مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 7

ۋىتامىنلارنىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە مول بولغان يىمەكلىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىتامىن ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، بىراق ئادەم بەدىنىنڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ، ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . تۆۋەندە ھەرقايسى ۋىتامىنلار مول بولغان ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئېستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى ۋە ھەرقايسى ۋىتامىنلارنىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرىمىز .  
ۋىتامىن A
1. نۇرمال كۆرۈش سىزىم ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ .   2. يۇقۇرى تىرە ھۈجەيرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ .  3 . سۆڭەكنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ساقلايدۇ .  4. ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . 5. باشقا رولى : يىقىنقى يىللاردا ۋىتامىن A تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ راكنىڭ ئالدىدىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشىنى ، خىمىيەلىك راك پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقىنى بايقىدى .
ۋىتامىن A مول بولغان يىمەكلىكلەر : ۋىتامىن A ھايۋانات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئەڭ مول ، ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى ھەرخىل ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى ، بىلىق جىگىرى مىيى ، سۈت ، تۇخۇم سىرىقى ، يىشىل رەڭدىكى كۆكتاتلار ۋە سىرىق رەڭدىكى كۆكتات ، مىۋىلەر . ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى بولسا رەڭلىك كۆكتاتلار ، مەسىلەن پالەك ، سەۋزە ، يىشىل پۇرچاق ، سىرىق قوناق ، شوخلا ، تاتلىق ياڭيۇ .  مىۋە تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى بولسا  ئۈرۈك ، بانان ، ئەبنۇس ، ئاپلىسىن .
2. ۋىتامىن D
1. كىچىك ئۈچەي يىپىشقاق پەردىنىڭ كالتىسىينى سۈمۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . 2. سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ كالتىسىيغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . 3. بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ كالتىسىي ، فوسفورنى سۈمۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ۋىتامىن D مول بولغان يىمەكلىكلەر : تەبىي بولغان يىمەكلىكلەردىن كىلىدىغان ۋىتامىن D كۆپ بولمايدۇ ، ماي مىقدارى يۇقۇرى بولغان دىڭىز بىلىقى ، ھايۋانات جىگىرى ، تۇخۇم سىرىقى ، قايماق ، ئىرىمچىكلەردە نىسپەتەن كۆپرەك بولىدۇ . بىلىق جىگەر مىيىدا تەبئىي  ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقۇرى .
ۋىتامىن E
1. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ . 2. قىزىل ھۈجەيرىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلايدۇ . 3 . ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم ماددىلارنىڭ بىرىكىشىنى تەڭشەيدۇ . 4 . باشقا رولى : ئىسپىرمىنىڭ ھاسىل بولىشىى ، كوپىيىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، لىكىن جىنسىي ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
ۋىتامىن E مول بولغان يىمەكلىكلەر :  ۋىتامىن E پەقەت ئۆسۈملۈكتە بىرىكىدۇ . ۋىتامىن E بارلىق يۇقۇرى دەرىجلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى ۋە باشقا يىشىل قىسمىغا تەكشى تارقالغان . تۇخۇم ، توخۇ ، يىشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا مۇقۇم مىقداردا بولىدۇ ؛ گۆش ، بىلىق قاتارلىق ھايۋانات يىمەكلىكلىرىدە ، مىۋە ۋە باشقا كۆكتاتلاردا مىقدارى ئازراق بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ماي چىقارغىلى بولىدىغان ھەرخىل ئۇرۇقلار  ۋە ئۆسۈملۈك مىيى مەسىلەن : قوناق ، خاسىڭ ، كۈنجۈت مايلىرى ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر .
ۋىتامىن  C مول بولغان يىمەكلىكلەر : ئاساسلىق يېڭى سەي كۆكتات ۋە مىۋىلەردە ناھايىتى مول . مەسىلەن كۆكتاتلارنىڭ ئېچىدە لازا ،يىسىۋىلەك ،پالەك ،بەرەنگە ، چىڭسەي ، شوخلا ، كاللەك بەسەي . مىۋىلەرنىڭ ئېچىدە چۈچۈمەل چىلان ، چىلان ، بۆلجۈرگەن ، لىمون ئۈزۈم ، ئاپلىسىن.
1. ئوكسىدسىزلىنىش رولى : ( 1 ) تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ( 2 ) قارشى تۇرغۇچى تەنچىنىڭ ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
2. زەھەر تارقاتقۇزىدۇ   3.  راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ۋىتامىن K
1. قاننى قاتقۇزۇش رولى . 2. ۋىتامىننىڭ K سۆڭەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رولى بار .
مول بولغان يىمەكلىكلەر : يىشىل رەڭدىكى كۆكتاتلاردا ئىنتايىن مول ، ھايۋانات جىگىرى ، بىلىق تۇرىدىكىلەردە مىقدارى بىر قەدە يۇقۇرى ، مىۋە ۋە .ئاشلىق   تۈرىدىكىلەردە مىقدارى بىر قەدەر ئاز ، گۆش بىلەن سۈتتىن ياسالغان يىمەكلىكلەردە مىقدارى نۇرمال .
ۋىتامىن B1
1. ئاشقازان ، ئۈچەيلەرنىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . 2. ئادەم بەدىنىنىڭ نۇرمال ماددا ئالماشتۇرىشىنى  ساقلايدۇ . 3. مىڭە توقۇلمىسىغا بولغان رولى
مول بولغان يىمەكلىكلەر : ۋىتامىن B1 تەبىئېي بولغان يىمەكلىكلەردە كەڭ دائىرىدە ساقلىنىدۇ ، بىراق يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ مىقدارىمۇ ئوخشىمايدۇ ، ھەمدە يىغىۋىلىش ، ساقلاش ، پىششىقلاش ، پۇشۇرۇش قاتارلىق شارائىتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ئەڭ مول بولغان كىلىش مەنبەسى بولسا ئاپتاپپەرەس ئۇرۇغى ، خاسىڭ ، دادۇر ؛ ئۇنىڭدىن قالسا بۇغداي ئۇنى ، گۈرۈچ ، قوناق ، تىرىق . بىلىق ، كۆكتات ، مىۋىلەردە مىقدارى بىر قەدەر ئاز . تەكلىپ : بەك پىششىقلاپ ، ئاقلىۋەتكەن ئاشلىقنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك .
ۋىتامىن B2
1. ھۈجەيرىنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىگە قاتنىشىدۇ . 2 . ئامىنو كىسىلتاسى ، ياغ كىسىلتاسى ، كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ . 3 . تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ .
مول بولغان يىمەكلىكلەر : ھايۋانات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ، بولۇپمۇ ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى ، مەسىلەن : جىگەر ، بۆرەك ، يۈرەكتە ئىنتايىن مول ؛ ئۇنىڭدىن قالسا تۇخۇم تۈرى ، سۈت تۈرى ؛ دادۇر بىلەن ھەرخىل يىشىل يوپۇرماقلىق سەيلەردەمۇ مۇقىم مىقداردا بار ، باشقا ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە بىر قەدەر ئاز .
ۋىتامىن B6
1. ئامىنو كىسىلتاسىنىڭ ئالماشتۇرۇلىشىغا قاتنىشىدۇ . 2. قەنتلەرنىڭ ، ياغ كىسىلتاسىنىڭ ئاماشتۇرۇلىشىغا قاتنىشىدۇ .
مول بولغان يىمەكلىكلەر : ۋىتامىن B6 ھايۋانات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە كەڭ دائىرىدە ساقلىنىدۇ ، بۇنىڭ ئېچىدە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ،   ھايۋانات گۆشلىرى بىلەن ئېچكى ئەزالىرى ، بىلىق تۈرىدىكىلەردە بىر قەدەر مول ، ئۇنىڭدىن قالسا تۇخۇم تۈرىدىكىلەر ، مىۋە ، سەي تۈرىدىكىلەر ، سۈت تۈرىدىكىلەردە مىقدارى ئاز .
ۋىتامىن B12
ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى بولسا گۆشلەر ، ھايۋانات ئېچكى ئەزالىرى ، بىلىق ،  قۇشلار . سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان يىمەكلىكلەردە بىر قەدەر ئاز ، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئاساسەن يوق .


