مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 20

مەن ئەمدى شۇنداق قىلايمۇ؟،،بوران114 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16707
تۆھپە نۇمۇرى: 1354
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 05:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرت دىگەننى مۇنبەرگە تۆككۈلۈك.ئەمما كىمنىڭ ئۈستىدىن خاپىچىلق تارتساق ئۇ ئادەمنىڭ مۇنبەرگە كىرىشى ناتايىن،ئەمما مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادىن تەسەللى تاپىمىز،بىرەر پىيالە تاماقنى بىرگە يىيشمىگەن بولساقمۇ،تونۇشمىساقمۇ،ئەمما نىمىشقا بىزنى بىرسى مۇنبەرگە ئەزا بول دەپ قىستىغىنى يوق،بۇ ئىختىيار،ما  باشلىقمغا ئۆچ بوپ كەتتىم،ئۇيغۇر بولسىمۇ،مانا ھاياتىمنىڭ 35ىنى بىسىپ تۇرۇپتىمەن،36گە كىرىمەنمۇ بىلمەيمەن،ئىش قىلىپ ئۆمرۈمدە كۆڭۈل قەرزىنى قايتۇردۇم دەپ ئويلىدىم،پۇل چىقىرىشقا تىگشلىك ئادىمگەرچىلككە پۇل چىقاردىم،پۇلۇم بولمىسا ئىشەكتەك ئىشلەپ كۈچ چىقاردىم،ئەمما يەنىلا باشقىلار مەندىن رازى بولمىدى،يۈزۈمنى سىلاپ باقسام سەزمىدى،3قوي ئالسام قايسى پۇلغا ئالدىڭ دىيشتى؟ چاپان ئالسام ياراشماپتۇ-دىدى،خوتۇنمۇ يۈزئۆرىگەن ئىدى،ئەمدى كادىر بولسام يارىشايلى دەيدۇ،توخۇيۇم بار ئىدى،ماڭا كاكىلمايدىكەن،ئەينى چاغدا 14يىل مۇئەللىم بولۇپ ئاخىرى ۋاز كەچكەن ئىدىم،دىھقانچىلق،مەدىكارچىلق قىلدىم،ياخشى ئىش ئىكەن،شىنجاڭنىڭ چۆچەكتىن باشقا ھەممە يىرىگە باردىم،ھىسامكام بىلەنمۇ رەسىمگە چۈشتۈم،مانا ئەمدى يەنە باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئىمتىھان بىرىپ ساقچى بولدۇم،تورخانىغا كىرسەم لاۋبەن تازىلايدىغان ئۇيغۇر قىزنى بىر مۇنچە تىللدى،قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىدىم،چۈنكى مەن يۇۋاش.مانا خىزمەتچىلكتىن قوي باققان ياخشى ئىكەن،يەنە شۇ ئاناڭنى تائىپىلار كاكىرماكتا،يىڭى خىزمەتچى بىلەن كونا خىزمەتچىنىڭ پەرقىنى بىلدىم،ئەسلى تاماقنى ئۆزىمىز ئىتپ يەييتۇق،مەن بىچارە يەنىلا قاچا-قۇچا يۇيىمەن،مەن خوتۇن كىشمۇ ياكى ساقچىخاننىڭ ئوپچە ئالغان خوتۇنىمۇ؟چىدىمىدىم،ھاقارەتكە،ئاز قالدى كۈنۈم ئانامنى بىرسىگە نىكالاپ بىرىپلا بالامنى ئىلىپ ھەممىنى تاشلاپ  بىر يەرگە بىرىپ قازاقنىڭ قويىنى بقىپ بوينۇمغا بىر رادىئونى ئىسىپ ئۆلۈپ كىتەي دىدىم،راس دىدىم، بەش ۋاخ نامازنى باشلاپ ھاراقنى تاشلىغان ئىدىم،ئەمما مەن ياغلىق قاپاقكەنمەن،ئىچمىسەممۇ خەخكە مەستەك كورىنەركەنمەن،ئىسىت،ئەقىدەم،بىرسىگە 9000كويغا قۇيۇلۇپ كەتتىم،سوجاڭ ماڭا يىقىن بولۇڭ دەيدۇ،شۈجى ماڭا يىقىن بولۇڭ دەيدۇ،ئىككلىسى ماڭا ياخشىلق قىلدۇ،ئەمما مەن بار يەردە بىر-بىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلدۇ،مەنغۇ گەپ توشۇيدىغان دەللال ئەمەس،ھە دەپلا قويىمەن،يىقىن دوستۇممۇ مىنى ئادەم بار يەردە چاندۇرىدۇ،مەنغۇ ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس،پەقەت بىر شامغىلا ئوخشايدىكەنمەن،توك بار چاغدا ئويلاشمايدىغان،توك يوق چاغدا ئىزدەيدىغان،نىمىشقمۇ ئادەم بوپ قالغاندىمەن،ئادەم بولۇشمۇ شەرەپلىك ئىش،ئەمما ئادەمدەك بولماق تەس،ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز قوساق تويسىلا ئۇخلىسام ھىچقانداق ئىشقا ئارلاشمىسام بولىدىغان ئوخشايدۇ،مۇنبەردىنمۇ،جاھاندىنمۇ يوقالسام بولىدىغان ئوخشايدۇ،تىما يازسام دەشنام ئشتسەم،ياخشىلق قىلسام رازى بولمىسا ،ھاراق ئىچسەم گۇناھ بولسا،خىزمەتچى بولسام ۋىجدانمغا خىلاپ ئىش قىلسام،بىر كۈن روخسەت ئالالمىسام،مۇھەببىتم بىلەنمۇ كۆڭۈلدىكىدەك پاراڭلىشالمىسام،ئانامنىڭ بىر قاچا يوبدان ئىشىنى سائەتنىڭ چىكىتىگە قاراپ ئىچەلمىسەم،بالامنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرەلمىسەم،مۇشۇ تىلفۇن دىگەن نىجسقىمۇ ئۆچ بوپ كەتتىم،ئۆلسىمۇ يەنىلا پۇلغا ئۆلىدىكەنمىز،ئىنساپ-دىيانەت دىگەن كىتاپتا-ئىغىزدا قاپتۇ،ئەمەليەتتە ھەممىسى پوقكەن،تاماك چەكتم،ئۆمرۈمنىڭ ھەممىسى گۇناھ بىلەن ئۆتتى، بىر ئىش قىلاي دىسەم روھىمغا سوغۇق سۇ سەپتى،ئەمدى مۇنداق قىلايمۇ،باشلققا دەللال،ھاراققا خۇمار،ئىمامغا ئۆچ،پارتىيگە سادىق،ئانامنى تىللاپ.خوتۇننى تالاق قىپ،بالامنى يتىم،وستۇمغا خائىنلق،ساقىچغا غالچا،دىخانغا پوچىلق،مۇھەببەتكە ئاسىلق،دادامنىڭ تۇپىرىقىغا كۈجە يىقىپ،مىچىتقا چىقماي بۇتخانىغا بىرىپ،ھالالنى ھارام قىلىپ ،توخۇنى كەكىدە بوغۇزلاپ،ئىشەك گۆشى يەپ،تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇپ،ئوغىرىغا-يانچۇقچىغا دوست،جالاپقا ئاشنا،خوتۇننى سىتپ پۇل تىپپ،يىغلسا كۈلۈپ،كۈنىگە ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەمنى سىتىپ،مىللتىمنى پۇل خەجلەپ ئۆزگەرتىپ،ماشىنامنى سوقۇپ،ياخشىلق دىگەننى ئەسلا قىلماي،بولسا زەھەر سىتىپ،ئىتتەك ياشاپ،ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىپ.پۇتۇمغا توشەي كىىپ،قوي ئورنىغا ئىت بىقىپ،باسقۇنچىلق قىلپ،دولامغا رەسىم چىكىپ،سىرىق دەي ئىشلەپ،يەنە...........ئىشقىلىپ چەكلىگەن ئىشنىڭ ھەممىنى قىلسام دەيمەن،نىمىشقا دەمىسىز؟سىز بىلمەيسىز،،،،بىشڭىزنىڭ تۈكى چۈشتىمۇ؟قەرزدار بولدىڭىزمۇ؟قۇيۇلدىڭىزمۇ؟35 ياشقا كىرىدىڭىزمۇ؟باشقىلار تاماق يەپ بولسا قاچىسىنى يۇدىڭىزمۇ؟سىز قۇلمۇ؟ۋىجدانىڭىزنى ئىت يىدىمۇ؟خوتۇننى تالاق قىلدىڭىزمۇ؟ياخشىلق قىپ دەشنام ئتتڭىزمۇ؟ييىشڭىزگە پوق يىمەيدىغانسىز؟كادىر بولۇپ خارلاندىڭزمۇ؟خوشامەتچى بولدىڭىزمۇ؟سىز ھىچنىمە بولمىدڭىز،مانا مەن بولدۇم،ئەر ئوتتۇرسى بولغان بىر قىرى تاز شۇنداق بولدى،بولدىلا،تورداشلار سىلەرنى مالال قىلماي،ۋاقتىڭلارنى ئالماي،ھە راس بىر ئەسىرىم بار ئىدى ئاۋازلق قىلساق قانداق،چىقمنى مەن كۆتىرەي،مىنى ئالا-جوقا سۆزلەيدىكەن دىمەڭلەر،مەن ئەمدى باياتىن دىگەندەك شۇنداق قىلايمۇ؟،،،بولسا ماڭا بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگىرىسى ئەپ بىرىڭلار،،،يەكەن،بوران114

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YOLDAX + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
باھادىر + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

قىنى كۆرەرمىز،،،

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17318
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 06:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېئاللىق-ئىجتىماھىي تۇرمۇش،كەڭ دائىرلىك قىلىپ ئېيتقاندا،جەمىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلدۈردىغان،كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر،ئاڭ-تۇيغۇسىدا ئۆزى ھېس قىلىپ بولالمىغان بەزى زىل نۇقتىلارنى پەردازلاش،رەڭ بېرىش بىلەن ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدىغان چىنلىقتۇر.رېئال تۇرمۇشتىكى تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر،ئاچچىق قىسمەتلەر،ئىنسان توپى ئارىسىدىكى بىمەنىلىك،كاززاپلىق،ئاچكۆزلۈك،مەنپەئەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇش،تەرەقىياتتىكى داۋالغۇشلاردىن كېلىپ چىققان بەزى يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان،بىزدە بولمىسا بولمايدىغان،يوقىتىپ قۇيۇۋاتقان بەزى ئىنسانىي پەزىلەتلەر،ئويلاپ كەلسە،بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن مەسىللەر،چىگىش نۇقتىلار ئالدىمىزدا تۇلۇپ يېتىپتۇ.
بەزى ماھىيەتلىك،جەمىيەتتە ئۇمۇمىي نىسبەتتە ئەۋج ئالغان رەزگى ئىللەتلەرنى مۇشۇنداق يول بىلەنمۇ ئېچىپ بېرىشنىڭ ئۆزى ياخشى بىر نەتىجە.بۇنداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان تېمىنى كۆرسە،ئادەم تۇنجى قېتىمدا كۆرسىلا،غەزەپلىنىشى،ئۆز ھېسىياتىنى بېسىپ بولالماسلىقى مۇقەررەر.
لېكىن،تۇرمۇش قايناملىرىدا تاۋلانغان،نۇرغۇن مۇھىتلاردا ياشاپ باققان،جەمىيەتتە رىيازەتلەرنى چېكىپ،مۇساپىرچىلىقنى يەتكۈچە تارتقان ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىن چىققان ئاچچىق گەپلەرمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىزنىڭ كاللىمىزدا مۇئەييەن ئويغىنىش ھاسىل قىلالايدۇ. ئۆز جەمىيتىمىزدىكى بىز كۆرۈپ باقمىغان،لېكىن،بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بۇ قىسمەتلىك پاجىئەلەر تولىمۇ نۇرغۇن.
ئاچچىق گەپلەرنىڭمۇ كۆپ ھاللاردا كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان مەنىۋى ئۇزۇقىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ،بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەربىر ئۇقۇرمەن مىللەتنى سۆكتى،تىللىدى،بىز مۇشۇنداقمۇ دەپ غەزەپلەنسە تېخىمۇ بولمايدۇ.بۇ تېما ھەرگىزمۇ سۆككەن،تىللىغان تېما ئەمەس.بەلكى،ئۆز رېئاللىققىمىزنىڭ ئەينىكى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
بۇ تېمىدىكى مەركىزىي ئىدىيە شۇنداق بىر نۇقتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇكى،كەڭ دائىردىن مۇلاھىزە،تەپەككۇر ئېلىپ بارساق،ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ تېڭىرقاش،ئەتىگە بولغان ئۈمىدسىزلىك كەيپىيات،ئېغىر خۇرسىنىشلارنىڭ كىشىلىك ھايات تەقدىرىگە قانداق ئازاب-ئۇقۇبەت،رىيازەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى باش مەنبە قىلىپ،كىنايە،ھەرخىل تىل ئىشلىتىش ۋاستىلىرى بىلەن ناھايىتى قىسقا،ئەتراپلىق قىلىپ،جەمىيتىمىزدىكى ھەقىقەتنى ناھايىتى ياخشى يۇرۇتۇپ بەرگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 10:33 PM  



Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -727
تۆھپە نۇمۇرى: 765
توردا: 3134 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 06:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئادەم بولۇڭ.باشقىلارنىڭ نىمە دىيشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.مەن سىزگە ئۇگرە ئەمەس لەغمەن ئاپىرىپ بىرەي.ئاپلا مىنىڭ مۇنبەردىكى پۇلۇمنى باشقىلار ئوغۇرلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ.مەنپى ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ مانا . يېنىمدىكى ئازغىنە پۇلغا سىزنى مىھمان قىلاي-ھە.

مەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6830
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 06:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 829
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1460 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 06:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەتراپلىق  مۇلاھىزە،  بەك تېتىملىق تىما  بوپتۇ.  

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10072
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8518 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:09:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھورۇنلۇق ئادەمنىڭ روھىنى زەيىپلەشتۇردۇ ،چۈشكەنلەشتۇردۇ . بۇ  دۇنيادىن زىرىكىپ كۆزىگە ھەممە نەرسىلەر سەت كۈرۈندۇ . ئۆلسە ھەممە نەرسە تۈگەيدىغاندەك .

رىسىقى  قوشۇلغانلار  يىراقتا بولسىمۇ  ئۇچۇرىشىدۇ . رىسىقى قۇشۇلمىغانلار ھەر قانچە يىقىن بولسىمۇ مەڭگۈ ئۇچۇرشىمايدۇ . بۇنى بىلگۈچى  ئاللاھ

غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:21:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپ يۈرگىچە ئۆلۈپلا كەتسىڭىز بولمامدۇ دىسەك قاملاشمايدۇ بۇنداق بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە روھى بىسىم قىلىۋالسىڭىز بولمايدۇ!كاللىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ!

ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22080
تۆھپە نۇمۇرى: 2998
توردا: 3487 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانغۇچە بىر ئوخلىۋىلىڭ .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1203
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىما............

كۈلۈپ ياشايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4230 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 08:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىر قىلىڭ!بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر!غەزەپ بىلەن يېزىۋېتىپسىزغۇ  بۇ ئەسەرنى!ھې ھې
ئىچىڭىز خېلى بوشاپ قالغاندۇ!

قەدىرسىز بىلىنەر قولىمىزدابارى،
بىز شۇ يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش