇچراپ قالدىڭىز بىر يەرگە بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېلەيلى – دېدى يىگىت ئۇنى تەكلىپ قىلىپ .
- مەن مۇنداقلا ئايلىنىپ چىققان ، بۇ تۇرقۇم بىلەن قانداق بارارمەن – دېدى ئابلىز پۇتىدىكى شىپىلاقنى كۆرسىتىپ .ئۇنداق دېگىنى بىلەن ئۇنىڭ بىردەم ئولتۇرۇپ ئازراق ئىچكۈسى كېلىپ تۇراتتى . يىگىتنىڭ ھېچقىسى يوق بىر ئوبدان تۇرمامسىز دېگەن سالاسى بىلەن مۇشۇ يول بويىدىكى بىر كاۋاپخانىغا بېرىشقا كېلىشتى .
يولدا كېتىۋېتىپ يىگىتنىڭ يەنە بىر تونۇشى ئۇچراپ قالدى . ئوروق كەلگەن بۇ ئادەم يىگىت بىلەن خېلى تونۇش بولسا كېرەك ئىككىسى بەكلا قىزغىن پارڭلىشىپ كەتتى .ئورۇقمۇ تازا گەپدان ئىدى .يىگىت ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدى ، ئۇ تۈزۈت قىلمايلا ماڭدى.
ئۇلار يۇمۇلاق ئۇستەل ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى . ئىككىسى توختىماي سۆزلەيتتى، ئابلىز بولسا ئەمدى ياندا قالغان ئادەمدەك بولۇپ قالغان ئىدى . كۈتكۈچى قىز ئۇلارغا ئىسسىق چاي قۇيدى ، ئاندىن نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىدى .
- ئابلىز ئاكا كۆڭلىڭىز نىمىنى خالىسا شۇنى بۇيرۇتىڭە بولدى – يىگىت ئۇنى ھۆرمەت قىلىپ ئىختىيارنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى - بىزگە ئىچىدىغان بولسىلا بولدى – قوشۇپ قويدى يىگىت .
بۇيرۇتۇلغان نەرسىلەر تەق بولدى .يىەىت ساھىپخان ئورنىدا ئىككىسىنى بىر – بىرىگە تونۇشتۇردى .ئۇلار قايتا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى .يىگىت ئۇنىڭ مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، قولىدىن خېلى ئىشلار كېلىدىغانلىقىنى ماختاپ تونۇشتۇردى ، ئوروقنى بولسا خوجايىن دەپ تونۇشتۇردى .بىرىنجى رومكا خېلى ھۆرمەت ۋە تەكەللۈپ بىلەن رومكا چېقىشتۇرۇپ ئىچىلدى .
- بىز تۈزۈك ئوقۇمىغان ئادەم قاراڭ – دېدى ئوروق گېپىنى باشلاپ ئابلىزغا قاراپ – گپنى پوڭ – پوڭ قىلىپ قويىمىز ، سىزدەك ئىلمىي گەپلەرنى قىلالمايمىز . ئارتۇق كەتسە خاپا بولمايسىز – ئابلىز ‹ ياق ، ئۇنداق ئەمەس › دەپ سەل مىدىرلاپ قويدى .
ئوروق ئۆزىنىڭ قىلغان سودىسى ھەققىدە ، تارتقان زىيانلىرى ھەققىدە شۇنداق بولسىمۇ ئۇ زىياغلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش جەريانلىرىنى توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى .بىر چاغدا يىگىتنىڭ تېلفونى سايراپ كەتتى . يىگىت تېلفوننى ئېلىپ ، يېققىن تونىشى بولسا كېرەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتى . بىردەمدىن كېيىن ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدى . ئۇ ئورنىنى دەپ بەردى .
ھايال ئۆتمەي ئوتتۇرا بوي ، سېمىز، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ، قارىماققا ئوتتۇردىن ئاشقان بىرى ئۇدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى . ھەممىسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . ئاندىن ياندىن بىر ئورۇندۇققا تارتىپ ئەكىلىپلا ئابلىزغا ئۇدۇل جايغا ئورۇنلاشتى
- قۇيە ئاداش ھارىقىڭدىن - دېدى ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپلا . يىگىت ھاراقنى قۇيۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە ئۆز – ئارا تونۇشتۇرۇپ قويدى . ئۇنىڭ ئىسمى ئەكرەم ئىدى . قاسساپچىلىق قىلىدىكەن – بۈگۈن ئون بەش قوينى ئۆتكۈزۈپ چىققىدۇ جۇلۇقۇم چىقتى – ئۇ تونۇشۇپ بولۇپلا گۇپلا قىلىپ قولىغا ئالغان ھاراقنى ئىچىۋەتتى .
ئابلىزغا ئۇنىڭ بۇ قىلىقى تولىمۇ قوپال بىلىندى ، لېكىن چاندۇرمىدى .ھاراقلار كەينى – كەينىدىن قۇيۇلدى . گەپ تېمىلىرى ھېلىدىن – ھېلىغا ئۆزگىرىپ تۇراتتى . ئەمدى گەپ تېمىسى يېققىندا گېزىت – ژورناللاردا قىززىق تېما بولۇپ قالغان بىر ئېغىې كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئىئانە يىغىلىۋاتقان قىز ئۇستىگە كۆچتى . ئۇ قىزنىڭ ئائىلىس ئەھالى ھەققىدە ئۆزلىرى ئاڭلىغانلىرىنى ، قىزنىڭ كېسىلى ھەققىدىكى ئاڭلىغانلىرىنى دېيىشتى . يىگىت :
- ئابلىز ئاكىمىز بۇ قىزغا پۇل توپلىغاندا ئىدارىسىدا ئەڭ كۆپ پۇل بېرىپ گېزىتكىمۇ چىققان – دېدى .
ئابلىز خىجىل ئارىلاش سەل مىدىرلاپ قويدى .
- ئەمدى باشقىلار قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا قاراپ تۇرغۇلى بولمايدىكەن – دېدى ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ – ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېرەيلى دەپ شۇنچىلىك ياردەم قىلالىدۇق .
- ياخشى قىپسىز ،ئۇ بىچالەرنىڭ ھال – ئەھۋالى بەك ناچاركەن ، قولدىن كېلىشىچە قىلىش كېرەك – دېدى ئەكرەم ئۇنىڭ سۆزى تۇگۇشىگە ئۇنى ماختاپ .
ئابلىز كەينى يانچۇقىدىن پورتمالىنى چىقاردى ۋە ئاۋايلاپ ساقلاپ قويغان گېزىتتىن كېسىۋالغان شاپىلاقچىلىك قەغەزنى يىگىتكە بەردى .بۇ قىسقا خەۋەر بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدىكى ئىئانە ئەھۋالىنى يازغان ۋە ئاخىرىدا ئەڭ جىق پۇل ئىئانە قىلغان دەپ ئابلىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىدى .
- ئىدارىمىزدىكى ئىختىيارى مۇخبىر ئۇكىغا ئىسمىمنى يازما دېسەم ، يازمىساق بولمايدۇ دەپ يېزىپ قويۇپتۇ –دېدى ئابلىز يىگىت خەۋەرنى ئوقۇپ بولغاندا باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك ھەممىسى قاراپ .
ئەكرەم ئالدىدىكى رومكىغا قۇيۇلغان ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى ، ئالدىدىكى توخۇنىڭ بىر پارچىسىنى تارتىپ ئۈزدى –دە ، يىيىشكە باشلىدى .گۆشنى يەپ بولغاندىن كېيىن تازلىق قەغەز بىلەن ئاغزىنى ۋە قولىنى سۇرتتى .