مەنبە  :   يىمەكلىك ئوزۇقشۇناسلىق  كىتابى  

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......

ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 02:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالامەتلىك ئۈچۈن كۆرۈپ چېقشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل تېما

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7823
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3238 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 03:54:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ۋاقىتتا بۇ خىل يىمەكلىك بالىلار بىلەن ياشانغانلار ئۇچۇن بەكلا مۇھىم.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 07:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  ئىنكاس ئارقىلىق ساخلىۋالاي ....ئەس قېتىپ قالا ~~~~~```

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78060
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋۋا دەيمەن. مەن ئاسما ئوكۇل سالغۇزسام بىشىم يەڭگىل بولۇپ، ئۇچىۋاتقاندەك سىزىم پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بازارغا دەلدەڭشىپ بىرىپ جىگەر كاۋاپتىن 5، 6 نى يەۋالسام ئاندىن ئوڭشىلىپ قالىمەن.
ئەسلى چىڭمىسۇ قاتارلىق ئوكۇللار ئادەم بەدىنىدىكى پايدىلىق مىكروپلارنىمۇ كۆپ مىقداردا ئىتىقىپ چىقىرۋەتكەچكە بەدەن  شۇنداق ئاجىزلايدىكەن.

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:03:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم.

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76057
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راخمەت سىزگە ،بىلۋالدىم .

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1502
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:20:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋاااااااااااااااااا....................
مەن ۋېيتناملىقلارنىڭ قىزولوگىيىلىك ئىقتىدارى دەپ كورەپتىمەن.....

ھەقىقى تارىخ تومۇرۇمدا،بوۋام ئۇنى قېلىچ بىلەن يېزىپ قانغا سىڭدۇرۋەتكەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش