<<كۇتۇبخانا ئىلمى>>دېگەن بۇ سۆز 1807-يىلى گىرمانىيە ئالىمى شترېتىنگىر يازغان <<كۇتۇبخانا ئىلمى توغرىسىدا سىناق تەرىقىسىدىكى دەرسلىك>>دېگەن كىتابتا ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.كۇتۇبخانا ئىلمى ھازىر ئەنئەنىۋى ئىجتىماھىي پەن دائىرىسىدىن ھالقىپ،تەبىي پەن بىلەن ئىجتىماھىي پەن ئوتتورىسىدىكى ئۇنۋىرسال خارەكتىرلىك پەن دائىرسىگە قەدەم قويدى.
كۇتۇبخانا ئىلمى كۇتۇبخانا كەسپىنىڭ پەيدا بۇلۇشى،تەرەقىي قىلىشى،تەشكىلىي شەكلى ۋە كۇتۇبخانىنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇ كۇتۇبخانا ئاخبارات ئىلمى،كۇتۇبخانا ئىلمى ئۇسۇل نەزەرىيىسى،كۇتۇبخانا سىتاستىكا ئىلمى،كۇتۇبخانا باشقۇرۇش ئىلمى،سېلىشتۇرما كۇتۇبخانا ئىلمى،كۇتۇبخانا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى،كۇتۇبخانا ئىجتىماھىي ئىلمى ۋە كۇتۇبخانا ئىلمىي تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۇتۇبخانا ئىلمى پۈتكۈل كۇتۇبخانىلىق كەسپىنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا،كۇتۇبخانىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەر قايسى قىسىملارنىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلىدۇ.كۇتۇبخانىدا ساقلىندىغان كىتاب كۇتۇبخانىنىڭ ماددىي ئاساسى،ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش سېستىمىس بىلەن كۇتۇبخانا سېستىمىسىنى بىرلەشتۈردىغان كۆۋرۈك،ئۇ كۇتۇبخانا بىلەن كىتابخانلارنى ماددىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرىدۇ؛شۇڭا كۇتۇبخانا ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات مەزمۇنى ساقلىندىغان كىتابلارنىڭ كۇتۇبخانا سېستىمىسىغا كىرگۈزۈلۈش،باشقۇرۇش ۋە سىرتقا چىقىرىلىش جەريانىنى ۋە تۈرگە ئايرىپ كاتۇلۇگ تۈزۈش،كىتابلارنى ساقلاش ھەمدە كىتابلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.
كىتابخان كۇتۇبخانا سېستىمىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەمدە ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىل.شۇڭا كىتابخاننى تەتقىق قىلىشمۇ كۇتۇبخانا ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇچۇر،قۇۋەت مەنبەسى ۋە ماتىريال ئىجتىماھىي تەرەقىياتنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى بولغان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلەپ ئۇچۇر ساقلىندىغان كۇتۇبخانا ئىلمىنى تەتقىق قىلىش كۇتۇبخانىنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ،كۇتۇبخانىنى كىتابخانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،ئۇنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.
زۇنۇن باقى تەرجىمىسى
ئۆلچەش-سىزىش ئىلمى
ئۆلچەش-سىزىش دېگىنىمىز،ئۆلچەپ-سىزىش بىلەن خەرىتە تۈزۈشنىڭ ئۇمۇمىي ئاتالىشى.ئۆلچەش -سىزىش ئىلمى بىرخىل ئەمەلىي تېخنىكىلىق پەن.ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بۇلۇپ،خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.قەدىمقى كىشىلەر ئۆلچەش ئىشلىرىنى ئۆلچەملىك ئارغامچىلار بىلەن بېجىرگەن.كېيىن ھەرخىل ئەسۋابلارنىڭ پەيدىنپەي بارلىققا كېلىشى بۇلۇپمۇ دۇربۇننىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئۆلچەش-سىزىش ئىشلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەرەقىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى،ھازىر ئۆلچەش-سىزىش ئىشلىرىدا ئەڭ ئىلغار ئەسۋابلار (سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆلچەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قوللىنىلماقتا.
ماشۆشۇ تەرجىمىسى
مەنبە:<<جاھاننامە>>دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.