- مەنمۇ باشتا ئاڭلاپ مانا بارارمەن – ئەنە بارامەن دەپ بارالمىدىم – دېدى ئەكرەم سۆزىنى باشلاپ – بىر كۈنى خوتۇنغا گۆش سېلىپ تاماق قىل دەپ بۇيرۇپ قويۇپ گۆشكە چىقىپ كەتتىم . قاراپ باقسام چۈشكىچىمۇ ئىشىم تۇگەيدىغاندەك ئەمەس ، ھەمرا بالىغا سەن سېتىپ تۇر دەپلا ئۆيگە كەلدىم . خوتۇن تاماقنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ ، تاماقنى يەپ بولۇپ تاماق قاچىسىغا تاماق ئۇستۇردۇم ، كوچىدىن يوغان سۇلو خالتىغا مىۋىلەردىن ئېلىپ دوختۇرخانىغىلا چىقتىم - تۇيۇقسىز باشلانغان بۇ گەپتىن ھەممىسى جىم بولۇپ قالدى – ئۇيان ئىزلەپ ، بۇيان ئىزلەپ ئىككىنجى قەۋەتتىن ئۇلار ياتقان ياتاقنى تاپتىم .قىز كارۋاتتا ھالسىز يېتىپتۇ ، كۆرۈپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولدى .ئاپىسى بىلەن دادىسىمۇ بار ئىكەن . يوقلاپ كەلدىم دەپلا تاماق بىلەن مىۋىلەرنى بەردىم .قاراپ باقسام ئەتراپىدا تاماق قاچىلىرىمۇ كۆرۇنمەيدۇ شۇڭا دادىسىدىن ئۇدۇللا ‹ تاماق يىدىڭلارمۇ؟› دەپ سورىدىم .‹ ئەمدى يەيمىز › دېدى ئۇ ئادەم كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ . مەن تاماقنى ئىككەيلەن يىسۇن بىز سىرتقا چىقايلى دەپ ئۇ ئەدەمنى باشلاپ ماڭدىم . ئۇمۇ گەپ قىلمايلا ماڭدى .دوختۇرخانە ئالدىكى ئاشخانىغا كىرىپ گۆشلۈك لەغمەندىن بۇيرۇتتۇم .ئۇ ئادەمنىڭ تازا قوسۇقى ئاچقان چېغى گەپ قىلماي پاك – پاكىزە يەپ بولدى .ئىسسىق بىر چىنە چاينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتى .
- رەھمەت ئۇكام ، بىزدىن يانمىسا ئاللادىن ياخشىلىق يانا سىزگە . بار بىساتىمنى دېگۇدەك قىزىمنى داۋالىتىمەن دەپ سېتىپ بولدۇم ، بۈگۈن رادسلا نېمە يىيىشىمىزنى بىلمەي ئولتۇرغان ئىدۇق ،خۇدا سىزنى يەتكۇزدى .
ئۇ ئادەم سۆزلەۋاتىدۇ ، ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. خوتۇنۇم يىغلىسىمۇ يىغلاپ ئۆڭشىلىسەنغۇ دەپ تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان ئەر ئىدىم ، ئۇ ئادەمنىڭ نازۈكلىشىپ كەتكەن كۆڭلىنى ماڭا ئېيتىۋاتقان رەھمەتلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى . كېتىدىغان چاغدا يېنىمدا بارى مۇشۇكەن خەجلەپ تۇرسىلا دەپ ئىككى يۈز كوينى زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم . ئەتىسى خوتۇنغغا يەنە ئۈچ كىشلىك تاماقنى جىق قىل دەپ چۈشكە يەنە چىقتىم . خوتۇنۇمدىن يوشۇرۇپ كەيپ قىلىپ قالسام دەپ تىقىپ قويغان بەش يۈز كوي پۇلۇم بار ئىدى، ئۇنىمۇ ئالدىم . بىر كۈنى خوتۇننى موتونىڭ كەينىگە ئولتاغۇزۇپ ئاچىقتىم . خوتۇنۇم كۆرۈپ ئۇمۇ يىغلاپ كەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن . ئۇ مەندىن ئاكتىپ تاماقنى قىپ بولۇپلا ماڭا تېلفون قىلىدۇ . بەزىدە ئۆزى ئاپىرىپ بېرىدۇ .شۇنداق قىلىپ بىر ئايغا يېققىن تاماق توشۇدۇم. كېيىن مەنمۇ ئالدىراش بوپ كەتتىم . ھازىر قىز ئۆيىدىكەن ،نەچچە قېتىم دادىسى ئۇچراپ قالدى ، سورىسام ھازىر خېلى ياخشى دەيدۇ .
ھەممىسى جىمىپ قالدى. باشقا ئۇستەلدىكىلەرنىڭ چاڭ – چۇڭ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . ئابلىز ئولتۇرالماي قالدى . يىگىتنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئېلىۋالغۇسى كەلدى - يۇ ، ئېلىشقا جۇرئەت قىلالمىدى .
- مەن ماڭاي ، ئەتە يەنە خىزمەتكەن بارىدىغان گەپ – ئابلىز ئاران تەستە بۇ باھانە بىلەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ – بولىدۇ ئەمىسە كېيىن يەنە كۆرۈشەرمىز – دېدى ئۇ ھەممىسى بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ .
- بولىدۇ ، كېييىن كۆرۈشەرمىز – دېدى ئەكرەم قول ئېلىشىپ .
نېمىشقىدۇر ئەكرەمنىىڭ قول قىسىشى ئابلىزغا تولىمۇ قاتتىق بىلىنىپ كەتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-3 02:02 PM